مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3743|ئىنكاس: 23

ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13701
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:01:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

aj xundak  digan  拷贝.jpg

                       

ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن
                            كامىل قېيۇم



ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ! دۇنيادىكى بىلىمگە ھەم ئىلىمگە ئىنتىلگۈچى قىرىنداشلار !
كەمىنە كىلياڭدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام  مەقسەتكە كەلسەم بىر مىللەت ياكى بىر دەۋىر مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئاپتۇرلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى ، ۋە سەۋىيەسى ، نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .
مەسئۇلىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر توپى سۈپەتلىك ئاپتۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈرىتكە .
قەشقەر پەيزاۋاتلىق دېھقان يىگىت كامىل قېييۇم  ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ ، ئەسەرلەردىكى ئەقىلىيەلەرنى ، بەدئىيلىك تۈسى قويۇق ئېيىتمىلارنى تاللاپ ، كىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىپتۇ . بۇ ئوقۇرمىنىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا بولغان ئىخلاسى ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان كۆزىتىشنى كۆرگىلى بولىدۇ .
مۇشۇ سەۋەپ بىلەن مەنمۇ ئابدۇقادىر جالالىددىن ،  ئەسئەت سۇلايمان . جالالىددىن بەھرام ، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن ، قاتارلىق بىرقىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزەمدىكى مەسئۇلىيەتنى ئازراق بولسىمۇ تونۇپ دېھقان يىگىت كامىل قېيۇم تۈزگەن ( ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن ) بۇ كىتاپنى كەڭ تور ئاممىسىغا يوللاپ قويۇشنى ئويلىدىم .
توردىكى دوسلارنىڭمۇ بۇ يازمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندى دىگەن گەپلەرنى يىزىش ئارقىلىق بۇيەردە تىلغا ئىلىنمىغان بىزمۇ ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلىرىنى بىرلىكتەئاڭلىساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .




1 _  ئىنسان پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مۇقامىنى يارىتىدۇ .
2 - ئاللاھنىڭ گۈزەل ۋە ساغلام بەدەننى ئاتا قىلىشى ھەممە بايلىقنى ئاتا قىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر . ئادەم مېڭىسى پىكىر قىلىش ، ئويلىنىش ئۈچۈن يارالغان . كۆز ، قۇلاق ، پۇت - قول قاتارلىق باشقا ئەزالارمۇ ئۆزىگە لايىق قۇدىرەتكە ئىگە . ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى تونۇپ مۇۋاپىق رولىنى جارى قىلدۇردىغان بولسا ، ئىنسان بالىسىغا نېمىلەر نېسىپ بولمايدۇ ؟ ساغلام ۋۇجۇد ئاتا قىلغان ئاللاھ ئۇنى توغرا ئىشلەتكەن ، ئۆز بەخىت سائادىتىنى ئىزدەش يولىدا سەرىپ قىلغان بەندىسىگە نۇسرەتنى ئايارمۇ ؟  

3 - ئۆيمۇ ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ، ئۇ ، ئۆزىدىن تاشقىرى دۇنياغا دېرىزە ئارقىلىق قارايدۇ ، ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش تىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك دۇنيالىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇردىغان ئادەم بولسا ، ئۆينىڭ سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكى .
4 - تەقۋا كەمبەغەل ، پاسىق بايدىن ئاجىز ئەمەس .
5 - ئاياللار شۇنداق يارىتىلغانكى ، ئۇلار بىر قارىساڭ ئەمگەك كۈچى ، بىر قارىساڭ مېڭىپ بەرگۈچى . بىر قارىساڭ ئانا ، بىر قارىساڭ لاۋا.................. ئاخىرقى ھېسابتا ئۈزۈل -كېسىل قۇربان بەرگۈچى ، ئىشلاردا ناقابىل ئەرلەر ئاياللاردىكى ئېلاستىكىلىق ۋە مول ئىچكى دۇنيانى كوزىر قىلىپ ، مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ ياشىماقتا .
6- تارىخنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقنىڭ يوشۇرۇن ئىگىسى ئاياللاردىن ئىبارەتتۇر .
7 - بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلىكى ئاياللاردىكى ساياقلىقتا روشەن كۆرىلىدۇ ، بۇ يەنە ئەرلەردىكى قەيسەرلىكنىڭ بەرپات بولغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ .
8 - ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى ، ئوتتۇرا ياشتا رېئالىزىمچى ، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ .
9- ئاتا تاغقا ئوخشاش سۈرلۈك بولۇشى ، ئانا باغقا ئوخشاش ئىللىق ، خۇشپۇراق بولۇشى كېرەك .
10 - بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى قىز - ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشىدىن بىلگىلى بولىدۇ .
11 - مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ ؟ ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي ساغلاملىقتىن ، پىكىر تېرەنلىكىدىن باشلىنىدۇ . دېمەك ، سەن غايە ۋە ئەقىدە ئىگىسى بولۇشۇڭ كېرەك ، بولمىسا سەپەر ئۈستىدە ئاسانلا ئېغىپ كېتىسەن ، ئۆزىڭنى باشقىلارغا تەقلىد قىلىپ سالىسەن ، مانا بۇ ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ يىلتىزى .
12 - نومۇس قىلىشنى بىلمىگەنلەردە باتۇرلۇق بولمايدۇ . قورقۇنچاقلار نومۇستىن تەرلەشنى بىلمەيدۇ . ئۇلار دەل قورقۇنچاقلىقى تۈپەيلى ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .
13 - ئوقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن  كۆيۈم ، ئاندىن بىلىم بولۇشى كېرەك چۈنكى ئادەم تەربىيلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۆيۈم ، ئىنسانى مۇھاببەت .
14 - يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى -- ئىنساننىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن يىغلاش ۋە قايغۇرۇش .
15 - تىلدىكى بۇلغىنىش مىللىي ئىماندىكى بۇلغىنىشتىن دېرەك بىرىدۇ .

  بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللايمەن ، تورداشلارنىڭمۇ قوللىشىنى ۋاقىت بولسا يوللاپ تۇرۇىشنى ئۈمۈد قىلىمەن . كۆپ بولۇپ كەتسە ھەزىم بولماي قالمىسۇن .
تۆۋەندە  ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ يىقىنقى نۇتۇقى بىرىلدى .
http://bbs.alkuyi.com/thread-18524-1-1.html
   مەنبە : دېھقان يىگىت  كامىل قېيۇم تۈزگەن  ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن   ماۋزۇدىكى كىتاپتىن ئىلىنىپ يوللاندى .
2012 - يىل 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى  يەكشەنبە
خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتىدىن : ئىمىنجان ھىدايەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 03:08 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-27 03:01 PM):
يول ئۈستىدە ھايانكەشلىك ، دىلكەشلىك ،نىمكەشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ .
ئىمىنجان ھىدايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51335
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9928 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:18:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇ كىتابنى سېتىۋالغىلى 3كۈن بولدى،بىر يىللاردا،ئىبراھىم ئالىپ تېكىن تۈزۈپ نەشىر قىلغان ‹‹ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى››دېگەن كىتاب بەك يارىغان،بۇ ئۇستازىمىزنىڭ كىتابتىكى ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ  قىممىتى ئاشۇ كىتاب بىلەن ئوخشاش تۇردىكەن دەپ ئويلىدىم .
سىزنىڭ تېمىڭىزنى بىر تەھرىرلەپ،سىز ھۆرمەتلەيدىغان بىر زىيالىينىڭ ئىسمىنى تېمىدىن چىقىرۋەتتىم،ئەپۇ قىلارسىز........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51335
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9928 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:20:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى ، ئوتتۇرا ياشتا رېئالىزىمچى ، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ .

شېئىر يازىدىغان تورداشلار ما ھېكمەتنى ئوبدان كۆرۈپ قويسا بولغۇدەك،نېمەدىگەن توغرا گەپ.ئارتۇق گەپ قىپ قويغان بولسام،ئۆزرىلىكمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 02:05:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
1،2،4،10،11 لىرىنى ھەممىدىن بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11921
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9979
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1507 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 05:02:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن!
مۇئەللىمنىڭ 2003-يىلى 'ئۆزىنى ئزىدەش بوسۇغىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈزۈكرەك ئەسىرى چىقمىدى. ئەمدى يىرىك ئەسەرلەرنى ئشلەيدىغان ۋاقتى كەلدى. 10يىل دېگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس.يەنە ئەمدى پىكىر رامكىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى.
كىلياڭ ئەپەندىنىڭ ئەجرىگىمۇ كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 08:37:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25554
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 09:24:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ تىنى ئامان بولسۇن ، مىللىتىمىزگە ئابدۇقادىر ئەپەندىمدەك جىڭغا توختايدىغان كىشىلىرىمىزنى ئاللاھ كەم قىلمىسۇن !

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23830
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3777 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:13:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللا ، ئابدىقادىر جالالىدىن  ، جالالىدىن بەھرامنىڭ  ئوغلىمۇ ياكى  مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىممۇ ؟     

     ئەمەس بولسا زاڭلىق قىلماڭلار جۇمۇ ..............

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3037
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 915 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:30:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ جالالىدىن بەھرامنىڭ ئوغلى ئەمەس جالالىدىن بەھراممۇ ئاتاقلىق يازغۇچى بىراق مىنىڭچە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇنۇڭدىن يامانراق..........

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:29:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش