ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىمدىكى ئەزىز دوسلار.مەن مىسرانىمغا ئەزابولغىلى 1يىل بولاي دېدى، تېخىچە مىسرانىمغا بىرمۇ تېما يوللاپ باقمىدىم، ھەم ئانچە ئىنكاس يېزىپ كەتمەيمەن شۇڭا مىسرانىمدىكى دوسلار مېنى تونۇمايدۇ،ھورۇنلىقىمنى كەچۈرۈڭلا. بىلىمىمدىن مىسرانىمغا ئازراق ھەدىيە قىلاي. مەن تۆۋەندەھېچقانداق قورال ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھۆججەت خالتىسىنى مەخپىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى(加密文件夹).بىز ئالدى بىلەن باشلاش تىزىملىگىدىن(开始) ئىجرا قىلىش(运行)دېگەننى تاللاپ cmd دەپ كىزگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق ms-dos ئېچىلىدۇ (رەسىم 1).
(رەسىم 1)
ئېچىلغان كۆزنەككە \..md F:x كودنى يازىمىز(رەسىم 2)، بۇچاغدا :F دېسكىنى ئېچىپ قارىساق .x دېگەن بىر ھۆججەت خالتىسىنى كۆرىمىز. بۇ ھۆججەت خالتىسنى قوش چېكىپ ئاچقىلى بولمايدۇ. قوش چەكسەك زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ ( x xنىڭئورنىغا ئۆزىمىز خالىغان خەتنى يازساق بولىدۇ).
(رەسىم 2)
ئۇنداقتا بۇ ھۆججەت خالتىسىنى قانداق زىيارەت قىلىمىز؟ باشلاش تىزىملىگىدىن ئىجرا قىلىش دېگەن تاللانمىنى تاللاپ \..F:\x (رەسىم 3) دەپ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسساق مۇشۇ ھۆججەت خالتىسى ئېچىلىدۇ. بۇ ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگە ئۆزىمىز ساقلىماقچى بولغان ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ قويساق بولىدۇ(بەزى ھۆججەتلەرنى ئاچساق ئېچىلمىسا ياكى نورمال بولمىسا باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ ئاچساق بولىدۇ)
.
(رەسىم 3)
ئەمدى بۇ ھۆججەت خالتىسىنى ئۆچۈرمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ باشلاش تىزىملىگىدىن(开始) ئىجرا قىلىش(运行)دېگەننى تاللاپ cmd دەپ كىزگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق ms-dos ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەككە \..rd F:\x(رەسىم 4) دەپ كىرگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق ھۆججەت خالتىسىنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.
(رەسىم 4)
ئەمدى بۇ ئۇسۇلمۇمەخپى بولماي قالدى-دە. كومپۇتېرھەۋەسكارلىرى توپى: 202332863
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-6 08:42 PM
|