مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1145|ئىنكاس: 16

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3367
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى
(2009–يىل12–ئاينىڭ26–كۈنى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ12–يىغىنىداماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
21 – نومۇرلۇق
‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى ››2009 – يىل 12– ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ1 – كۈنىدىن باشلاپيولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
  مۇندەرىجە
1 – باب ئادەتتىكىبەلگىلىمە
2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ شەكلى
3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدىغانئەھۋاللار
4 –
باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ھەققىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
5 –
بابمەھسۇلات جاۋابكارلىقى
6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
8 –
باب مۇھىتبۇلغىنىش جاۋابكارلىقى

9 –
باب بەك خەتەرجاۋابكارلىقى
10 –
باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
11 –
باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

12 –
باب قوشۇمچەپىرىنسىپ
1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
1 – ماددا بۇ قانۇن ھەق تەلەپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداش، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتچىلەرنى جازالاش،ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋەمۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 –
ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى مۇشۇقانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
بۇ قانۇندائېيتىلغان ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتى ھاياتلىق ھوقۇقى،ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نامھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى،شەخسىيەت ھوقۇقى، نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ۋەسىيلىكھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسەھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى،پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىختىراھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، ۋارىسلىق ھوقۇقى قاتارلىق جىسمانىي ھوقۇق –مەنپەئەت ۋە مال – مۈلۈكھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 –
ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
4 –
مادداھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مەمۇرىيجاۋابكارلىقنى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنىمۇقانۇن بويىچە ئۈستىگەئېلىۋېرىدۇ.
ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەمەمۇرىي جاۋابكارلىق،جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىنمال – مۈلكى تۆلەشكە چىقىشقىلمايدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئالدى بىلەنئۈستىگە ئالىدۇ.
5 –
ماددا ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقى ھەققىدە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم ئالاھىدە بەلگىلىمەبولغانلىرى شۇ بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
2 –
باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىق شەكلى
6 – مادداھەرىكەتچىلەردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق –مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
خاتالىقى بار دەپ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پەرەز قىلغاندا،ھەرىكەتچىلەردىن خاتالىقىيوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
7 –
مادداخاتالىقى بار – يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان سالغان ھەرىكەتچىلەردىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى جاۋابكارلىقنى شۇ بەلگىلىمەبويىچە ئۈستىگەئالىدۇ.
8 –
ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى بىرلىكتەقىلىپ، باشقىلارغازىيان سالسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9 –
ماددا باشقىلارنى ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋەئۇلارنىڭ شۇنداققىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر ھەرىكەتچى بىلەن بىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ھەقتەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغاچەك قويۇلغانلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشىغا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغاياردەم بەرگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەق تەلەپ ھەرىكەتئىقتىدارى يوق شۇ ئادەمنىڭ ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەكقويۇلغان شۇ ئادەمنىڭۋەسىيلىرىدىن ۋەسىيلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىغانلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇقجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
10 –
ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپيېتىدىغان ھەرىكەتنى قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن بىرى ياكىبىرنەچچىسىنىڭ ھەرىكىتىباشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىمئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭكىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالىدۇ.
11 –
مادداھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ ئوخشاش بىر زىياننى پەيداقىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن ھەر بىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكىتى پۈتۈن زىياننىپەيدا قىلالىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
12 –
ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ، ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغانئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتكىلىبولسا، ئۇلار ئۆزىگەتۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر –يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەسبولسا، ئۇلار جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
13 –
ماددا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەنبولسا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى چاتما جاۋابكارلارنىڭ بىر قىسمىدىن ياكى ھەممىسىدىنجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
14 –
ماددا چاتماجاۋابكارلارنىڭ تۆلەم مىقدارى جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگەقاراپ بېكىتىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۇلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىتەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
چاتماجاۋابكارلاردىن تۆلىگىنى تۆلەم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىباشقا چاتما جاۋابكارلاردىنتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
15 –
ماددا ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسلىقى:
(1)
زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش؛
(2) دەخلىنى تۈگىتىش؛
(3) خەۋپنىتۈگىتىش؛

(4)
مال – مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛
(5) ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش؛
(6) زىياننىتۆلەش؛
(7) ناماقۇل بولۇش؛
(8) تەسىرىنىتۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرىئايرىم قوللىنىلسىمۇ، بىرلىكتە قوللىنىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
16 –
ماددا باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ جىسمانىي زىيان سالغانلار داۋالاشخىراجىتى، قاراش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىق داۋالاشقا ۋەسالامەتلىكنى ئەسلىگەكەلتۈرۈشكە چىقارغان مۇۋاپىق خىراجەتنى، شۇنىڭدەك ئىشتىن قېلىپكېمىيىپ كەتكەن كىرىمنى تۆلىشى كېرەك. مېيىپ قىلىپ قويغانلارمېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچەقورال ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. ئۆلتۈرۈپ قويغانلار دەپنەخىراجىتى ۋە ئۆلۈمتۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك.
17 –
ماددا ئوخشاشبىر ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى پەيداقىلغاندا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بېكىتىلسە بولىدۇ.
18 –
ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىنتۇغقانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئورۇن بولسا، بۇ ئورۇن ئايرىلىپ چىققاندا ۋەقوشۇلۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان ئورۇن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققاچېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ دۋالىنىش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتىقاتارلىق مۇۋاپىقخىراجەتلىرىنى چىقارغۇچى خىراجەتنى تۆلەشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن بۇ خىراجەتنىچىقىرىپ بولغانلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
19 –
ماددا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكەندە، مال – مۈلۈك زىيىنى شۇ زىيان پەيدابولغان چاغدىكى بازار باھاسى ياكى باشقا ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
20 –
مادداباشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەتيەتكۈزۈپ، مال – مۈلكىگە زىيان سالغاندا، زىيان تۆلىمى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىئۇچرىغان زىيانبويىچە بېرىلىدۇ؛ ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى بېكىتىش تەسبولغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن پايدىغا ئېرىشىۋالغانبولسا، زىيان ئۇنىڭئېرىشىۋالغان پايدىسى بويىچە تۆلىتىلىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچىبۇنىڭلىق بىلەن ئېرىشىۋالغان پايدىنى بېكىتىش تەس بولغاندا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى بىلەنھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەم مىقدارىنى كېلىشەلمەي، خەلق سوتمەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مىقدارىنى ئەمەلىيئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ.
21 –
ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى،مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زىيان سېلىشنىتوختىتىش، دەخلىنى، خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
22 –
ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەتيەتكۈزۈپ، ئېغىر روھىيزىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى روھىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ.
23 –
مادداباشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى زىياندىن ساقلايمەن ۋەزىياننى توسىمەن دەپ ئۆزى زىيان تارتىۋالغاندا، جاۋابكارلىقنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگەئالىدۇ. ھوقۇققا چېقىلغۇچى قېچىپ كەتكەندە ياكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشقا ئۇنىڭ قۇربىيەتمىگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا،مەنپەئەتدار مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
24 –
ماددا زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا زىيانلانغۇچىدىمۇ، ھەرىكەتچىدىمۇخاتالىق كۆرۈلمىگەندە،ئۇلار زىياننى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
25 –
ماددا زىيان پەيدا بولغاندىن كېيىن، تۆلەم ھەققى بېرىش شەكلىنى ئالاقىدارلاركېڭەشسە بولىدۇ. كېلىشەلمىسە، تۆلەم ھەققىنى بىر يولىلا بېرىش كېرەك؛ بىر يولىلا بېرىش ھەقىقەتەنقىيىن بولغاندا، مۇددەتكە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن شۇنىڭغا تۇشلۇقكېپىللىك بېرىشىكېرەك.
3 –
باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقيېنىكلىتىلىدىغانئەھۋاللار

26 –
ماددا زىيان پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىدىمۇ خاتالىقئۆتكەندە، ھوقۇققاچېقىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
27 –
ماددا زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغاندا، ھەرىكەتچىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالمايدۇ.

28 –
ماددا زىياننى 3 – كىشى پەيدا قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى 3 – كىشىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
29 –
ماددا تاقابىلتۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيانسالغانلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمەبولغانلىرى شۇ بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
30 –
ماددا يوللۇق قوغدىنىمەن دەپ زىيان سالغانلار جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.يوللۇق قوغدانغۇچىلاردىن يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىنئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان سالغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
31 –
ماددا خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىمەن دەپ زىيان سالغاندا، جاۋابكارلىقنى خەۋپپەيدا قىلغۇچى ئۈستىگەئالىدۇ. خەۋپ تەبىئىي سەۋەبتىن پەيدا بولغاندا، خەۋپتىن جىددىي ساقلانغۇچىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالمايدۇ ياكى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ. خەۋپتىن جىددىيساقلانغۇچىلاردىن خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىشتا تەدبىرنى جايىدا قوللانماي ياكىزۆرۈر چەكتىنئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك،
4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
32 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپھەرىكەت ئىقتىدارىغاچەك قويۇلغانلار باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ۋەسىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىيەلەردىن ۋەسىيەلىكجاۋابكارلىقىنى ئاداقىلغانلىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەكقويۇلغانلاردىن مال – مۈلكى بارلىرى باشقىلارغا زىيان سالسا، تۆلەم ھەققىئۇلارنىڭ مال – مۈلكىدىنئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. يەتمىسە، ۋەسىيەسى تۆلەيدۇ.
33 –
ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن ھەرىكىتىنىئاڭقىرالمايدىغان ياكىكونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا زىيان سېلىشتا خاتالىقى بارلىرىھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ خاتالىقى يوقلىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغاقاراپ، زىيانلانغۇچىلارغامۇۋاپىق تولۇقلىمابېرىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن مەسىت بولۇپ، ناركوزدورىسى ياكى روھىيدورىلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ، ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترولقىلالمايدىغان بولۇپقېلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
34 –
ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خادىملىرى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپباشقىلارغا زىيانسالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەمگەك– مۇلازىمەتكە ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە، ئەۋەتىلگەن خادىم خىزمەتۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئەمگەك– مۇلازىمەتچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەمگەك –مۇلازىمەتچىنى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلاردىن خاتالىقى بارلىرى ئۆزىگە تۇشلۇققوشۇمچە جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالىدۇ.
35 –
مادداشەخسلەر ئارا ئەمگەك – مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك –مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپئەمگەك مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئەمگەك– مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك –مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك – مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭخاتالىقىغا قاراپ ئۆزىگە تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

36 –
مادداتور ئابۇنىچىلىرى، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە توردىن پايدىلىنىپ زىيان يەتكۈزگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تورئابۇنىچىلىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكىتىنى قىلغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆچۈرۈۋېتىش، نىقابلاش،ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق زۆرۈرتەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقاھوقۇقلۇق. تورمۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدازۆرۈر تەدبىرقوللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن شۇ تور ئابۇنىچى بىلەنبىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن تور ئابۇنچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتىدىنپايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى شۇ تور ئابۇنىچى بىلەن بىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالىدۇ.
37 –
ماددا مېھمانخانا، سودا سارىيى، بانكا، بېكەت – ۋوگزال،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىقاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ياكى ئاممىۋىپائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلمايباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
3 –
كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ باشقۇرغۇچىلارياكى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىنبىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچەجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
38 –
ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار بالىلار باغچىسىدا،مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدەجىسمانىي زىيانغائۇچرىسا، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
39 –
ماددا ھەقتەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار مەكتەپ ياكى باشقامائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىسا، مەكتەپلەر ياكىباشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن تەربىيەلەش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
40 –
ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەتئىقتىدارىغا چەكقويۇلغانلار بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپئاپپاراتلىرىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار باغچىسى،مەكتەپ ياكى باشقامائارىپ ئاپپاراتى سىرتىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا جىسمانىي زىيان سالسا، ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنىھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بالىلار باغچىسى، مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىنباشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
5 –
باب مەھسۇلاتجاۋابكارلىقى
41 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا،ئىشلەپچىقارغۇچى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
42 –
ماددا ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا كۆرۈلگەننۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، ساتقۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
ساتقۇچىلاردىن نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىنىمۇ، نۇقسانلىقمەھسۇلات بىلەنتەمىنلىگۈچىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
43 –
ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان زىيان سالسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مەھسۇلاتنىئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەمتەلەپ قىلسىمۇ، مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇبولىۋېرىدۇ.
مەھسۇلاتتىكى نۇقساننى ئىشلەپچىقارغۇچىلار پەيدا قىلغان بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ،ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلگەندە،ئىشلەپچىقارغۇچىلارتۆلەپ بولۇپ، ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

44 –
ماددا توشۇغۇچى، ساقلىغۇچى قاتارلىق 3 – كىشىنىڭ خاتالىقىسەۋەبلىك مەھسۇلاتتاكۆرۈلگەن نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار،ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ، 3– كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

45 –
ماددامەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپيەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دەخلىنى ۋە خەۋپنى تۈگىتىشقاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
46 –
ماددا مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغاندىن كېيىن نۇقسان بارلىقى سېزىلگەندە،ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئاگاھ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىققۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانماي ياكى جايىداقوللانماي زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
47 –
ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپئىشلەپچىقىرىۋېرىپ ۋەسېتىۋېرىپ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغاندا ياكىسالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇنىڭغا تۇشلۇقجازالىق تۆلەم تەلەپقىلىشقا ھوقۇقلۇق.
6 –
باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
48 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيانسالغاندا، تۆلەم جاۋابكارلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچەئارتىلىدۇ.
49 –
ماددا ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا، قاتناشھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنجاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتىموتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسىدائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىئىشلەتكۈچى تۆلەمجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇقتۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
50 –
ماددائالاقىدارلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش – سېتىش قاتارلىقشەكىللەر بىلەن ئۆتۈنگەن ھەمدە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىكىنىتىزىملاتمىغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگەئارتىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقچەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن ئۆتۈنۈلگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
51 –
مادداقۇراشتۇرۇۋېلىنغان ھەمدە بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىدىن سېتىۋېلىش– سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈلگەنلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيانسالسا، ئۆتۈنگۈچىبىلەن ئۆتۈنۈلگۈچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
52 –
ماددا ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرى قاتناشھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچىتۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش خىراجىتىنىموتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىكسوممىسى دائىرىسىدەچىقىرىپ تۇرغانلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
53 –
ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىنكېيىن قېچىپ كەتكەن، بۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان بولسا، سۇغۇرتاشىركىتى موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسىدائىرىسىدە تۆلەيدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئېنىق بولمىغانلىقتىنياكى شۇ موتورلۇققاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقتىن، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچىنىڭجىسمانىي تالاپىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنىچىقىرىشقا توغراكەلسە، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىنچىقىرىپ تۇرۇلىدۇ. يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىنچىقىرىپ بولۇپ، ئۇنىباشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
7 –
باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
54 – ماددا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارلارنىڭ زىيانغائۇچرىشىدا داۋالاشئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ خاتالىقى بولسا، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
55 –
ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارغا كېسەللىك ئەھۋالى ۋەداۋالاش تەدبىرىنى دەپ قويۇشى كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋە ئالاھىدە داۋالاشقاتوغرا كەلسە، تېببىي خادىملار داۋالاش خەۋپ – خەتەر، سەپلىمە داۋالاشلايىھەسى قاتارلىقئەھۋاللارنى بىمارغا دەپ قويۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئۇنىڭ يازماماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا دېيىش ئەپسىز بولسا، ئۇنىڭ يېقىنتۇغقانلىرىغا دەپ قويۇشىھەمدە ئۇلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
تېببىي خادىملار ئالدىنقى تارماقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايبىمارغا زىيان سالسا،داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
56 –
ماددا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇشقاتارلىق جىددىيئەھۋاللاردا بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنىئالالمىغاندا، داۋالاشئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن،مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرى دەرھال قوللىنىلسا بولىدۇ.
57 –
ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسىگەتۇشلۇق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي بىمارغا زىيان سالسا، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
58 –
ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكىئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،داۋالاش ئاپپاراتى خاتا قىلغان دەپ پەرەز قىلىنىدۇ:
(1)
قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەردىكى ۋە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشقا ئائىت باشقاقائىدىلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(2)
ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنىتىقىۋالغان ياكى بەرمىگەنبولسا؛
(3) كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا.
59 –
ماددا بىمارلاردىن دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى، داۋالاشسايمىنىدىكى نۇقسانسەۋەبلىك ياكى ئۆلچەمسىز قان بېرىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرىئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكىقان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ،داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىمارلار داۋالاشئاپپاراتىدىن تۆلەمتەلەپ قىلغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەپ بولۇپ، جاۋابكارلىقىبار ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
60 –
ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىكۆرۈلسە، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1)
بىمار ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوزقويۇش ۋە داۋالاشقائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا ماسلاشمىغانبولسا؛

(2)
تېببىي خادىملار ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىقجىددىي ئەھۋاللاردا مۇۋاپىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغان بولسا؛
(3) شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسى شۇنچىلىك بولغانلىقتىن، دىياگنوز قويۇشۋە داۋالاش تەس بولسا.
ئالدىنقىتارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىيخادىملىرىدىن خاتالىقئۆتكۈزگەنلىرىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
61 –
ماددا داۋالاشئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى كېسەلخانىدا يېتىشخاتىرىسى، دوختۇر كۆرسەتمىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوزخاتىرىسى، پاتولوگىيەماتېرىيالى، قاراش خاتىرىسى، داۋالاش خىراجىتى قاتارلىق كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنىبەلگىلىمە بويىچە تولدۇرۇشى، يېزىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
بىمارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنى كۆرۈۋېلىشۋە كۆپەيتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى بېرىشى كېرەك.
62 –
ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارنىڭشەخسىيىتىنىساقلىشى كېرەك. بىمارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكىماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېسەل تارىخىي ماتېرىياللىرىنىئاشكارىلاپ، بىمارغا زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
63 –
ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىدىياگنوز قويۇش ۋەداۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنسىز تەكشۈرسە بولمايدۇ.
64 –
ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭقانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ. داۋالاش تەرتىپىگە كاشىلا سالغان، تېببىيخادىملارنىڭ خىزمەت ۋەتۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزگەنلەر قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچەئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
8 –
بابمۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى
65 – ماددا مۇھىتنىبۇلغاپ زىيان سالغاندا، بۇلغىغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
66 –
ماددامۇھىتنى بۇلغاپ ماجىرا تۇغۇلسا، قانۇندا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىقياكى جاۋابكارلىقنىيېنىكلىتىش بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيانئوتتۇرىسىدا سەۋەب– نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشجاۋابكارلىقىنى بۇلغىغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
67 –
ماددا ئىككىدىن ئارتۇق بۇلغىغۇچى مۇھىتنى بۇلغىسا، ئۇلارنىڭئۈستىگە ئالىدىغانجاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بۇلغىما تۈرى، چىقىرىشمىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
68 –
ماددا 3 – كىشى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ مۇھىتنى بۇلغاپ زىيانسالغاندا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى بۇلغۇغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3 – كىشىدىن تۆلەمتەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇلغىغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىنتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
9 –
باب بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقى
69 – ماددا بەك خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىپ باشقىلارغا زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
70 –
مادداپۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسىدە يادروھادىسىسى تۇغۇلۇپباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، لېكىنزىياننىڭ ئۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن پەيدا بولغانلىقىنى ياكىزىيانلانغۇچىنىڭ قەستەنلىكتىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالمايدۇ.
71 –
مادداپۇقراۋى ئاۋىياۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى ئاۋىئاۋاسىتىسىباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىنزىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.
72 –
ماددائىگىلىگۈچىلەر ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان،ئۆتكۈر زەھەرلىك،رادىيوئاكتىپلىق نەرسە قاتارلىق بەك خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئىگىلەپ ياكىئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىنزىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال پەيداقىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپبېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىيان پەيدابولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئىگىلىگۈچى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭجاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەبولىدۇ.
73 –
ماددا باشقۇرغۇچىلاردىن يۇقىرى بوشلۇق پائالىيىتى، يۇقىرىبېسىملىق پائالىيەت، يەرئاستى قېزىش پائالىيىتى قىلىپ ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىسلىقتىرانسىپورت قورالى ئىشلىتىپ زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانئەھۋال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە،باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىيېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

74 –
ماددائىگىدارلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، تاشلىۋېتىپ باشقىلارغازىيان سالغانلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدار بەك خەتەرلىك نەرسىسىنىباشقىلارنىڭباشقۇرۇشىغا بەرگەن بولسا، باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ؛ ئىگىدارلاردىنسەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىرى باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
75 –
ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغۇچىلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىنى قانۇنسىزئىگىلىۋېلىپباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئىگىدارلار،باشقۇرغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقاقاتتىق دىققەت قىلىشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىرى قانۇنسىزئىگىلىۋالغۇچى بىلەنبىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
76 –
ماددا بەك خەتەرلىك پائالىيەت رايونى ياكى بەك خەتەرلىك نەرسە قويۇلغان رايونغائىجازەتسىز كىرىپزىيانغا ئۇچرىغاندا، باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك تەدبىرىقوللانغانلىرى ھەمدە ئاگاھ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەياكى ئۇلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.
77 –
ماددا بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا،قانۇندا تۆلەم چېكىبەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
10 –
باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
78 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باققانھايۋاناتى باشقىلارغازىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى زور سەۋەنلىك بىلەنپەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى ئۇلارنىڭجاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەبولىدۇ.
79 –
ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باشقۇرۇشبەلگىلىمىسىگە خىلاپلىققىلىپ، ھايۋاناتقا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغازىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
80 –
مادداھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن بېقىش مەنئى قىلىنغانيامان ئىت قاتارلىق خەتەرلىك ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
81 –
ماددا ھايۋانات باغچىلىرىدىن ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىنباشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
82 –
مادداھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن تاشلىۋەتكەن، قېچىپ كەتكەنھايۋاناتى تاشلىۋەتكەن،قېچىپ كەتكەن مەزگىلدە باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
83 –
ماددا ھايۋانات 3 – كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارغازىيان سالغاندا،ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىدىن تۆلەم تەلەپقىلسىمۇ، 3 – كىشىدىنتۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ھايۋانات باققۇچى ياكىباشقۇرغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
84 –
ماددا ھايۋانات بېقىشتا قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش،باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك.
11 –
باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى
85 – ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ۋەئۇنىڭدىكى ئورناتمىلار،ئاسمىلار ئاجىراپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا،ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكىئىشلەتكۈچىلەر تۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقاجاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

86 –
ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ئۆرۈلۈپچۈشۈپ باشقىلارغازىيان سالسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن چاتماجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنتۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكاردىنتۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر باشقا جاۋابكارسەۋەبلىك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپباشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ جاۋابكار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ.
87 –
ماددا ئىمارەتتىن تاشلىغان نەرسە ياكى چۈشۈپ كەتكەن نەرسەباشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۆزىنىڭھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلەرنى ھېسابقائالمىغاندا، زىيان سېلىشئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچىلەر تولۇقلىما بېرىدۇ.
88 –
ماددا دۆۋىلىمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا،دۆۋىلىگۈچىلەردىنخاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
89 –
ماددا ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن جامائەت يولىغاپۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنىدۆۋىلەپ، تۆكۈپ ۋە چېچىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
90 –
ماددا دەل – دەرەخ ئىگىدارلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن دەل – دەرىخى سۇنۇپ كېتىپباشقىلارغا زىيان سالغاندا خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
91 –
مادداقۇرۇلۇش قىلغۇچىلاردىن جامائەت سورۇنىدا ياكى ئورەك كولاش، يەرئاستى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندا، روشەن بەلگە قويماي ياكىبىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.

باشقۇرغۇچىلاردىن قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارغازىيان سالغانداباشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
12 –
باب قوشۇمچەپىرىنسىپ
92 – ماددا بۇ قانۇن 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغاقويۇلىدۇ

、24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىقلىنىيەلىك تىلفۇنى ؛    18299819854(ئادۇۋكات بەختىيار)

                                                                                    

    چچ: 1471561935  توردا ماتىريال يوللاشئۇچۇن بۇ نۇمۇر قالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بارتىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز

بىزنىڭ  مۇلازىمەت ۋەدىمىز:

باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 04:53 PM  


مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

<<ئانا &am

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9443
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 5400 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما قانداق خەت نۇسقىسى ئۇچۇق چىقمىدىغۇ

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15774
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ  جوڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ھوقۇققا  چېقىلىش  جاۋاپكارلىق  قانۇنىڭ  ئەرەپچە  نۇسخىسى  كەنغۇ،  ئەرەپچە  بىلىدىغانلار  ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە  قىلىپ، قانۇن ئىجرا  قىلىدىغانلارنىڭ  مىكرو  بىلوگلىرىغا يوللاپ  قويساڭلار كۆپتىن -كۆپ  رەھمەت  ئېيتقان بولاتتىمئ

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9027
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەركەن بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز،يەنە بىرى ماۋۇ خەت نۇسقىسى ئوچۇق چىقمىدى بولسا تەھرىرلەپ قويارسىز!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2421
تۆھپە نۇمۇرى: 118
توردا: 3687 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قازاقچا خەت ئەمەستۇ ؟
قىنى باشقۇرغۇچىلار ، ماۋۇ تىمىنى بىر رىمونت قىلىۋەتمەمسىلەر ؟

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

سەھرانى سۆيىمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4168
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى
(2009–يىل12–ئاينىڭ26–كۈنى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ12–يىغىنىداماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
21 – نومۇرلۇق
‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى ››2009 – يىل 12– ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ1 – كۈنىدىن باشلاپيولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئادەتتىكىبەلگىلىمە
2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ شەكلى
3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدىغانئەھۋاللار
4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ھەققىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
5 – بابمەھسۇلات جاۋابكارلىقى
6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
8 – باب مۇھىتبۇلغىنىش جاۋابكارلىقى

9 – باب بەك خەتەرجاۋابكارلىقى
10 – باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
11 – باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

12 – باب قوشۇمچەپىرىنسىپ
1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
1 – ماددا بۇ قانۇن ھەق تەلەپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداش، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتچىلەرنى جازالاش،ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋەمۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى مۇشۇقانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
بۇ قانۇندائېيتىلغان ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتى ھاياتلىق ھوقۇقى،ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نامھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى،شەخسىيەت ھوقۇقى، نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ۋەسىيلىكھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسەھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى،پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىختىراھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، ۋارىسلىق ھوقۇقى قاتارلىق جىسمانىي ھوقۇق –مەنپەئەت ۋە مال – مۈلۈكھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 – ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
4 – مادداھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مەمۇرىيجاۋابكارلىقنى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنىمۇقانۇن بويىچە ئۈستىگەئېلىۋېرىدۇ.
ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋەمەمۇرىي جاۋابكارلىق،جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىنمال – مۈلكى تۆلەشكە چىقىشقىلمايدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئالدى بىلەنئۈستىگە ئالىدۇ.
5 – ماددا ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقى ھەققىدە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم ئالاھىدە بەلگىلىمەبولغانلىرى شۇ بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىق شەكلى
6 – مادداھەرىكەتچىلەردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق –مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
خاتالىقى بار دەپ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پەرەز قىلغاندا،ھەرىكەتچىلەردىن خاتالىقىيوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
7 – مادداخاتالىقى بار – يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان سالغان ھەرىكەتچىلەردىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى جاۋابكارلىقنى شۇ بەلگىلىمەبويىچە ئۈستىگەئالىدۇ.
8 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى بىرلىكتەقىلىپ، باشقىلارغازىيان سالسا، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9 – ماددا باشقىلارنى ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋەئۇلارنىڭ شۇنداققىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر ھەرىكەتچى بىلەن بىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ھەقتەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغاچەك قويۇلغانلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى قىلىشىغا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغاياردەم بەرگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەق تەلەپ ھەرىكەتئىقتىدارى يوق شۇ ئادەمنىڭ ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەكقويۇلغان شۇ ئادەمنىڭۋەسىيلىرىدىن ۋەسىيلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىغانلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇقجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
10 – ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپيېتىدىغان ھەرىكەتنى قىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن بىرى ياكىبىرنەچچىسىنىڭ ھەرىكىتىباشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىمئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭكىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالىدۇ.
11 – مادداھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ ئوخشاش بىر زىياننى پەيداقىلغان ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن ھەر بىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكىتى پۈتۈن زىياننىپەيدا قىلالىسا، ھەرىكەتچىلەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
12 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتىنى ئايرىم قىلىپ، ئوخشاش بىر زىياننى پەيدا قىلغانئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتكىلىبولسا، ئۇلار ئۆزىگەتۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر –يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەسبولسا، ئۇلار جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
13 – ماددا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەنبولسا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى چاتما جاۋابكارلارنىڭ بىر قىسمىدىن ياكى ھەممىسىدىنجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
14 – ماددا چاتماجاۋابكارلارنىڭ تۆلەم مىقدارى جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگەقاراپ بېكىتىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۇلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىتەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
چاتماجاۋابكارلاردىن تۆلىگىنى تۆلەم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىباشقا چاتما جاۋابكارلاردىنتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
15 – ماددا ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسلىقى:
(1) زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش؛
(2) دەخلىنى تۈگىتىش؛
(3) خەۋپنىتۈگىتىش؛

(4) مال – مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛
(5) ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش؛
(6) زىياننىتۆلەش؛
(7) ناماقۇل بولۇش؛
(8) تەسىرىنىتۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرىئايرىم قوللىنىلسىمۇ، بىرلىكتە قوللىنىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
16 – ماددا باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ جىسمانىي زىيان سالغانلار داۋالاشخىراجىتى، قاراش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىق داۋالاشقا ۋەسالامەتلىكنى ئەسلىگەكەلتۈرۈشكە چىقارغان مۇۋاپىق خىراجەتنى، شۇنىڭدەك ئىشتىن قېلىپكېمىيىپ كەتكەن كىرىمنى تۆلىشى كېرەك. مېيىپ قىلىپ قويغانلارمېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچەقورال ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. ئۆلتۈرۈپ قويغانلار دەپنەخىراجىتى ۋە ئۆلۈمتۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك.
17 – ماددا ئوخشاشبىر ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى پەيداقىلغاندا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بېكىتىلسە بولىدۇ.
18 – ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ يېقىنتۇغقانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئورۇن بولسا، بۇ ئورۇن ئايرىلىپ چىققاندا ۋەقوشۇلۇپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان ئورۇن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققاچېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ دۋالىنىش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتىقاتارلىق مۇۋاپىقخىراجەتلىرىنى چىقارغۇچى خىراجەتنى تۆلەشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىنتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن بۇ خىراجەتنىچىقىرىپ بولغانلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
19 – ماددا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكەندە، مال – مۈلۈك زىيىنى شۇ زىيان پەيدابولغان چاغدىكى بازار باھاسى ياكى باشقا ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
20 – مادداباشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەتيەتكۈزۈپ، مال – مۈلكىگە زىيان سالغاندا، زىيان تۆلىمى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىئۇچرىغان زىيانبويىچە بېرىلىدۇ؛ ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى بېكىتىش تەسبولغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن پايدىغا ئېرىشىۋالغانبولسا، زىيان ئۇنىڭئېرىشىۋالغان پايدىسى بويىچە تۆلىتىلىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچىبۇنىڭلىق بىلەن ئېرىشىۋالغان پايدىنى بېكىتىش تەس بولغاندا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى بىلەنھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەم مىقدارىنى كېلىشەلمەي، خەلق سوتمەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مىقدارىنى ئەمەلىيئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ.
21 – ماددا ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى،مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زىيان سېلىشنىتوختىتىش، دەخلىنى، خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
22 – ماددا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان – زەخمەتيەتكۈزۈپ، ئېغىر روھىيزىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى روھىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ.
23 – مادداباشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى زىياندىن ساقلايمەن ۋەزىياننى توسىمەن دەپ ئۆزى زىيان تارتىۋالغاندا، جاۋابكارلىقنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگەئالىدۇ. ھوقۇققا چېقىلغۇچى قېچىپ كەتكەندە ياكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشقا ئۇنىڭ قۇربىيەتمىگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا،مەنپەئەتدار مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
24 – ماددا زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا زىيانلانغۇچىدىمۇ، ھەرىكەتچىدىمۇخاتالىق كۆرۈلمىگەندە،ئۇلار زىياننى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.
25 – ماددا زىيان پەيدا بولغاندىن كېيىن، تۆلەم ھەققى بېرىش شەكلىنى ئالاقىدارلاركېڭەشسە بولىدۇ. كېلىشەلمىسە، تۆلەم ھەققىنى بىر يولىلا بېرىش كېرەك؛ بىر يولىلا بېرىش ھەقىقەتەنقىيىن بولغاندا، مۇددەتكە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن شۇنىڭغا تۇشلۇقكېپىللىك بېرىشىكېرەك.
3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقيېنىكلىتىلىدىغانئەھۋاللار

26 – ماددا زىيان پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىدىمۇ خاتالىقئۆتكەندە، ھوقۇققاچېقىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
27 – ماددا زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغاندا، ھەرىكەتچىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالمايدۇ.

28 – ماددا زىياننى 3 – كىشى پەيدا قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى 3 – كىشىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
29 – ماددا تاقابىلتۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيانسالغانلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمەبولغانلىرى شۇ بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
30 – ماددا يوللۇق قوغدىنىمەن دەپ زىيان سالغانلار جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.يوللۇق قوغدانغۇچىلاردىن يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىنئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان سالغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
31 – ماددا خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىمەن دەپ زىيان سالغاندا، جاۋابكارلىقنى خەۋپپەيدا قىلغۇچى ئۈستىگەئالىدۇ. خەۋپ تەبىئىي سەۋەبتىن پەيدا بولغاندا، خەۋپتىن جىددىي ساقلانغۇچىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئالمايدۇ ياكى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ. خەۋپتىن جىددىيساقلانغۇچىلاردىن خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىشتا تەدبىرنى جايىدا قوللانماي ياكىزۆرۈر چەكتىنئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇۋاپىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك،
4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە
32 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپھەرىكەت ئىقتىدارىغاچەك قويۇلغانلار باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ۋەسىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىيەلەردىن ۋەسىيەلىكجاۋابكارلىقىنى ئاداقىلغانلىرىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.
ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەكقويۇلغانلاردىن مال – مۈلكى بارلىرى باشقىلارغا زىيان سالسا، تۆلەم ھەققىئۇلارنىڭ مال – مۈلكىدىنئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. يەتمىسە، ۋەسىيەسى تۆلەيدۇ.
33 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن ھەرىكىتىنىئاڭقىرالمايدىغان ياكىكونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا زىيان سېلىشتا خاتالىقى بارلىرىھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ خاتالىقى يوقلىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغاقاراپ، زىيانلانغۇچىلارغامۇۋاپىق تولۇقلىمابېرىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق ئادەملەردىن مەسىت بولۇپ، ناركوزدورىسى ياكى روھىيدورىلارنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ، ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترولقىلالمايدىغان بولۇپقېلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
34 – ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خادىملىرى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپباشقىلارغا زىيانسالسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەمگەك– مۇلازىمەتكە ئەۋەتىلگەن مەزگىلدە، ئەۋەتىلگەن خادىم خىزمەتۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئەمگەك– مۇلازىمەتچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەمگەك –مۇلازىمەتچىنى ئەۋەتكۈچى ئورۇنلاردىن خاتالىقى بارلىرى ئۆزىگە تۇشلۇققوشۇمچە جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالىدۇ.
35 – مادداشەخسلەر ئارا ئەمگەك – مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك –مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپئەمگەك مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا، ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئەمگەك– مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك –مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك – مۇلازىمەت قىلىمەن دەپ زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭخاتالىقىغا قاراپ ئۆزىگە تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

36 – مادداتور ئابۇنىچىلىرى، تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە توردىن پايدىلىنىپ زىيان يەتكۈزگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تورئابۇنىچىلىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا چېقىلىشھەرىكىتىنى قىلغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ئۆچۈرۈۋېتىش، نىقابلاش،ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق زۆرۈرتەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقاھوقۇقلۇق. تورمۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدازۆرۈر تەدبىرقوللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن شۇ تور ئابۇنىچى بىلەنبىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن تور ئابۇنچىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتىدىنپايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىرى شۇ تور ئابۇنىچى بىلەن بىرلىكتە چاتماجاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالىدۇ.
37 – ماددا مېھمانخانا، سودا سارىيى، بانكا، بېكەت – ۋوگزال،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىقاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ياكى ئاممىۋىپائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلمايباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
3 – كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ باشقۇرغۇچىلارياكى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىنبىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچەجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
38 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار بالىلار باغچىسىدا،مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدەجىسمانىي زىيانغائۇچرىسا، بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
39 – ماددا ھەقتەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار مەكتەپ ياكى باشقامائارىپ ئاپپاراتىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىسا، مەكتەپلەر ياكىباشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن تەربىيەلەش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
40 – ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەتئىقتىدارىغا چەكقويۇلغانلار بالىلار باغچىسى، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپئاپپاراتلىرىدا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار باغچىسى،مەكتەپ ياكى باشقامائارىپ ئاپپاراتى سىرتىدىكى كىشىلەر ئۇلارغا جىسمانىي زىيان سالسا، ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنىھوقۇققا چېقىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بالىلار باغچىسى، مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىنباشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئۆزىگە تۇشلۇق قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
5 – باب مەھسۇلاتجاۋابكارلىقى
41 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا،ئىشلەپچىقارغۇچى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
42 – ماددا ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا كۆرۈلگەننۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، ساتقۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
ساتقۇچىلاردىن نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىنىمۇ، نۇقسانلىقمەھسۇلات بىلەنتەمىنلىگۈچىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
43 – ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان زىيان سالسا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى مەھسۇلاتنىئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەمتەلەپ قىلسىمۇ، مەھسۇلاتنى ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇبولىۋېرىدۇ.
مەھسۇلاتتىكى نۇقساننى ئىشلەپچىقارغۇچىلار پەيدا قىلغان بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ،ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
ساتقۇچىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلگەندە،ئىشلەپچىقارغۇچىلارتۆلەپ بولۇپ، ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

44 – ماددا توشۇغۇچى، ساقلىغۇچى قاتارلىق 3 – كىشىنىڭ خاتالىقىسەۋەبلىك مەھسۇلاتتاكۆرۈلگەن نۇقسان باشقىلارغا زىيان سالسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار،ساتقۇچىلار تۆلەپ بولۇپ، 3– كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

45 – ماددامەھسۇلاتتىكى نۇقسان باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈكبىخەتەرلىكىگە خەۋپيەتكۈزگەندە، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى دەخلىنى ۋە خەۋپنى تۈگىتىشقاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
46 – ماددا مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغاندىن كېيىن نۇقسان بارلىقى سېزىلگەندە،ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئاگاھ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىققۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك. قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانماي ياكى جايىداقوللانماي زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
47 – ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپئىشلەپچىقىرىۋېرىپ ۋەسېتىۋېرىپ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغاندا ياكىسالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغاندا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇنىڭغا تۇشلۇقجازالىق تۆلەم تەلەپقىلىشقا ھوقۇقلۇق.
6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى
48 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيانسالغاندا، تۆلەم جاۋابكارلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچەئارتىلىدۇ.
49 – ماددا ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا، قاتناشھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنجاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتىموتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسىدائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىئىشلەتكۈچى تۆلەمجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇقتۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
50 – ماددائالاقىدارلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش – سېتىش قاتارلىقشەكىللەر بىلەن ئۆتۈنگەن ھەمدە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىكىنىتىزىملاتمىغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگەئارتىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقچەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن ئۆتۈنۈلگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
51 – مادداقۇراشتۇرۇۋېلىنغان ھەمدە بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىدىن سېتىۋېلىش– سېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈلگەنلىرى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيانسالسا، ئۆتۈنگۈچىبىلەن ئۆتۈنۈلگۈچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
52 – ماددا ئوغرىلانغان، بۇلانغان ياكى تارتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرى قاتناشھادىسىسى تۇغدۇرۇپ زىيان سالسا، ئوغرىلىغۇچى، بۇلىغۇچى ياكى تارتىۋالغۇچىتۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش خىراجىتىنىموتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىكسوممىسى دائىرىسىدەچىقىرىپ تۇرغانلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
53 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىنكېيىن قېچىپ كەتكەن، بۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان بولسا، سۇغۇرتاشىركىتى موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسىدائىرىسىدە تۆلەيدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئېنىق بولمىغانلىقتىنياكى شۇ موتورلۇققاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقتىن، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچىنىڭجىسمانىي تالاپىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىراجىتى، دەپنە خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنىچىقىرىشقا توغراكەلسە، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىنچىقىرىپ تۇرۇلىدۇ. يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىنچىقىرىپ بولۇپ، ئۇنىباشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى
54 – ماددا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارلارنىڭ زىيانغائۇچرىشىدا داۋالاشئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ خاتالىقى بولسا، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
55 – ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارغا كېسەللىك ئەھۋالى ۋەداۋالاش تەدبىرىنى دەپ قويۇشى كېرەك. ئوپېراتسىيە قىلىش، ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋە ئالاھىدە داۋالاشقاتوغرا كەلسە، تېببىي خادىملار داۋالاش خەۋپ – خەتەر، سەپلىمە داۋالاشلايىھەسى قاتارلىقئەھۋاللارنى بىمارغا دەپ قويۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئۇنىڭ يازماماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىمارغا دېيىش ئەپسىز بولسا، ئۇنىڭ يېقىنتۇغقانلىرىغا دەپ قويۇشىھەمدە ئۇلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
تېببىي خادىملار ئالدىنقى تارماقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايبىمارغا زىيان سالسا،داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
56 – ماددا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇشقاتارلىق جىددىيئەھۋاللاردا بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پىكرىنىئالالمىغاندا، داۋالاشئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ياكى ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇلنىڭ تەستىقى بىلەن،مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرى دەرھال قوللىنىلسا بولىدۇ.
57 – ماددا تېببىي خادىملار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسىگەتۇشلۇق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي بىمارغا زىيان سالسا، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
58 – ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكىئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،داۋالاش ئاپپاراتى خاتا قىلغان دەپ پەرەز قىلىنىدۇ:
(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەردىكى ۋە دىياگنوز قويۇش، داۋالاشقا ئائىت باشقاقائىدىلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(2) ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل تارىخى ماتېرىياللىرىنىتىقىۋالغان ياكى بەرمىگەنبولسا؛
(3) كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا.
59 – ماددا بىمارلاردىن دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى، داۋالاشسايمىنىدىكى نۇقسانسەۋەبلىك ياكى ئۆلچەمسىز قان بېرىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرىئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكىقان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ،داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بىمارلار داۋالاشئاپپاراتىدىن تۆلەمتەلەپ قىلغاندا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەپ بولۇپ، جاۋابكارلىقىبار ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ياكى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
60 – ماددا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىكۆرۈلسە، داۋالاشئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) بىمار ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوزقويۇش ۋە داۋالاشقائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا ماسلاشمىغانبولسا؛

(2) تېببىي خادىملار ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىقجىددىي ئەھۋاللاردا مۇۋاپىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغان بولسا؛
(3) شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيەسى شۇنچىلىك بولغانلىقتىن، دىياگنوز قويۇشۋە داۋالاش تەس بولسا.
ئالدىنقىتارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىيخادىملىرىدىن خاتالىقئۆتكۈزگەنلىرىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
61 – ماددا داۋالاشئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى كېسەلخانىدا يېتىشخاتىرىسى، دوختۇر كۆرسەتمىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوزخاتىرىسى، پاتولوگىيەماتېرىيالى، قاراش خاتىرىسى، داۋالاش خىراجىتى قاتارلىق كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنىبەلگىلىمە بويىچە تولدۇرۇشى، يېزىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
بىمارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسەل تارىخىماتېرىياللىرىنى كۆرۈۋېلىشۋە كۆپەيتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى بېرىشى كېرەك.
62 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارنىڭشەخسىيىتىنىساقلىشى كېرەك. بىمارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكىماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېسەل تارىخىي ماتېرىياللىرىنىئاشكارىلاپ، بىمارغا زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
63 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىدىياگنوز قويۇش ۋەداۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنسىز تەكشۈرسە بولمايدۇ.
64 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرىنىڭقانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ. داۋالاش تەرتىپىگە كاشىلا سالغان، تېببىيخادىملارنىڭ خىزمەت ۋەتۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزگەنلەر قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچەئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
8 – بابمۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى
65 – ماددا مۇھىتنىبۇلغاپ زىيان سالغاندا، بۇلغىغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
66 – ماددامۇھىتنى بۇلغاپ ماجىرا تۇغۇلسا، قانۇندا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىقياكى جاۋابكارلىقنىيېنىكلىتىش بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيانئوتتۇرىسىدا سەۋەب– نەتىجە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشجاۋابكارلىقىنى بۇلغىغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
67 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق بۇلغىغۇچى مۇھىتنى بۇلغىسا، ئۇلارنىڭئۈستىگە ئالىدىغانجاۋابكارلىقىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى بۇلغىما تۈرى، چىقىرىشمىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
68 – ماددا 3 – كىشى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ مۇھىتنى بۇلغاپ زىيانسالغاندا، ھوقۇقىچېقىلىنغۇچى بۇلغۇغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ، 3 – كىشىدىن تۆلەمتەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇلغىغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىنتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
9 – باب بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقى
69 – ماددا بەك خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىپ باشقىلارغا زىيانسالغانلار ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
70 – مادداپۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسىدە يادروھادىسىسى تۇغۇلۇپباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، لېكىنزىياننىڭ ئۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن پەيدا بولغانلىقىنى ياكىزىيانلانغۇچىنىڭ قەستەنلىكتىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالمايدۇ.
71 – مادداپۇقراۋى ئاۋىياۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن پۇقراۋى ئاۋىئاۋاسىتىسىباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىنزىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.
72 – ماددائىگىلىگۈچىلەر ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان،ئۆتكۈر زەھەرلىك،رادىيوئاكتىپلىق نەرسە قاتارلىق بەك خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئىگىلەپ ياكىئىشلىتىپ باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىنزىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال پەيداقىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپبېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زىيان پەيدابولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئىگىلىگۈچى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭجاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەبولىدۇ.
73 – ماددا باشقۇرغۇچىلاردىن يۇقىرى بوشلۇق پائالىيىتى، يۇقىرىبېسىملىق پائالىيەت، يەرئاستى قېزىش پائالىيىتى قىلىپ ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىسلىقتىرانسىپورت قورالى ئىشلىتىپ زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلېكىن، زىياننى زىيانلانغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانئەھۋال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالمايدۇ.زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە،باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىيېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

74 – ماددائىگىدارلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، تاشلىۋېتىپ باشقىلارغازىيان سالغانلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىگىدار بەك خەتەرلىك نەرسىسىنىباشقىلارنىڭباشقۇرۇشىغا بەرگەن بولسا، باشقۇرغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ؛ ئىگىدارلاردىنسەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىرى باشقۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
75 – ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋالغۇچىلاردىن بەك خەتەرلىك نەرسىنى قانۇنسىزئىگىلىۋېلىپباشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئىگىدارلار،باشقۇرغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقاقاتتىق دىققەت قىلىشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىرى قانۇنسىزئىگىلىۋالغۇچى بىلەنبىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
76 – ماددا بەك خەتەرلىك پائالىيەت رايونى ياكى بەك خەتەرلىك نەرسە قويۇلغان رايونغائىجازەتسىز كىرىپزىيانغا ئۇچرىغاندا، باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك تەدبىرىقوللانغانلىرى ھەمدە ئاگاھ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەياكى ئۇلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.
77 – ماددا بەك خەتەرلىك ئاقىۋەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا،قانۇندا تۆلەم چېكىبەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
10 – باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى
78 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باققانھايۋاناتى باشقىلارغازىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك، لېكىن، زىياننى ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ياكى زور سەۋەنلىك بىلەنپەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى ئۇلارنىڭجاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسەبولىدۇ.
79 – ماددا ھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن باشقۇرۇشبەلگىلىمىسىگە خىلاپلىققىلىپ، ھايۋاناتقا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغازىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
80 – مادداھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن بېقىش مەنئى قىلىنغانيامان ئىت قاتارلىق خەتەرلىك ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
81 – ماددا ھايۋانات باغچىلىرىدىن ھايۋاناتى باشقىلارغا زىيانسالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىنباشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
82 – مادداھايۋانات باققۇچىلار ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن تاشلىۋەتكەن، قېچىپ كەتكەنھايۋاناتى تاشلىۋەتكەن،قېچىپ كەتكەن مەزگىلدە باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققاچېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
83 – ماددا ھايۋانات 3 – كىشىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارغازىيان سالغاندا،ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھايۋانات باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىدىن تۆلەم تەلەپقىلسىمۇ، 3 – كىشىدىنتۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ھايۋانات باققۇچى ياكىباشقۇرغۇچى تۆلەپ بولۇپ، 3 – كىشىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
84 – ماددا ھايۋانات بېقىشتا قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش،باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك.
11 – باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى
85 – ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ۋەئۇنىڭدىكى ئورناتمىلار،ئاسمىلار ئاجىراپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا،ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەردىن خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىگىدارلار، باشقۇرغۇچىلار ياكىئىشلەتكۈچىلەر تۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقاجاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

86 – ماددا ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ئۆرۈلۈپچۈشۈپ باشقىلارغازىيان سالسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن چاتماجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىلەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنتۆلەپ بولغاندا، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكاردىنتۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
ئىمارەت، قۇرۇلمىلار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر باشقا جاۋابكارسەۋەبلىك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپباشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ جاۋابكار ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ.
87 – ماددا ئىمارەتتىن تاشلىغان نەرسە ياكى چۈشۈپ كەتكەن نەرسەباشقىلارغا زىيان سالغاندا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۆزىنىڭھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلەرنى ھېسابقائالمىغاندا، زىيان سېلىشئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچىلەر تولۇقلىما بېرىدۇ.
88 – ماددا دۆۋىلىمە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ باشقىلارغا زىيان سالغاندا،دۆۋىلىگۈچىلەردىنخاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
89 – ماددا ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن جامائەت يولىغاپۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنىدۆۋىلەپ، تۆكۈپ ۋە چېچىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
90 – ماددا دەل – دەرەخ ئىگىدارلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلاردىن دەل – دەرىخى سۇنۇپ كېتىپباشقىلارغا زىيان سالغاندا خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
91 – مادداقۇرۇلۇش قىلغۇچىلاردىن جامائەت سورۇنىدا ياكى ئورەك كولاش، يەرئاستى ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندا، روشەن بەلگە قويماي ياكىبىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.

باشقۇرغۇچىلاردىن قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارغازىيان سالغانداباشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرىھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
12 – باب قوشۇمچەپىرىنسىپ
92 – ماددا بۇ قانۇن 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغاقويۇلىدۇ
、24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىقلىنىيەلىك تىلفۇنى ؛ 18299819854(ئادۇۋكات بەختىيار)
چچ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاشئۇچۇن بۇ نۇمۇر قالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بارتىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز
بىزنىڭ مۇلازىمەت ۋەدىمىز:
باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز


1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4168
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى ماتېرىياللارنى يوللاپ تۇرۇڭ. رەھمەت!

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7623
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3237 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرۈپ ئۇ كى جىغا توغىرلىسا نۇرمال چىقىدىكەن....

ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

تىمتاس لېرىكا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurkum يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 08:15 PM
ما قانداق خەت نۇسقىسى ئۇچۇق چىقمىدىغۇ

باشقا ئوروندىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن بولسا مۇنبەر سېستىمىسى ئۇ خەت نۇسىخىسىنى قوللىمىغان ئوخشايدۇ شۇڭا شۇنداق چىقىپ قالغان گەپ

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

تىمتاس لېرىكا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax1 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 11:37 PM
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارل ...

ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش