قېنى بەندەم دۇئا قىلغىن!
مەۋلانە جالالىدىن رۇمىي
بىر مۇسۇلمان ھەر كۈنى كېچىسى ئورۇنىدىن تۇرۇپ، ئاللاھنى زىكر قىلىپ دۇئا قىلاتتى. شەيتان ئۇ مۇسۇلمانغا مۇنداق دېدى:
- ئەي ئاللاھنى كۆپ زىكر قىلغۇچى كىشى، پۈتۈن بىر كېچە «ئاللاھ، ئاللاھ» دەپ چاقىرساڭمۇ، ساڭا «قېنى بەندەم، دۇئا قىلغىن!» دەپ باقتىمۇ بىرەر قېتىم؟ ساڭا ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىدى، قاچانغىچە مۇشۇنداق دۇئا قىلىپ ئولتۇرارسەن؟
ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، بېشىنى يەرگە قويۇپ ئۇخلىدى، چۈشىدە بىرەيلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
- ئورۇنۇڭدىن تۇر، ئويغان! نېمىشقا دۇئانى، زىكرنى تاشلىۋەتتىڭ؟
ئادەم:
- «قېنى بەندەم دۇئا قىلغىن» دەپ بىرەر جاۋاپ كەلمىدى، ئىشىك تۈۋىدىن ھەيدىۋىتىلىشتىن قورقۇۋاتىمەن- دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
ئاللاھ «قېنى بەندەم دۇئا قىلغىن» دېگەچكىلا سەن «ئاللاھ» دېيەلىدىڭ، ئەگەر ئۇ «قېنى بەندەم دۇئا قىلغىن» دېمىسە، سەنمۇ «ئاللاھ، ئاللاھ» دەپ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلالمىغان بولاتتىڭ. ئاللاھ سېنىڭ روھىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەچكە، سەن ئاللاھقا يالۋۇرالىدىڭ. ئۇلۇغ ئاللاھ سېنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغاچقا، پۇت-قولۇڭنى يېنىك قىلغاچقا، سەن تىرىشىپ چارە ئىزدىيەلىدىڭ، سېنىڭ ھەر قېتىم «يا، رەببىم!» دېيىشىڭنىڭ ئاستىدا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ «قېنى بەندەم دۇئا قىلغىن!» دېگىنى باردۇر. ئىبادەتتىن ۋە دۇئادىن يىراق كىشىنىڭ جېنى بۇنداق دۇئا قىلىشتىنمۇ يىراقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا «يا، رەببىم!» دېيىش نېسىپ بولمىغان. ئۇنىڭ ئېغىزى، تىلى ۋە قەلبى قۇلۇپلانغان.
بەلكىم ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئاللاھ ئۇنى يىغلاپ تۈگىشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا دەرت-ئەلەم، غەم-ھەسرەت بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشەنگىنكى، سېنىڭ ئاللاھقا دۇئا قىلىشىڭ، ئۇنى چاقىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشىڭغا سەۋەپ بولغان دەرد ۋە قىيىنچىلىقلار دۇنيا سەلتەنىتىدىن ياخشىدۇر. دەرتسىز دۇئا سوغۇقتۇر. دەردىڭ بار چاغدا قىلغان دۇئا چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 12:29 PM