ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار ! ھەممەيلەنننىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !ئاز بولسىمۇ بۇ شېئىرىمنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم، تەلىم بەرگەيسىلەر ...
5-ئاينىڭ 5-كۈنى ( ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن ؟ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ، "جەڭگىۋار"نىڭ تۇغۇلغان كۈنى . بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن؟! ئاڭلانمىدى ھېچكىمنىڭ ئۈنى . كۆرۈپتىمەن تۈنۈگۈن كېچىدە ، شۇنچە تاتلىق ئاجايىپ بىر چۈش . ... دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرۇم بىلەن ، گۈلزارلىققا ئايلانغان دۇنيا . ھەممە يەردە بايرام قاينىمى ، شوخ يىگىتلەر سالماقتا ساما . دېدىم شۇنداق ھاياجان بىلەن ، يەنە كىمدە بۇنداق بايرام بار . ماڭا ئاتاپ تىككەن دوپپاڭنى ، شوخ ناز بىلەن ئېلىپ كەلگىن يار . ... كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەن ئەسلى ، قاچان كېلەر شۇ دوپپا پەسلى . تۇرار ئىدى شۇ توپىلىق يولدا ، دوپپا كېيگەن نەۋرىسى بىلەن ، بەكمۇ مىسكىن بىر ئۇيغۇر بوۋاي . چۈنكى ئوغلى دوپپىنى تاشلاپ ، مەدەنىيەتلىك بوپ كەتتى ھاي-ھاي! قاتنىمىسا بوپتۇ ترامۋاي ، كۈلۈپ تۇرغىن سۆيۈملىك بوۋاي . مەنمۇ سېنىڭ ئۆز ئوغلۇڭغۇ ، ئانام تىككەن شۇ دوپپام بىلەن ، مەن ئۆيۈڭگە ئۇيغۇرچە باراي . ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇرغا مېھمان ، چىن سۆزۈمنى ئاڭلا ،قىز-ئوغلان . گۈل چېكىلگەن شۇ بادام دوپپا ، گىلەم دوپپا ، چىمەن دوپپا ، چىكەن دوپپا ، ... شۇنچە مەيۈس تامغا ئېسىلغان ، تامغا ئەمەس دارغا ئېسىلغان . دوپپا ئەمەس تامنىڭ زىننىتى ، دوپپا دېگەن ئۇيغۇر قىممىتى . ياڭراپ كەتتى شۇنداق بىر سادا ، دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى . قەيەردىسەن ؟زادى قەيەردە ؟! ئوغۇز ئەۋلادى ئۇيغۇرنىڭ نەسلى ! 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ، ئانام تىككەن دوپپامنى كېيىپ ، ئايلانماقچى بولدۇم دۇنيانى . بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن ؟ 5-ئاينىڭ 5- كۈنى ، «ماركىس»نىڭ ھەم تۇغۇلغان كۈنى . بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن ؟! ئاڭلىنارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى . 2010- يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى ،(شاڭخەي) مەنبە:جەڭگىۋار (ئۆز قەلىمىم ) )(ئىلگىرى يازغان شېئىرىم ئىدى، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، تەلىملىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...)
|