مىنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار
(ھېندىستان كىنو چولپىنى شارۇلخاننىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئېيتقانلىرى...)
تاڭ قالماڭلار، مەن سۆزلىگەن ھېكايەتكە،
سەۋەب بولار بەلكىم نۇرغۇن شىكايەتكە،
نەپرىتىم كۆپ، ۋىجدانسزلىق، خىيانەتكە،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
مەن بىر ئارتىس، كىنولاردا «باش رولچى» مەن،
ھىلى جانباز، ھىلى ماھىر «پۇتبۇلچى»مەن.
ھىلى ئاشىق، ھىلى يەكتەن «ئۇسسۇلچى»...مەن؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
سىلەر كۆرگەن بەلكىم رەڭلىك شاتۇتىنى،كۈندۈرگەچكە، تەكرارلايدۇ «ئۇنى – بۇنى».
مېنىڭ كەيگەن«تون»ۇم ئەسلى خەقنىڭ تونى...؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
ھىلى بىر قىز ئۈچۈن «جاننى پېدا» قىلسام،«ھەق – ئادالەت»ئۈچۈن سۆزلەپ «نېدا» قىلسام،
«رەزىللەرنى كاللىسدىن جۇدا» قىلسام؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
ۋىسال ئەمەس قىز لېۋىگە، لەۋياققىنىم،چەۋەندازلىق ئەمەس «ئۇچقۇر ئات» چاپقىنىم،
راست ئەمەستۇر، ئوت ئاچقىنىم... قان چاچقىنىم،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
تارىم بويى خىلۋەت، گۈزەل ماكان ئېكەن،مۇقام، مەشرەپ يۇرتى، ئېسل جاھان ئېكەن،
مۇقام – سەنئەت دۇنياسىدا خاقان ئىكەن،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
يۇرتۇڭلاردا پەيدا بولدۇم (ئېكرانلاردا)،ئىشلىتىلدى، سۈرەتلىرىم «ئېلان»لاردا،
مەن بىلمىدىم، سىلەر قانداق «پىلان»لاردا،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
تارقالمىسۇن، ئەمدى ھەرخىل سۈرەتلىرىم،ماختالمىسۇن، باتۇرلۇقۇم... «جۈرئەت»لىرىم،
ياش تۆكمەڭلار، «خېرىدارىم، چۆپقەت»لىرىم،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
مەن كۆرمەيمەن (ماڭا كۈلۈپ باقساڭلارمۇ) –خانەڭلەرگە سۈرىتىمنى ئاسساڭلارمۇ،
پېنھانلاردا لېۋىمگە، لەۋ ياقساڭلارمۇ...
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
قىممىتىڭلار – قىزلىق ئىپپەت، ھايا، ئەدەپ،
مەنچۈن ئۇنى يۇقاتساڭلار قىزىق ئەجەپ،چۈشەنسەڭلار ھەممە ئىشنى «ئەركىنلىك»دەپ...
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
ئۇيغۇر قىزى – ئۇيغۇرلارغا لايىق ئۆزى، يېگىتلەرنىڭ، مېنڭدىن ھەم شىرىن سۆزى،
ئويغا سالار، كېچلەردە (ئوتلۇق كۆزى)،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
ھەركىم ئۆزى ئالسۇن «ھەقلىق ئامانەت»نى،
«كۆچەت» قويغان كۆرسۇن ئۇندىن «ھالاۋەت»نى،
باشباشتاقلىق تىزلىتىدۇ قىيامەتنى،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا،ياق،بارماڭلار؟!
سەممىي ئەسكەرتىش:
شېئىر ماۋزۇسى تاشمۇھەممەت باتۇر ئىجراسىدىكى «مېنى يوقلاپ قەبرىستانغا بارماڭلار» دېگەن ناخشنىڭ ماۋزۇسىدىن پايدىلىنىلدى.
ئاپتۇرى: يېڭىشەھەر ناھىيە چاقىلىق كەنتتىن
قاسىمجان غۇپۇر(دېھقان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 03:07 PM