مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9488|ئىنكاس: 42

دەججال ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن گۇلگە ئامراق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1024
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13080
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2972 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 05:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1854.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللا جامائەتكە يۈزلىنىپ  مەسىھ دەججال توغرىسىدا مۇنداق دىدى:<<ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس،بەلكى مەن دەججال مەسىھنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ قارىغۇ، ئەمالىقىنى،ئۇنۇڭ كۆزىنىڭ ئۈزۈم ئۈنچىللىرىدەك تومپىيىپ قالغانلىغىنى  بىلىمەن>>.

1855.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :<<ھەر بىر پەيغەمبەرگە ئۆز قەۋمىنى يەكچەشمە دەججالنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قاتتىق پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا ۋەھئى كەلگەن . بىلىڭلاركى ،دەججالنىڭ بىر كۆزى يەكچەشمىدۇر. بىراق ،سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئۇنداق ئەمەس،دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا <ك...ر>دەپ يىزىلغان بولىدۇ.>>
>
1856.ھۇزەيفە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:<<دەججال ئاشكارە بولۇپ چىققاندا ،سۇ بىلەن ئوت ئېلىپ چىقىدۇ.كىشىلەر ئوت دەرياسى دەپ قارىغىنى ، ئەمىليەتتە سالقىن دەريا سۈيىدۇر.كىشىلەرنىڭ سالقىن دەريا سۈيى دەپ قارىغىنى ، ئەمەلىيەتتە كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان ئوت دېڭىزى.سىلەردىن كىمكى ئۇنى رەت قىلسا، شۇ كىشى ئۆزى كۆرگەن ئوت دەرياسىغا تاشلىنىدۇ. ئەمما ،ئۇ ئەمەلىيەتتە شېرىن سوغۇق سۇدۇر.>>
1857.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:،<مەن سىلەرگە ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئالدامچى دەججالنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرمەيمۇ ؟دەججال يەكچەشمىدۇر . ئۇ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېيتقان جەننەت دەل دوزاقنىڭ ئۆزىدۇر. مەن خۇددى نۇھ ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغاندەك سىلەرنى شۇ گۇمراھلىقتىن ئاگاھلاندۇرىمەن.>>
1859.مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: دەججال توغرىسىدا ھىچكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن مەن سورىغاندەك سوراپ باقمىغان ، رەسۇلىللا مۇنداق دىگەن:<<سەن ھەجەپمۇ زېرىكمەي سوراۋەردىڭ؟ئۇنۇڭ يەنى دەججالنىڭ ساڭا قانداق زىيىنى بار؟>>مەن:كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەججال بىر دۆۋە نان ۋە تاتلىق سۇغا ئىگە ئىكەن ، دەيدۇ، دېدىم. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:<<بۇ ئاللاھقا نىسبەتەن تېخى ھىچقانچە گەپ ئەمەس.>>  

-----------------------
-ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان

------------------------

مەنبە:ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە- مارجانلار دېگەن ئېلكىتاپتىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 06:36 PM  


تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3484
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 06:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسسەسۇل ئەنبىيادا يىزىلىشچە‹‹  قىيامەت بولوشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللەردە دەججال پۈتۈن  ئالەمگە يامراپ ھەممە نەرسىنى يەپ تۈگەشتۈرىدۇ.ئو چاغدا پۈتۈن مۇسۇلمانلار كەئىبىگە يىغىلىدۇ  دەججاللا  پەقەت كەئىبىنىڭ تىمىدىن ئارتىلىپ ئۆتەلمەيدۇ›› دەپ يىزىلغانىكەن.
رەخمەت سزگە خىلى بىلىمگە ئىگە بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاھو تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 06:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59340
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-10-7
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 06:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قېرىمدىشىم ئاللا ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن !‹‹ك  ف  ر  ››
دىگەندىكى ‹‹ف   ››ئارىلىپ قاپتۇ!

ھاياتىم  مىنىڭ  تاللىشىم .

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 06:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەجرىڭىزگە ياخشى تېيمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم، ئۇتكەندى بىر ئەزا دەججال چىقىپ بولدى دىگە   ئۇ نىمىنى كۆزدى تۇتقاندۇ ؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 07:06 PM  


سەھرايىمنى سۈيىمەن !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23434
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3295 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرەم . ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغاي ، ئامىن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھو يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 06:46 PM
قىسسەسۇل ئەنبىيادا يىزىلىشچە‹‹  قىيامەت بولوشنىڭ ئاخى ...

بىزلەر قانداق بارامىز كەئىبىگە؟

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1999 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ساقلىسۇن  .دەججالنىڭ  پىتنىسىدىنمۇ  يامان  پىنىلەر باردۇر ھازىر ،مۇشۇ توغرىسىدا  بىر ھەدىسمۇ  بار  مەن كەلتۈرەيدىسەم ئىزاھاتلىرى  تۇلۇق  يادىمدا قالماپتۇ ،،ئالىملارنىڭ پىتنىسى  دەججالنىڭكىدىنمۇ  ياماندۇر  دىگەن  توغرىسىدا ،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1999 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  مەنبەسىنى تېپىپ  يوللاپ قۇياي

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1999 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    نەۋاس ئبىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ، پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەم بىر ئەتتىگەىنى دەججال ئۈستىدە توختىلىپ ئاۋازىنى بىر پەسلىتى0پ بىر كۆتىرەتتى .بىز دەججالنى يىقىن ئەتىراپتىكى خورمىزارلىقتىكەن دەپ قالدۇق .بىز  پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىنىمىزدا ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزنى بىلىپ << ئەھۋالىڭلار قانداق >>دىدى . بىز <،ئې رەسۇلۇللاھ ، قايسى بىر ئەتىگىنى سەنئاۋازىىڭىنى بىر پەسلىتىپ بىر كۆتۆرۇپ دەججال ئۈستىدە توختالدىڭ ، ھەتتاكى بىز ئۇنى يىقىنى ئەىراپتىكى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ قالدۇق . دىدۇق .  پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەم:مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا پىتنىنىڭ يىتىپ قىلىشىدۇر . ئەگەر دەججال چىققاندا مىەن بولسام ئۇنىڭ ئامالىنى قىلىمەن  ئەگە ئۇ چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلاجىنى ئۆزى قىلسۇن . مەندىن كىيىن ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلماننى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزى ساقلايدۇ . دەججال قويوق بۈدىرە چاچلىق ،كۆزى پولتىيىپ چىققان بىر يىگىتتۇر . گويا ئۇنى مەن قەتەننىڭ ئوغلى ئابدۇل ئۇززا غا ئوخشىتىمەن  . كىيىنىكى چاغلاردا كىمىكى سىلەردىن ئۇنى كۆرسە سۈرە كەھىفنىىڭ بىشىىكى  ئايەتنى ئوقىسۇن .


ئۇ شام بىلەن ئېراقنىڭ ئارلىىقدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ . ۋە ئوڭدىمۇ -سولدىمۇ پىتنە -پاساد تىرىيدۇ .ھەي ئاللاھنىڭ بەندىىلىرى !دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار .>>  دىدى .  


بىز :<<ئې ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى !ئۇ زىمىندا قانچىلىك ۋاقىت تۇرىدۇ؟ >. دىدۇق .





پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەم: قىرىق كۈن تۇردۇ  . ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىرنچى كۈنى بىر يىلدەك ، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك ، ئۈچۈنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك بولىدۇ ئۇنىڭدىنباشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مۇ شۇ كۈنۈڭلاردەك بولىدۇ >>دىدى .


بىز ئې رەسۇلۇللاھ ! بىر يىلدەك بولدىغان ئۇزۇن كۈندە بىر كۈنلۈكنىڭ نامىزىنى ئۆتىسە بولامدۇ ؟>> دەب سوردۇق.  پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەم:<بولمايدۇ سىلەر ئۇ كۈننى ئادەتتىكى كۈننىڭ ئۆلچىمىدەك قىلىپ بۆلەكلەرگە بۆلۆپ ،ھەر بىر بۆلىكىدە بىر كۈنلىكنىڭ نامىزىنى ئۆتەيسىلەر .>>دىدى


بىز ئې رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ مىڭىش سۈرئىتى قانچىلىك بولىدۇ دەپ سورىدۇق .


پەيغەمبەرسەللەللاھۇئەلەھىۋەسسسەللەم: <<ئۇنىڭ سۈرىتى شامال ھەيەپ كەلگەن بۇلۇتتەك بولىدۇ ، ئۇ بىر قەۋىمنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ . ئۇلا ر ئۇنىڭغا ئىمان ئىيتىدۇ . نىمە دىسە شۇنى قۇبۇل قىلىدۇ . ئاندىن ئۇ  ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرىيدۇ ،ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ ،زىمىنننى بۇيرۇپ ،زىمىندىن ئۆسۆملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ .ئۇ قەۋىمنىڭ ئوتلىغىلى كتكەن چارۋىلىرى كەچقۇرۇنلىقى يوغىناپ ،يىلىنلىرى سۈتكە تولغان ھالدا قايتىپ كىلىدۇ .ئاندىن ئۇ باشقا بىر قەۋىمنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ . ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىدۇ .ئۇ ئۇلارنىڭ قىشىدىن قايتىپ كىتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك يىتىپ قولىدا ھىچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ . ئۇ بىر خارابىلىكنىڭ قىشىدىن ئۆتۆپ ئۇنىڭغا ئىچىڭدىكى نەرسىلەرنى چىقار دەيدۇ ، خارابلىك ئىچدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن  چىققاندەك ئارقىمىۇ-ئارقا چىقىپ ئۇنڭىغا ئەگىشىدۇ . ئاندىن ئۇ يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇنى قىلىچ بىلە ن ئۇرۇپ ئىكىكى پارچە قىلىۋىتىپ ئۇ كىشىنى قايتا چاقىردۇ . ئۇ تىرلىپ خوشال كۈلگەن قىياپەتتە دەججالنىڭ قىشىغا كىلىدۇ .


مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئوغلى ئېيسا ئەلەيھىسەلامنى ئەۋەتىدۇ  ، ئېيسا ئەليھىسسەلام بىرجۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن ،ئىككى ئالقىنىنى ئىككى پەرىشتنىڭ  قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە دەمەشىقنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ . ئۇ بىشىنى تۆۋەن قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ ،بېشىنى كۆتۆرسە مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى تۆكۆلىدۇ  .ئۇنىڭ ھىدىنى ئالغان ئىمانسىزلارنىڭ ھەممىسى ھايات قالمايدۇ .ئۇنىڭ ھىدى كۆزى يەتكەنلىكى يەرگىچە بارىدۇ ئاندىن ئېيسا ئەلەيھىسەلام دەججالنى ئىزدەپ ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسكە يىىقنى بابىلۇن دىگەن جايدا تېپىپ ئۆلتۈردۇ . ئاندىن ئېيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ قېشىغا ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغانقەۋىم كىلىدۇ ، ئېيسائەلەيھىسسەلام ئۇلارنىڭ يۈزنى سىلاپ قويىدۇ . ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرنى ئېيتىپ بىرىدۇ .





مانا شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئېيسائەلەيھىسسەلامغا <<ھەقىققەتەن ھەر بىر كىشىنىڭ  سوقوشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر جامە بەندىلىرىمنى چىقاردىم سەن مۆئىمىن بەندىلىرىڭنى تۇر تىغىغا ئىلىپ بارغىن >>دەپ ۋەھى قىلىدۇ


ئاللاھ تائالا يەئىجۇج-مەئىجۇج نى ئەۋەتىدۇ ،ئۇلار زىمننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىردىن ئالدىراپ چىقىپ كىلىدۇ ئۇلارنىڭ ئالىدىدا كەلگەنلىرى تەۋەرىييە كۆلىنىڭ <<قىزىل دىڭىز >>ينىدىن ئۆتۆپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ كەينىدىن كەلگەنلىرى  بىر چاغلاردا بۇ يەردە سۇ بولغان بولغىيمىدى دىيىشىدۇ ،. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېيسا ئەلەيھىسەلام ۋە ئۇنىڭ قەۋمى قامىلىپ قالىدۇ ، ھەتتا ئۇلرنىڭ بىرى ئۈچۈن ئۆكۆزنىڭ بىر تال بېشى سىلەرنىڭ ھازىرقى كۈنۈڭلاردىكى يۈز تىللادىنمۇ ئەلا بولوپ قالىدۇ ،.


ئېيسا ئەلەيھىسسەلام ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھغا دۇ ئا قلىدۇ ئاللاھ تائالا يەئىجۇج -مەئىجۇجلارغا قۇرۇت بالاسىنى ئەۋەتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك تەڭلا ھالاك بولىدۇ . ئاندىن ئېيسا ئەلەيھىسسەلام تۇر  تىغىدىن زىمىنغا چۈشىدۇ . زىمىنننىڭ بىر غىرىچ يىرىمۇ يەئىجۇج-مەئىجۇجلارنىڭ بەدبۇي پۇرىقىدىن خالى بولمايدۇ ئېيسا ئەليھىسسەلام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالا غا دۇئا قىلىدۇ . ئاللاھ تائالا تۆگىلەرنىڭ بويونلىرىدەك قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ ، ئۇ قۇشلار  ئۇلارنىڭ جەسسەتلىرىنى كۆتۆرۆپ ئاللاھ خالىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ .


ئاندىن ئاللاھ تائالا شۇنداق بىر يامغۇر ياغدۇردىكى ،يامغۇر بىرەر ئۆي ياكى بىرەر چىدىرنىمۇ ساق قالدۇرمايدۇ .زىمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ .ئاندىن كىيىن زىمىنغا ::<<مېۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن بەركەتلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن >>دىيىلدۇ .شۇ كۈنلەردە بىر ئانارنى بىر جامائە كىشىلەر يەپ تويىدۇ شۆپەكلىرى بىلەن سايدايدۇ ، سۈتكە شۇنداق بەركەت بىرىلدۇكى ھەتتا بىر سۈتلۈك تۆگە بىر جامائەت كىشىلىرگە كۇپايە قىلىدۇ سىيرنىڭ سۈتى بىر قەبلە كىشىلىرگە يىتىدۇ ئۇلار شۇندا مولچىلىقتا ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ ،شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۆپ ھەر بىر مۆئمىن مۇسۇلماننى قەبزى روھ قىلىدۇ ، ئۇلاردىن كىيىن زىمىندا ئىشەكلەردەك ئاشكارە جىنسى ئالاقە قىلىشىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ مانا شۇلارنىڭ ۋاقتىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ ..ئۇ شڭنداق بىر كۈندۈركى دەھشىتىدىن باللارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋىتىدۇ ،ئۇ شۇنداق بىر كۈندۇركى ئىشلار قىيىنلىشىدۇ..





دەججال بولسا ئەسلى يەھۇدى بولوپ ئۇ ھىلىگەرلىكى ۋە يالغانچىلىكى باتىل بىلەن ھەقنى يىپىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى تۈپەيلى دەججال دەپ ئاتالغان ،ئۇ مەشرىق تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى توغىرلىققا ،راۋرۇس بولوشقا چاقىردۇ . ئاندىن ئۇ خۇدالىق داۋاسى قىلىدۇ .نۇغۇن ئادەم ئۇنىڭڭغا ئەگىشىدۇ ئەگەشكەنلەردىن تولىسى يەھۇدى بولىدۇ . ھەددىس كىتابلىرىدا بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەر ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولوپ شەكلىنىشكە ھىچقانداق ئورون يوق .


ھەددىسشۇناس ئىبىن ھەجەر :<<پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجزسسسى ھىسابلانغان ئۆلۆكنى تىرىلدۈرۈشتەك كارامەتلەرنى قانداقمۇ ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ قولغا مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ ؟>> دىگەن سوئالىغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دەيدۇ :<<ئاللاھنىڭ مۇنداق ئىشلارنى دەججالغا مۇيەسسەر قىلىپ بىرىشى بەنىدىلىرىنى سىناش ئۈچۈندۇر ، كىشىلەر بىلدۇكى دەججال بولسا دەۋاسىدا يالغانچى بولوپ ،ئۇنىڭ پىشانىسىگە كافىر ئىكەنلىكى يىزىلغان بولىدۇ . ئۇنىڭ بىر كۆزى كوردۇر  ،ئۇنىڭ كورلىقى كافىر دىگەن خەتنىڭ پىشانسىگە يىزىلغانلىقى ئۇنىڭ يالغانچىلىىقنى كۆرسىتىپ بىردىغان ئىسپاتتۇر . ،ئەگەر ئۇ ئىلاھ بولدىغان بولسا ئۆزىدىكى ئەيىپنى تۈزەلىگەن بولاتتى ،ئۇ ئىلاھلىقىن داۋا قىلدۇيۇ ،ئۆزىدىكى بەدبەشىرلىكنى تۈزىيەلمەيدۇ .دەپ ئەقىل ئىگىلىرى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالالايدۇ..





پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام بايان قىلغاندەك دەججالنىڭ كىشىلەرگە خەتەرلىك چوڭ پىتنە بولدىغانلىقى ئىىنقتۇر . ئەگەر ئاللاھ تائالا دەججالغا نۇرغۇن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارنى ئاتا قىلمىسا ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرمىسە ئۇ كىشلەرگە پىتنە بولماي قالاتتى .<،ياخشىلار باغچىسى>


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 07:38 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mares + 100
nurjula + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
sabaat + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 07:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    دەججال  چىقىپ  بولغانلىقىنى  مۇشۇ  مۇنبەر ئارقىلىقلا  بىلىۋالغىلى  بولىدۇ. مەسلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر  دىننى ئۆلىما  بىلەن بىر داڭلىق      غەربپەرەس  چولپىنىمىزنى    تۇنۇشتۇرۇپ  ئايرىم  تېما يوللاپ بېقىڭ، جەمىئەتتە مەسجىد بىلەن ئىشرەت - ئويۇنخانىلارغا كىرىۋاتقان ئادەملەرنىڭ سانىنى  سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. شۇچاغدىلا  بىلىسىز.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش