ئىسلامنىڭ ياۋروپا چۈشى
ئاپتورى: شلومو بىن-ئامى (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

2004-يىلدىكى مادرىد پويىز پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە 2005-يىلدىكى لوندون مېتروسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن ئوخشايدىغىنى، 2012-يىلى 3-ئايدا فرانسىيەنىڭ تولۇس شەھرىدە يۈز بەرگەن مۇھەممەد مېراھنىڭ جىنايى قىلمىشى ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئاز سانلىق توپىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى قيىنچىلىق كىشىلەر ئالدىدا قايتا زاھىر بولدى. ھېچقايسى جەمئىيەت پۈتۈنلەي يوچۇق يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. ئەمما مۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسە ئالدىدا، بىز «ئەرەب ياۋروپاسى» نىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا راستىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
كۆپ مەدەنىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بولسۇن (ئەنگىلىيە ئەمگەك مىنىستېرلىكىنىڭ مىنىستىرى روي جېنكىنس 1966-يىلى:"كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئۆز ئارا سىغدۇرۇشچان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە" دېگەن سۆزنى قىلغان ئىدى) ياكى ھۆكۈمەت دىننىي سالاھىيەت ئايرىمىسىنى سۇسلاشتۇرسۇن (19-ئەسىردىكى تارىخشۇناس جۇلېس مېشىلېت :فرانسىيە ئىلاھنىڭ ئورنىنى ئالماقتا دەپ ئېيتقىنىدەك) ھەممىسىنى پىلان بويىچە قىلغىلى بولمايدۇ. كۆپ خىللىشىش ئىدىيىسى ئەنگىلىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مۇسۇلمانلار توپىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان بولۇپ، ئىسلام دىنى سالاھىيەت بەلگىسىگە ئېرىشىپ، چەتئەللىكلەرنى چەتكە قاقىدىغان كۈچلەرنى يوقاتتى. ئوخشاشلا، كۈچلۈك دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىش سىياسىتى (فرانسىيە قاتتىق جۇمھۇرىيەت دىنسىزلىرى) فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنننىي سالاھىيەت ئېتراپ تۇيغۇسىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.
ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى (كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى دۆلەتنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى) ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ياتلىشىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ تاشلىدى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتتە ئۆز ئۆزىنى ئايرىپ تۇرىشىنى تېزلەشتۈردى. غېرىبلىق، نامراتلىق، ئۆزى دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان دۆلەتتە تۇرۇش قاتارلىقلار فرانسىيەنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرى ۋە ئەنگىلىيە شەھەرلىرىنىڭ نامراتلار رايونلىرىنى دىننىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ تەرغىباتلىق قىلىدىغان سورۇنى ۋە سىياسىي ئاشقۇنلارنىڭ ئىللىق ماكانى بولۇپ قالدى، يۇقىرىقى تەشكىلاتلار ئاسانلا بۇ جايلاردىكى مۇسۇلمان ياشلارنى غەنىيمەت ئالىدۇ ۋە جەلىپ قىلىۋالىدۇ.
نۆۋەتتە، ئەنگىلىيەدىكى تەڭ دەرىجىلىك (پارالېل) مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، ئاز دېگەندە 85 ئىسلام سوتى (شەرىئەت) بار، بۇنىڭدىن سىرت، 1689 مەسچىت ۋە 1700 ئەنگىلىيە دۆلەت دىنى چېركاۋلىرى بولۇپ سانى باراۋەر ھالدا تۇرماقتا. مۇھەممەد ئەنگىلىيە ئوغۇل بالىلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىسىم بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېيرون 2011-يىلى ميۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىدا يۇقىرىقىلارنىڭ كۆپ قىرلاشقان سىياسەتنىڭ يامان نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى دارىتمىلىغان ئىدى.
شۇڭا، ياشلار ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ قىزغىنلىق بىلەن چىن دىلىدىن دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھادىسىسىنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەينى چاغدا قانلىق باشتۇرۇشتىن قېچىپ، ھازىرقى ھاكىمىيەتكە بوي سۇنۇشقا مايىل، بۇ خىل پىسخىك تەسىر ھېلىمۇ مەۋجۇت. ياش بىر ئەۋلادلار ئاسىيىلىق قىلىشنى تاللىدى، چۈنكى ئۇلار ئەركىن ئىدىيە ۋە دېموكراتىيە بەرگەن ئەركىن تاللاش ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىدا كۆرىنەرلىك ئەنگىلىيە ياكى فرانسىيە تەسىراتلىرى تامغىلىرى بار.
ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ئىراققا بارغان؛ باشقا بىر قىسىملىرى يەمەن ۋە سومالىدا ئۇستاز تۇتۇپ دىن ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار قەتئىي ئاشقۇنلار ۋە غەربكە قارشى جەڭچىلەرگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غەرب ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان. بۇ يەردە ياش ئەنگىلىيەلىك مۇسۇلمان مۇھەممەد سادىق خان (ئۇ لوندون مېتروسىنى پارتلىتى دېلوسىغا قاتناشقان، ئېغىر يوركشىر شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ) نىڭ:«مۇنداق قىلىشىم ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئۈچۈن» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمما مېراھ ياكى سادىق خانغا ئوخشاش ئەسەبىيلىك نورمال ئادەم قىلىدىغان ئىشلار ئەمەس، بىر خىل كېسەل ئىدىيىگە چوقۇنۇش، بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ يۈزلىنىشى ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىشى ياش فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ھەمدە ئەل قائىد تەشكىلاتىغا بولغان مەپتۇنلۇق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش ئارزۇسىنى پۈتۈنلەي يوقىتالمىدى.
ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئۆتكەن ئىككى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋرپاغا زور مىقداردا ئېقىپ كىرىشى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئىسلام دىنى بىلەن زامانىۋىلىق ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ سوقۇلۇش، ئىسلام دىنىغا ھەددى-ھېسابسىز پايدا يەتكۈزدى: مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن زىيالىيلار سىنىپى ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تېخى چوڭ ئەركىنلىكى بار. ياۋروپادىكى نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى فرانسىيەدە، خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار جىنسىي باراۋەرلىك، دىن بىلەن سىياسىينى ئايرىش ۋە باشقا ئاساسلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، مۇسۇلمانلار مەھەلىلىرىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي ئىقتىسادتا يۇقىرىغا قاراپ يۆتكەلمەكتە. 1968-يىلىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن %30 تى ئوتتۇرا ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولغان. تېخىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا سالاھىيەت ئەندىزىسى يوق، مەسىلەن تەبىقە ۋە ئىقتىسادىي ئورۇن دېگەندەك.
ئەنگىلىيەدىمۇ، كۆچمەنلەر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە كەسپىي زاتلار قاتارلىق مىللىي تەركىب بولۇپ قالدى. كۆپلىگەن پاكىستان تەۋەلىكىدىكى ئەنگىلىيەلىكلەر مائارىپ ۋە ئىقتىسادتا مۇۋاپىقىيەت قازاندى ھەم سىياسىي تۇرمۇشقا ئاكىتىپلىق بىلەن قاتناشتى، ئۇلارنىڭ يەرلىك پارلامېنتتىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەردە 200 نەچچە ۋەكىلى بار بولدى. 2010-يىلدىكى سايلامدا، ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىدىكى مۇسۇلمان ئەزالارنىڭ سانى بىر ھەسسە ئېشىپ 16 ئورۇنغا يەتتى. ئەنگىلىيە سىياسىي سەھنىسىدە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مۇسۇلمان ئايال بارونېس سەيىد ۋارسى (ھەم كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى) يۇقىرى پالاتادىكى باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن، مەسىلەن ئىشچىلار پارتىيىسىد يۇقىرى قاتلىمىدىكى لورد ئەھمەد، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى بارونېس كىشۋار فالكنەر بىلەن بىرلەشتى.
ئىسلام ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت دەپ قاراش تارىخنىڭ سەپسەتىسى. دىننىڭ لايىقىدا بولىشى يەنىلا ئىجتىمائىي قوشۇلۇش ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىكى ھالقا.
ياۋروپا يەھۇدىيلىرىدىمۇ ئوخشاش مىساللار بار. شەرق يەھۇدىيلىرى ئىزىلىشقا ئۇچرىغان توپ، شەرقىي ياۋروپادىكى مەغلۇپ بولغان جەمئىيەتتىن كەلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقتىكى كۆچمەنلەر، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق خۇدادىن ھېيىقىدىغان موزدۇز، سەيپۇڭ ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن يازغۇچى، پەيلاسوپ، ئالىم ۋە كارخانىچى بولغان.
مۇنداق بولالىشى دەل ئۇلارنىڭ غەرب قىممەت قارىشىنى يەھۇدىي دىنىغا سىڭدۈرۈپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىنى نەتىجىسى. ئۇلار غەرب تەمىنلىگەن ئىنسانلارنى ئالغا باستۇرىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتا باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ. گېرمانىيە يەھۇدىي دىنى ئىسلاھاتى يەھۇدىي دىنىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى باشقا ھەر قانداق مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، زور دەرىجىدە ئومۇمىيلىققا بوي سۇنىدىغان قىلدى.
ھەر قانداق دىننىي ئاز سانلىقلار ياۋروپا چۈشىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولماقچى بولسا ئىلاھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىنچىلىك بىلەن ئويلىشىشى كېرەك.
مەنبە: ئاپتورى شلومو بېن-ئامى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. نەپرەت تەرجىمە قىلدى.