ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ يىللىق ناخشا كېچىلىكى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئەل سۆيگەن داڭلىق چولپان، غەربىي يۇرت گىتار شاھزادىسى ئەركىن ئابدۇللانىڭ «شەھەر كېچىسى» نامىدىكى ناخشا كېچىلىكى 2012-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەركىن ئابدۇللا مۇزىكىنى ئۆز ئېتىقادىغا سىڭدۈرۈپ، مىللىيچە مۇزىكىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆز خاسلىقى بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلغان. ئۇ فىلامېنگو مۇزىكا ئېقىمى بىلەن شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنى مۇكەممەل ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، روشەن ھالدىكى دۇنياۋى مۇزىكا خاسلىقىنى ياراتقان شەخس. تۆت يىل ئۈن-تىنسىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىزدىن ئايرىلغان ئەركىن ئەمدى ئۆزىنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە كارامىتى بىلەن قايتىپ كەلدى. ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، تاغ-دەريالارنى كېزىپ، قۇملۇقلارنىڭ قۇرغاق ھاۋالىرىدىن، يايلاقلارنىڭ نەمخۇشلىرىدىن نەپەس ئالغان ئەركىن مۇزىكىدىن قايتا تۇغۇلۇپ قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى بىر يىلغا يېقىن پىلانلانغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكىدە، پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئاككوردلاشتۇرۇلغان 20دىن ئارتۇق كونا-يېڭى ناخشا بار بولۇپ، بۇلار ئەركىننىڭ يېزا-قىشلاق، چوڭ شەھەر، تۇرمۇش قوينىدا توختاۋسىز چايقالغان مۇزىكا ھاياتىنى قىسقارتىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەم ئۇنىڭ ھاياتتىكى يېڭى تۇيغۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. «ھەي، بالاڭزا»، «قىزچىقىم نەدە» قاتارلىق رېتىمى تېز شوخ ناخشىلارمۇ، «كېيىنكى بېكەت»، «ئىز» قاتارلىق لىرىك مۇھەببەت ناخشىلىرىمۇ بار. كېچىلىكنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان «شەھەر كېچىسى» بولسا ئەركىننىڭ شەھەر مەدەنىيىتى ئاستىدىكى يالغۇزلۇقىغا بولغان چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە تەپەككۇرىدىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى كېچىلىككە نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق، داڭدار مۇزىكانتلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق ئەڭ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ ئېسىل ناخشا كېچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋاقتى: 2012-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى(شەنبە) 19:30 ئورنى: بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسى مەنبە: بەيدۇ قامۇسى http://baike.baidu.com/view/113853.htm سىنا تورى: http://data.ent.sina.com.cn/show/sp36777.shtml 最新演出信息 演唱会介绍 城市之夜——西域情歌王子艾尔肯北京演唱会介绍
7月7日,艾尔肯将在保利剧院举办北京首场个人演唱会。作为一位将音乐融入信仰的歌者,艾尔肯在保留民族音乐精髓的基础上进行突破和创新,将弗拉门戈吉他演奏法完美的融入到新疆民族音乐中,具有鲜明的世界音乐特质。
蛰伏4年,潜心创作的他华丽归来。四年之间,艾尔肯游遍世界,踏破山水,呼吸着沙漠的干燥,聆听着草地的芬芳,化茧成蝶之后,是音乐的重生。此次筹划近一年的北京个唱,20余首全新编排新老歌曲,浓缩了艾尔肯游荡在山高水阔大城小事里的音乐灵魂,代表了艾尔肯音乐之旅洗尽铅华之后新的感悟。既有《巴郎仔》、《我的姑娘在哪里》等曲调欢快的情歌,也有《下一站》《足迹》等对爱情反思的慢节奏歌曲,演唱会主题《城市之夜》则是艾尔肯对城市文明下人们孤独情感的思索。本次演唱会众多重量级音乐人参与制作,堪称2012年最值得期待的实力唱将巅峰之夜。 演唱会时间 2012.07.07 星期六 19:30
演出地点:北京保利剧院
|