دوپپا
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزلۈكى دوپپا،
پاك بەلگىسى بايانى دوپپا.
ھەقىقەتنى قىلىدۇ ئايان ،
ۋەزنى ئېغىر تاغدىنمۇ دوپپا.
دوپپا دېسەم يۈرىكىم لاۋا،
دىل ، تىلىمدا ئوتلۇق بىر ناۋا.
ھاياجىنىم ، شادلىقىم فونتان،
كۈلكەم تۇتاش قۇياشقا ، ئايغا.
سۆيگۈ ھېكمەت ھەر نەقىش گۈلى،
ئەقىدىنىڭ يالقۇنلۇق كۈيى.
قۇياش ھەيران گۈللەر خىجالەت،
دوپپا مىراس ئەجداد ئۇدۇمى.
بوۋام كىيگەن ھېكمەتلىك دوپپا،
مومام كىيگەن خىسلەتلىك دوپپا.
گۇۋاچىسى يىراق تارىخنىڭ ،
مېھرى ئىسسىق قىممەتلىك دوپپا.
ئۇيغۇرۇمنىڭ بەلگىسى دوپپا
ئەقىدىسى، تاجىسى دوپپا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 11:11 AM