35ياشلىق دۇستىمىزنىڭ تۇنجى توي مەرىكىسىدىكى سۆز
(ئۆمەرجان ئىسمايىل قۇتۇق)
ھۈرمەتلىك مېھمانلار، تەۋەرۈك ئاتا-ئانىلار،ئاكا-ھەدىلەر، گۈزەل قىزلار ھەم كىلىشكەن يىگىتلەر، كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
بۈگۈن دۇستىمىز ئابلىكىم بەكرى بىلەن ئاينۇرگۈلنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسى.تۇيۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن دۇستىمىزنىڭ ھاياتىدىكى يىڭى پەللە. تۇرمۇشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى.ھەممىىمىز بىلىمىز، نىكاھ ئۇلۇغ، توي قىلىش پەرز. بۇندىن كىيىن دۇستىمىزئابلىكىم بىلەن ئاينۇرگۈلنىڭ مۇشۇ ئۇلۇغلۇقنى قەدىرلەپ، گۈزەل خۇلق-مىجەز بىلەن ياشاپ، جاپا- مۇشەققەتلەردە بىرگە بۇلىشىنى،بەخىتلىك،ئىناق،يىقىملىق ئائىلە قۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئىككىسىنىڭ بېشى باش،ئايىقى تاش بولسۇن! تەنلىرى ساق،بايلىقى زىيادە بولسۇن!پەرزەنتلىرى بىرىنچىسى بىر كېزەك، ئىككىنچىسى قوش كېزەك بولسۇن!
ئاخرىدا تۈۋەندىكى چاقچاق بىلەن مەرىكىمىزنى باشلاپ كەتسەك.
ئەتىۋار دۇستىمىز بىلگەنسىز ئەمدى،
كۈيئوغۇل ئاتالماق ئۇنچە تەس ئەمەس،
ئىجتىھات كېرەكتۇر ،ئەمدى تۇرمۇشتا،
چىن سۆيگۈ بولسىلا، بۇمۇ تەس كەلمەس
ئاي ئىكەن جۈپتىڭىز،ئۇنى قەدىرلەڭ،
نۇرىغا چۈمۈلۈپ ، ھۇزۇر بەخىتنىڭ.
باغ ياساڭ، خۇشپۇراق تارالسۇن ئەلگە،
ھۈرمىتى ئاشقاي تېخىمۇ، بەكرى ئاتامنىڭ.
كىچىكىپ قىلدى توي، دۇستىمىز بۈگۈن
ئاخىرى چالدۇق ناغىرنى، سايرىتىپ سۇناي.
ئاينۇرگۈل گۈل بولسا دۇستىمىز كاككوك
ھەر كۈنى شۇ گۈلنىڭ شېخىغا قونغاي.
گۈلمۇ ھەم كاككۇكقا تەبەسسۇم قىلغاي.
قىزىيدۇ دۇستىمىز تۇيىڭىز بۈگۈن،
ئۇسسۇلنى باشلايمىز ، تەييار بۇلۇڭلار!
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kutuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-6 10:48 PM