مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6550|ئىنكاس: 44

لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77851
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى

لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىPlumstead بۆلىگىگە جايلاشقان.

ئەگەردە سىز كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ “ك” ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى “قەشقەر كوچىسى” (Kashgar Road) كۇزىڭىزگە چېلىقىدۇ ۋە سىزنى ھەيرانلىققا چومدۇرىدۇ.

لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى بولسا بۇيۇك برىتانىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھەرنىڭ شەرقىگە، Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى Woolwhich سانائەت رايونىنىڭ مەركىزى بولغان Plumstead بۆلىگىگە جايلاشقان. بۇ يەر بۇيۇك برىتانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن 1805 -يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۇنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي سانائىتى ئۇچۇن ئورۇن تەييارلاش مەقسىتىدە “پادىشاھلىق توپ-زەمبىرەك ھەربىي ئەشيا ئىسكىلاتى” (The Royal Arsenal) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.


بۇرۇن غەرب ئۇچۇن تامامەن ناتونۇش بولغان، قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر، پەقەت 1860 ۋە 1870- يىللىرىدىلا بۇيۇك برىتانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىشكە باشلايدۇ بولۇپمۇ بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرال كۇچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىر كۇچىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن رىقابەتكە چۇشكەن “كاتتا ئويۇن” ئۇرۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. قەشقەر ئىسمىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۇنجى تىلغا ئېلىنىشى ئاساسەن شۇ ئۆلكىدە يۇز بەرگەن يەرلىك ۋەقەلەرگە باغلانغان بولۇپ ،يەنى 1860- يىللىرىدىكى مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ باشلانغان ھەم قوقەند قوماندانى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيەگە ھۆكۇمدار بولغان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. 1865- يىلى ياقۇپ بەگ قوقەندتىن قەشقەرگە كېلىدۇ. 1867- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ.


ۋەھالەنكى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ئەمما بۇگۇنكى كۇندە غەربكە ناھايىتى ئاز تونۇلغان بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 11-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. “قەشقەر” سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى “دەريا قېشى ياكى قاش” دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان قەشقەر دىكى ‹‹ قەشقەر كۇچىسى››
ياقۇپ بەگ

ئەينى ۋاقىتتا بۇيۇك برىتانىيە يەنە ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ سۆزلىشۋاتقانلىغىدىن خەۋەردار بولۇپ، رۇسىيە 1871- يىلى ئىلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى تىزدىن شەرق ۋە شىمالغا كېڭەيتىپ قۇمۇل ۋە بۇگۇنكى ئۇرۇمچىنى ئۆز ھۆكۇمرانلىقىغا ئالىدۇ. 1873- يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىسى Lord Mayo 350 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان Douglas Forsythe رەھبەرلىكىدىكى بىر دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر ئاتلىق ئەسكەرلەر، تەرجىمانلار، ھۆكۇمەت ئىش بەجىرگۇچىللىرى، يولباشلىغۇچىلار ۋە مۇلازىمەتچى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك دىپلوماتىك زىيارەتتىن كېيىن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلىنىپ، بۇيۇك برىتانىيە ھۆكۇمىتى مانجۇ چىڭ ۋە ياقۇپ بەگ ھۆكۇمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن برىتانىيە ھىندىستانى، رۇسىيە ۋە خەنزۇ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قورۇلۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە سۇلھى باشلايدۇ.   مەنبە:ئەنئەنە بىلوگى

بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى قەشقەرىيە ئەمىرى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

ئەمما بۇيۇك برىتانىيىنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ئۇزاققا بارمايدۇ چۇنكى لوندون قەشقەر بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن باشلاپ ، قەشقەرىيەنى‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  بىر مۇستەقىل بىتەرەپ دۆلەت›› دەپ ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بىر قانچە قېتىملاپ دىپلوماتىك سوھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولىسىمۇ ،چاررۇسسىيە  ئىمپەرىيىسىنىڭ تۇركىستاندىكى مەنپىئەتى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋاقىتتا  چىڭ  سۇلالىسى ھۆكۇمىتى جۇڭگۇ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە يۇز بەرگەن ‹‹ تەيىپىڭ تىيەنگۇ ›› قوزغىلىڭىنى غەلىبىلىك باستۇرۇپ، قەشقەرىيەرنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۇچۇن، جىددىي ھەربىي يۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى. مانا بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە “كاتتا ئويۇن” ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا قەشقەرىيەگە بىرقەدەر ئادىلىراق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى ،ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىسىز بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. 1876- يىلى مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتى خەنزۇ گېنىرالى زو زۇڭتاڭنى 200 مىڭ كىشلىك زور قوشۇن بىلەن  40مىڭ كىشلىك ئەسكىرى بولغان ياقۇبەگنى يوقتۇپ، قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىشى بىلەن تەڭلا بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى، ئەگەر  چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمىتى بۇ رايوننى قايتىدىن ئۆز ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالسا ،چاررۇسىيىگە قارشى كۇچلۇك بىر قالقان بولالايدىغانلىقنى جەزىم قىلىدۇ ۋە ياقۇپ بەگنى قوللاشتىن تامامەن ۋاز كېچىپ ،ئەكسىچە قارشىسىغا سىياسەت قوللۇنۇپ، زو زۇڭتاڭغا قورال ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. روسسىيە سودىگەرلىرىمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت تۇتۇپ زو زۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىللەيدۇ. گەرچە زو زۇڭتاڭنىڭ قەشقەرگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسى ئاستا ۋە ئىقتىسادى چىقىمى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. زو زۇڭتاڭ ئۇرۇمچىنى 1876- يىلى 8- ئايدا ئىشغال قىلىدۇ ۋە زور كولەمدىكى تازلاش ئېلىپ بارىدۇ. ياقۇپ بەگ 1877- يىلى 5-ئاينىڭ 28- كۇنى كورلىدا ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ يىلى 12- ئايدا قەشقەر مانجۇ چىڭ سۇلالىسى ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۇشىدۇ. زو زۇڭتاڭ 1878- يىلى 1- ئايدا قەشقەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قەدىمي شەھەر خوتەننى ئىشغال قىلىپ قەشقەرىيەگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسىنى تاماملايدۇ.

1881- يىلى رۇسىيە ئىلى ۋادىسىنى مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مانجۇ چىڭ ھوكۇمىتى 1884- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ “شىنجاڭ” (يېڭى زىمىن، يېڭى چىگرا) دەپ نام بېرىدۇ ۋە رەسمىي شەكىلدە جۇڭگۇ مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا قارىماي، بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرى قەشقەرىيەدە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۆرسىتىشنى يىللارچە داۋام قىلدۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا برىتانىيىلىك قېدىرىپ تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ قەشقەرىيەدە ئېلىپ بارغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ يېزىلغان ئاجايىباتلىردىن برىتانىيە خەلقى يىللارچە ھۇزۇر ئالىدۇ بىراق ئەينى ۋاقىتتاشىنجاڭ رايۇنىدا ئۇچ ئىمپەرىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ناھايىتى شەپقەتسىز، مۇرەككەپ سىياسىي “كاتتا ئويۇن” نىڭ قۇربانى بولغان قەشقەرىيەنى ياد ئېتىش ئۇچۇن مەڭگۇلۇك ئابىدە قىلىپ قويۇلغان لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى (London Kashgar Road) شۇ تارىخنىڭ شاھىتى سۇپىتىدە بۇگۇنگىچە ئۇن-تىنسىز ساقلىنىپ كېلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   istklal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 12:40 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kilyang + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 159   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59963
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خەرىتىدىن كۈرۈپ باقاي .

مەدھىيىنى يازماس شۇڭا قوللىرىم،
مىڭ تەرەپكە ئۇچ  ئېپكەتتى يوللىرىم.
قېنى ئەمدى مىڭ تەرەپتىن بىر ياققا،
دەريا بولۇپ ئاققىن مېنىڭ ھونلىرىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kashgar Road قەشقەر يولى دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدىغۇ دەيمەن ، بۇ كوچىدا ئەمىلىيەتتە قەشقەرلىك يوق بولىشى مومكىن ، بۇ ھۆكۈمەتتىن قويۇلغان ئىسىم . مەن نىڭشيانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدىمۇ قەشقەر يولى دەپ بىر يولنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن (تاختىدا يېزىقلىق) ، شىئەندىمۇ بار ، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىمۇ ئۈرۈمچى يولى دەپ يوللار بار ، بۇ خۇددى شىنجاڭدىكى شەھەرلەردە بېيجىڭ يولى ، نەنجىڭ يولى قاتارلىق يوللارنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش . ئەمدى بۇ جوڭگودىكى ئىشلار ، لېكىن لوندوندا قەشقەر يولىنىڭ بولغانلىقى سەل ھەيران قالارلىقكەن .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79208
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-4-22
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن لوندوندا ئەزىزانە يۇرتۇم قەشقەرنىڭ نامىدىكى كوچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان. بۈگۈن سىزنىڭ تېمىڭىز ئارقىلىق خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت سىزگە!        ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ كوچىنىڭ نامىنى ئېنگىلىزلار نۇرغۇن پۇل بەدىلىگە ئۆزگەرتمەكچى بوپتىكەن، لېكىن شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىز  ئۇنىماسلىقى سەۋەبىدىن تېخىچە ئۆز نامىدا ئىكەن.  

غۇنچە ئالدىرايدۇ گۈل بولۇشقا شۇنچە، گۈل يىغلايدۇ قايتا بولالماي غۇنچە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە ئۈرۈمچى يولى، قاراقاش، پوسكام يولى قاتارلىقلار بارئىكەن، لىكىن لوندوندا قەشقەر كوچىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغانكەنمەن، رەھمەت، بىلىۋالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 12:39 PM  


ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 02:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كامبىرىجتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بىر مەزگىل كاۋاپچىلىق قىلىغان ئۇ كوچىدا

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79780
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3049
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 03:06:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت چۈشەنچەم ئېنىق بولدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79792
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 03:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 03:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانجۇ چىڭ ھوكۇمىتى 1884- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ “شىنجاڭ” (يېڭى زىمىن، يېڭى چىگرا) دەپ نام بېرىدۇ ۋە رەسمىي شەكىلدە جۇڭگۇ مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتىدۇ.
......................................................................
130يىللار  ئەتراپىدا بولغان تارىخلاركەندە........

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17173
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3951 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 04:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربى كۇچى ئاجىز ›خائىن كوپ ›مائارىپ زۇۋانلىقا يۇزلەنگەن نامراتلىق ھالەتتە قۇدىرەت تاپمغان بۇ يېڭى خاندانلىقنى باستۇرغان..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش