مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4174|ئىنكاس: 21

رادلوف ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 12:35:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رادلوف ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى

يۈسۈپجان ياسىن

  

رۇسىيەدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى پېتېر دەۋرىدە(1689-1725) باشلانغان. چار رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي مەقسەتلىرى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسىتىدا  ياكى  ئۆز دۆلىتىگە قوشنا ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتنوگرافىيەسىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئېھتىياجىنى پەيدا قىلغان. بۇ ئىستەك پېتېر دەۋرىدە ناھايىتى كۈچەيگەن ۋە  چار رۇسىيەنىڭ مۇھىم بىر سىياسىتى قىلىپ بىكىتىلگەن. پېتېر بۇ سىياسەتنى  يەنە كېيىنكى چار پادىشاھلىرى ئۈچۈن <<ۋەسىيەت>> قىلىپ قالدۇرغان.  پېتېرنىڭ بۇيرىقى ۋە نازارىتى ئاستىدا 1724-1725- يىللاردا   قۇرۇلغان پېتېربورگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى دەل مۇشۇنداق بىر ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن.  

  پېتېربورگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن  ۋولگا بويلىرىدا، كاۋكازدا ۋە سىبىرىيەدە ئىلمىي زىيارەتلەر  ۋە تەتقىقاتلار باشلانغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان خادىملارغا  <<يات تىللارغا ئائىت ئۆرنەكلەر توپلىمى>> تۈزۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن پېتېربورگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتى ئالدى بىلەن تىل ساھەسىدە باشلانغان. گ.سچۆبېر، گ.د. مېسسېرسچمىدت، گ. ف، مۈللېر، ژ.ئې. فىسچېر، پ.س، پاللاس، گ.س. گمېلىن، ژ.ئا. گۈلدېنستادت، ج.پ. پالك ۋە ج. گ. گېئورگى قاتارلىقلار قىرىم ۋە سىبىرىيەدىكى  يەرلىك  شىۋىلەر ھەققىدە مۇھىم ماتېرىياللارنى توپلاپ، رۇسىيەدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن يول ئاچقان. 18-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ  رۇسىيەدە تۈركىي تىللارغا ئائىت گرامماتىكا كىتاپلىرى، سېلىشتۇرما سۆزلۈكلەر ۋە قوللانمىلار تۈزۈلۈشكە باشلىغان. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە موسكۋا، قازان ۋە خاركوف ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدە شەرق تىللىرى بۆلۈملىرى قۇرۇلغان. 1819-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان پېتېربورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ  شەرق تىللىرى بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. شەرق تىللىرى ئىچىدە تۈركىي تىللار ئوقۇتۇشى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانىدى. شۇنداق قىلىپ 19- ئەسىرنىڭ  ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە رۇسىيەدە تۈركولوگىيە خېلىلا تەرەققىي قىلغان بىر پەنگە ئايلانغان.

19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىدا رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ ھەر خىل ساھەلەر بويىچە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى كۈچەيگەن. بولۇپمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە ئورخۇن، سېلىنگا ۋە يېنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا قەدىمكى تۈركلەرگە ئائىت ئابىدىلەرنىڭ كەينى كەينىدىن تېپىلىشى، شىنجاڭدىمۇ  تۈرلۈك يېزىقلاردا خاتىرىلەنگەن ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپلەپ بايقىلىشى رۇسىيە تۈركولوگىيەسىنىمۇ   ناھايىتى مول مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ مەزگىللەردە ۋ.ۋ. رادلوف تۈرك فىلولوگىيەسىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۇپ، رۇسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان. 81 يىللىق ئۆمرىنىڭ 60 يىلىنى تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە ئېتنوگرافىيەسىنى تەتقىق  قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن رادلوف بۇ ساھەدە يازغان  كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق رۇسىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدىمۇ يۇقىرى نۇپۇز قازانغان ھەم  تۈركولوگىيە تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئالىمغا ئايلانغان.

رادلوفنىڭ ھەقىقىي ئىسمى فرېدرىك ۋىلھېلم رادلوف دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ پرۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ زاپاس قىسمىدا قوماندان ۋە بېرلىن شەھىرىدە ساقچى كومىسسارى بولغان ۋىلھېلم رادلوفنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ،  1837- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى بېرلىندە تۇغۇلغان. رادلوفنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى بېرلىندە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىللىرى ياۋروپانىڭ بۇرژۇئا ئېنقىلابى سەۋەبىدىن قاتتىق چايقالغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. 1848- يىلى پارتلىغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغىنىدەك، رادلوفنىڭ ھاياتىدىمۇ چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. رادلوف ئوتتۇرا مەكتەپتە  كلاسسىك تىللار، رىم ۋە يۇنان ئەدەبىياتى، كلاسسىك ۋە مودېرن گېرمان ئەدەبىياتى دەرسلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگەنگەن. بۇ دەرسلەر ئۇنىڭدا فىلولوگىيەگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتكەن. بۇ مەزگىلدە كلاسسىك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى  ھەم  مۇنەۋۋەر  بىر پېداگوك سۈپىتىدە تۇنۇلغان  بېنارىنىڭ رادلوفقا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. 1854- يىلى رادلوف بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، لېكىن، بىر قانچە ئايغا بارمايلا پەيلاسوف جۇھان فرېدرىك ھېربارتنىڭ پەلسەپە تەلىماتىنىڭ تەسىرى بىلەن قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە پۈتۈن دىققىتى بىلەن فىلولوگىيە پەنلىرىنى ئۈگىنىشكە  باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا رادلوف بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا  مەشھۇر تىلشۇناسلاردىن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھىندى – گېرمان تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما گرامماتىكىسنى يازغان فرانز. بوپ(1791-1867)، مىكېل جۇلېس ئالفرېد برېل(1832-1915)، فرېدرىك ئادولف ترېندېلېنبۇرگ (1802-1872)، پەيلاسوف ھەم خەنزۇشۇناس ھېرمان ستېئىنخال(1823-1899) قاتارلىق ئالىملارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىغاندىن سىرت، يەنە ھاللې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى مەۋسۇم فونېتىكىشۇناس ئاۋگۇست پوت(1802-1887)نىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق دەرسىگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا رادلوف يەنە تىلشۇناسلىق  خۇسۇسىيەتلىرىگە تايىنىپ تۈرك، موڭغۇل، مانجۇ ، فىن تىللىرى ۋە شىمالدىكى باشقا تىللار ئارىسىدا تۇغقانچىلىقنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە <<موڭغۇل ۋە تاتارلارنىڭ مەنبەسى>>، <<قىرغىز ھەقىقىتى ھەققىدە>>، <<ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە>> دېگەن بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم دۇنياسىدا مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان ۋىلھېلم سكوت(1802-1889)نىڭ تەسىرى بىلەن  شەرق تىللىرىغا قىزىققان.  شۇنىڭ بىلەن  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەنىڭ ئىلىم دۇنياسىغا تازا مەلۇم بولمىغان تىللىرىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەتقىقات ساھەسى قىلىپ تاللىغان رادلوف ئۇنىۋېرسىتېتتا تۈركچە بىلەن بىرلىكتە موڭغۇل، مانجۇ ۋە خەنزۇ تىللىرىنى ئۈگەنگەن. بۇ تىللارغا يانداشتۇرۇپ يەنە ئىبرانى، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىمۇ ئۈگەنگەن. كەلگۈسىدە تەتقىقات ساھەسىنىڭ رۇسىيە تەۋىسىدە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ رۇسچىنىمۇ ئۈگەنگەن. شۇنداق قىلىپ رادلوف 30 ياشقا كىرگىچە 20 نەچچە خىل تىلنى ئۈگەنگەن. دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسىنى بولسا ژېنا ئۇنىۋېرسىتېتدا ياقلىغان. ئۇ تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشتا  ئا. ف. پوتنىڭ خەلق پىسىخىلوگىيەسىگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ  كىشىلىك خۇسۇسىيىتىگە تايىنىش كېرەك، دېگەن قارىشىنى قوبۇل قىلغان.  

1858- يىلى رادلوف ژېنادا <<شىمالىي ئاسىيادىكى خەلقلەردە ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدا دىننىڭ تەسىرى>>  دېگەن ئەسىرى بىلەن  پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. شۇ يىلى رادلوف ئاۋگۇستى فرومم دېگەن بىر قىز بىلەن توي قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن  ئۇرال-ئالتاي تىللىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن خەلقارادا كاتتا شۆھرەت قازانغان ۋە بېرلىندە <<رۇسىيەنىڭ  ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارخىپى>>نى تۇرغۇزۇشقا قوشقان تۆھپىسى بىلەن  رۇسىيەدە قالتىس ئالقىشقا ئىرىشكەن ۋ. سكوتنىڭ تەۋسىيە مەكتۇبىنى ئېلىپ پېتېربورگقا  كەلگەن.  ئەسلىدە 1854 - يىلى پېتېربۇرگدا تەسىس قىلىنغان <<شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى>>غا كازىمبەگ، شەيخ تانتاۋى، ئى.ن. بېرېزىن، د.ئا. چۋولسون، ۋ.پ. ۋاسىليېف ۋە پوپوف قاتارلىق مەشھۇر  ئالىملارنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە 1851- يىلى <<ياقۇت تىلى گرامماتىكىسى>> دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ رۇسىيە تۈركولوگىيە ساھەسىدە  يۇقىرى نۇپۇز قازانغان ئوتتو بۆختلىڭكنىڭمۇ شۇ ۋاقىتلاردا پېتېربۇرگدا  ياشاۋاتقانلىقى رادلوفنىڭ پېتېربۇرگقا بېرىش ۋە شەرق تىللىرىنى شۇ تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ  ئۈگىنىش ئىستىكىنى كۈچەيتكەنىدى. 1858- يىلى ل. ۋون سچرېنكنىڭ يىتەكچىلىگىدىكى بىر ئىكىسپىدىتسىيە ئۆمىكى ئامۇر دەرياسى بويىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ ۋاقىتتا رادلوف بولسا ف. سجمىدتنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى شەرق ئىكىسپىدىتسىيە ئۆمىكىگە قاتناشماقچى بولغان. لېكىن، بۇ ئۆمەكنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى كېچىككەچكە، رادلوفنىڭ پېتېربۇرگتىكى ھامىلىرىدىن بارۇن پ. مېيېندورف ۋە ف.ئا.سچېفنېر قاتارلىقلار 1859- يىلى ئۇنى غەربىي سىبىرىيەدىكى مېتاللورگىيە ئالى تېخنىكۇم مەكتىۋىگە گېرمان ۋە لاتىن تىلى مۇئەللىمى قىلىپ تەيىنلەتكۈزگەن. دەستلەپكى توختام بويىچە رادلوفنىڭ بۇ مەكتەپتىكى خىزمىتى بەش يىل بولۇپ، يىللىق مۇئاشى مىڭ رۇبلى قىلىپ بەلگىلەنگەن، بۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى ياز پەسلىدە ئىلمىي زىيارەتكە چىقىشى ئۈچۈن 700 رۇبلى تەتقىقات خىراجىتى بىرىش بىكىتىلگەن. رادلوف بارنائۇلغا كەلگەندە 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە كېلىشتە كۆڭلىگە قانچىلىك بۈيۈك ئارزۇلارنى پۈككەنلىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ رادلوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى دەل مۇشۇ شەھەردىن باشلانغان. بۇ شەھەردە ئۇ رۇسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى رۇسىيە تەۋەسىدە ۋاسىلىي ۋاسىلېۋېچ رادلوف دەپ ئاتالغان.  

رادلوفنىڭ رۇسىيەدىكى ھاياتى ئۈچ دەۋرگە ئايرىلىدۇ.  بۇنىڭ بىرىنجى دەۋرى، يەنى ھاياتىنىڭ ياشلىق چاغلىرى سىبىرىيەدىكى بارنائۇلدا ئۆتتى.   رادلوف بارنائۇلدا 1859- يىلىدىن 1871-يىلىغىچە 12 يىل ياشىدى. ئۇ بۇ يەردە قىشلىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا، ياز ئايلىرىنى ئىلمىي زىيارەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرىياندا سىبىرىيە، ئالتاي تاغلىق رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 10 قېتىم ئىلمىي زىيارەتكە چىققان. ئۇ زىيارەت داۋامىدا بىر تەرەپتىن بىلىملىك ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئۈگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ۋە ئېتنوگرافىيەسىگە دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلاپ تۈرگە ئايرىغان. مەسىلەن، 1859- يىلى تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  بارنائۇلغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا، تومسىك ۋالىسى ئوزېرسكىينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئالتايلىقلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تاسادىپىي ھالدا ئۇچرىشىپ قالغان ۋە شۇ ئۆمەكنىڭ تەركىۋىدە كەلگەن ياكوب دېگەن بىر مۇئەللىم بىلەن پۈتۈن ياز ۋە بىر قىش بىللە ئىشلەش ئارقىلىق ئالتايچىنى ئۈگىنىۋالغان. شۇ يىلى يەنە ئالتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە تەلەئۇت(تەلەنگېت، تەلەنغۇت) قەبىلىسىدىن بولغان چېۋالكوف دېگەن بىر  كىشىدىن تەلەئۇت تىلىنى ئۈگەنگەن. 1862- يىلى ئىلى رايونىغا ۋە قاپالغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەندە شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ نازىمى ۋە   گەمەر باقى(ئۆمەر باقى)لار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تارىخىي ھۆججەتلەرنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت نۇرغۇن  ئۆرنەكلەرنى توپلىغان. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق يازغان : << 1862- يىلى يازدا قىرغىز(قازاق) بوزقىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرەپلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، قاپال شەھىرىدە تاسادىپىي ھالدا ئىلى ۋادىسىنىڭ جۇڭگوغا ئائىت رايونلىرىدىن كەلگەن تارانچى(دېھقان، تېرىقچى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانچە كىشى بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇ يەردە دەرھال ئۇلارنىڭ  قىزىقارلىق تىلىنى تەتقىق قىلىشقا  باشلىدىم. بۇ شەھەردە  ئۇزۇن تۇرمىغاچقا پەقەت بىر قانچە قىسقا ھېكايىلارنى يېزىۋالدىم  ۋە بۇ شىۋىنىڭ قوشنا سارت ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ تىلىدىن ناھايىتى قىزىقارلىق خۇسۇسىيەتلەر بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تۇنۇپ، غۇلجا ئەتراپلىرىدىكى تارانچى يېزىلىرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندىم. ئەپسۇس بۇ ئارزۇيىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. جۇڭگو مەمۇرلىرى پەقەت باشقىلارنىڭ ھەمرالىقىدا تاغ تولى ئارقىلىق غۇلجىغا قەدەر بېرىشمغا رۇخسەت قىلدى. ئۇ يەردىمۇ رۇس كونىسسىيەسىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. پەقەت كۈندۈزلىرى خەنزۇ  شەھىرىنىڭ( رادلوف بۇ يەردە كۇرەنى نەزەردە  تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن-ئا) ئىچىگە كىرەلەيتتىم، لېكىن تارانچى يېزىلىرىنى زادىلا زىيارەت قىلالمىدىم. كونىسسىيەدە ۋە شەھەردە غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر قانچە تارانچى بىلەن ئۇچراشتىم. شارائىت يار بەرگەندە ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا تىرىشتىم. بۇ يەردە بۇ شىۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن ئۈگەندىم ۋە بىر قانچە ھېكايىنى يېزىۋالدىم. لېكىن بۇ ماتېرىياللار بۇ شىۋىنى كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. قاپال شەھرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ  يەرگە  تاتار غۇلجىسىدىن(رادلوف ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى تارانچى ياكى تارانچى تاتارلىرى دېگەن ناملاردا ئاتىغان-ئا) كەلگەن گەمەر باقى دېگەن بىر تارانچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندىم ۋە ئۇنىڭ ساپ يەرلىك شىۋىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، توپلىغان ئازغىنا ماتېرىيالنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، ئەقىللىق، ئانا تىلىغا پىششىق، خەلق ئەدەبىياتىدىنمۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. قاپالدا تېخىچە ئىش تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەن بىلەن بىرلىكتە بارنائۇلغا بېرىشقا تەكلىپ قىلدىم. گەمەر تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلىپ، 1863- يىلى باھارغا قەدەر مىنىڭ ئۆيۈمدە تۇردى. مەن گەمەر باقى ئارقىلىق تارانچى شىۋىسىنى تولۇق  ئۆگىنىۋالدىم. قاپال بىلەن غۇلجا شەھەرلىرىدىن  توپلىغان ماتېرىياللارنى قايتا كۆرۈپ چىققاندىن تاشقىرى، يەنە ئۇنىڭدىن كۆپ چۆچەكلەرنى، مەكتۇپلارنى، ئاجايىپ ھېكايىلارنى، ئۆز ھاياتىدىن خاتېرىلەرنى  ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ  جۇڭگوغا قاراشلىق رايونلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ماتېرىياللارنى يېزىۋالدىم. ئىشىنىمەنكى، مۇشۇ خىل شەكىلدە توپلانغان ماتېرىياللار ئىلى تارانچى شىۋىسىنى ئېنىقلاشقا تامامەن يىتەرلىكتۇر.>>(1) رادلوف مۇشۇ قېتىمقى زىيارىتىدا توپلىغان تۈرلۈك ماتېرىياللىرى ئاساسىدا  << ئالتاي ۋە شەرقىي قىرغىز(قازاق) دالىسىغا ئائىت  ساياھەت  خاتېرىسى>>، <<بۈيۈك ئاسىيادىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇ يەردىكى ئاھالىلار>>(بۇ ئەسەر <<ئىلى دەرياسى>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. رادلوف ئىلى ۋادىسىنى تارىخىي ۋە گېئوگرافىك نوقتىدىن تەسۋىرلەپ، بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ئالاھىدە نەزەر تاشلىغانىدى.

1864- يىلى رادلوف تەتقىقات خىراجىتى ھەل قىلىش  ئۈچۈن پېتېربۇرگقا بارىدۇ. بۇ چاغدا ھامىسى پ. مېيېندورفنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولغاچقا، رادلوف ئۆزى ئۈچۈن يېڭى بىر ھامى ئىزدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاكادېمىيە ئەزاسى بېر ئۇنى ئوردىنىڭ ئايال مەسلىھەتچىسى ئې. ۋون راخدېنگە تۇنۇشتۇرۇپ، خىراجەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. رادلوف ئې.ۋون راخدېننىڭ سالونىدا شۇ ۋاقىتتىكى رۇسىيەنىڭ بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر شەخسلىرى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە نائىل بولغان. ئوردىنىڭ ئايال مەسلىھەتچىسى ئۇنى چوڭ مەلىكە ئېلېنا پاۋلوۋناغا تۇنۇشتۇرغان ۋە خىراجەت مەسىلىسىمۇ تىزلا ھەل بولغان. رادلوف پېتېربۇرگدىن يۇرتى بېرلىنگە ۋە تىرولغا ساياھەتكە بېرىپ، قىسقا ۋاقىت دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بارنائۇلغا قايتقان.  

رادلوف سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلمىي زىيارەتلىرى مەزگىلىدە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ يەردىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا، شۇنىڭدەك فولكلور، ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئىستاستىكا ۋە ئىقتىسادىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلىغان. رادلوف بارنائۇلدا تۇرغان مەزگىلدە جەمئىي 20 پارچە ئەسەر ئىلان قىلغان. دەستلەپكى بەش يىلدا توپلىغان ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىش بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئىلان قىلغان ئەسىرلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن باشقا <<غەربىي سىبىرىيە ۋە ئۇنىڭ  قوشنا رايۇنلىرىغا جۇغراپىيەلىك بىر نەزەر>>، <<غەربىي سىبىرىيە ۋە جۇڭغارىيە>>، <<غەربىي سىبىرىيەنىڭ شەرقىدىكى غەيرى مۇسۇلمان تۈرك قەبىلىلىرى>>، <<تۈرك بوزقىر ھاياتى>>، <<شامانلىق>>، <<جۇڭگو چېگرىسىغا ۋە غەبىي موڭغۇلىيەگە قىلىنغان ساياھەت>> ۋە <<رۇسلار بىلەن موڭغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى>> قاتارلىق  ماقالە ۋە ساياھەت دوكلاتلىرى بىلەن چەكلەنگەن. 1866- يىلى  رادلوفنىڭ  سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى بولغان ئون توملۇق <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن  ئۆرنەكلەر>> [①]  دېگەن ئەسىرىنىڭ  1- تومى نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نەشىر قىلىنىشىغا ئىلگىرى كېيىن  بولۇپ 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن  بولۇپ،  ئەڭ ئاخىرقى تومى 1911 – يىلى نەشىر قىلىنغان. رادلوف ئەسەرنىڭ 1- تومىغا يازغان كىرىش سۆزىدە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ تۈركىي تىلغا كۆرسەتكەن تەسىرى  ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : <<يەر يۈزىدىكى ھىچقانداق بىر تىل ئائىلىسى تۈركچىدەك كەڭ زېمىنغا تارقالغان ئەمەس. ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدىن تۈركىيەگە، رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبى ۋە گۇبى چۆلىنىڭ ئىچىگە قەدەر بولغان يەرلەردە تۈركچە سۆزلىشىدىغان قەۋملەر ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. بۇ تەسىرنى بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈش مۇمكىن. ئۇلار ئۆز تىلىغا ماس كەلمەيدىغان ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئەدەبىي تىلىدىنمۇ مىڭلارچە سۆزلۈكنى ئېلىپ شۇنداق بىر ئەدەبىي تىلنى مەيدانغا كەلتۈردىكى، بۇ تىل ئۈستىگە رەڭگارەڭ  ۋە  خىلمۇ خىل ياماق سېلىنغان بىر كىيىمگە ئوخشاپ قالدى. بۇ ئەدەبىي تىل تەبىئىي ھالدا تۈرك خەلقى ئۈچۈن چۈشەنگىلى بولمىغان بىر ھالقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ساپ مىۋىلىرىدىن ئۇزۇقلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئۆزىنى تۈگەشتۈردى.>>(2) رادلوف بۇ يەردە 12- ۋە 13- ئەسەرلەردىن كېيىن ئەدەبىي تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىدە جانلىق تىلدىن يىراقلىشىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن يۈكسىلىشىگە توسالغۇ بولۇش رولىنى ئوينىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئۇ تولىمۇ ھەقلىق پىكىر قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قارىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئالىملار تەرىپىدىنمۇ ھېمايە قىلىنغان. بۇ ئەسەر 1-، 2-، 3- توملىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئىلىم دۇنياسىدا كەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن، دورپات ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىنى نەزەرگە ئېلىپ رادلوفقا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى بەرگەن. ئەسەرنىڭ  1888- يىلى نەشىر قىلىنغان 6- تومى <<تارانچى دىيالېكتى ھەققىدە>> دېگەن تېما ئاستىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بولۇپ،  ئۇنىڭغا رادلوفنىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئىلىدىن قاپالغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلىغان ماتېرىياللىرى  ماقال -تەمسىللەر، ھىكمەتلىك سۆزلەر، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئىلى ۋادىسىغا ئائىت مەلۇماتلار، يازما ئەسەرلەر، خەلق ھىكايىلىرى،  چۆچەك ۋە داستانلار، بېيىت ۋە قوشاقلاردىن ئىبارەت يەتتە خىل ماۋزۇدا  بايان قىلىنغان. رادلوف مۇشۇ تومغا  يازغان كىرىش سۆزىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولكلورىنىڭ تۈرلىرى، مەزمۇنى ۋە ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان ۋە بۇ باي مىراسلارنى توپلاش، نەشىر قىلىشنىڭ  كۆپ جەھەتتىن  پايدىلىق  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بولۇپمۇ رادلوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوشاقچىلىق ساھەسىدىكى قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىگە تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى ۋە قايىل بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا يات مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە  موڭغۇلچە، خەنزۇچە ھەتتا  مانجۇچە سۆزلەرنىڭمۇ ئۇچرايدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى سەۋەبىدىن ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭمۇ كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە  ئاخىرىدا سۆزىنى خۇلاسىلاپ، <<شۇنداقتىمۇ  تارانچى شىۋىسى ساپ تۈرك خاراكتېرىنى زادىلا يوقاتمىغان>> (3) دەپ كۆرسەتكەن. رادلوف بارنائۇلدا تۇرغان مەزگىلدە سىبىرىيە، ئالتاي، ئىلى، يەتتە سۇ، قازاق – قىرغىز دالىسىدىن توپلىغان تارىخ، تىل، ئەدەبىيات، ئېتنوگرافىيە ۋە ئارخېئولوگىيەگە دائىر ماتېرىياللىرىنى  ھەم بۇ ھەقتە يازغان ساياھەت دوكلاتىنى كېيىن ئىككى توملۇق كىتاپ قىلىپ،  <<سىبىرىيەدىن>> دېگەن نام  1883- يىلى لېپزىگدە نەشر قىلدۇرغان.

رادلوف 1871- يىلىنىڭ باشلىرىدا بارنائۇلدىن ئايرىلغان. پېتېربۇرگقا قايتىش يولىدا قازاندىكى رۇس مىسيونېرى ن.ئى. ئىلمىنسكىي (1822-1891)نىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ قىسقا ۋاقىت تۇرۇپ قالغان. 15 يىل قازاندا ۋە مىسىردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان ئىلمىنسكىي  ئاشۇ ۋاقىتتا قازاندىكى ئىلاھىيەت ئاكادېمىيەسىدە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانىدى. ئىلمىنسكىي ئىدىل بويلىرىدىكى تاتار ۋە باشقۇرتلارنى تولۇق چۈشىنىدىغان ۋە تۈركچىنى يەرلىكلەردىن ھىچ پەرقلەنمەيدىغان دەرىجىدە ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ،  تاتار ۋە باشقۇرتلار ئارىسىدا پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن خرىستىئان دىنىنى تارقىتىۋاتقانىدى. شۇ ۋاقىتتا قازان مائارىپ مۇدىرى شېستاكوف ئىلمىنسكىينىڭ ئۆيىدە رادلوف بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۇنى ئىدىلدىكى مۇسۇلمان مەكتەپلىرىنىڭ مۇپەتتىشلىكىگە تەكلىپ قىلغان. بۇنى مەجبۇرى خرىستىئانلاشتۇرۇلغان مازانلىقلار(كرەشىنلەر)غا ئائىت مەكتەپلەرنى باشقۇرىدىغان ئىلمىنسكىينىڭ  پائالىيەتلىرىگە  پاراللىل بىر خىزمەت  دېيىشكىمۇ بولاتتى. بۇ تەكلىپنى ئاساسەن قوبۇل قىلغان رادلوف بۇ خىزمەتنىڭ پىلانى ھەققىدە شېستاكوف بىلەن ئەتراپلىق سۆزلەشكەندىن كېيىن پېتېربۇرگقا قايتقان. شېستاكوفمۇ بۇ مەسىلىنى چار رۇسىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى گراف د.ئا. تولستوي(1823-1889)غا دوكلات قىلغان. رادلوف شاھزادە كونستانتىن نىكولايېۋىچ ۋاسىتىسى بىلەن بۇ ئىشنىڭ دۆلەت شۇراسىدا غەيرى رەسمىي   شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلغان  ۋە  مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خەلق مەكتەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە غەربىي ياۋروپاغا زىيارەتكە بارغان. رادلوف بېرلىندە چار رۇسىيەنىڭ مائارىپ مىنىستىرى تولستوي تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بىر زىياپەتتە  ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن <<ئاز سانلىق مىللەتلەر>> نىڭ مەكتەپلىرى ھەققىدە نۇتۇقمۇ سۆزلىگەن.

1872- يىلى مۇسۇلمان مەكتەپلىرى مەسىلىسى ھەل بولغان. رادلوف قازان رايونىدىكى تاتار، باشقۇرت ۋە قازاق مەكتەپلىرىنىڭ مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1884- يىلىغىچە رادلوفنىڭ ھاياتى قازاندا ئۆتكەن. بۇ رادلوفنىڭ رۇسىيەدىكى ھاياتىنىڭ ئىككىنجى دەۋرىدۇر.  بۇ مەزگىلدە ئۇ پېداگوگىكا، پەلسەپە ۋە ئومۇمىي تىل مەسىلىلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ ۋاقىتتا رۇسىيەدە رۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ(رۇسلارنىڭ تەبىرى بويىچە <<ئاز سانلىق مىللەتلەر>>نىڭ) دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەكتەپلىرى يوق ئىدى. تاتار مەدرىسلىرىگە مەھەللە باشلىقلىرى ياكى يەرلىك باي كىشىلەر ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. مىسيونېر مەكتەپلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشى ۋە تەربىيىلىنىشىگە قارشى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا دىنىي مۇتەئەسسىپلىكنىڭ تەسىرى ۋە <<رۇسلىشىش>> خەۋىپى سەۋەبىدىن تاتار ۋە باشقۇرت ئاھالىلىرى ئىچىدىمۇ يېڭىچە ئۇسۇلدىكى مەكتەپلەرگە قارشى كەيپىيات بار ئىدى. شۇ سەۋەپلىك، رادلوف قازاندا ئالدى بىلەن دارۇل مۇئەللىمىن، يەنى مۇئەللىملەر مەكتىپى ئېچىش بىلەن ئىش باشلىغان. بۇ مەكتەپمۇ پەقەت 1876- يىلىغا كەلگەندە ئاران ئوقۇش باشلالىغان. مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرى ئاساسەن رۇسلاردىن بولۇپ، تاتارلاردىن پەقەت ھايۋاناتلار دوختۇرى تېرېگۇل، قازان  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئەللىملىرىدىن ئاھمەر قاتارلىق بىر قانچە كىشى تەكلىپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا رادلوف قازانلىق تارىخچى شەھابىددىن مەرجانى بىلەن يېقىندىن تۇنۇشۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە غەرب دۇنياسىغا مەلۇمات بەرگەن. مەرجانى قازان ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان تۇنجى ئىمامدۇر. ئۇمۇ كېيىن رادلوفنىڭ قازاندا ئاچقان مۇئەللىملەر مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تارىخ ۋە ئىسلام دىنى بىلىملىرىدىن دەرس ئۆتكەن. رادلوف قازان مۇئەللىملەر مەكتىپىدە تەبىئىي پەن دەرسلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. دەستلەپكى يىللاردا بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار بالىلاردىن ئەمەس، بەلكى قورامىغا يەتكەنلەردىن، ئىمام نامزاتلىرى ئىچىدىن تاللانغان. خەلقنى گۇماندىن خالاس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلاردىن دىنىي بىلىم بويىچە قاتتىق ئىمتىھان ئېلىنغان.

بۇ جەرىياندا رادلوف يەنە مۇسۇلمان قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچماقچى بولغان. لېكىن، ھېچقانداق بىر قازى ياكى ئۆلۈما بۇ خىل مەكتەپتە دەرس ئۆتۈشنى قوبۇل قىلمىغان. قىزلار مەكتىپى ئاخىرى ئوقۇمۇشلۇق بىر ئايالنىڭ ئۆيىدە ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ تۇنجى سىناق ئۇزۇنغا بارمىغان.  چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازلىقىنى سەۋەپ قىلىپ بۇ مەكتەپنى تاقىۋەتكەن.  

قازاندىكى كونا جامەلەرنى رېمونت قىلىش مەزگىلىدە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ جامەلەرنىڭ يېنىدا بىردىن رۇس مەكتىپى ئېچىشنى قاتتىق شەرت قىلغاندا، رادلوف بۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە رۇس مەكتىپىنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمان مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مەسىلىدە ئۇ ئىككى تەرەپتىن كەلگەن قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. بىرى، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى خالىمايتتى. يەنە بىرى، مۇسۇلمان ئاھالىسى بولسا رادلوفنى مېسيونېر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دەپ تۇنۇيتتى. بەزى  مۇتەئەسسىپ كىشىلەردىن پارا ئالغان رۇس ساقچىلىرى تاتارلارنىڭ ئىچىدىكى كونىلىقنى ياقلايدىغان نادان كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ رادلوفقا قارشى چىققان. لېكىن،  بۇ خىل قارشىلىقلارمۇ ئۆتكۈنچى بىر ھادىسە سۈپىتىدە ئاستا -  ئاستا بېسىقىپ قالغان. بىر قانچە يىل ئىچىدە ئىدىل بو يلىرىدىكى تاتارلار ۋە باشقۇرتلار ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە رۇسىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان بارلىق تۈركىي  قەۋملەردە كەڭ كۈلەملىك بىر مەدەنىي گۈللىنىش ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققان. بو يولدا ئىشلەنگەن ھەر بىر ھەرىكەتتە رادلوفنىڭ تەسىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىش توغرا بولمىسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رادلوفنى <<تۈركلەردە رۇسلارغا قارشى ئاڭ پەيدا قىلغان>> دەپ ئەيىپلىگەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئويغىنىشىنى تىزلاشتۇرۇشتا ياردەمچى رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، رادلوف چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاتار ۋە باشقۇرتلارنى رۇسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سىياسىتىنى چەكلەش توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە خېلى كۆپ دوكلات  سۇنغاندىن باشقا، يەنە بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس ماقالىلارنى يازغان. ئۇ قازاندا تۇرغان مەزگىللەردە ئىدىل بويلىرى ۋە قىرىمدىكى تاتارلار ئارىسىدا مەتبەئە، نەشرىياتلار بارلىققا كېلىپ، گېزىت، ژورنال ۋە مەجمۇئەلەر نەشىر  قىلىنغان، بۇلارنىڭ سانى  يىلدىن يىلغا كۈپەيگەن. بۇ ھەرىكەتلەر 1905- يىلىغا كەلگەندە كەڭ كۈلەملىك بىر ئىنقىلاپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنىدى. دېمەك، رادلوفنىڭ قازاندا مۇپەتتىشلىك قىلغان چاغدا ئىشلىگەن مەمۇرى خىزمىتى ئىلمىنسكىينىڭ شۇ خىل خىزمىتىدىن ماھىيەت جەھەتتە كۆپ پەرقلەنگەن. ئۇ تۈركىي قەۋملەرگە بىر خىل مۇھەببەت بىلەن قارىغان، ئۇلارنىڭ ئويغىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن.

رادلوف قازاندا تۇرغان 12 يىل جەرىيانىدا 11 پارچە ئەسەر ئىلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش مەخسىتىدە يازغان  <<نېمىسچە دەرسلىك>>، <<بىلىك>>(قازان تاتارچىسىدىكى دەرسلىك كىتاب)، <<تاتارلار ئۈچۈن رۇس تىلى گرامماتىكىسى>> دېگەن كىتاپلىرىنى،  1872 - يىلى نەشىر قىلىنغان <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> دېگەن كىتابىنىڭ 4- تومىنى،  ئۇنىڭ رۇسىيە ۋە خەلقارادىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن <<شىمالىي تۈرك شىۋىلىرىنىڭ سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى-فونېتىكا>>(1882-1883- يىللىرى)، <<سىبىرىيەدىن>> دېگەن ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكتۇر. بۇلاردىن  <<شىمالىي تۈرك شىۋىلىرىنىڭ گرامماتىكىسى – فونېتىكا>> دېگەن كىتابى لېپزىگدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ،  ئۇنىڭدا رادلوف تۈركىي تىل شىۋىلىرىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرلىكتە بۇ  شىۋىلەرنىڭ تەسنىفىنى ئىشلىگەن. يۇقىرىدىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، <<سىبىرىيەدىن>> دېگەن ئەسىرىنىڭ مەزمۇنى تارىخ، تىل، ئارخېئولوگىيە، ئېتنىڭ قۇرۇلما، تۇرمۇش شەكلى، جەمئىيەت تەشكىلى، ھاكىمىيەت، ئەسكەرلىك، قانۇن، دىن، سەنئەت، مائارىپ، تېبابەت، مەدەنچىلىك، بوتانىكا، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، ھۈنەر- كەسىپ، قاتناش، سودا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە مۇراسىم قاتارلىق 30 نەچچە ساھەگە چېتىلغان. بۇ ئەسەر تۈركولوگىيەدىن سىرت سوتسىيالوگىيەنىڭ باشقا تارماقلىرىغا ئائىت تەتقىقاتلارنىمۇ مۇھىم مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەچكە، ئىلىم دۇنياسىدا <<غەربىي سىبىرىيە ئېنسىكلوپېدىيەسى>> دېگەن نام بىلەن تەرىپلەنگەن.(4) 1894- يىلى پېتېربۇرگدا نەشىر قىلىنغان <<سىبىرىيەدىكى قەدىمكى يادىكارلىقلار>> دېگەن كىتابىدىمۇ  سىبىرىيەدە ۋە موڭغۇلىيەدە  يېڭىدىن تېپىلغان  يادىكارلىقلار ۋە قەدىمكى ئىزلار  ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

رادلوف قازاندا مۇپەتتىشلىك ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان مەزگىلدىمۇ تاتارلار، باشقۇرتلار، قازاق – قىرغىزلارغا ئائىت خەلق ئەدەبىياتى ئۆرنەكلىرىنى توپلىغان. 1882- يىلى بېرلىندە ئېچىلغان <<5- قېتىملىق خەلقارا شەرقشۇناسلار كونگرىسى>>گە قاتنىشىپ،  <<سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى تەسىرى>> دېگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇغان.

1884- يىلى رادلوف قازاندىكى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پېتېربۇرگقا يۆتكەلگەن.  شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 7- كۈنى رادلوف پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. يەنى رادلوف 47 يېشىدا <<ئاكادېمىك>> دېگەن ئىلمىي ئۈنۋانغا ئىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن رادلوفنىڭ ھاياتى پېتېربۇرگدا ئۆتكەن. بۇ ئۇنىڭ رۇسىيەدىكى ھاياتىنىڭ ئۈچىنجى دەۋرىدۇر. رادلوف پېتېربۇرگدا مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىلمىي ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن. 1885- يىلدىن 1890- يىلىغىچە پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا موزىيىنىڭ مۇدىرى بولغان. يەنە  پېتېربۇرگ  بۇددا ئىبادەتخانىلىرى قۇرۇلۇش كومىسيونىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن سىرت، 1894- يىلىدىن باشلاپ تاكى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە موزىيىنىڭ مۇدىرى، سىبىرىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە رۇس ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى ۋە جۇغراپىيە جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئەزاسى بولغان. رادلوف رۇسىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسورلۇق سالاھىيەت بىلەن دەرس ئۆتمىگەن بولسىمۇ،  بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرگەن. ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ن.ف.كاتانوف، پ.م. مېلىئورانسكىي، س.ئې. مالوف، ئا.ن.سامويلوۋىچ ۋە ۋ.ۋ. بارتولد قاتارلىق مەشھۇر تۈركولوگلار بار. يەنە موڭغۇلشۇناس ب.ي.ۋلادىمىرتسوفمۇ ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسىدۇر.  1889- يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن <<12- قېتىملىق خەلقارا شەرقشۇناسلار كونگرىسى>>دە رادلوف باش مەركىزى پېتېربۇرگدا بولۇش شەرتى بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپ 1902- يىلى ھامبۇرگدا ئېچىلغان <<13- قېتىملىق خەلقارا شەرقشۇناسلىق كونگرىسى>> دە مۇزاكىرە قىلىنىپ تەستىقلانغان. شۇنداق قىلىپ رادلوف ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقارالىق بىر ئىلمىي تەشكىلاتنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. رادلوف پېتېربۇرگدا يەرلەشكەندىن كېيىن، پۈتكۈل دىققىتىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاراتقان ۋە بۇ مەزگىلدە نەشىر قىلدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ سانىمۇ 100 گە يەتكەن. بۇ مەزگىلدە رادلوف تۈركىي قەۋملەرنىڭ مەۋجۇت تىل شىۋىلىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى، فولكلورى، ئېتنوگرافىيەسى ھەققىدە بۇرۇن توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ۋە ئىلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە  قەدىمكى  ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىلنى  ھەمدە شۇ تىلدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە باشقا ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەنگەن. بۇ ساھەدە ئۇنىڭ تۈركىي تىلنىڭ شىۋىلىرى بىلەن  ئۇيغۇر مەدەنىيەتىگە ئائىت تەتقىقاتلىرى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈركولوگىيە تارىخىدا تۈركىي تىل شىۋىلىرىنىڭ تەسنىفى مەسىلىسى پات- پات مۇنازىرە قىلىنىدىغان  تېما بولۇپ،  رادلوفنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان <<شىمالىي تۈرك شىۋىلىرىنىڭ گرامماتىكىسى –فونېتىكا>> دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەسنىفى بۇ يولدىكى يېڭى بىر تەجرىبە ئىدى.  كېيىن رادلوفنىڭ تەسنىفى ئا.ن. سامويلوۋېچ تەرىپىدىن  تولۇقلانغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيەدە توپلىغان تىل ئۆرنەكلىرىنى ئىلان قىلغان <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> دېگەن كىتابى  ئەسلى يەتتە  توملۇق ئەسەر بولۇپ، بۇ تۈركىي تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى باي بىر دىيالېكتولوگىيەلىك مەنبەدۇر. رادلوف بۇ ئەسەرگە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئىگناس كۇنۇسنىڭ(8- قىسىم)،  ن. ف. كاتانوفنىڭ ‏(9-قىسىم) ۋە  ۋ. موشكوفنىڭ (10- قىسىم) ئەسەرلىرىنى قوشۇپ ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئون  توملۇق چوڭ بىر  تىل  ئېنسىكلوپېدىيەسىگە ئايلاندۇرغان. رادلوفنىڭ ئەڭ چوڭ ئەسىرى <<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دېگەن  كىتابىدۇر. رادلوف دەستلەپتە لۇغەتكە ئۆزىنىڭ بارنائۇلدا ۋە قازاندا تۇرغان مەزگىللەردە توپلىغان تىل ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلغان، كېيىن ئۇنى ئورخۇن ئابىدىلىرى، تۇرپان تېكىستلىرى، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>، <<كودېكىس كومانىكىس>>، ئوسمانلىچە ۋە چاغاتايچە ئەدەبىي  ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىنمۇ سۆزلۈك تاللاپ تولۇقلاش ئارقىلىق تەجرىبە ئورنىدا تۈزگەن   شۇڭا، ئەسەرگە <<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دەپ نام بەرگەن.  1888-1911- يىللار ئارىسىدا نەشىر قىلىنغان بۇ  لۇغەت تۆت  توملۇق ۋە  چوڭ ھەجىملىك  بىر ئەسەر بولۇپ، بۇ تۈركىي تىل ۋە ئۇنىڭ شىۋىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ چوڭ لۇغەتتۇر.(5) بارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ تىل ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مېتودى بويىچە تۈزۈلگەن بۇ لۇغەت رادلوفنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرىدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركولوگىيە ساھەسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەسەر ئۇچرىمايدۇ. تۈركىي تىل ۋە ئۇنىڭ شىۋىللىرى ھەققىدە بۈگۈنگە قەدەر بۇنىڭدىن چوڭ بىر ئەسەر مەيدانغا كەلمىدى. شۇڭا، بۇ ئەسەر  ئىلىم ساھەسىدە  <<تۈركولوگىيەدە  يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەسەر>> دەپ تەرىپلەنمەكتە.(6) تۈركىي تىللارنىڭ شىۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن بۇ ئابىدىۋىي ئەسەرنىڭ يېڭى نەشرى  1963- يىلى گرونىنگېندە، 1964- يىلى موسكۋادا  بېسىلدى. تۈركولوگىيە ساھەسىدە بۇ لۇغەت <<رادلوف>> دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شۇڭا، لۇغەتنىڭ ئا.ۋون گابائىن بىلەن ۋ.ۋېنكېرنىڭ يىتەكچىلىكى ۋە نازارىتى ئاستىدا تۈزۈلگەن نېمىسچە ئىندېكسىگە <<رادلوف>> دەپ نام بىرىلگەن.(7)

رادلوفنىڭ دىيالېكتولوگىيە نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىللەردە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>(<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>) دېگەن ئەسىرى تېخى بايقالمىغان بولغاچقا، ئىلىم ساھەسى رادلوفنى <<تۈرك دىيالېكتولوگىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى>> دېگەن نام بىلەن  خاراكتېرلەندۇرگەنىدى. ھەقىقەتەن، رادلوف تۈركىي تىللارنىڭ شىۋىلىرى تەتقىقاتىدا ۋە سېلىشتۇرما تۈركىي تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە بىر دەۋر ئاچقان ئالىم بولۇپ، ئۇنى <<19-ئەسىردىكى مەھمۇد كاشغەرىيدۇر>> دەپ  تەرىپلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇنجى قېتىم قەدىمكى تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى يازغان كشى يەنە رادلوفتۇر. ئۇنىڭ  <<قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ قىسقىچە گرامماتىكىسى>> دېگەن كىتابى 1897 – يىلى پېتېربۇرگدا نەشىر قىلىنغان.

رادلوف تۈركىي تىللارنىڭ سېلىشتۇرما گرامماتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تۈركىي تىل لەھچىلرىنى ۋە  نۇرغۇن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىل شىۋىسىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى توپلىغان. ئۇ مەنبەلەرنى كۆپرەك توپلاش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقاندا ئەسلى مەنبەلەرنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،  قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە يازما ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىشنى  توغرا تاپقان. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ  ئالدى بىلەن  قىپچاق تىلىنىڭ سۆزلۈكى <<كودېكىس كومانىكىس>>(<<قۇمان تىلى كودېكىسى>>) نى، سەلجۇقلارغا ئائىت شېئىرلارنى، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يارلىقلىرىنى، چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ خاتىرە ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان رابغۇزىنىڭ <<مىراجنامە>> دېگەن ئەسىرىنى ۋە <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. رادلوف بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىكى تۈركىي تىللارنىڭ ھەر قايسى شىۋىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. بۇ جەرىياندا ھەممىدىن  ئاۋۋال <<قۇتادغۇ بىلىگ>> كە دىققىتىنى قاراتقان. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن قولغا ئالغىنى <<قۇتادغۇ بىلىگ>> بولدى. ئۇ بۇ ئەسەر ئۈچۈن 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقتىنى سەرپ قىلغان. 1823- يىلى ئامېدې ژائۇبېرت <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ۋىنا نۇسخىسى ھەققىدە ئىلىم دۇنياسىغا تۇنجى بولۇپ مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، 1870- يىلى ھۇنگرىيەلىك شەرقشۇناس ۋامبېري <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ۋىنا نۇسخىسىدىن 915 بېيىتنى تاللاپ، ئۇنىڭ تىرانسكرىپسىيەسىنى، نېمىسچە تەرجىمىسىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن سۆزلۈكىنى ئىلان قىلغان. بۇ ئىلىم دۇنياسىدا <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي يادىكارلىقىنىڭ بىرىنجى ئىلمىي نەشرى ھېساپلىناتتى. ۋامبېري ئەسەرگە يازغان كېرىش سۆزىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەملىكەتلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تىل يادىكارلىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە يېزىقلىرى، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەنبەسى ۋە تارىخى ھەققىدە توختالغان. ۋامبېري بۇ ساھەدە چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەشرى تولۇق ئەمەس ئىدى. ۋامبېرينىڭ ئۆزىمۇ بۇنى ئىقرار قىلغان ۋە بۇ ئەسەرنى كېيىن باشقىلارنىڭ تولۇق نەشىر قىلىشىنى  ئارمان قىلغان. ۋامبېري ئارمان قىلغان كىشى شۇ ۋاقىتلاردا دەل رادلوف بولدى. رادلوف 1884- يىلى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ فاكسىمىلىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىناغا بارغان. ئۇ يەردىن قايتىپ 1886- يىلى قىرىمدا، 1887-يىلى  غەربىي كارايلار ئارىسىدا ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. رادلوف 1890- يىلى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ۋىنا نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلىنى نەشىر قىلدۇرغان. فاكسىمىلنىڭ كەينىگە قوشۇمچە قىلىپ <<ئوغۇزنامە>> داستانىنىڭ ئالدىنقى سەككىز بېتىنىڭ فاكسىمىلىنىمۇ بەرگەن. ئىككىنجى يىلى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتنىنىڭ مانجۇ يېزىقىدىكى تىرانسكرىپسىيەسىنى نەشىر قىلغان. بۇ تىرانسكرىپسىيەگە قوشۇمچە قىلىنغان كىرىش  سۆزدە  ۋامبېري ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قولغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار بىر يەرگە توپلانغان. <<ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر>>  دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا يېزىلغان بۇ كىرىش سۆز كېيىن پ. مېلىئورانسكىي تەرىپىدىن رۇس تېلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1893- ئالاھىدە بىر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ خې چىمىڭ تەرىپىدىن ئىشلەنگەن خەنزۇچە تەرجىمىسى نەنجىڭدا نەشىر قىلىنغان ‹‹تەڭرىتاغ›› ئايلىق ژورنىلىدا( 1935-يىلى،1-جىلد 4-سانىدا) ئىلان قىلىنغان.  مانا بۇ تەييارلىقلاردىن كېيىن رادلوف ئەسلى مەتىننى ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن.1897- يىلى مەتبەئەگە بىرىلگەن بۇ ئۈچىنجى ئەسىرىنىڭ 64 بېتى تىزىلىپ بولغاندا، مىسىردىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسدا <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ  ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقى مەلۇم بولغان. رادلوف ئەسەرنىڭ مەلۇم بولغان نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋاقتىنى بىر مەزگىل كەينىگە سۈرگەن. ئۇ ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى مورىتزگە خەت يېزىپ، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ قاھىرە نۇسخىسىنىڭ بىر فوتۇكوپىسىنى ئەكەلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئىككى نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىشلىگەن تىرانسكرىپسىيەسى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىككى توم قىلىپ،  بۇنىڭ 1- تومىنى 1900- يىلى، ئىككىنجى تومىنى 1910- يىلى نەشىر قىلدۇرغان.   ۋامبېري ئەسەرنىڭ نەشرىدە پالېئوگرافىيە ۋە تىل جەھەتتىن  خېلى كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. رادلوف ۋامبېريغا سېلىشتۇرغاندا، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشىرگە تەييارلاشتا كەڭ دائىرىلىك ئىزدەنگەن ۋە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ ئەسەرنىڭ نەشرىدە دۇچ كەلگەن بارلىق قېيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى <<قۇتادغۇ بىلىگ>> نى ئىلمىي نوقتىدىن تۇنۇشتۇشتا  مۇھىم بىر باسقۇچ تەشكىل قىلدى. رادلوفنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەتقىقاتىدىكى خاتالىقلىرى كېيىن ۋ. تومسېن، رەشىد رەھمەتى ئارات ۋە مالوف تەرىپىدىن تۈزۈتىلدى.

رادلوفنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىللار ھەققىدىكى تەتقىقاتى يەنە ئايرىم بىر تارىختۇر. 7-9 – ئەسىرلەردە ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان مەڭگۈ تاشلار ھەققىدە خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى قىسمەن  ئۇچۇرلار  بىلەن  جۈۋەينىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ياۋروپالىقلار بۇ مەڭگۈ تاشلار ھەققىدە پەقەت 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە خەۋەر تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشلارنى تۇنۇشتۇرۇشتا گوللاندىيەلىك ن.س. ۋىيتسېن، چار پادىشاھى پېتېر دەۋرىدە ياشىغان س.ئۇ. رېمېزوف ۋە 1709- يىلىدىكى پولشا ئۇرۇشىدا رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان شىۋېتسىيەلىك ئوفىتسېر سترالېنبېرگ مۇھىم رول ئوينىغان. 1818- يىلى گ. سپاسكى <<سىبىرىيە خەۋەرلىرى>> ژورنىلىدا بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىدىكى سىرلىق يېزىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىسىنى ئىلان قىلغان. بۇ ماقالە كرۇگ تەرىپىدىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1822- يىلى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ دىققىتى بۇ سىرلىق يېزىققا  چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن ۋە يېنىسەي دەرياسى بويلىرىدا  ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر باشلانغان. بۇ ئىشتا فىنلاندىيە بىلەن چار رۇسىيە ئەڭ تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغان.  بۇ ئىككى دۆلەت  1889-1892- يىللاردا كەينى كەينىدىن سىبىرىيەگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن. چار رۇسىيەنىڭ 1891- يىلى ئەۋەتكەن ئىككىنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رادلوف باشچىلىق قىلغان. رادلوف مەڭگۈ تاشلارنى سۈرەتكە ئالغاندىن باشقا يەنە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىقنىڭ خارابىسىنىمۇ تەكشۈرگەن. فىنلاندىيەدە مەڭگۈ تاشلارنىڭ  ئاتلىسى ئىلان قىلىنغان. رادلوفمۇ  1892- يىلى مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئاتلىسىنى ئىلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئۈستىدىكى نامەلۇم يېزىقنىڭ سىرىنى ئېچىش ئالىملارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان  مەسىلىگە ئايلانغان. بۇ مەسىلىگە ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر دانىيەلىك تۈركولوگ ۋ. تومسېن بىلەن رادلوف بولدى.  ئۇلار ئىككىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بۇ يېزىقنىڭ سىرىنى ئېچىشقا كىرىشكەن.  تومسېن مەڭگۈ تاشلارنىڭ فىن مەتبۇئاتلرىدا ئىلان قىلىنغان  فوتۇسۈرىتىگە ۋە رادلوفنىڭ ئاتلىسىغا تايىنىپ بۇ يېزىقىنىڭ سىرىنى يەشكەن ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى 1893- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى دانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. تومسېن بۇ نەتىجىسىنى يەنە مەكتۇپ ئارقىلىق رادلوفقا بىلدۈرگەن. تومسېننىڭ غەلىبىسى تۈركولوگلار ئارىسىدا قاتتىق ھاياجان قوزغىغان. بۇ چاغدا رادلوفمۇ 11 ھەرپنىڭ تاۋۇشىنى ئېنىقلاپ بولغانىدى. تومسېن مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەتنى ۋە تەرجىمىسىنى 1896- يىلى ئىلان قىلغان. لېكىن، رادلوف   تومسېننىڭ  نەشرىنى كۇتۇپ ئولتۇرماي، 1894- يىلى ئۇنىڭ بىكىتكەن ئالفابە سىستېمىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق مەڭگۈ تاشلارنىڭ پۈتۈن تېكىستىنى ئوقۇپ چىققان. بۇ ھەقتىكى تۇنجى تەجرىبىسىنى<<موڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى تۈركچە ئابىدىلەر-شاھزادە كۆل تېگىن ئابىدىسى-Ⅰ>> دېگەن نام بىلەن 35 بەتلىك بىر  بىراشۇرا قىلىپ بېسىپ كەسپداشلىرىغا  تارقاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېكىستىنى نېمىسچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلغان. رادلوف تۈرك تىلى ۋە تارىخى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ مەڭگۈ تاشلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى بىر قۇر ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 1897- يىلى بۇ ئابىدىلەرنىڭ يېڭى بىر نەشرىنى ئىلان قىلغان. بۇ نەشرىدە مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەتنى ۋە تەرجىمىسىنى بىرىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ تىلىنى فونېتىكا ۋە گرامماتىكا نوقتىسىدىن تەتقىق قىلغان. خاتىمە سۈپىتىدە ئەسەرگە بىر سۆزلۈكنىمۇ ئىلاۋە قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ كەينىگە يەنە ۋىلھېلم بارتولدنىڭ <<قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى>> دېگەن ماقالىسىنىمۇ قوشۇپ ئىلان قىلغان. 1897- يىلى رادلوف ف. م. مېلىئورانسكىي بىلەن  بۇ ئەسەرنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى <<قوشۇ سايدامدىكى قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى>> دېگەن نام بىلەن  ئىلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا 1897- يىلى د. كلېمېنتزنىڭ ئايالى ئې. كلېمېنتز تاپقان تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ھەققىدىكى كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭدا ئابىدىنىڭ تىرانسكرىپسىيەسىنى ۋە ئۇنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسنى ئىلان قىلغان. ئەسەرنىڭ كەينىگە ف.ھىرت بىلەن ۋ. بارتولدنىڭ بۇ ئابىدىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ماقالىلىرىمۇ بىرىلگەن. رادلوف يېنىسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان 40 ئابىدىنىڭ، خويتۇ تامىردىن تېپىلغان 10 ئابىدىنىڭ، موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان 6 ئابىدىنىڭ تېكىستىنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان، تەرجىمە قىلغان، سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىسىنى ئىشلىگەن ئالىمدۇر. رادلوف قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى ھەققىدە يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە داۋام قىلغان.

رادلوفنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ تۈركولوگىيە تارىخىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن تۇتىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدىن تۈرلۈك  تىل – يېزىقتىكى قەدىمكى ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى بىلەن شەرقشۇناسلار ئارىسىدا شىنجاڭ قىزغىنلىقى كۈچەيگەن. فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، چار رۇسىيە، شىۋىتسىيە  ۋە ياپونىيە قاتارلىق  دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، تۇرپان، كۇچا، خوتەن ۋە دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن قەدىمكى ۋەسىقىلەرنى تاپقان. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ چار رۇسىيەنىڭ تۈرلۈك ناملاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن توپلانغان ۋەسىقىلەرنىڭ ھەممىسى پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تاپشۇرۇلغانىدى. بۇ ۋەسىقىلەر رۇسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئاساس ھازىرلىغانىدى. چار رۇسىيەدە يىتىشكەن ئالىملار ئىچىدە ئەڭ دەستلەپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە زىيارەت دوكلاتى يازغىنى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزگىنى چوقان ۋەلىخانوف(1837-1865) بولدى. لېكىن، چوقان ۋەلىخانوف ناھايىتى ياشلا ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە  كۆپ نەرسە مىراس قالدۇرالمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ رۇسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كىلىشىدە يول ئاچقۇچى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلى تەۋەسىدە ۋە قاپالدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ماتېرىيال توپلىغان رادلوفنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى مەخسۇس بىر ساھەنى تەشكىل قىلغان. 19- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە رادلوفنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى قولغا ئېلىشى بىلەن بۇ ساھە ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچىيىشكە باشلىغان. شۇ مەزگىلدە شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئىزلاردا بايقالغان ۋەسىقىلەر پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ ساھەدە يىتەكچى رول ئوينىغان كىشى يەنىلا رادلوف بولدى. رادلوفنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتى  1898- يىلى باشلانغان. شۇ يىلى رادلوف پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەۋەتكەن بىر ئۆمەككە باشچىلىق قىلىپ تۇرپانغا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە كەلگەن. رادلوف قولغا ئالغان ۋەسىقىلەر ئىچىدە بۇددا، مانى دىنلىرىغا ئائىت قول يازمىلاردىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ھۆججەتلەرمۇ بار ئىدى. رادلوف 1899- يىلى <<تۇرپاندا بايقالغان قەدىمكى ئۇيغۇرچىغا ئائىت تىل تەتقىقاتلىرى>> دېگەن ئەسىرىنى، 1906- يىلى ئا. گرۈنۋېدېلنىڭ ساياھىتى مەزگىلىدە تېپىلغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى ۋە <<12- ئەسىرگە ئائىت بىر ئۇيغۇرچە تېكىست>> دېگەن ئەسىرىنى، 1909- يىلى <<خۇئاستۇئانىفىت>>(<<مانى دىنى تۆۋە دۇئاسى>>)نى، 1910- يىلى <<تىشاستۋوستىك>>نى، 1911- يىلى <<سەككىز يۈكمەك>> ۋە <<كۇئانشى ئىم پۇسار>>نى ئىلان قىلغان. يەنە 1909-1912- يىللاردا قەدىمكى ئۇيغۇرچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان <<قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى>> دېگەن ئالتە توملۇق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا رادلوف <<ئالتۇن يارۇق>> دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەتقىق قىلىشتىمۇ باشلامچى شەخس بولدى. 1913-1917- يىللاردا رادلوف ئوقۇغۇچىسى مالوف بىلەن بىرلىكتە <<ئالتۇن يارۇق>>نىڭ ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن تىزدۇرۇلغان مەتنىنى ئىلان قىلغان. ئارقىدىنلا رادلوف يەنە ئۇنىڭ مەتنىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلغان.   

رادلوف نەشرگە تەييارلاپ ئىلان قىلغان دىندىن خالى ھۆججەتلەر ئىچىدە  قانۇنىي ھۆججەتلەر ناھايىتى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭ ئا. گرۈنۋېدېلنىڭ  1902-1903- يىللاردا تۇرپاندىن تاپقان ھۆججەتلىرى ئاساسىدا نەشر گە تەييارلىغان <<ئۇيغۇرچە يازمىلاردىن پارچە>>(مەتىن ۋە تەرجىمە) دېگەن ئەسىرىدە 24 پارچە قانۇنىي ھۆججەت ئىلان قىلىنغان. ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بەزى ئەسەرلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشىر قىلدۇرۇلغان.  

رادلوف 1918- يىلى 5-ئاينىڭ 12- كۈنى پېتېربۇرگدا ئالەمدىن ئۆتكەن، جەسىتى شۇ شەھەردىكى پروتېستان قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. رادلوف ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، پېتېربۇرگدا ۋ.ۋ.بارتولد يىتەكچىلىك قىلغان <<رادلوف شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى>>  قۇرۇلغان.  جەمئىيەت ئەزالىرى ھەر ئايدا بىر قېتىم يىغىلىپ، رادلوف ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  1926- يىلى باكۇدا ئېچىلغان تۈركولوگىيە كونگرېسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى، گېرمانىيە بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورگان بىرلىشىپ رادلوفنىڭ <<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دېگەن ئەسىرىنىڭ تۈزۈتىلگەن ۋە تولۇقلانغان يېڭى نەشرىنى ئىلان قىلىش  ۋە ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ئىش ئاخىرقى ھېساپتا ۋۇجۇتقا چىقمىغان . 1928- يىلى رادلوفنىڭ ئوقۇغۇچىسى مالوف ئۇنىڭ <<ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر توپلىمى>> دېگەن ئەسىرىنى ئىلان قىلغان. بۇنىڭدا ھەر خىل تېمىدىكى ۋەسىقىلەردىن  100 پارچىدىن ئارتۇق (رەشىد رەھمەتى ئارات 102 پارچە ھۆججەت بىرىلگەن دېسە، ئۆزقان ئىزگى 128 پارچە ھۆججەت بىرىلگەن ، ئۇنىڭ 104 پارچىسى قانۇنىي ھۆججەتتۇر، دەيدۇ) ھۆججەتنىڭ مەتنى ۋە تەرجىمىسى بىرىلگەن بولۇپ، بۇ  ھازىرغا قەدەر ئىلان قىلىنغان ئەڭ چوڭ ۋەسىقە مەجمۇئەسىدۇر.(8) مالوف يەنە 1930- يىلى <<ئالتۇن يارۇق>> نىڭ رادلوف ئىشلىگەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى ئۇنىڭغا بىر كىرىش سۆز قوشۇپ نەشىر قىلدۇرغان. 1930- يىلى بارتولد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، <<رادلوف شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى>>گە سامويلوۋىچ مەسئۇل بولغان. سامويلوۋىچ 1936- يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان <<3- قېتىملىق تۈرك تىلى كونگرىسى>> گە قاتناشقانلىقى ۋە يىغىن مەزگىلىدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن، 1937- يىلى ستالىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن .سامويلوۋىچ 1938- يىلى 2- ئاينىڭ 13-كۈنى مىلتىق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.  ھەمدە <<رادلوف شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى>>نى تارقىتىۋەتكەن. شۇ يىلى يەنە ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 20 يىلچە بولغان رادلوفقا <<تۈركىي خەلقلەرنى ئويغاتقان ئەڭ چوڭ جاسۇس>>، <<گېرمانىيەنىڭ شىپىيونى>> دېگەن  گۇناھ ئارتىلىپ، ئەسەرلەردە ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن. رادلوفنىڭ نامى 1953- يىلىدىن باشلاپ ئىلمىي ئەسەرلەردە قايتا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. رادلوف ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا خەلقلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ لېنىنگراد شۆبىسى 1968- يىلى 6- ئاينىڭ 11- 14- كۈنلىرى بىر كونفېرانس ئويۇشتۇرغان. پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركولوگلىرىلا قاتناشقان بۇ كونفېرانستا 15 پارچە ماقالە  ئوقۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئا.ن. كونونوف، م.س.شىلچېنكو، س.ئى.ۋاينشتەين، س.گ.كلياشتورنىي، ئى.ر. تېنىشېف، ل.يۇ.تۇگۇشېۋا، ئا.م.شېرباك، د.م. ناسىلوف، گ.ف،بلاگۇۋا ۋە ن.ئا.دۇلىنا قاتالىقلار ئالىملار تەرىپىدىن يېزىلغان 9 پارچە ماقالە  بىۋاسىتە رادلوفقا بېغىشلانغان. <<سوۋېت تۈركولوگىيەسى>> ژورنىلىنىڭ 1971- يىللىق سانىمۇ رادلوفقا بېغىشلانغان ۋە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ماقالىلارمۇ  مۇشۇ ژورنالدا ئىلان قىلىنغان. رادلوف ۋاپاتىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە تۈرك تىل قۇرۇمى 1988- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنقەرەدە  <<ۋىلھېلم رادلوفنى خاتېرىلەش كۈنى>> نامىدا مەملىكەتلىك يىغىن ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىندا ئاھمەت تەمىر، ھاسان ئەرەن، زەينەپ كوركماز، نۇرى يۈجە ۋە ئوسمان فىكرى سەرتكايا  قاتارلىقلار رادلوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇغان. بۇ ماقالىلار <<تۈرك تىلى>> ژورنىلىنىڭ شۇ يىلى نەشىر قىلىنغان 444-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

رادلوفنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە قانچىلىك تۆھپە ياراتقانلىقى ئايرىم تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. رادلوفنىڭ تەتقىقاتلىرى ئومۇمەن ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەش، سۆزلۈك تەتقىقاتى، سېلىشتۇرما گرامماتىكا تەتقىقاتى ۋە ساياھەت ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئىبارەت تۆت ساھەگە ئايرىلىدۇ. رادلوف 1858- يىلىدىن 1918- يىلىغىچە 60 يىل تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىلان قىلغان.  1866- يىلىدىن باشلاپ تاكى ئالەمدىن ئۆتكەن يىلىغا قەدەر ئۇنىڭ ئەسىرى ئىلان قىلىنمىغان بىرمۇ يىل يوق. رادلوف 1859- يىلى ئالتاي تاغلىق رايونىغا كېلىشتىن بۇرۇن رۇسىيە ۋە ياۋروپا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىملار ئىدىل –ئۇرال بويلىرى، يەتتە سۇ ۋە ئىلى ۋادىسى، ئالتاي، سىبىرىيە ۋە موڭغۇلىيەدىكى تۈركىي قەۋملار  ھەمدە ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپ نەرسىنى بىلمەيتتى. تىلشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمۇ پەقەت نەزەرىيىۋىي بىلىملەر ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ھەم يۈزەكە ھەم ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۈۋەن بولغان  بەزى مەلۇماتلار بىلەن چەكلەنگەن. رادلوف ئەمەلىي تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق رۇسىيە ھەم ياۋروپا ئىلىم ساھەسىگە ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە سىبىرىيەدە قانداق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتنوگرافىيەسى ۋە ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تۇنجى قېتىم كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات بەرگەن. بۇ مەلۇماتلار ئۆز نۆۋىتىدە تۈركولوگىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، بولۇپمۇ تۈركولوگىيەدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغان. شۇڭا، بىر مۇنچە ئالىملار تۈركولوگىيە تارىخىنى <<رادلوفتىن بۇرۇنقى>> ۋە <<رادلوفتىن كېيىنكى>> دېگەن دەۋرلەرگە ئايرىپ بايان قىلىدۇ ۋە رادلوفنىڭ قازاندىن پېتېربۇرگقا بارغان ۋاقتىنى تۈركولوگىيە تارىخىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى، دەپ قارايدۇ.(9) رادلوفنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى ئالدى بىلەن تۈركولوگىيە ساھەسىنى ئەڭ مول، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان ئەمەلىي تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدۇر. ئەملىيەتتىمۇ ئۇنىڭ <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> ۋە <<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دېگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە ئۈچۈن ئانا ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ. رادلوفنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئىككىنجى مۇھىم تۆھپىسى بولسا ئۇنىڭ رۇسىيەدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلانغانلىقىدۇر. رادلوف تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورخۇن تۈركچىسى دەۋرى، ئىدىقۇت ۋە قاراخانىيلار دەۋرى ، چاغاتاي تىلى دەۋرىگە ئائىت ھەر خىل ۋەسىقىلىرىنى قولغا ئالغان ۋە تۈركىي تىل تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەردىن كېيىنكى <<ئۈچىنجى دەۋر>>نى تەشكىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ 1890-يىلىدىن 1918- يىلىغىچە بولغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە رادلوف ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى مەتىن، تەرجىمە، گرامماتىكا ۋە سۆزلۈكلەر نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ۋە بۇ ساھەدىكى بىر يۈرۈش ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرشۇناسلىقنى رۇسىيە تۈركولوگىيەسىدە رەسمىي بىر ساھە قىلىپ تۇرغۇزغان. بۇ ساھەنىڭ شەكىللىنىشىدە يەنە پانتاسوف(1849-1909)، گرۇم گرجىمايلو(1860-1936) ۋە  كاتانواف(1862-1922) قاتارلىقلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. رادلوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنى ئوقۇغۇچىسى س.ئې. مالوف داۋاملاشتۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھە رۇسىيەدە خېلى كۆپ تەرەپدارلىرى بولغان بىر ئىلىم تارمىقى سۈپىتىدە ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە. رادلوف تۈركولوگىيەنىڭ چەكسىز بىر ساھە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا زور ھەسسە قوشقان ۋە بۇ ساھەدە دەۋر ئاچقان بىر شەخس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى پەقەت تۈركولوگىيە پېنىدە ئىشلەنگەن بىر كىشىلىك خىزمەت ياكى بىر  تەجىرىبە  دەپ بىلگەن. ئۇ <<مەن ئۆمۈر بويى يېڭى بىر ئىلىم بولغان تۈركولوگىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشىدىم ۋە كۈچىمنىڭ يىتىشىچە بۇ ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى  ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم. شۇڭا، مىنىڭ تەتقىقاتلىرىم، باشقىلارنىڭ ياردىمىگىمۇ مۇھتاج بولغان بۇ ئىلىمنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن بىر ئۇلتاش بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس>>(10) دېيىش ئارقىلىق تۈركولوگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئالىملارنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رادلوف تۈركىي قەۋملەرنىڭ كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كەڭ جۇغراپىيەلىك ساھەلەرگە يېيىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئېتنىڭ مەنبەسى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر قەۋمنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يەككە يىگانە ھالدا تەتقىق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا  ئىلىم ساھەسىدە بۇ مەسىلىلەرگە  ئالاقىدار تېمىلارنى  <<تۈركى>> دېگەن بىر نام ئاستىدا تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەسەببۇس قىلغان ۋە ئۆزىمۇ تۇنجى بولۇپ بۇ نامنى قوللانغان.

تۈركولوگىيە تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، رادلوفنى <<دەۋرى ئۆتكەن شەخس>> دەپ قاراپ، ئىنكار قىلغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۆبھىسىزكى، بۇ خىل قاراش رادلوفنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى ئۈچۈن قىلغان ئەجرى ۋە قالدۇرغان ئىلمىي مىراسلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققانىدى. ھەقىقەتەن، رادلوفنىڭ تەتقىقاتلىرىدا بەزىدە ئېغىر خاتالىقلارمۇ سادىر بولغان. رادلوفنىڭ ئىلىمگە ۋە تەتقىقاتقا بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاندىن سىرت، قولغا ئالغان تېمىلىرىمۇ كەڭ دائىرلىك بولغان. بۇ ئەلبەتتە بۈيۈك بىر روھتۇر. لېكىن، رادلوفتا  بەزى تېمىلارنى ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىشلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا بەزىدە يۈزەكىلىك ۋە خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈشىگىمۇ سەۋەپ بولغان. مەسىلەن، ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئاتلىسىنى ئىشلەشتە تازا ئەستائىدىل بولالمىغان. بۇ ئابىدىلەرنىڭ تېكىستىنىمۇ ئالدىراپ ئىشلىگەچكە، ناھايىتى كۆپ  خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. شۇڭا، بۇ تەرجىمە تومسېننىڭ تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرغاندا پايدىلىنىش قىممىتى تۈۋەن بىر ئەسەرگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ھەر بىر ئەسەردىن بىر خىل شىۋە ئىزدەيدىغان مېتود خاتالىقىنىمۇ سادىر قىلغان بولۇپ،  بۇ ئۇسۇل ئۇنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا قاتتىق تەنقىدكە دۇچار قىلغان. يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ مەتنىنى ئىشلەشتە ئۇنىڭ تىلىنى ئالتايچىغا يېقىنلاشتۇرۇش خائىشى ئېغىر بولغان. مەسىلەن، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتنىنى دەل ئالتاي شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەچكە، بۇ ئەسەرمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ دەۋردىكى شەكلىنى كۆرسىتىپ بىرەلمىگىنىدەك، ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولغانلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا تۈركچە ئەسەرلەرنىڭ  مەتنىنى تۇرغۇزۇشتا پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ۋە تۈركىي تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىنى تولۇق ئىپادە قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان تىرانسكرىپسىيە ئۇسۇلىنى تەتبىق قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى بىر قۇسۇر ھېساپلىناتتى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن رادلوفنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتكىنى بولمايدۇ.  ئىلىم يولى بىر تەرەققىيات يولىدۇر ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىدۇر. شۇڭا، ئىلمىي تەتقىقاتلاردا خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئەھۋال. مۇھىمى ئىنسان ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قانداق قاراش مەسىلىسىدۇر. رادلوفمۇ بىر ئىلىم ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خاتالىقلىرى ھەققىدە تەنقىت بىرىلگەن ھامان ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلغان، كېيىن ئۆزى ھېس قىلغانلىرىنىمۇ تۈزەتكەن.  بۇ ئارقىلىق ئىلىمنىڭ تېخىمۇ توغرا نەتىجىلىرىگە دادىللىق بىلەن قوچاق ئاچقان. رادلوفنىڭ  سادىر قىلغان بەزى خاتالىقلىرى ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرى دەۋرداشلىرىدىن تومسېن ۋە كېيىنكىلەردىن س. ئى. مالوف، ئا.ن. سامويلوۋىچ، رەشىد رەھمەتى ئارات، ئې.ك.پېكارسكي، ئى.يۇ.كراچكوۋسكىي، ك.ك.يۇداخىن، ن.ك.دمىترىيېف ۋە مەھمەت ئۆلمەز قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزىتىلگەن ۋە تولۇقلانغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار رادلوفقا باھا بەرگەندە شۇ دەۋرنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنى ۋە تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە تەھلىل قىلغان ۋە  رادلوفنىڭ تۈركولوگىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشقان  ۋە بۇ ساھەنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئىرىشكەن بۈيۈك بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى بىردەك ئىتىراپ قىلغان. دېمەك، رادلوف تۈركولوگىيە تارىخىدىكى بۈيۈك بىر سىمادۇر. ئۇنىڭ ئوبرازى كېيىنكى ۋاقىتلاردا يىتىشكەن نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرىگە ئىلھام ۋە ئۆرنەك بولدى، ئەسەرلىرى مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىگە ئايلاندى. تۈركىيەدە ئۇنىڭ <<سىبىرىيەدىن>>، <<تىشاستۋوستىك>>،<<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دېگەن ئەسەرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسى  يېزىلغىنىدەك، قازان تاتارلىرىدىن يىتىشىپ چىققان ۋە دۇنياغا مەشھۇر ئالتايشۇناسلاردىن بىرى بولغان ئاھمەت تەمىر 1991- يىلى تۈركىيە تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن <<تۈركولوگىيە تارىخىدا ۋىلھېلم رادلوف دەۋرى>> دېگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىپ يېزىلغان بۇ كىتاپنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىدە رادلوفنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئىلمىي ھاياتى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنىڭ قىسقىچە بىر تارىخى بىرىلگەن. ئەسەرنىڭ ئىككىنجى بۆلۈمىدە رادلوفنىڭ ئىلمىي ئوبرازى <<ئۆرنەك>>، <<سۆزلۈك>>، <<سېلىشتۇرما گرامماتىكا>> ۋە <<ساياھەتنامە ۋە زىيارەت دوكلاتلىرى>>دىن ئىبارەت تۆت ماۋزۇ ئاستىدا تەتقىق قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا رادلوف ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر بىرىلگەن. ئۈچىنجى بۆلۈمىدە بولسا رادلوف ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىيوگرافىيەسى يىل تەرتىۋى بويىچە كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسەرلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە ئىشلەنگەن ئىندېكسى بىرىلگەن. ئاھمەت تەمىر بىر تىلشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەسىرىدە رادلوفنىڭ پەن تارىخىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> ۋە <<تۈرك شىۋىلىرى لۇغىتىنىڭ تەجرىبىسى>> دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ تۈركولوگىيەنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىمۇ شاھ ئەسەرلەر ھېساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتېرىلەش مۇناىسىۋىتى بىلەن 2008- يىلى 5- ئايدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن <<مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ دەۋرى>> نامىدىكى <<2- قېتىملىق خەلقارا تۈركىيات تەتقىقاتلىرى سېمپوزيۇمى>>غا قاتناشقان ۋاقتىمدا، تۈركىيەنىڭ سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئۇفۇك دەنىز ئاشچى دېگەن بىر تەتقىقاتچىنىڭ يىغىن ئەھلىگە سۇنغان <<مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن رادلوفنىڭ لۇغەتچىلىگى>> دېگەن  ماقالىسى ناھايىتى دىققىتىمنى تارتقانىدى. سامويلوۋىچنىڭ <<مەھمۇد كاشغەرىي 11- ئەسىرنىڭ رادلوفىدۇر>>(11) دېگەن سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بۇ ماقالىدا  ئۇفۇك ئەپەندى مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن رادلوفنىڭ لۇغىتى  ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان، يەنى ئۇ ئىككى ئالىمنىڭ ياشىغان شارائىتى، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل تەكشۈرۈش جەرىيانى، لۇغەت تۈزۈشتىكى مەخسىتى، مېتودى ۋە ئۆرنەك قىلغان مەنبەسى،   ئىككى لۇغەتنىڭ ھەجمى، ئوخشاشلىقى، پەرقى ۋە ئىلمىي قىممىتى ھەمدە تىلشۇناسلىق  ۋە لۇغەتچىلىك تارىخىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان، ئاخىرىدا ھەر ئىككى لۇغەتنىڭ ئۆلۈمسىز ئەسەرلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كېيىنكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىمىزدە بىز رادلوفنىڭ <<تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> ۋە <<سىبىرىيەدىن>> دېگەن ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئومۇمىي مەلۇماتلارنى  ئىلمىي مۇھىتىمىزغا سۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىمىز.

ئىزاھلار

(1) ئاھمەت تەمىر : <<تۈركولوگىيە تارىخىدا ۋىلھېلم رادلوف دەۋرى>>(ھاياتى، ئىلمىي ئوبرازى ۋە ئەسەرلىرى)، تۈركچە،84-85 -بەتلەر، 1991- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.

(2) ئاھمەت تەمىر : يۇقىرىقى ئەسەر،  74- بەت.

(3) ئاھمەت تەمىر : يۇقىرىقى ئەسەر،  85-بەت.

(4) لى زېڭشياڭ : <<تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان>>، خەنزۇچە،  329-بەت، 1992- يىلى، بېيجىڭ، مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى.

(5) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<تۈركولوگىيە>> ماددىسى)، تۈركچە، 32- جىلد، 456-بەت، 1983- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(6) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى>>(<<رادلوف>> ماددىسى)،27- جىلد، 193-بەت، 1978- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.  

(7) ھاسان ئەرەن : <<تۈركولوگىيە لۇغىتى>>(چەتئەللىك تۈركولوگلار-ۋىلھېلم رادلوف)، تۈركچە، 265-بەت، 1998- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.

(8) رەشىد رەھمەتى ئارات : <<ماقالىلار>>(Ⅰ)، تۈركچە، 515-بەت، 1987- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى، نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئوسمان فىكرى سەرتكايا.  

(9) دىمىترىي ۋاسىلىيېف : <<تۈركولوگىيەدە رادلوف دەۋرى>>، تۈركچە، 9- بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە،  تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئاگېنتلىقى(تىكا).  

(10) ئاھمەت تەمىر : يۇقىرىقى ئەسەر، 72- بەت.

(11) ۋ.ۋ.بارتولد : << <رادلوفنىڭ لۇغىتى>نى يېڭىدىن نەشر قىلىش مەسىلىسى>>، <<تۈركىيات مەجمۇئەسى>>، تۈركچە، 2- جىلد، 385-387-بەتلەر، 1928- يىلى، ئىستانبۇل.  

        

  قا



[①]   بۇ ئەسەرنىڭ ھەر بىر تومى ئايرىم بىر تۈركىي قەۋمگە بېغىشلانغانلىقتىن،  ئۇنىڭ بەزى قىسىملىرى <<شىمالىي تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>> ياكى <<جەنۇبىي سىبىرىيە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر>>  دېگەن ناملار بىلەنمۇ  ئاتالغان. –ئا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 02:10 AM  


"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1893
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13112
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3898 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 10:11:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ۋە بىر سائەتلىك تارىخ دەرسى ئاڭلىغادەك ھىسسىياتقا كەلدىم، بۇنىڭدىن 25 يىل ئاۋال ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىم يار مۇھەممەت تايىر رادىلوپنىڭ تۈركىلوگىيە تەتقىقاتى ھەققىدە تولىمۇ ئەتىراپلىق بىلىم بەرگەن ئىدى....

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17171
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:33:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن.

تەشەككۇر~

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5978
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:58:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  مەنمۇ بىر تۈركلوگىيە دەرىسى ئاڭلىغاندەك بولدۇم،،،،،
روسلاردىنمۇ مۇسىۇنداق ئىنسانىي كۆزقارىشى بار ئادەملەرمۇ باركەن،،،،
سۆيۈندۈم،،،،،،
لىكىن بىز نىمىشقا قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ،قەدىمىي تۈرك تىلى ،تۈرك ۋارىيانتلىرى، تۈركچە دەرىسىنى ئۈگۈنمەيمىز ،،،  بۇد دەرىسلەرنى مائارىپىمىزغا كىرگۈزمەيمىز ؟؟؟؟
نىمىشقا،،،،زامان شۇنچە تەرەققىي قىلدى،،،بۇ دەۋىرلەر بىزنىڭ تىل كانلىرىمىزنى ئىچىپ، ، مەنىۋىي،تىل قازىناقلىرىمىزغا ھوسۇل تودۇرىدىغان مەزگىللىرىمىز ئىدى،،،
بىز نىمۇ ئۈچۈن بۇ ھازىر ئانا  تىمىزنى قوغدادىغانغا چۈشۈپ قالدۇق؟؟؟؟؟
بۇ نېمە جاھان بۇ ؟؟؟؟؟؟

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 12:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىشىنى بىلمەيدىكەنمەنتۇق، ئازراق بولسىمۇ چۈشنىۋالدىم. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!
مەن ئەسلى رادلوف دىگەننى ئادولىف گىتلېرمىكى دەپ ئوقۇپ كىتىپتىمەن توۋا...ھەي كالۋالىقىم

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 03:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا بۇ كىشىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قول قويغان، تاشكەنتتە ئوقۇغان بىر ئۇستازىمىز رادلوفنىڭ ئەسەرلىرىدىن دائىم مىسال ئالاتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ رۇس ئالىمىنى ھۆرمەتلەشكە باشلىدىم، چوڭ بولغاندىن كىيىن بۇ تۈركلوگىنىڭ تۈركىي تىللارنى،تۈركىي خەلقلەرنى تەتقىق قىلىپ، بەزى پەرىقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا ئايرىم ئىسىم قويۇپ، تۈركىي خەلقلەرنى پارچىلاشتا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندىم، ھۆرمىتىم نەپرەتكە ئايلاندى.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 06:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاران ئۇقۇپ بوپتىمەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى دىگەن ئاتالغۇنى ئېنىقراق قىلىپ چۇشەندۈرۈپ قويساڭلارچۇ؟

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى دىگەن ئاتالغۇنى ئېنىقراق قىلىپ چۇشەندۈرۈپ قويساڭلارچۇ؟

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 02:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رادلۇف تۈركى مىللەتلەر تارىخى ھەققىدە گەپ بۇلۇنسا، ئەسەرلىرى ھۈججەتلىك ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش