جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىسۇن 6-ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: خۇاڭيەن ئارىلى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى قىلچە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈەن سۇلالىسىدىن باشلاپ كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن خۇاڭيەن ئارىلىنى باشقۇرۇپ، خۇاڭيەن ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ كەلگەن ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەن، بۇ ئىگىلىك ھوقۇق نەچچە ئەسىردىن بۇيان ھېچقانداق خىرىسقا دۇچ كېلىپ باقمىغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، فىللىپىننىڭ خۇاڭيەن ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.
خۇاڭيەن ئارىلى جۇڭگونىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ شەرقى جەنۇبىي يۆنىلىشىدە بولۇپ، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرىدىكى بىردىنبىر سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان خادا تاشلىق ئارال. خۇاڭيەن ئارىلى غەربى شىمالدا خەينەن ئارىلىغا 900 كىلومېتىر، شىمالدا گۇاڭجۇغا 1100 كىلومېتىر، شەرقتە فىللىپىننىڭ مانېلاغا 300 كىلومېتىر كېلىدۇ. خۇاڭيەن ئارىلىنىڭ تۆت ئەتراپى سۇ يۈزىدىن 0.5 مېتىردىن-3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئايلانما تاش تاختىسى بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا دائىرىسى 130 كۋادرات كىلومېتىر، چوڭقۇرلىقى 10 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدىغان كۆل بار. خۇاڭيەن ئارىلى مالاككا بوغۇزىدىن تەيۋەن ،باشى دېڭىز بوغۇزىغا تۇتىشىدىغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى مۇھىم دېڭىز قاتناش لىنىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇھىم تۈگۈنىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇن.
ۋۇ شىسۇن مۇنداق دېدى: تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 1279-يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاتاقلىق ئاسترونومى گو شوجىڭ يارلىققا بىنائەن تۆت دېڭىزنى تەكشۈرگەن، شۇ چاغدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۆلچەش نۇقتىسى خۇاڭيەن ئارىلى بولغان. بۇ جۇڭگونىڭ ھېچ بولمىغاندا يۈەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا خۇاڭيەن ئارىلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا فىللىپىندىكى ئاھالىلەر تېخى ئىپتىدائىي قەبىلە دەۋرىدە ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خۇاڭيەن ئارىلى ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەسىدىكى بېلىق بايلىقى مول، جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇ دېڭىز تەۋەسىدە بېلىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. خۇاڭيەن ئارىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز سەپىرىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، دەم ئېلىش سورۇنى بولۇپ كەلدى. ھازىرقى ۋاقىت-مۇساپە خاتىرىسى ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمقى كىتابلىرىدا جۇڭگولۇق بېلىقىچىلارنىڭ خۇاڭيەن ئارىلىدىكى مۇساپە لىنىيەسى تولۇق خاتىرىلەنگەن. يۈەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ خۇاڭيەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمىگەن، ئۇزۇندىن بېرى خۇاڭيەن ئارىلىنى گۈللەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. بۇ تارىخىي ھەقىقەتكە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋلەردىكى ھۆكۈمەت ھۈججەتلىرى، يەرلىك ھۈججەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خەرىتىلىرى ئىسپات بولالايدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خادىم ئەۋەتىپ، سۇ يولى خەرىتىسى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىگەن، بۇ كومىتېت ئېلان قىلغان جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئارىلىدىكى 132 خادا تاش ئاراللىرى ئىچىدە، خۇاڭيەن ئارىلى جۇڭشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا جۇڭگو خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 1947-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇداپىئە مەھكىمىسى جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدىن 172 سىنىڭ نامىنى بېكىتىپ ئېلان قىلغان، خۇاڭيەن ئارىلى دىموكراتىيە خادا تېشى دېگەن نام بىلەن جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 1948-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ نەشىر قىلغان «جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى»دە، خۇاڭيەن ئارىلى جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ ئەنئەنىۋىي دېڭىز چېگرا سىزىقى ئىچىگە ئېنىق قىلىپ سىزىلغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ۋە باياناتىدا خۇاڭيەن ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگوغا مەنسۇپ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى خۇاڭيەن ئارىلىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ ۋە قوغداپ كېلىۋاتىدۇ، خۇاڭيەن ئارىلى ئىزچىل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ كەلدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى ئاراللارنىڭ نامىمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن گۇرۇپپا تەشكىللىگەن. 1983-يىلى جۇڭگو يەر ناملىرى كومىتېتى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم ئاراللىرىنىڭ نامى»دا، خۇاڭيەن ئارىلى ئۆلچەملىك ئىسىم، دىموكراتىيە خادا تېشى قوشۇمچە ئىسىم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1992-يىلى ئېلان قىلىنغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگرىداش رايون قانۇنىنىڭ زېمىن ماددىسىدا، خۇاڭيەن ئارىلى قاتارلىق تاقىم ئاراللار جۇڭگونىڭ زېمىنى دەپ ئېنىق بەلگىلىنىپ، بۇ جايلارنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ قانۇنلۇق تەۋەلىك ئورنى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ۋۇ شىسۇن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى، ھوقۇق ۋە ئالاقىدار تەشەببۇسلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەتچىلىكى، بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى كېمىلىرى خۇاڭيەن ئارىلىنى قەرەللىك چارلاۋاتىدۇ، بۇ ھەم جۇڭگو زېمىنى بولغان خۇاڭيەن ئارىلى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەنلىك، ھەم جۇڭگونىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇلىنىش:http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201205/t20120507_330150.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 10:01 PM