|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز تورداشلار سىلەرنىڭ كۆڭۈل ئارامىڭلارغا ئۆزۈم يىڭىدىن ئاكورتلاشتۇرۇپ ئوقۇغان (كىرەك ئەمەس شەھلا كۆزلەرىڭ !)ناملىق ناخشامنى سۇندۇم،بۇ ناخشام سىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ ھوزۇر بىغىشلىيالىسا قىلغان ئەجىرىمدىن مىڭ مەرتىۋە رازىمەن!!!! بۇ ناخشامدىكى ئاكورتلاشتۇرۇش ،ئۈنگە ئىلىش ۋە ئاخىرىدىكى ئۈنۈملەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆزۈم قىلغانمەن، ئىلىكتىرونلۇق گىتتار،باس گىتتار ۋە قاپاق گىتتارنىمۇ ئۆزۈم چالغان!!!! قوشۇمچە ئاكورت ئاۋازنى كەسىپدىشىم نازىگۈل ئوقۇغان،(مۇشۇ مۇناسىۋەتتە نازىگۈلنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن!!!) مىنىڭ بىلىشىمچە بۇ ناخشا ئەسلى ئۆزبىكىستان ناخشىچىسى دەۋراننىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان ناخشىسى بولۇپ ،بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئاتاقلىق تاجىك ناخشىچىمىز يۈكسەك شىجائەتخان ئاكىمىزنىڭ1993-يىلىدىكى قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىدا تىكىستىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئوقۇشى بىلەن تونۇلغان!! بۇ ناخشىنى يۈكسەك ئاكىمىزدىن باشقا قەشقەرلىك ناخشىچى ئاكىمىز ئابدۇسوپۇر ئىسمايىل ئاكىمىز 2000-يىلى تۇنجى چىقارغان قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىدا ئوقۇپ خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان!!!! ئۇنىڭدىن سىرىت2000-يىلى ئۆزبىكىستان (بالىلار ئانسامبىلى) بۇ ناخشىنىڭ تىز تىمپولىق نۇسقىسىنى ئۇقۇپ دىيارىمىز ۋە ئۆزبىكىستان خەلقىنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولغان!!! ئەمدى بۇ ناخشىنىڭ ئۆزبىكچە نۇسقىسى بىلەن ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا كەلسەك 1-دىن تېكىستى ئوخشىمايدۇ،مەسلەن؛ئۆزبىكچە نۇسقىسىدا ناخشىنىڭ باشلىنىشى (چىراي ئاتا ئىتىپتۇ خۇدا سىنگە جانىم ،،،)دەپ باشلىنىدۇ!!! 2- ئاھاڭى ئازىراق پەرىق قىلىدۇ!!مىنىڭ بۇ قىتىم سىلەرگە سۇنغىنىم ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆز ھىسىياتىمنى يۇغۇرۇپ ئوقۇغان نۇسقىسىدۇر!!!! بۇ ناخشا توغۇرلۇق چۈشۈپ قالغان ياكى توغرا بولماي قالغان تەرەپلىرى بولسا تورداش دوسلىرىمىزنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،چۈنكى بىر ناخشىنىڭ ئەسلى كىمنىڭ ،ئەسلى قانچىنچى يىلى ئوقۇلغان ،قانداق تارىخى باردىگەنلەرنى بىلمەي تۇرۇپ قارۇغۇلارچە، چۈشەنمەي ئاڭلاشقا مەن ئۆزۈممۇ ئۆچ!!!!! ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!! ناخشىنى بۇ ئادىرىستىن ئاڭلاڭ!!!!! http://fc.5sing.com/6103441.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 01:31 PM
|
|
|
|
|
|