ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم ياخشىمۇ سىلەر؟
ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك شىنجاڭ كۇماندىسىنىڭ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 4-ئايلانما مۇسابىقە شىنجاڭ دىيارىدىكى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى ھەقسىز بولىدىكەن.
شۇڭا كەڭ مۇنبەرداش،سىرتىن كۆرگۇچىلەر،شىر كەبى كۇماندا ئەزالىرىمىزنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۇنى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا سائەت 2گىچە يىغىلىپ بولىشىمىزنى توۋەنچىللىك بىلەن سورايمەن.
قىنى شۇ كۇنكى ئۈز ئىچىمىزدىن چىققان رونالدۇ،مىسسىلىرىمىزنىڭ ياڭزىسىنى بىر كۆرەيلى!!!!!!!
ئەسىلى مەدەت بەرگۇچىلەرگە ھۇررادىكىلەر مەخسۇس كىيىم چىقىرىپتىكەن لىكىن سەل كىچىكىپ خەۋەر تىپىپ قالدۇق،پۇتپۇل سىن دىكىلەرمۇ كوك رەڭلىك مايكا ئالدى شۇڭا بولسا ھۇررادىكىدەك شۇنداق مايكا ئىلىپ بارايلى باھاسى 40 ياكى 50 سۇم ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن،ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە ۋە ياكى ۋاقىت يار بەرمىسە كوك رەڭلىك يىڭى قىسقا مايكىلىرىمىز بولسا شۇنى كىيىپ بارساق ھەممىمىز بىر خىل بولساق دىمەكچى....
ئەمىسە پۇتپۇل ئۈچۈن سوققان يۇرەكلەرنىڭ ئەرگۇڭدا بىرلىكتە سوقۇپ،توۋلىشىغا تەشنامەن!!!!!!!
شۇ كۇنگىچە ئالاقىلىشايلى ئەمىسە دوسلا،ئاكىلا،ساقىلا...
ئالاقىلاشقۇچى ئۆتكۈر(تارانچى777)باشقا مۇنبەرلەردىكى (adidas777)
تىلىفۇن:13999134313
13999777512
777
مەنبە؛
http://www.xjfifa.com/bb/forum.php?mod=viewthread&tid=6888
قەدىرلىك دوسلار
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەقسىزكەن، شۇڭا ئۈرۈمچىدىكى دوسلار ھەممىڭلار چوقۇم بۇ مەيدان مۇسابىقىگە مەدەت بەرگىلى بېرىڭلار.....
شىنجاڭ پۇتبۇل مەستانىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى پۈتۈن مەملىكەتكە بىلدۈرۈپ قويۇڭلار.
شەنشىدىكى تۈنجى مەيدان مۇسابىقىدە 20مىڭ ئادەم مۇسابىقە كۆرگىلى كىلىپ ھەممىسىنى ھەيران قالدۇرغان .
مۇمكىن بولسا ئۈرۈمچىدىكى دوسلار 5.12 كۈنى پۈتۈن مەيدانغا پاتماي قېلىڭلار
بۇ مەيداننى «ئالۋاستى مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇپ ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇڭلار!
دوسلار بۇ خەۋەرنى بارلىق مۇنبەرلەرگە كەڭ تەشۋىق قىلايلى ،ئۈرۈمچىدىكى دوسلار ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ،ئوتتورا مەكتەپ،ئىدارىلەرگە ،ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن مەيداندا بىر مۇ بوش ئورۇن قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىڭلار!
قالغان ئىشلار ئۈرۈمچىدىكى دوسلارغا قالدى ئەمسە ......ھۇررا دوسلار
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ما تىمىنى تەۋسىيە تىمىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويساڭلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-6 11:30 AM