|
|
|
|
ئىلى دەرياسى شىنجاڭدىكى سۇمىقدارى ئەڭ كۆپ ،ئەڭ چوڭ دەريا.ئومومىي ئۇزۇنلىقى 1236كىلۇمىتىر،ھاۋزا كۆلىمى150مىڭ كىۋادرات كىلۇمىتىر بولۇپ شىنجاڭدىكى دەريا ئىقىن مىقدارىنىڭ5تىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.يىللىق ئىقىن مىقدارى11مىليارد700مىليۇن كۇپ مىتىر،دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئۇزۇنلىقى442كىلۇمىتىر،دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھاۋزا كۆلىمى56مىڭ كىۋادرات كىلۇمىتىر.ئىقىش يۆنىلىشى شەرىقتىن غەرىپكە بولۇپ ئاخىرىدا (قازاقئىستان)دىكى بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ.
ئىلى دەرياسى ئاساسلىق تۆت ئىقىندىن تەشكىللەنگەن ئۇلار:تىكەس دەرياسى،قاش دەرياسى،كۈنەس دەرياسى،ۋە ياماتۇدىكى 39چوڭ كىچىك ئىقىندىن ئىبارەت.
ئىلى دەرياسى ئۇزاق يىللار مابەينىدا ئىلىنىڭ تارىخدا بولۇپ ئۆتكەن قانلىق تارىخلارغا گۇۋاھچى بولۇپ ئۈنتىنسىز ئاقماقتا. شەھەرلىك پارتىكۇم ھۆكىمەت غۇلجا شەھىرىنى دۇنياغا تونۇلغان ساياھەت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دەريا ئەتراپىدىكى ئورمانلىق ،توقايلىقلارنى ۋەيران قىلىپ ئالى دەرىجىلىك مىھمان سارايلارنى سالماقتا.ھەي...نەچچە ئون يىلدىن كىيىن ئەۋلادلىرىمىز بۇ گۈزەل دەريانى كۆرەلەمدىغاندۇ؟؟؟؟
مانا بۇ كۆكۈمەت سالماقچى بولغان بەش يولتۇزلۇق مىھمانخانا
بۇمۇ شۇ مىھمانخانىلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oglan25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 10:56 PM
|
|
|
|
|
|