|
|
|
|
غورا ساتقۇچى بالا
ئەسكەرتىش؛ ئاللا يالغانچىلارنى دوست تۇتمايدۇ،بۇ شىئېردىكى ۋەقەلىك ئەمەلىيەتتە غورا سىتىۋاتقان بىر بالىغا قاراپ تۇرۇپ ئوبرازلىق تەپەككۇردىن پايدىلىنىپ يىزىپ چىقىلدى،راسىت ۋەقەلىك ئەمەس،لىكىن راستىنلا شۇنداق ئىش يۈز بەرسە ئۇ بالا ماڭا شۇنداق قەھرىمانلىق قىلالايدىغاندەك تۇيۇلغانتى.
يالتىرايدۇ يېشىل نۇر، قولىدىكى تاۋاقتا. كورلا-ئۇيغۇر رەستىسى غورا ساتار بىر بالا،
_ئاق ئۆرۆكنىڭ غورىسى، ئىككى كويغا ئون بەش تال، كىچىكى بار چوڭى بار، كەل خىرىدار تاللىۋال.
سۇ يۈگرەر ئېغىزغا، پۇت يۈگرەر بالىغا، _ ھاي خالايىق پەخەس بول، ئوغرى كىردى ئارىغا!
قوغلاپ كەتتى ئۇ بالا، قاچتى بادام دوپپىلىق. ئۆرۆلۈپ كەتتى تاۋاق، ھەيران قالدى كورلىلىق.
_تۇت...تۇت..! ئەنە..!_ئەركەكلەر تۇتىۋالدى ئوغرىنى، كىلىپ كۆردى ئۇ بالا، ئاھ! چىچىلغان غورىنى.......
غورا تەردى ھەممەيلەن، سالدى سۈرتۈپ تاۋاققا. ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق ئامراق كىلەر ساۋابقا.
يەۋالمىدى ھىچكىممۇ، يۇشۇرۇنچە بىر غورا. تولدى تاۋاق ھەم دۇنيا تولدى يېشىل بىر نۇرغا!
مەنبە؛ئۆز قەلىمىم
باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە كۆڭلىنى ئاياشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ !
|
|
|
|
|
|