ماتېماتىكا پېنىگە نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىيوق؟
2002-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلىقئارا ماتېماتىكا ئالىملىرى چوڭ يېغىنىدا ئامېرىكىدا تورۇشلۇق، جوڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن پروففېسور نوبېلنىڭ نىېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ : «ئۇماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ نام-مەنپەئەت قوغلاشماي، ئىرادىنى چىڭىتىپ،تېخىمۇ تىرىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا بوشلۇق قويۇپقويغان.» دېگەن. گەرچە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئاددىيدەك قىلسىمۇ، ئەمما نېمە سەۋەبتىن نوبېلنىڭ ماتېماتىكا ئالىملىرىغا نوبېل مۇكاپاتى بەرمەسلىكقارارىنى چىقارغانلىقى ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
دۇنيا ۋە ئېلىم-پەن مۇكاپاتلىرى ئىچىدە نوبېل موكاپاتى ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بولۇپ، ئۇ ئالىملارغا زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى. ئەمما 100 نەچچەيىلدىن بويان كىشىلەر نوبېلنىڭ نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا نوبېل مۇكاپاتاى تەسسقىلمىغانلىقى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى. جاۋابىمۇ ھەرخىل بولدى.
تارىخشوناسلار مۇنداق بىر ئىشقا بارغانسېرىئىشىنىشكە باشلىدى، يەنى نوبېلنىڭ ماتېماتىكىغا سەل قارىشى ئۇ ياشىغان دەۋىر ۋەئىلىم-پەن قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. نوبېل 16 ياش ۋاقتىدىلا ئوقۇشنى توختاتقان، ئالىي مەكتەپتىمۇئوقۇمىغان، كېيىن روسىيىلىك بىر مۇنەۋۋەر ئورگانىك خىمىيە ئالىمى زىنىنىنىڭ خوسۇسىي تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. ئەمەلىيەتتە ، زىننى 1885-يىلى نوبېلنىڭ دىققەت ئېتىبارىنىنىترو گىلىتسىرىنغا قارىتىپ بولغان. نوبېل 19-ئەسىردىكى تىپىك كەشپىياتچى، ئۇنىڭ كەشپىياتى ئالىي ماتېماتىكىغا تايانماستىن ئاساسەن بىۋاستە سېزىم ۋە ئېجاتچانلىققا تايانغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا بىلىملىرى تۆتئەمەل ۋە نىسبەت قانونىيەتلىرىدىلا توختاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ دەۋىرلەردە، يەنى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، خىمىيە ساھاسىدىكى تەتقىقاتلار ئادەتتە ئالىي ماتېماتىكغا ئېھتىياجلىق بولمىغان، ماتېماتىكىنىڭ خىمىيەدىكى قوللىنىلىشى نوبېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشلانغان. نوبېل ماتېماتىكىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى غايەت زور رولىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا ئامالسىز ئەلۋەتتە. شۇڭا نوبېلنىڭماتېماتىكا نوبېل موكاپاتى تەسىس قىلىشقا سەل قارىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش تەسلئەمەس.
يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم چەتئەللىك ئالىملاربۇنىڭغا نوبېلنىڭ مۇھەببىتىدىكى ئوڭۇشسىزلىق سەۋەب بولغان دەپ قارىغان. نوبېل ئەينىۋاقىتتا ئۆزىدىن 13 ياش كىچىك قىز دوستى ۋېينالىق ئايال سوفىيە ھېسسىنىنىڭ كېيىنچەبىر ماتېماتىكا ئالىمى بىلەن ئىش-پەش تارتىشى يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالغان، قىزدوستىنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى بىلەن قېچىپ كىتىشى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن زادىلا ئۆتمىگەن، ئۇ بۇ ئاچچىقىدا بىر ئۆمۈر يالغۇز ياشىغان. بەكلى بۇ ئىش ئۇنىڭغا بەك تەسىرقىلىپ ماتېماتىكىنى چەتكە قېقىشقا سەۋەبچى بولغان بولىشى مۇمكىن.
تەرجىمە ئەسەرلىرىمدىن («دۇنيا پەن-تېخنىكامەدەنىيىتى»)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qenikix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 03:08 PM