مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 762|ئىنكاس: 4

داڭلىق ئۆزبېك يازغۇچىسى فۇرقەت ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79085
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2013-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فۇرقەت ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى قەلبلېرىمىزدە
مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.
پەيزىللا ئىساقجان
(فۇرقەت تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن )

شىنجاڭ ئوزبېك مەدەنىيەت توربىكىتى   
بۇنىڭدىن 150 يىل ئىلگىرى يەنى 1858 – يىلى شىنجاڭ ئۆزبېك ئەدىبىياتى ئاسمىنىدا بەرق ئۇرۇپ چاقنىغان يۇلتۇز، ئۆزبېك شىئېرىيەت گۈلزارىدىكى بىر گۈلدەستە،شىنجاڭ يىقىنقى زامان ئۆزبېك ئەدىبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى زاكىرجان خالمۇھەممەت ئوغلى فۇرقەت ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قوقان شەھرىدە دۇنياغا كەلدى، فۇرقەت ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئۇنىڭ ئاتىسى خالمۇھەممەت جانمۇ مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا ، ئوغلىنى مەھەللىدىكى خۇسۇسى مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ، فۇرقەت 1864 – يىلدىن 1875 – يىلغىچە بۇ مەكتەپنى ۋە مەدىرىسنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئوقۇشلېرىدىن باشقا يەنە ئۆزبېك ۋە تاجىك كىلاسسىك ئەدىبىياتىغا قىززىقىپ نەۋائىي، جامى، ھاپىز شېرازى، بېدىل، بابۇر ۋە فۇزۇلى قاتارلىق ئۆزبېك، فارىس ۋە ئەزەر بەيجان كىلاسسىك شائىرلېرىنىڭ ئەسەرلېرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپپەككۇر ئەلىشىر نەۋائىغا ئىنتايىن زور مۇھەببەت بىلەن قاراپ ئۇنىڭ ئەسەر لېرىنى چۇڭقۇر ۋە ئىژتىھات بىلەن ئۈگۈنىدۇ، شەرىق پوئىزىيىسىنىڭ باي ئىجادىي تەجرىبىسى بىلەن چۇڭقۇر تونۇشۇپ چىقىدۇ ۋە تىرىشىپ ئۈگۈنىدۇ، مەدرىسە يېپىلغاندىن كىيىن فۇرقەت قوقاندا مۇقىمىي رەھبەرلىكىدە تەشكىل قىلىنغان ئەدەبىي تۈگۈرەككە قاتنىشىدۇ، بۇ دەۋىردە فۇرقەت 24 ياشتا بولۇپ خېلى كۆپ شىئېرلار يېزىش بىلەن بىللە بەدىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ،ئۇ مەشھۇر« چاھار دەرۋىش(تۆت دەرۋىش)»قىسسىسىنى پارىسچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ ۋە يەنە ئۆزىنىڭ «ھەممامى خىيال(غەملىك خىياللار)»«نوھ مەنزەر» (پىغانلىق تەسۋىرلەر) ئەسەرلېرىنى يارىتىدۇ، ئۇ دەۋىردە قوقاندىكى ئەدىبىي مۇھىت، ئۇنىڭ خەلق ئاممىسى ئىچىگە چۇڭقۇر چۆكۈشى، مۇقىمى، زەۋقى قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك شائىرلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىش ۋە ئىجادىي ھەمكارلىق فۇرقەتنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار، ئىستىداتلىق شائىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا ناھايىتى زور ۋە مۇھىم رول ئوينايدۇ، فۇرقەتنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراشتا بولۇپ، رىياكسيون ھۆكۈمران دائىرىلەر بىلەن سەلبى مۇناسىۋەتتە بولىشى ئۇنى ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ فۇرقەت 1891 – يىللىرى چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىدۇ ۋە كىيىن 1893 – يىلىنىڭ باشلېرىدا ھىندىستاندىن ئىلىمىزنىڭ تىبەت ئاپتۇنۇم رايۇنى ئارقىلىق شىنجاڭغا كېلىپ يەكەن ناھىيىسىدە تۇرغۇن بولۇپ قالىدۇ. فۇرقەت ئۆز ۋەتىنى بولغان ئۆزبېكىستاندىن چىقىپ كېتىپ چەتئەللەردە 20 مىڭ كىلو مېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماستىن ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن غۇربەتتە، غەم – غۇسسىلەر ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ، مېھنەتكەش خەلىقنىڭ چەككەن جەبرۇ – جاپالېرى، ئېزىلىشلېرى ئەشۇ يۇرۇتلاردا جۈملىدىن يەكەندىمۇ مېھرى دەريا شائىرنى قاتتىق رەنجىتىدۇ، ئۇ ۋەتەن ۋە خەلق مۇھەببىتىنى كۈيلەيدىغان، ئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەشكۈچى خەلقنى مەدىيلەيدىغان ئوتلۇق شىئېرلار ۋە ماقالىلەرنى يازىدۇ، ئۇنىڭ ئىجادىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن غايىلار، پارلاق پىكىرلەر خەلق دەردىگە مەلھەم بولىدۇ، ئۆز ۋەتىنىگە مۇھەببەت، دوستلۇق، خەلق سۆيەرلىك تۇيغۇلېرى فۇرقەتنىڭ بۇ دەۋىردىكى ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ، فۇرقەت قانچە مەملىكەتلەردە بولۇپ، قانچە – قانچىلىغان يەرلەرنى كەزمىسۇن، ھەممە يەردە ئوخشاشلا جەبرى – زۇلۇمغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇ مېھنەتكەش خەلىقنىڭ ئەلەملىك ئىزتىراپلىق دەردىگە شېرىك بولىدۇ، بۇنى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شىئېرى پارچىسىدىن رۇشەن كۆرەلەيمىز؛
ئچىم قان ئۆلدى دەۋران غۇسسەسىدىن،
بۇ دەۋران ئىچرە ھىجران غۇسسەسىدىن.
كېلىپمەن بىر دۇماغىم چاغ ئېتەيدېب،
كۆڭۈلنى دەردۇ غەمدىن ساغ ئېتەيدېب.
فۇرقەت ھەممىلا يەردە زاماننىڭ تۈرلۈك ئازاپ – ئوقۇبەتلېرىگە دۇچ كىلىدۇ، مەنىۋى شاتلىق، خۇررەملىك يۈزىنى كۆرمەي ھەسرەتتە يانىدۇ، ئۇ چەتئەللەردىكى چاغلېرىدا ۋەتەندىكى مۇقىمىي قاتارلىق قەدىردانلېرىغا خەت يېزىپ خەۋەرلىشىپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنۇتمايدۇ.
فۇرقەت ھاياتىنىڭ جەۋرى – زۇلۇملېرىدىن بېزىپ يۇرتى پوسكامدىن ئايرىلىپ كەشمىرگە بېرىپ قالغان سەدۇللا ئىسىملىك شائىر بىلەن كەشمىردە تونۇشۇپ دوستلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يەكەنگە كېلىش سەپىرىدە «سەيدىڭ قويا بېر سەييات» دەپ باشلىنىدىغان مۇخەممەسنى يارىتىدۇ، بۇ شىئېر فۇرقەت لېرىكىسىنىڭ مەشھۇر نەمۇنىلېرىدىن بىرى، شائىر شىئېرىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى بولۇپ، فۇرقەت بۇ شىئېرىدا  ئۆزىنىڭ ئازاتلىق ئارزۇلېرى، ئېرىك ئىددىيىلېرېنى چۇڭقۇر بەدىي ماھارەت، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ، شائىر بۇ مۇخەممەسىدە ئاھۇ(كىيىك)ۋە سەيياد (ئوۋچى) ئۈستىدە؛
سەيدىڭ قويە بېر سەيياد سەييارە ئىكەن مېندېك،
ئال دامىنى بوينىدىن بېچارە ئىكەن مېندېك.
ھىجران ئوتىدەن جىسمى كۆپ يارە ئىكىن مېندېك،
كۆيگەن جىگەرى – بەغرى سەدفارە ئىكەن مېندېك.
دەپ پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھەريەرلەردە تۇتقۇنلۇنتا، مۇدھىش ئاسارەتتە قىينالغان ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى، ئۇلار تەغدىرىنىڭ ئۆز تەغدىرى بىلەن ئوخشاشلىقىنى مانا شۇ «كىيىك» ئوبرازى بىلەن، رەھىمسىز ئەزگۈچى سىنىپلارنى بولسا «ئوۋچى» ئوبرازى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
بىز فۇرقەت ئىجادىگە نەزەر تاشلايدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئىجادىدا «ۋەتەن»ۋە «غۇربەت» ماۋزۇلېرى، ھەقىقى سۆيگۈ، ساپ مۇھەببەت تىمىلېرى ئاساسى مەزمۇننى تەشكىل قىلغۇچى غايە ھىسابلىنىدۇ، بۇ ئىككى ماۋزۇنىڭ فۇرقەت لېرىكىسىدا يانمۇيان ئىپادىلىنىشى تاسادىپىي بىر ھال ئەمەس، چۈنكى، كۆپ يەرلەرنى كەزگەن فۇرقەت مۇساپىرچىلىقىنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقلېرىنى، مەنىۋى غۇربەتنىڭ ئاچچىق زەخمىتىنى ۋە يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىر ئەلەملېرىنى تارتقان ، كۆپ ۋاقىتلىق غەرىبانە ھايات ئۇنىڭ مىسكىن قەلبىنى قاتتىق ئەزگەن ئىدى.
شائىر يەكەندە رەناخان ئىسىملىك قىزغا ئۆيلۈنۈپ بىرقانچە پەرزەنت كۆرىدۇ، ئەپسۇسكى دەۋىرنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلېرى، ئۆز بېشىغا كەلگەن تۈرلۈك جەبرۇ-جاپالار رەھىمسىز تەغدىر ۋە ئۆز دەۋىردىكى تىببى سەھىييە ئىشلېرىنىڭ راۋاجلانمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرزەنتلېرىدىن نازىمجان ۋە نادىرجان ئىسىمىلىك ئوغۇللېرى ھايات قىلىپ، قالغانلېرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. فۇرقەت يەكەندىمۇ ئىجادىي ئىشلېرىنى قىزغىن داۋام ئەتتۈرىدۇ، فۇرقەتنىڭ يەكەندىكى ھاياتى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ كامالەتكە يەتكەن، قەلىمىنىڭ تەلتۆكۈس پىشىپ يېتىلگەن دەۋرى ئىدى.«ئاداشقانمەن»،«سېغىنىش»،«چىرايلىق» قاتارلىق بىرمۇنچە غەزەللەرنى، يەنە بىرمۇنچە مەسنىۋى ۋە يەنە «بىرى»،«ئۆزۈڭسەن»،«ئىستەر كۆڭۈل» گە ئوخشاش گۈزەل شېئىر ۋە مۇخەممەسلەرنى ئۇ يەكەندە يارىتىدۇ، فۇرقەتنىڭ يەكەندىمۇ دوست بۇرادەرلېرى كۆپۈيىدۇ، باباجان ھاجىم، مەھمۇت قارى ھاجىم، ئۆمەر ھاجى، زەينىدىل ئابىدىن ئىشان قاتارلىق كىشىلەر ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر، ئۇلارمۇ مەرىپەت پەرۋەر، سەنئەت پەرۋەر كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن ھەمىشە فۇرقەت سۆھبەتلېرىدە بولۇپ، فۇرقەت شېئىرلېرىدىن مەنىۋى زوق ئېلىپ، ئۇنىڭ مەنتىقى ئىبارىلەر بىلەن تولغان ئىلمى سۆھبەتلېرىدىن تەلىم ئېلىشىدۇ، شىرىن چاقچاقلېرىدىن كۆڭۈللېرى خوش بولىشىدۇ، فۇرقەتنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىنى ئىخلاس بىلەن ئۈگۈنىشىدۇ، فۇرقەت شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك ھاياتىنى تەرتىپكە سالغان بولۇپ، ھەپتىنىڭ بەزى كۈنلېرى ھۆسنىخەت ھەۋەسكارلېرىغا تەلىم بەرسە، بەزى كۈنلېرى دوستلېرى بىلەن شېئىر ئوقۇش، مۇزىكا چېلىش بىلەن ئۆتىدۇ، يەنە بەزى كۈنلېرى مۇقىم رەۋىشتە كېسەل داۋالايدۇ، خۇللەس، فۇرقەت يەكەندە بىر تەرەپتىن شېئىرىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىجادىي ئەمگەكنى داۋام ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دۇكان ئېچىپ تېۋىپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسان پەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلىدۇ، كىشىلەرگە كۆپرەك پايدا يەتكۈزۈزۈشكە تىرىشقان فۇرقەت دۇكاندىن ئاز دارامەت قىلىپ، ئىختىسادى جەھەتتىن قىينالسىمۇ سەۋىر قىلىدۇ، ئۇ يەكەن خەلقىنىڭ دەردىنى ئۆز دەردىم دەپ بىلىدۇ، چۈنكى، فۇرقەت قەيەرلەرگە بارمىسۇن ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەكەندىمۇ ئۆز تەغدىرىنى يەكەن خەلقى تەغدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆمرى ئاخرىغىچە يەكەن خەلقىگە ياخشى ئىش قىلشقا، يەكەن خەلقىگە پايدا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ۋە ئەمەلدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئالىجاناپ پەزىلەتلېرى بىلەن يەكەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
فۇرقەت 1909 – يىلى 4 – سىنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان يەكەندە ۋاپات بولىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغان ئەشۇ قايغۇلۇق كۈندە يەكەن ئاسمىنى مۇسىبەت بۇلۇتلېرى قاپلىغاندەك، بارچە يەكەن ئەھلى تەۋرىگەن، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، بوۋاي-مومايلار ھەممىسى گويا ئۆزلېرىنىڭ يېقىن تۇققانلېرى ئالەمدىن ئۆتكەندەك ئېغىر مۇسىبەت ئىلكىدە مەرھۇم شائىر فۇرقەتكە چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە نەچچەمىڭلاپ كىشىنىڭ قاتنىششى بىلەن يەكەن چوڭ جامەسىدە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، يەكەن شەھەر ئىچىنىڭ«داڭدار» مەھەللىسىدىكى مۇساپىرلەر قەبرىستانلىقى(ئۆزبېكلەر قەبرىستانلىقى) غا دەپنە قىلىنغان، مانا بۇ ئەشۇ دەۋىردە يەكەن خەلقىنىڭ زاكىرجان فۇرقەتنى چۇڭقۇر سېغىنىشىنىڭ ئوتلۇق نامايەندىسى ، مانا بۇ يەكەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇندىن 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇن ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللېرىدە يەكەن شەھرىدە تۇرغۇن بولۇپ قالغان، يەكەننى يۇرتى قوقانغا ئوخشۇتۇپ يەكەن خەلقىنىڭ ساددا، مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل خەلق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى يەكەندە ئۆتكۈزۈشكە جەزىم قىلغان فۇرقەتكە بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر، خوش ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ غېرىپلىق، مۇساپىرلىق يىللېرىنى باشتىن كۆچۈرۈپ ۋەتەنگەدا بولغان فۇرقەتكە يەكەن ئەھلىنىڭ بۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىشىگە نىمە سەۋەب بولغان؟ ئۇنىڭ چەتئەلدىن كەلگەنلىكىمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇ ھەقتە بىز فۇرقەت ھەققىدە يۇقۇردا ئېتىپ ئۆتكەن پاكىتلارغا ئاساسەن تۆۋەندىكىچە پىكىرگە كېلىمىز. بىرىنچى؛ تارىختىن بۇيان بولۇپمۇ يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبېك خەلقى ئوتتۇرسىدا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە دىنى ئېتقادىنىڭ بىرخىللىقى، تىلىنىڭ يېقىنلىقى، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلېرىنىڭ ئوخشۇشۇپ كېتىشى، ياشاۋاتقان تۇپراقلېرىنىڭ تۇتاشلىقى، قىسقىسى، تارىخى، ئىجتىمائى، ئىختىسادىي ۋە مەدىنىي جەھەتلەردىن بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدا قەدىمىي دەۋىرلەردىن بۇيان قېرىنداشلارچە دوستلۇق مەۋجۇت بولغانلىقى تۈپەيلى، بىر – بىر لېرىگە ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسۈتۈشۈپ كېلىشكەن، بۇ خەلىقلەر تۇپراقلېرىنىڭ يېقىنلىقى قۇلايلىقىدىن ئۆز – ئارا قويۇق باردى-كەلدى قىلىشقان، شۇ تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىن قانچە – قانچە كىشىلەر ئۆزبېك دىيارىغا ئۆتۈپ جايلاشقان بولسا، ئۇيەردىنمۇ شىنجاڭغا جۈملىدىن قەدىمىي شەھەرلېرىمىز قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلارغا بىرمۇنچە ئۆزبېكلەر كېلىپ يەرلەشكەن، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۆزبېك خەلقى شاتلىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ يانمۇ يان تۇرۇپ كېلىشكەن، شائىر فۇرقەتمۇ شۇلار قاتارى ئاخىرقى ئۆمرىنى يەكەندە ئۆتكۈزۈپ، يەكەن خەلقى قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلار قالدۇرغان، ئىككىنچى؛ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلېرىدىكى يەكەننىڭ فۇرقەت ياشىغان ئەنە شۇ دەۋرىدە دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ باشقا جايلېرىغا ئوخشاش يەكەندىمۇ ئېغىر زۇلۇم ھۆكۈم سۈرگەن، ئەمگەكچى خەلق چىرىك، ئىستىبدات مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە يەرلىك فىيودال ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق ئېزىشلېرىگە ئۇچراۋاتقان ئىدى، تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا 20 – ئەسىرنىڭ باشلېرىدا يەكەنگە چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن قويۇلغان شىنجۇ ئىسىملىك كىشى دوتەي بولغاندىن كىيىن (شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ مەنسەپ نامى) دىھقانلارغا قويۇلغان باج – خىراج ھەم سېلىقلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىرلىقى، زۇلۇم كۈلپەتنىڭ يامانلىقى سەۋەپلىك، دىھقانلار قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، ئەشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتىمۇ فۇرقەت يەكەندىكى ئېغىر تۇرمۇشنى تەرىك ئەتمەستىن، يەكەندە ياشاشنى ئىختىيار قىلىپ شەھەردە دۇكان ئاچقان، ئىجادىي ئەمگەكلەر ۋە خۇشقەتچىلىك، مۇزىكا چىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاستا - ئاستا خەلق بىلەن يېقىنلىشىپ، بارغانسىرى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ  خەلق قەلبىگە ئىلىم – مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئۇرۇغىنى چاچقان، خەلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قازانغان؛ ئۈچىنچى؛ تارىخى ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ئەشۇ دەۋىردىكى ئىختىسادى – ماددى شارائىتنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەلق ناھايىتى كەمبەغەل ۋە قاششاق ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ، دىھقانلار ئەمەس شەھەر ئاھالىلېرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن، ئۇلار تۈزۈككىنە كىيىم – كىچەك ۋە مەئىشەتكە ئىگە بولمىغان، شۇ سەۋەپتىن ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى ناھايىتى ئاددىغىنا سەگەز رەخىتلەردىن ئۇزۇن مەللە چاپان ۋە كۆڭلەكلەر كىيىشكەن، فۇرقەت بولسا ئۆز ئانا يۇرتىدىكى تۇرمۇش ئادىتى بويىچە كىيىنىش، يۈرۈش- تۇرۇشتىن تارتىپ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىگىچە ئاھالىغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت تارقاتقان، فۇرقەت كىشىلەر بىلەن باشتىن ئاياق سەمىمى، ئەدەپلىك ۋە مەدەنىي مۇئامىلىدە بولىدۇ، ئۇ ئانچە ياخشى رەخىتلەردىن بولمىسىمۇ كىرتىك ياقىلىق چاپان – ئۈستىباش كىيىپ  بېشىغا ئاپئاق سەللە ئورايدۇ، فۇرقەتنىڭ بۇ ئاددى ئەمما تەرتىپلىك مەدەنىي كىيىنىشلېرىمۇ ئۆز دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ قىززىقىشى ۋە ھەۋىسىنى ئويغاتقان، كىيىنچە فۇرقەتچە كىيىنىشمۇ كىشىلەر ئارىسىدا كېڭىيىشكە باشلىغان، شۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇنى «قورچاق ئەپەندىم» دەپ ئاتاشلېرىمۇ بېكار ئىيتىلمىغان، تۆتىنچى؛ فۇرقەت ھەم شائىر ھەم تېۋىپتۇر، ئۇ يەكەندە ئىلمى ئىجادى ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۆزبېك شىئىرىيەت گۈلزارىدا رەڭمۇرەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇش بىلەنلا قالماستىن، تېۋىپلىق قىلىپ ئاھالىغا تببىي ياردەملەر كۆرسەتكەن، فۇرقەت مەشھۇر تىبابەت شۇناس ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئەسەرلىرىنى «ئىكسىرى ئەزەم» (چوڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن رىتسىپلار)نامىلىق تىببى كىتابىنى مۇتائىلە قىلىپ تەجىربىلەر ئۆتكۈزگەن، يايلاق ۋە تاغلاردىن كەلتۈرۈلگەن دورىلىق ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەردىن تۈرلۈك دورىلارنى تەييارلىغان،بۇ ئەھۋالنى ئۇ يەكەندە يازغان بىر غەزىلىنىڭ خاتىمىسىدە تۆۋەندىكىچە ئىپادىلەيدۇ؛
ھەيف، بېش- ئالتە تەڭگە، دېب ئۆمرۈم ئۆتەر دۇكان ئاچىب،
دارى يەسەب ھاۋانچەدە، كۈندە تەقىر-تۇقىر قىلىب،
بولە ناشاد كۆرمەيىن، فۇرقەتىي دەھىر باغىدە،
بىركۈن ئۆمرىمىز سىنەر نەئلى قەسىر-قۇسىر قىلىب،
فۇرقەت تىۋىپلىق قىلش جەريانىدا شەھەرنىڭ ئامباللېرىدىن ئاددى پۇخرالېرىغىچە ئۇنىڭغا كۆرۈنىدۇ، ئۇ خەلققە قولدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلىپ، بىر مۇنچە كەمبەغەل مىسكەنلەرنى ھەقسىزمۇ داۋالايدۇ، بۇ ھال يەكەن خەلقىنىڭ فۇرقەتكە بولغان سەمىمىي مۇھاببىتىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىدۇ،ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا پۈتۈن يەكەن شەھەر ئەھلىنىڭ قاتتىق ماتەم تۇتۇپ قايغۇرۇشى ئەلۋەتتە ئەشۇ سەۋەپلەر بىلەنمۇ باغلىقتۇر، قىسقىسى ئۇ يەكەن خەلقىنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغان ئىدى.
فۇرقەت ياشىغان ۋە ۋاپات بولغاندىن كىيىنكى 1949 – يىلغىچە بولغان دەۋىردە رىئاكسىيون گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فىيودال كۈچلەرنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن غۈربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن خەلىقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئۇدەۋىرلەردە باشقا ھەر مىللەت ئىلغار ئىنقىلابى ئەدىبلىرى قاتتىق تەقىف ئاستىغا ئېلىنغاندەك فۇرقەتنىڭ ئېتىۋارىنى قىلىش، ئۇنى قەدىرلەش، ئۇنىڭ دۇنياۋى لېرىكىنى بېيىتىشتا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە يۇقۇرى باھا بېرىشكە مۇمكىن بولمىغان ئىدى، 1949 – يىلدىكى جۇڭگۇ خەلق ئىنقىلاۋىنىڭ غەلبىسى بىلەن بۈيۈك ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگۇ تارىخىدا يېڭى ئەسىر ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتتا غەمخورلىقى ۋە ئېتىبارى بىلەنلا دىمۇكراتىك شائىر فۇرقەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتكە، شىئىرىيەتكە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلېرىنى ئېغىزغا ئېلىش ۋە ئۇنى قەدىرلەشكە ئىمكان تۇغۇلدى،ئۇنىڭ نامى يەنە قايتىدىن خەلىق ئارىسىدا يۇقۇرى ھۆرمەت چۇڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئېلىندى، ئۇنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلېرى نەشىر قىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى ئايرىم نەمۇنىلەر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرىسلىكلېرىگىمۇ كىرگۈزۈلدى، فۇرقەتنىڭ گۈزەل، ئاھاڭدار، جازبىلىك شىئىرلېرى ھازىرقى كۈندىمۇ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ، شېئىرىيەت گۈلشىنىدە ئۇنىڭ روھى ھايات يۈرمەكتە، مەسىلەن، ئۇنىڭ «سېغىنىش» «چىرايلىق» «ئەيلەنسۇن قۇلۇڭ»«سەيدىڭ قويا بېر سەيياد» قاتارلىق غەزەللېرىنى شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ناخشىچىلېرى ئىخلاس بىلەن ئىيتىشىپ كەلمەكتە.
1957 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ناخشا – ئۇسۇل ئانسامبىلى ئۆزبېكىستان بىلەن دوستلۇق ۋە مەدىنى ئالاقە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇيەرگە بارىدۇ، ئەنجان ئوبلاستنىڭ تاشلاق رايۇن، مۇسكىۋا كولخۇزى ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇرلار كۆپ ئورۇنلاشقان كولخۇز بولۇپ، ئانسامبىل بۇيەردىمۇ ئۆز كونسىرىتلېرىنى نامايىش قىلىپ، تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋېلىنىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ، شۇ كۈندىكى دوستلۇق، كۈتۈۋېلىنىش ژىغىلىشىنىڭ قىزغىن كەيپىياتى تاشكەنىت رادىئو ئۇيغۇر رىداكسىيەسىنىڭ رادىيو دولقۇنلېرى ئارقىلىق تارقىتىلغان، جۈملىدىن بېرىلگەن خەۋەردە ئۆزبېك- ئۇيغۇر خەلىقلېرى دوستلۇقى توغرىسىدا سۆزلەنگەچ، ئۇنىڭ يېقىنقى زاماندىكى پاكىتى سۈپىتىدە يېقىنقى زامان ئۆزبېك ئەدىبىياتىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىسى دىمۇكرات شائىر فۇرقەت چەتئەللەرنى ئايلىنىپ جۇڭگۇغا بېرىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شىنجاڭنىڭ يەكەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈپ، شۇيەردە ئالەمدىن ئۆتكەن، دىيىلگەن.
قىسقىسى، شىنجاڭ ئۆزبېك ئەدىبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلېرىدىن بىرى بولغان زاكىرجان فۇرقەت يەكەندىكى ھاياتىنى تىنماي ئەلمى ئەمگەك قىلىش ۋە ئەدىبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۇ ئەمگەكچى خەلىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلېرىنى، ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىققا بولغان تەلپۈنۈشلېرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئادالەتنى كۈيلەيدىغان، ئىددىيىسى دىمۇكراتىك، پىكىرلېرى ئىلغار، تىلى گۈزەل ۋە مول مەزمۇنلۇق بولغان 8 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق ئەدەبى ئەسەرلېرىنى بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەدىبى مېھنەتلېرى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتىقىچە، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگىچە يادلانغۇسىدۇر، زاكىرجان فۇرقەت بەخىتكە قارشى بوغۇز ياللۇغى كېسىلى بىلەن 51 يېشىدا  ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى تارىختا ئىككى قىتىم يېڭىلانغان، بىرىنجىسى 1957 – يىلى ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت دىلىگاتسىيەسىنىڭ يەكەنگە زىيارەتكە كېلىشى خەۋىرى كېلىشى  مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىككىنچىسى؛ 1991 – يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەكەنگە كېلىپ فۇرقەت مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمى غەمخورلىقى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھەم 40 مىڭ يۇەن مەبلەش ئاجىرىتىپ بېرىشى، شىنجاڭ ئۆزبېك مەدىنىيىتى تەتقىقات جەمىيىتنىڭ غەمخورلىقى، جۈملىدىن يەكەن ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلىقى، ئىختىسادى جەھەتتىن 30مىڭ يۇەندىن ئارتۇن خىراجەت ئاجىرىتىپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدار ئىدارە ئورۇنلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، شۇنىڭدەك يەكەندىكى ئۆزبېك ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن پۇل ئىيانە قىلىشى نەتىجىسىدە دىمۇكراتىك شائىر زاكىرجان فۇرقەتنىڭ يېڭى مەقبەرىسى قايتىدىن تىكلىنىپ ، ئۇنىڭ نامى ئەبىدىيلەشتۈرۈلدى، بۇ يېڭى مەقبەرە 1957 – يىلى فۇرقەتكە ئاتاپ ياسالغان شىپاڭ شەكىللىك گۆمبەز بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولماس دەرىجىدە ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن، شائىر فۇرقەتنىڭ بۇ يېڭى مەقبەرىسى ھازىر يەكەنگە كېلىپ كىتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلاندى، مانا بۇ پارتىيە مىللى سىياسىتىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، مانا بۇ پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مىللى تارىخى يادىكارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش ئىشىغا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسى، مانا بۇ خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك شائىرىمىز فۇرقەتكە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنىڭ ناماياندىسى. مېھرى دەريا، ئاتەش قەلىب شائىرنىڭ ئىلغار مەپكۇرىسى، خەلقپەرۋەرلىكى، خەلقلەر دوستلىقىغا قوشقان تۆھپىسى، ئۇلۇغ بەينەنمىنەل ۋە ھارماستىن ئىجات قىلىش روھى ھازىرقى بۈيۈك سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز جۇڭگۇدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلېرىمىزدا شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشلېرىمىزدىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


مەنبە: شىنجاڭ ئوزبېك مەدەنىيەت توربىكىتى   www.xjuz.net

تىما ئادىرىسى:http://www.xjuz.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=290#lastpost


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 01:15:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئازاپ چەكتى جان  ئارامى جان ئىستەر كۆڭۈل،
ئەقرە بالانىڭ يانىدىن بىر ماكان ئىستەر كۆڭۈل.


............................فۇرقەت شىرى
........................................................ئىسىمدە قالغىنى مۇشۇكەن .

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 02:31:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبىككە مەن بەك ئۆچ ، نىمىشقا دەمسىلەر ؟ سىلەر جەنۇپقا بىرىڭلار ؟ مەن قۇسرۇق ئىزدىمەيمەن ، ئەمما ئۇلار ئىزدەيدۇ ؟ نۆل    نۆل

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:34:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن.............

تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 01:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشىر نەۋايى ئۇيغۇردۇر!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش