مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1287|ئىنكاس: 12

بۇ دۇنيا رىقابەتكە تولغان سىناق مەيدانىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9208
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 02:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          بۇ دۇنيا رىقابەتكە  تولغان سىناق مەيدانىدۇر
                                                  تۈركلان


        سەن بۇ جاھاندا يەككە -يىگەنە ئەمەس.ئۆزۈڭنى بىر كۈرەش قىلغۇچى دەپ ھېسابلىساڭ،سەن بىلەن تەڭ يەنە نۇرغۇنلىغان رىقابەتچىلىرىڭ سېنى يېڭىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشىدۇ.ئەينى چاغدا كۇلۇمبۇ ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى  ئېزدەش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغاندا،نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان .نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان.بىراق كۇلۇمبۇ بۇ رىقابەتتىن ۋاز كەچمەي ،بۇ مۈشكۈل سەپەرنى باشلىغان.شۇنداق قىلىپ تارىخ كۇلۇمبۇنى تۇنجى ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تاپقان شەخس دەپ ئېلان قىلدى.ھەم بىزنىڭ يادىمىزدا بىرىنچىنىڭ نامى شۇنچىلىك يارقىن ساقلىنىدۇ -يۇ،ئىككىنچى بولغان شەخىسنىڭ جاسارىتى قانچىلىك بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر،يادىمىزدىن تېزلا كۆتۈرلۇپ كىتىدۇ.
      رىقابەتنىڭ نىمىلىكىنى  بىلىش ئەڭ مۇھىم مەسلە.سەن ھالسىزلىنپ ياكى روھسىزلىنىپ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتقىنىڭدا رىقابەتچىلىرىڭ سېنى يەڭمەك بۇلۇپ ھەركەتكە  ئۈتىدۇ.ئەگەر سەن رىقابەتكە توغراپوزىتسىيەدە  بولمىساڭ ۋە ياكى رىقابەتتىن قېچىشنى ئويلاپ ئۇنىڭ نىمىلىكنى چۈشىنىشنى خالىمىساڭ،ھەمدە روھسىز ھالىتىڭنى ساقلاپ يۈرىۋەرسەڭ،تەخمىنەن بىر يىللار  ۋە ياكى تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رىقابەتچىلىرىڭ تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىشىڭ مۇمكىن.ئىسىڭدە بولسۇن تارىخنىڭ ئۆچمەس بېتىدە يېلىنجايدىغىنى،بىرىنچىنىڭ نۇرانە سىماسىدۇر،2-،3-چىلەر مەڭگۈ ئۇنىڭ كەينىدىدۇر.سەن كۆرەش قىلىۋاتقان ساھەنىڭ رىقابەتچىلىرى ساڭا ھەر ۋاقىت خىرىس قىلىدۇ.سىنىڭ بۇ رىقابەت مەيدانىدا باشقىلارنىڭ  تەپكەن توپنى  تىرىپ يۈرىيدىغان كۈنگە قالغۇڭ يوقتۇر؟.بۇ ھايات ،بۇ دۇنيا سېنىڭ رىقابەت سەھنەڭ.سەللا بوشاڭلىق قىلساڭ باشقىلار ئۈستىڭگە دەسسەپ سېنى كەينىگە تاشلايدۇ،سەن ياراتمىغان رىقابەتچىلىرىڭ ھەم شۇنداقلا بۇ دۇنيامۇ سېنى شاللىۋىتىدۇ.بىرلا يول بار ئۇ ناھايتى ئېنىق يول_قەيسەرلىك بىلەن رىقابەتكە چۈشۈش .قەتئىي ھۇدۇقما ئوغلان،قەيسەر بول. بۇ رىقابەتتە يېڭىش -يېڭىلىشنى ئۆزۈڭ تاللا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،خەيىر ئاللاھ ھەممىڭلارغا ئاسانلىق بەرسۇن

                                                  مەنبە:تۈركلان تەپەككۈرى

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 05:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھەرقانداق ئىشتا يېڭىش يېڭىلش ئۇزمىزنىڭ قۇلدا ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز سىزگە ئامەت تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5696
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 06:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار نى يېڭىشىمنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت ئۆزۈم ئۈستىدىن غالىپ كەلسەملا بولدى....

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15526
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2510 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 06:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان تەبىئىيتى زىددىيەت ۋە توقۇشۇنقا تولغاندۇر!كىشى دۈشمىنىنى يىڭىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئالدى بىلەن كۆڭلىدىكى قۇرقۇنۇچ ۋە شەكنى يىڭىشى كىرەك!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9208
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 06:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 06:13 PM
باشقىلار نى يېڭىشىمنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت ئۆزۈم ئۈستىدى ...

سىزنىڭ دىگىنىڭىز دەل ئۈزىدىن ھالقىش پەلسەپەسى.ئۇ بىريۈكسەك مەنادىكى پەلسەپە.ئارزۇيىڭىزغا يەتكەيسىز قېرىندىشىم.

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70862
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4989
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 691 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 06:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز خاتالاشتىڭىز ، كولومبو ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىنى ئىزدەش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ باقمىغان.ئۇ ھىندىستاننى ئىزدەش سەپىرىدە ئامرىكىنى تاساددىبى بايقاپ قالغان.ئۇ ئامرىكىنى ھىندىستان شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئامرىكىدىكى ئادەملەرنى ئىندىيانلار دەپ ئاتىغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil1123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 07:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1466
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1074 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 06:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە يېڭىلىشمۇ بىر خىل لەززەتمىكىن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ جەرياندا  مەيلى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسۇن ۋە ياكى  ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىك بولسۇن، سىزنىڭ ھىس قىلىدىغانلىرىڭىز ئاز ئەمەس.
سىزنىڭچە كۆمۈش مېدال ۋە مىس مېدالنىڭ قايسىسى كىشىنى بەكرەك خۇشال قىلالايدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىلەنمەستىنلا كۆمۈش مېدالغا ئىرىشكۈچى مىس مېدالغا ئىرىشكۈچىدىن بەكرەك خۇشال بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىرقەدەر يۇقىرى بوغان شەرەپكە ئىرىشتى دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.ئولۇمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مېدالغا ئىرىشكەندىكى ھىسياتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنكەن: ئۈچىنجىلىككە ئىرىشكۈچى ئۆزىنىڭ بىر مۇكاپات مېدالىغا ئىرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلىنپ، بەدەنلىرىنى تىترەك باسىدىكەن.يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككىنجىلىككە ئىرىشكىنى بولسا بىرىنجىلىكنى ئالالمىغىنىدىن ئۆزىنى ئۆزى مەغلۇبىيەتچىدەك كۆرىدىكەن. شۇڭا نمىگە ئىرىشىشتىن ئىرىشكەندىكى تۇيغۇنى قانداق ھىس قىلىش مۇھىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 07:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9208
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 07:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
miradil1123 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 06:58 PM
سىز خاتالاشتىڭىز ، كولومبو ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىنى ئى ...

توغرا   ئۇ ئەسلىي شەرق ئەللىرىگە بارىدىغان دېڭىز يولىنى تاپماقچى بولغان ،لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ئامرىكا قۇرۇقلۇقىغا بېرىپ قالغان .ئۇنىڭ بۇ بايقىشى پۈتكۈل ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن.دىگىنىڭز ئۇرۇنلۇق مەنمۇ سەل ئويلۇنۇپ قالغانتىم ،ئۆگەنگەنلىرىمنى سەل ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4078
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 07:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى يىڭىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى يىڭىش كىرەك . مەسىلەن  ھازىر سىزنىڭ  شۇنداق ئوينىغۇڭىز بار ، لىكىن قىلىدىغان ئۈگۈنىسىڭىزمۇ  ئاز ئەمەس ، سىز ئۈگىنىشنى تاللىسىڭىز ئۆزىڭىزنى يەڭگەن بولىسىز

بىر پارچە ئوت بولۇپ مۇھتاجنىڭ تىنىگە ھارارەت ئېلىپ كىلەلسەم شۇمىنىڭ بەختىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70862
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4989
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 691 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 09:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turklan يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 07:09 PM
توغرا   ئۇ ئەسلىي شەرق ئەللىرىگە بارىدىغان دېڭىز يولى ...

پىكىرىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش