مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1306|ئىنكاس: 20

نوبېل ۋە نوبېل موكاپاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48902
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 04:15:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنياۋى يۇقىرى شان- شەرەپنىڭ نامايەندىسى __ يۈز يىللىق نوبېل موكاپاتى

ئالبېرىت نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋېتسىينىڭ پايتەختى ستوكخولمدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئىممانوئېل نوېىل (1801~1872) مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى ئىدى.  نوبىل تۇغۇلغان ۋاقىتتا، تېىنى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەي بولۇشىغاھېچكىم ئىشەنمىگەن، ئەمما ئۆچۈپ قالايلا دەپ تۇرغان بۇ ھاياتلىق چىرىقى، بارغانسېرى كۆۋەجەپ كۆيۈپ، مەڭگۈ لاۋۇلداپ تورىدىغان ئۆچمەس مەشئەلگە ئايلىنىپ دۇنيا ئىلىم-پەن تارىخنى يۇرىتىۋەتتى. نوبېل پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت ئىككى يىلغا يېقىن ئوقۇغان، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئۆگىنىش روھىغا تايىنىپ، تەبئىي پەنلەردىن باشقا يەنە ئېنگىلىز، فرانسوس، گېرمان ۋە روس تىللىرىنى ئۆگەندى. كېيىن ئاتىسىنىڭ زاۋۇتىغا بېرىپ ياردەمچى بولۇپ، بىر قىسىم كەشپىياتلارنى ياراتتى. بۇ جەريانلارمۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن كىشىنىڭ كېيىن ئالىم، كەشپىياتچى بولۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە ئاساس سالدى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر ئالىي مەكتەپ ئۇ:«گەرچە تۇرمۇش جاپا-مۇشەقەت ۋە غەم-قايغۇ بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنىبىر قىممەتلىك سوۋغات، تەڭرى بىزگە ئىنئام قىلغان بىر گۆھەر دەپبىلىمەن، تاكى بۇ گۆھەرنىڭ پارقىراقلىقى بىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىمىزنى نامايەن قىلالىغۇچە ئۇنى تاۋلاپ تۇرىمىز.» دەيىتتى.

نوبېلنىڭ ئاتىسى خېلى ئىقتىدارلىق كەشپىياتچى بولۇپ، خىمىيە تەتقىقاتىغا  ھېرىسمەن ئىدى، بولۇپمۇ پارتلىتىش دورىسى تەتقىق قىلىشقا ئامىراق ئىدى. ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە، نوبېل كىچىكىدىن باشلاپ قەيسەر ۋە باتور خاراكتېر يېتىلدۈرگەن بولۇپ، دائىم ئاتىسى بىلەن بىللە پارتلىتىش دورىسى تەتقىق قىلاتتى. كۆپ يىل دادىسىنىڭ پارتلىتىش دورىسى تەتقىقاتىغا ئەگىشىش كەچۈرمىشى ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوللىنىشچان خىمىيىگە بورىۋەتتى.1862-يىلى يازدا، نىتروگلىتسېرىن (نوبىل مېيى) تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى. بۇ بىر خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە قۇربانلىق بىرىش جەريانى ئىدى. ئۆلۈم پۇرىقى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۇراپلا تۇراتتى. ئۇ بىر قېتىملىق پارتلىتىش تەجرىبىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، تەجرىبىخانىسى كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتتى، بەش نەپەرياردەمچىسى قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسىمۇ بۇ بەخىتسىزلىكتىن ئامان قالمىدى. كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ بىر قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى، نوبېلنىڭ ئاتىسىغا ناھايىتى ئېغىر زەربە بولۇپ، ئوزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ قوشنىلىرى ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ھۆكۈمەتكە نوبېل ئۈستىدىن ئەرىز سۇندى، شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت نوبىلنىڭ شەھەر ئىچىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىدى.

شۇنىڭ بىلەن نوبېل تەجرىبىخانىسىنى شەھەر سىرتىدىكى بىر كۆلگە، يەنى كۆلدىكىبىر كېمىگە يۆتكەپ تەجرىبىسىنى داۋاملاشتۇردى. ئوزۇن مەزگىللىك تەتقىقات ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى ناھايىتى ئاسان پارتلاش پەيدا قىلىدىغان ماددا ‐‐‐ سىماب فۇلمىناتنى بايقىدى، ھەمدە سىماب فۇلمىناتنى پارتلاتقۇچ دورىنىڭ پىستانى قىلىپ، پارتلىتىش دورىسىنى پارتىلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ دەل پىستاننىڭ كەشىپ قلىنىش جەريانىئىدى. ئۇ نوبېلنىڭ ئىلىم-پەن يۇلىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ بۆسۈشى بولدى.

كان ئېچىش، دەريا قېزىش، تۆمۈر يول ياساش ۋە تونېل ئېچىش قاتارلىقلار كۆپ مىقداردىكى كۈچلۈك پارتلاتقۇچ دورىغا ئېھتىياجلىق بولاتتى، شۇڭا نىتروگلىتسېرىنلىق پارتلىتىش دورىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئومۇميۈزلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى.  بۇنىڭ بىلەن نوبېلمۇ شىۋېتسىيدە دۇنيادىكى تۇنجى نىتروگلىتسېرىن زاۋۇتى قۇردى، كېيىن يەنە چەتئەلدە پارتلىتىش دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان شېرىكلەشكەن شىركەتلەرنى قوردى. ئەمما، بۇپارتلىتىش دورىلىرىنىڭ نۇرغۇن مۇكەممەل بولمىغان جايلىرى بار ئىدى. ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە پارچىلىنىپ كېتەتتى، كۈچلۈك سىلكىنىشمۇ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر سادىر بولدى، بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا، شىۋىتسىيە ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى نۇرغۇن چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى تارقىتىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ نوبېل كەشىپ قىلغان پارتلىتىش دورىسىنى توشۇشىنى چەكلىدى ھەمدە، نوبېلنىڭ قانونىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. نوبېل بۇ سىناقلار ئالدىدا قىلچە قورقۇپ قالمىدى، ئۇ يەنە قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، دىئاتوم تۇپراق ئادسوربىسسىيە دورىسى قىلىنغان بىخەتەر پارتلىتىش دورىسىنى كەشىپ قىلدى. بۇ خىل سېرىق پارتلىتىش دورىسى دەپ ئاتالغان بىخەتەرپارتلىتىش دورىسى، ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن ۋە سوقۇلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ زور دەرىجىدە بىخەتەرلىككە ئىگە ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ نوبېلنىڭ پارتلىتىش دورىسىغا بولغان گۇمانىنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىدى، نوبىل يەنە ئابرويغا ئېرىشتى، پارتلىتىش دورىسى سانائىتىمۇ ناھايىتى تېز تەرققىي قىلدى.

بىخەتەر پارتلىتىش دورىسنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيىتى ئاساسىدا، نوبېل يەنە كونا پارتلىتىش دورىسىنى ياخشىلاش ۋە يېڭى پارتلىتىش دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، پوروخ پاختىسى ۋە نىتروگلىتسېرىننىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان يېڭى تىپتىكى يېلىمسىمان پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى پارتلىتىش دورىسى كۈچلۈك پارتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ بىخەتەر، يەنى قىززىق تۇلۇق ئارىسىدا قىسىشقا، ئىسسىق ھاۋادا ئارغامچا ھالەتكە كەلتۈرشكە بولاتتى. يىلىمسىمان پارتىلىش دورىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. نوبېل نەتىجىلەر ئالدىدا توختاپ قالمىدى، ئىس-تۈتەكسىزپارتلىتىش دورىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئىس-تۈتەكسىز پارتلىتىشدورىسى تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى، ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يېڭى تىپتىكى ئىس-تۈتەكسىز پارتلىتىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

نوبېل كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى، ئۇ دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە نوبېل شىركىتى ۋە نەچچە يۈز زاۋۇت قۇردى، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ھەممە يەرنى ئۆز يۇرتى دەپ بىلگەن كەشپىيات شەيداسى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارى، پۈتكۈل ياۋروپانى كېزىپ چىقتى، ئامېرىكىدىمۇ بىر مەزگىل تۇردى. ئۇنىڭ ئىشلىرى دۆلەت ئايرىمايىتتى، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنسۈپ دەپ بىلىدىغان ئىتېرناسىئونالىزىمچى، شۇنداقلا بىرۋەتەنپەرۋەر زاتتۇر. ئۇ ھەمىشە ئەتراپىدىكىلەرگە: «مەن خىزمەت قىلىدىغان جاي مېنىڭ ئانا يۇرتۇم، ئەمما مەن ھەممە يەردە خىزمەت قىلىمەن.» دەيىتتى. نوبېلنىڭ ئىش-ئىزلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە زات بولۇپ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ بىر شىۋىتسىيىلىك ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمايىتتى، دائىم ئۆز دۆلىتىنى ياد ئېتىپ تۇراتتى.

نوبېل ئۆمرىنى پارتلىتىش دورىسى ياساش تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان بولۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ كەشپىياتىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنەنۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، قوللىنىشچان خىمىيە، ئېلېكتر خىمىيىسى، ئوپىتىكا، مېخانىكا، بىئولوگىيە، فىزىئولوگىيە ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. مەسىلەن: نىتروگلىتسېرىن پىلىكى، مىلتىق ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازسىزئېتىلىشى، مېتاللارنى سۇغىرىش ۋە كەپشەرلەش، ھىم ۋە بىخەتەر بولغان گازقۇرۇلملىرى، دېڭىز ئۈستىدە قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل راكېتا قاتارلىقلار. ئۇ 1884-يىلى شىۋېتسىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى، لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە پارىژ ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولدى، ھەمدە 1880 -يىلى شىۋېتسىيە شاھى تارقاتقان ئىلىم-پەن ئوردىنىغا ئېرىشتى.

نوبېل ئىنتايىن سېخى باي بولۇپ، بىر ئۆمۈر مەردلىك ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشىغان ئىدى. تاماكا چەكمەيىتتى، ھاراق ئىچمەيىتتى قارت ياكى قىمار ئوينىمايىتتى. بۇلار ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىزامى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كېيىنكىلەرگە غايەت زور سوممىلىق ماددىي بايلىق قالدۇرۇپ كېتىپلا قالماي، يەنە غايەت زور مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ كەتتى. نوبېل مۇكاپاتى نوبېلنىڭ بىر قىسىم مىراسى ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان. نوبېل مۇكاپاتى ئالتون مېدال، گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نوبېل پۈتۈن ئۆمرىدە  355 تۈرلۈك تېخنىكا كەشپىيات پاتىنىتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ياۋروپا قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى20 نەچچە دۆلەتتە تەخمىنەن 100 شىركەت ۋە زاۋوت قۇرۇپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان. 1896 -يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، نوبېل ئىتالىيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ۋاپات بولۇشتىن بىريىل ئىلگىرى، ئۇ ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان بولۇپ، ۋەسىيەتنامىدە بىر قىسىم مىراسىنى(300 مىلىيۇن 100 مىڭ شىۋېيسىيە كورۇناسى، ھازىرقى 9 مىلىيۇن 200 مىڭ ئامېرىكادوللىرىغا باراۋەر)  مەبلەغ قىلىپ، ھەر يىلقى پايدا ۋە ئۈسۈمىنىفىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە ۋە تىنچلىق تۈرىمۇكاپاتى قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقارقى ساھەلەردە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە ياكى تەشكىلاتلارغا تەقدىم قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 1900-يىلى 6-ئايدا شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى نوبېل فوندى جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، ھەمدە ئىككىنچى يىلى نوبىل ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە، يەنى 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى قېتىم نوبېل مۇكاپاتى تارقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئورۇش مەزگىلىدە ئۈزۈلۈپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر يىلى شۇ كۈندە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكخولم ۋە نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا داغدوغۇلۇق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتى باھالاش نەتىجىسى ھەر يىلى ئەڭ ئاۋۋال ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. نوبىل نىتروگىلىتسېرىن پارتلىتىش دورىسىنى كەشىپ قىلىپ بېيىغان بولسىمۇ، ئۆزكەشپىياتىنىڭ سانائەت (رودا قېزىش، كان ئېچىش، قۇرۇلۇش) ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇنىڭ كەشپىياتى ئورۇشقىمۇ ئىشلىتىلدى. ھايات ۋاقتىدا، نوبېل دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارنىڭ، قايسى ساھەدە خىزمەت قىلمىسۇن، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

1968-يىلى شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرلەش پەيتىدە، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى (تولۇق ئاتىلىشى«شىۋېتسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ نوبېلنى خاتىرلەش ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىمۇكاپاتى»، ياكى نوبېلنى خاتىرلەش ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تەسىس قىلدى، ھەمدە 1969-يىلىدىن باشلاپ باشقا بەش تۈرلۈك موكاپاتقا ئوخشاش تارقىتىلدى. نوبىل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى باھالاش پىرىنسىپى  ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدە زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بىرىش،ھەمدە ئىلگىرى زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى ئالدىن مۇكاپاتلاشتىن ئىبارەت.

1990-يىلى نوبېلنىڭ جىيەن نەۋرىسى كىرائوس نوبېل نوبېل يەر شارى مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، مۇھىتقا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ مۇكاپات 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى فوندى جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي كىرىمىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى سوممىسى تەخمىنەن 11 مىڭ فونتستېرلىڭ (31000ئامېرىكا دوللىرى) دىن 30 مىڭ فونت ستېرلىڭ (72000) ئامېرىكا دوللىرى دائىرىسىدە بولغان. مۇكاپات سوممىسى ئوبروتنىڭ كېڭىيىشى ۋە فوندى جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ كىرىمى تۈپەيلىدىن، يىلسېرى ئۆرلەپ ماڭغان، ئەڭ دەسلەپتە تەخمىنەن 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىربولغا بولسا، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان، 80-يىللىرى220 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن،  20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ھازىرغىچە كۆپ يىل 10مىلىيۇن شىۋېتسىيە كورۇنالىق ھالەتنى ساقلاپ قالغان (2006-يىللىق نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا 14 مىلىيۇن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدا توختىغان). ئالتۇن مىدالنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 270 گىرام، K23 لىق ئالتۇندىن قۇيۇلغان بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 6.5 سانتىمىتېر كېلىدۇ، ئالدى يۈزىگە نوبىلنىڭ قاپارتماھەيكىلى چىقىرىلغان. ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بېرىلىدىغان مېدالنىڭ كەينى يۈزىگە چىقىرىلغان زىننەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ لايىھلىنىشىمۇ ئۆزگىچە. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ۋە ئاددىي بولۇپ، ئىلگىرى ھەر يىلى قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 1500 دىن 1800 گىچە بولاتتى، ھازىر 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتنىشىدۇ. مۇراسىمغا قاتناشقان ئەرلەر قارا رەڭلىك قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق كىيىم ياكى مىللىي كىيىم كىيىشى، ئاياللار كەچلىك مۇراسىم كېيىمى كىيىشى كېرەك، مۇراسىمدا بارلىق ئاق گۈل ۋە سېرىق گۈللەر چۇقۇم ساينتمورېيل (ئىتالىيە شەھىرىدىكى نوبىل ۋاپات بولغان جاي)غا ئايروپىلان بىلەن تۇشۇلىدۇ، بۇ نوبېلنى خاتىرلەش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ.

نوبېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىگە ئاساسەن، پۈتكۈل باھالاش جەريانىدا، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى دۆلەت تەۋەلىكى، مىللىتى، ئىدىيىۋى قىياپىتى ۋە دېنى ئېتىقاد چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.

                                 تەرجىمە ئەسەرلىرىمدىن    ''دۇنيا پەن-تېخنىكا مەدەنىيتى"

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 01:34 PM  


روھىنى پاكلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78450
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3423
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 09:54:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئىزىدىنىپىسىز ھە. رەخمەت

بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78450
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3423
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 09:54:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئىزىدىنىپىسىز ھە. رەخمەت

بىر قەدەمىنى خاتا ماڭساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 09:59:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل يەنە بىر ھېسياتچان  شائىر ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا دائىم شىئرىي ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇراتتىكەن .ئۇ يەنە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىمۇ تەسىس قىلغان .ئۇنىڭ ئىلىم يۇلىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ،ئگىلمەس -سۇنماس جاسارىتى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3022
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 908 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:05:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                              مەن ئالىمەن ئاللاھ خالىسا.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulpat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 10:05 AM  


hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:31:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:32:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:33:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ  ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﺎﺗﯩﻨﯩﺖ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1900-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 1901-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ 1996-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻣﯘﺷﯘ 95ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺟﻪﻣﺌﻰ 639 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ 148 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﺩﯨﻦ123 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺩﯨﻦ159 ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ 91ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ81 ﻧﻪﭘﻪﺭ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ37 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ 43ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ229 ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ81، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ72، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ48 ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ27، ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ18،ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ17، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ15،ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ،ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﻴﺮﻳﻪ13، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ11، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ8،  ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ4، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ3، ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ8، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ4، ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ4 .

ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﺴﯩﻤﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ 639ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ 21ﻧﻪﭘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺳﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ596 ﻧﻪﭘﻪﺭ (ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ، ﻛﺎﺗﯘﻟﯩﻚ، ﭘﯩﺎﯞﯗﺳﻼﯞ) ، 93ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﻪﮬﯘﺩﻯ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 8ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯩﻨﺪﻯ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﺌﻰ 6، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 4ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ 0.62ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ 20ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ، ﻛﺎﻣﺒﯩﺮﯨﭻ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ 56،  ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ36، ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ 34، ﺑﯩﺮﻟﯩﻦ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ 26، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯩﯖﺸﯩﯔ  ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯩﻜﺎﮔﯘ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻠﯩﺮﻯ22، ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ20.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯜﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻛﺎﻣﺒﯩﺮﯨﺞ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺘﯩﺘﻰ  ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﯩﺮﯗﺗﯩﺴﺘﺎﻧﺖ ﻣﻪﺳﯩﮭﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺷﻪﮬﻪﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺗﻮﭘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ: ﯞﺍﯕﻴﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79792
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ توغرىسىدا  ئاڭلىغانتىم لىكىن  ئسىمدىن چىقىپ قاپتىكەن  ....ئەمدى  تىخىمۇ ئىنچىكلەپ  ئۇقېۋالدىم   رەخمەت سىزگە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش