رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى قېرىنداشلار بۇ شېئرىمنى يىزىشتىن بۇرۇن بىر ئىككى ئىغىز سۈزلەپ چۈشەندۈرۈش بىرىپ قۇياي يەنە خاتا قاراش بولۇپ قالمىسۇن .
ھازىر دەۋىر ئىقمى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر سەنئەت مەدنىيتىمىزمۇ ئەگىشىپ شۇ كەسىپتىكى قېرىنداشلارنىڭ تىرشىش ئارقىسدا تەرەققى قىلماقتا .لىكىن بەزىبىر سەنئەت نېمە دىسە بىلمەيدىغان ئاز ساندىكى بىرلىرى ئۆزنى چولپان دەپ ئاتىۋىلىپ نەدىكى مەدەنىيتمىز بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىممىزگە مۇخالىپ سەلبى بولغان سەنئەت بىلەن بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە چوڭ تەسىر كۈرسەتمەكتە .
يەنە بەزىلەر بىر ..ئىككى ناخشا ئوقۇپلا ئەل چولپان دىگەن نامنى بەرسە ئۆزنى يۇقاتقان ھالەتتە ناچار يەنى كىشلەرگە ھىچ قانداق زوق بەرمىگدەك ناخشىلارنى ئوقۇپ سەنئىتمىزگە بىھۆرمەت قىلىۋاتدۇ.
مەسلەن : ھازىرقى ئاشىق -مەشۇقلار دەپ بىر تېما مىسالى.
لىكىن چولپان دىگەن نام ئەل دەيدىغان نام ئۇنداق بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىغان سەنئەتكارنى بىز ئەخلەت ئورنىدا بىر تەرەپ قىلمىز خەلقىمىز بۇرۇندىن شۇنداق قىلىپ كەلگەن شۇ يالغان چولپانلارغا مۇنۇ شېئرىمنى يازدىم
يالغان چولپانلار
ناخشا ئىيىتساڭ تۈزۈك ئيتقىن يالغان چولپانلار،
ناخشا دەپلا ئىيتىۋەرمە ئەلنىڭ ئالدىدا.
ئىيتىپ قۇياي مەنمۇ بۆگۈن مۇشۇ سۇرۇندا،
ناخشا ئىيىتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
ئىيتقان ناخشاڭ ئەل كۈڭلىنىڭ تارىنى چەكسە،
قەلبىدىكى تۈگۈننى مۇڭ بىلەن يەشسە.
گاھ ناخشاڭدىن ئەل زوقلىنىپ خوش بولۇپ كۈلسە،
چولپان دەيمىز شۇندا سېنى ئەل سېنى سۆيسە.
يىتەلمىسەڭ سەن خەلقىڭنىڭ كۈڭۈل دەردىگە،
چولپان دىمەس ئوخشىمىساڭ ئۈزۈپ نەسلىگە.
چاۋاك چالماس ئەل خەلقىممۇ يارماس پەدىگە،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
ناخشىچى كۆپ تۇنۇلغانلار ئاز لىكىن بىزدە،
ئىيتقان ناخشاڭ ئاۋال ياقسۇن ئەلنىڭ قەلبىگە.
خەلىق بەرگەن شۇ سەھنىنى ئوخشاتما دەڭگە،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
شۇ سەھنېدە تۇنۇلغانلار يوق ئەمەس بىزدە،
ھابدۇللادەك ئەل سۆيگەنلەر كۈرۈندى كۆزگە.
يەنە تالاي چولپانلىرمىز ئايلاندى چۆشكە،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
خەلقىڭ بەرگەن شۇ سەھنىدە ئىللەتنى باشلاپ،
چەتئەللەرنى دورايمىز دەپ بەدەن يالڭاچلاپ.
مەن سەنئەتچى دىگىنىڭگە تۇرماس ئەل قاراپ،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
چولپان دىگەن شۇ نامنىمۇ ئەل بىرەر ساڭا،
گەر خالىسا يوق قىلىدۇ نامىڭنى يانا.
ئىيتقان ناخشاڭ ئەل دەردىگە بولسۇن بىر داۋا،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
سەنئەت ئەمەس شەيتان كەبى چىقساڭ سەھنىگە،
سېنى كۆرگەن ئەل خەلقىممۇ كىلەر قەھرىگە.
زار يىغلايسەن بىر كۈنلەردە ئۈزۈڭ دەردىگە،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئيتقىن يالغان چولپانلار.
ئۇنتۇلمىسۇن مىراس قالغان شۇ مەدىنىيەت،
چولپان بولساڭ ئەلنى ئويلا ئۆگەتمە ئىللەت.
مەنمۇ يازدىم بۇ شېئرىمنى بولسۇن دەپ ئىبرەت،
ناخشا ئىيتساڭ تۈزۈك ئىيتقىن يالغان چولپانلار.
رۇستەم قاراسۇ......................ئاتۇش
ئۇچاڭدىكى قانداقكىيىم قىزچاق
ئۇچاڭدىكى قانداق كىيىم بىلمىدىم قىزچاق،
ياخشى ئىشمۇ ئۇچۇق قالسا شۇ كىندىك پاچاق.
ئۇيالمامسەن جامائەتنىڭ ئۆتسەڭ ئالدىدىن،
ئۇنتۇلدىمۇ يا،سەندىكى ئىنسانى ئەخلاق.
ئەتلىسمىز بارغۇ بىزنىڭ زەپمۇ چىرايلىق،
يارىشىپتۇ دىمەسمىدۇق كەيسەڭ سەن لايىق.
يۇشۇرماي گەپ مەنمۇ بۆگۈن ئالدىڭدا سىنڭ،
كەيگەن يوپكاڭ ئۇلتۇرغاندا قىلمامدۇ تارلىق.
ئۇنتۇپ قالما مۇدا قوغلاپ ئەسلىڭنى قىزچاق،
شۇ سەۋەپلىك ساڭا چوڭلار ئاسقان كۆز مۇنچاق.
مىللىتىمنىڭ ئانىسى سەن كەلگۈسى ھەم سەن،
بۇنداق يۈرسەڭ قاينىماستىن تۇراي مەن قانداق.
سىنى كۆرگەن چىن ئۇيغۇرنىڭ يىغلايدۇ يۈركى،
ئەۋلاتلارنىڭ تەربىيچىسى بولغاچ سەن چۈنكى.
سىنى ماختاپ كۆلگەنلەرنىڭ يالغان دوسلىقى،
شۇ ئەتتىڭدىن زوقلانغاننىڭ بۇزۇلغان قىنى.
مودا ئەمەس ئوچۇق بەدەن يۈرۈش ھىچقاچان،
بۇ سۆزلەرنى ئەجداتلارمۇ بىزگە كۆپ قىلغان.
بۆگۈن قىز سەن ئەتە ئانا بولىسەن قىزچاق،
ئىللەتلەرنى تۆزەت ئەمدى ئۇخلىما ئويغان.
ئۇنۇتما
ئەقىل تاپقان يېشى تولغان ئوغۇل ھەم قىزلار،
پۇل تاپقانلار، يۈز تاپقانلار، ئەمەل تۇتقانلار.
ئىشچى، كادىر، دىھقان، چولپان ھەتتا ئالىملار،
ئاتاڭ باققان، ئاناڭ باققان ئۇنۇتما سىنى.
ئەڭ چوڭ ئۇستاز ئاتا ئانا ھەر كىمگە شۇنداق،
ئۆگىنەلمەيسەن سەن ئۇلارسىز ئىنسانىي ئەخلاق.
كەپىلەردە غېرىب قويۇپ كەتمە سەن يىراق،
ئاتاڭ باققان، ئاناڭ باققان ئۇنۇتما سىنى.
كۈتمەس سەندىن پۇل، مال-دۇنيا ياكى مەنپەئەت،
كۈتەر پەقەت ۋاپادارلىق ھەمدە ساداقەت.
سېنىڭ ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن ئۇلار شاپائەت،
ئاتاڭ باققان، ئاناڭ باققان ئۇنۇتما سىنى.
شۇ ئەجرىگە يۈدۈپ بارساڭ ھەتتا ھەجىگە،
ئارتۇق كەتمەس سىنىڭ ئۈچۈن تۆككەن تەرىگە.
چىداپ كەلدى تالاي يىللار يەنە دەردىڭگە،
ئاتاڭ باققان، ئاناڭ باققان ئۇنۇتما سنى.
كۆكتە ئۇچساڭ پەستە قويما كۆتەر بېشىڭدا،
ئۇچالمىساڭ مەيلى كۆكتە ئەمما تاشلىما.
ئەقلىڭ بولسا، ئادەم بولساڭ ھەرگىز خورلىما،
ئاتاڭ باققان، ئاناڭ باققان ئۇنۇتما سىنى.
رۇستەم قاراسۇ
2012....ئاتۇش