|
|
|
|
ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى باي ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى «4-ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ:
«4-ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقي، ئەقلىي، جىسماني، ۋە مەدەنىيەت- سەنئەت، گۈزەللىك جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن يېڭى بىر ئەۋلات قۇرغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش يۈزىسىدىن 2012- يىل 5- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ، باي ناھىيەلىك كىنو-تىياتىرخانىسى ئالدىدا باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى باي ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەشكىللىشىدە، ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى «باي ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى مەكتەپ مەدەنىيىتى بايرىمى» نىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرسى بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى» ئاساسىي تېمىسىدىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، «مەكتەپ مەدەنىيىتى» نىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇردى، ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى» نىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى باي ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ۋە ناھىيەدىكى 1500 دىن ئارتۇق كىشى ئويۇننى كۆردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ERCHIN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 02:05 AM
|
|
|
|
|
|