ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
مەندىن(كۆرەش114) سىلەرگە سالام بولسۇن.
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەم مەن ئادەتتە ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ھۈكۈمەت ئىشخانىلىرىغا بارسام ئاۋۋال تاملاردىكى شۇئارلارنى بىرمۇ بىر كۈرۈپ چىقىمەن، ئاندىن ئىشىمنى بىجىرىپ چىقىپ كىتىمەن. شۇ ئادىتىم بۇيىچە مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىنىڭ ئىمزايى مىنىڭ كۈزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلمايدۇ، ئىمزا مەلۇم دەرىجىدە شۇ كىشىنىڭ ساپاسىنى يەنەئارزۇ-ئارمىنىنى، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئازراق ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ، شۇڭا مەن ئاۋۋال ئەزالارنىڭ ئىمزايىغا كۆزيۈگۈرتۈپ قۇيمەن. ۋە يەنە بىر قىسىم مۇنبەرداشلارنىڭ ئىمزايىنى توپلاپ يوللاپ قويدۇم.
Misranim
ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.
ARKZAT
ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.
hokumran
ئەي ئىنسان ئويلىغىن، تارىخنى ئەسلەپ،
يوقاتتىڭ نېمىنى، تاپتىڭ ھەم نىمە؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە؟
gulan
مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟
HOX
پۇلۇم بولغان بولسا كىتاب سېتىۋالاتتىم.
سۈمەييە
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەبىر.
gulsuma
ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن‹رەھىمسىز دۇنيا›دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە رەھىمسىزلىك كەلسۇن؟
oyhanogul
ھاياتىڭ ‹اللە›نىڭ قۇلىدا، ماڭغىن ‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا، بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا، كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا.
qartekin
تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
篮球美女
تۈگەشسە يۈرۈگۈم، ساقتۇر قورالىم. يېقىلدىم، ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم.
tumurkala
غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ, ھەممىسى سەن ئۈچۈن! ھەممىسى......
aptap104
ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن. بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000مىڭى بولسۇن!
muslina
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان ۋاقىتتا بولسۇن، ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما، ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
shoruq
ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر.
HAYATNISA
ھاياتلىغىمنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىدۇر, ياخشى سۆز -ياخشى بىر سەدىقىدۇر.
qirakpay
△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت ...》قىلىپ بولغۇچە، رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇرىدۇ.
polatalamdar
ۋەتەن ئانام. ئانامغا تىل تەككۇزگەننىڭ تىلىنى كېسىمەن، قول ئۇزاتقاننىڭ قولىنى سۇندۇرمەن.
tohtihan1
توختىخاچام بۇرۇتلۇق، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق.
MUHAPIZATQI
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن.
!xam12
ئادەم بولماق تەس ئەمەس، ئادەمدەك ياشىماق تەس
Dakyanos
سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى، بول جەسور، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
Azizan
مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ،
لەيلىسى باردەك تېخى.
مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر،
كەتكۈسى باردەك تېخى.
غېرىپ بىر-ئىككى -ئۈچ!
ئىتتىپاقلىق كۈچ!
سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى.
zapar
باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
orkixi
ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ. ئۈمىد بىلەن ياشاڭ!
شەيدا
ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى. شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
oguz2
يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!
aktax
سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر ھىچكىمنىڭ كارى. سۆزلىگەن ئىكەنسەن دەلىللەپ ئارىشاھلالەسەن نىمىنى بەخت دەپ تىلىسەڭ شۇ سىنىڭ ، اللاھ خالىسا !
52arslan
ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ!
TILSIMAT
ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!
izqi.mardan
ئەي،رەببىم،شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى.شۇنداق سۆيەيلىكى
بىر-بىرىمىزنى سۆيگۈمىزدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى سۆيۈلسۇن!!
ياۋۇز
مەن ئىشەنمەيمەن،ئىلگىرى بىزنى مەسخىرە قىلغانلار ھازىرمۇ كۈلەلەمدۇ؟
jassurman
ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى.
ABEHAN
پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ. مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.
tarimjan102
ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر. دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول، ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق. ئۆلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىدا بار !
atux-0908
نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
aㄒamaη
بىر بالا دادىسى بولمىسا چوڭ بولىدۇ، ئەمما ئانىسى بولمىسا چوڭ بۇلالمايدۇ . بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن . ئانىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتىسىلەر، ئانامغا تىل تەككۈزگەننىڭ تىلىنى كېسپ، قول تەككۈزگەننىڭ قولىنى سۇندۇرۋېتىمەن!
Asman
كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان كىشى، سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ...
jarulla77
كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر.
hekmat-uyghur
ئوغلۇم، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر، ئاناڭ ئۇيغۇر. تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى........
.sargarda
دۇنياغا سەيلىگە ئەمەس، بەيگىگە كەلدىم.
mahbusman
مۇنارلار نەيزە، قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما، مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!!بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!
مۇشۇنچىلىك يوللاي. مەنبە: مۇنبەردە كۆرگەنلىرىم
يازمىنى kurax114 تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2012-5-7 10:56
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 09:06 PM