«خۇشۇئ»نى ھاسىل قىلىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. «خۇشۇئ»نى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى چارىسى نامازدا تۇرىۋاتقان كىشى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى، خۇددى ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ھېس – تۇيغۇ بىلەن ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان نامازنىڭ ھالاۋىتىنى قانچىلىك كۆپ تېتىغانسېرى ئۇنىڭ نامازغا بولغان ئىشتىياقى شۇنچىلىك زور ئاشىدۇ. بۇ ئىماننىڭ كۈچىگە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ناماز مېنىڭ كۆڭۈل شادلىقىم قىلىندى»دېگەن. شۇڭا ئۇ مۇئەززىن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى بىلال! بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۈرگىن»دېگەن.
2. نامازدىكى رۇكۇ ۋە سەجدىلەر ئارىسىدىكى يۆتكىلىشلەرنى ئالدىرىماستىن تەمكىنلىك بىلەن قىلىش، ھەر بىر يۆتكىلىشتە ئورگانلار ئۆز ئورنىغا تولۇق كېلىپ بولغىچىلىك ئارام ئېلىش. « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (نامازدىكى ھەر بىر يۆتكىلىشتە) ھەر بىر سۆڭەك ئۆز ئورنىغا كېلىپ بولغىچىلىك ئارام ئالاتتى»([1]).
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”ئوغرىلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوغۇرلايدىغانلاردۇر“ دېگەندە، ساھابىلار، ”يارەسۇلەللاھ! بىراۋ نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟“ دەپ سورىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ” نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق قىلمايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ نامازلىرىنى ئوغۇرلىغۇچىلاردۇ“ دەيدۇ»([2]).
نامازنى ئالدىراپ ئوقۇغان كىشىنىڭ «خۇشۇئ» نى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى نامازدىكى تېزلىك «خۇشۇئ» غا پۇرسەت بەرمەيدۇ.
3. نامازدا ئۆلۈمنى ياد ئېتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىگە مۇنداق دېگەن: « نامىزىڭدا ئۆلۈمنى ياد ئەتكىن، چۈنكى نامىزىدا ئۆلۈمنى ياد ئەتكەن كىشى نامىزىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ. نامىزىڭنى خۇددى ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نامىزىنى ئوقۇغان كىشىدەك ئوقۇغىن»([3]).
تەبىئىيكى، ئۆلۈش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نامازنى ئوقۇغان ئادەم بۇ نامازنى چوقۇم ۋايىغا يەتكەن« خۇشۇئ»بىلەن ئوقۇيدۇ.
4. نامازدا ئوقۇلغان قىرائەت، دۇئا ۋە تەسبىھلەرنى بىلىپ، ئويلاپ ئوقۇش ۋە بۇلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش. قۇرئان كەرىم پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىبرەت ۋە ۋەز – نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن ئىلاھىي كىتاب.: «(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»([4]).
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىش شەرت. شۇڭا ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغانلار نامازدا ئوقۇلىۋاتقان قىرائەتكە «مەن ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىۋاتىمەن، ئۇ ماڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ھېس – تۇيغۇ بىلەن قۇلاق سالسا يېتەرلىكتۇر. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىمۇ، ئۆزى ئوقۇغانلىرىنى شۇنداق ھېس – تۇيغۇ بىلەن ئوقۇشى تەلەب قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى قانداق ئاڭلاش كېرەك؟
قۇرئان كەرىمنى مۇنۇ ئايەتتە سۈپەتلەنگەن مۆمىنلەرگە ئوخشاش ئاڭلاش كېرەك: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار»([5]).
5. نامازدا ئوقۇلغان قۇرئاننى ئايەت – ئايەت ئوقۇش. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: »پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائەت قىلغاندا ھەر بىر ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن توختايتتى، ئاندىن ئىككىنچى ئايەتنى باشلايتتى. ﴿بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ﴾دىن كېيىن توختاپ، ئاندىن﴿الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ نى ئوقۇپ توختايتتى، ئاندىن يەنە ﴿الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ﴾نى ئوقۇپ توختايتتى، ئاندىن﴿مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ﴾نى ئوقۇپ بولۇپ توختايتتى، سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ئوقۇيتتى»([6]).
ھەر بىر ئايەتنىڭ بېشىدا توختاش سۈننەتتۇر. گەرچە ئالدىنقى ئايەتنىڭ مەنىسى كېيىنكى ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بۇ ئىككى ئايەت ئوتتۇرىسىدا توختاش ئەۋزەلدۇر. ھەر بىر ئايەتتىن كېيىن توختاپ ئوقۇش « خۇشۇئ» نىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
6. قۇرئاننى ھەر بىر ھەرپنى دانە – دانە چىقىرىپ تەرتىل بىلەن ئوقۇش.« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائەتنى ھەرپ –ھەرپ تەپسىر قىلغاندەك ئوچۇق ئوقۇيتتى»([7]).
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر سۈرىنى قىرائەت قىلغاندا، ئۇنى ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان ھەر قانداق كىشىدىنمۇ ئۇزۇن ئوقۇيتتى»([8]).
چۈنكى قىرائەتنى تەرتىل بىلەن قىلىش شۇ ئايەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، تەپەككۇر «خۇشۇئ» غا تۈرتكە بولىدۇ.
7. نامازدا ئاللاھ تائالا ماڭا سۆز قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ھېس – تۇيغۇ بىلەن تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ”نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم. بەندەم ئۈچۈن سورىغىنىنى بېرىمەن“ دېدى. بەندە ﴿الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ دېگەندە، ئاللاھ «بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى» دەيدۇ. ئۇ ﴿الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ﴾ دېگەندە، ئاللاھ: « بەندەم ماڭا ھەمدۇ سانا ئېيتتى» دەيدۇ. ئۇ ﴿مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ﴾ دېگەندە، ئاللاھ: «بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى»دەيدۇ. ئۇ﴿إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ﴾دېگەندە، ئاللاھ: «بۇ مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىش، بەندەم ئۈچۈن سورىغىنى بار» دەيدۇ. ئۇ ﴿اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ. صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ دېگەندە، ئاللاھ: «بەندەمنىڭ بۇ تىلىگىنى قوبۇل قىلدىم. بەندەم ئۈچۈن سورىغىنىنى بېرىمەن» دەيدۇ»([9]).
نامازدا تۇرغان ئادەم فاتىھە سۈرىسىنى ئاللاھ تائالا ماڭا سۆز قىلىۋاتىدۇ مەن ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىۋاتىمەن، ئاللاھ تىلىگەنلىرىمنى بېرىدۇ، دېگەن ھېس – تۇيغۇ بىلەن ئوقۇيدىكەن، چوقۇم «خۇشۇئ» نى ھاسىل قىلالايدۇ ۋە تىلىگەنلىرىگە ئېرىشىدۇ.
مەنبە:
http://www.ineyat.com/?p=2253