مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 5

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 11:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئاكا 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946.يىلىدىن 1950.يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان .كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەد ئاكا بالقلقق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان .غازى ئەمەت ئاكا 1952.يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954 ـــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ، ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن . كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ دۆلەت دەرجىلىك ئاتاقىلىق رەسسام ھەم 1954 ـــ يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى . نەشىردىن چىقارغان جىنايى ھۆكۈم - جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ ـ 1982 ـــ يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەخمۇد قەشقەرى - بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ـ1981 ـــ يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە1 ـــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇقام ــ 1984 ـــ يىلى 6 ـــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆمۇش مىدالغا ئېرىشكەن1987 ــــ يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان ـ مۇقام ئىشقى مەملىكەتلىك ماي بۇياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .

  شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

  رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق "ئاماننىساخان"، "مەھمۇد قەشقىرى"، رابىيە _ سەئىدىن" ۋە "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.غازى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى .غازى ئەمەت ئاكا ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىگە بىر كۇمپىيوتىز سىنىپى قۇرۇپ بەردى. يەنى غازى ئەمەت ئاكا ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان مەھەللە مەسچىتىگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى ئۇنتۇپ قالمىدى

ئۆزنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27422
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 12:34:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن بۇغازى ئەمەت ئاكىنى تۇقسۇلۇق دەپ ئاڭلىغان توۋا ..ھى ھى [s:12]

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سىز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

يىراقنى كۆرگۈم ب

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21840
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3617 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 01:15:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ رەسىمىگە قايىلمەن، قالتىس سىزىلغان رەسىمدە بۇ.




يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئۆتكۇزگەن خاتال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 364
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9293
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 02:59:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ تەرجىمھالنى  ئەمدى كۇرۇپتىمەن .

ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىمنى يۇيۇشقا كۆز  يېشىىم كەملىك قىلىدۇ .

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36536
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:26:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ،(مۇقام) ناملېق رەسمنى ھەقىقەتەن ياخشى سىزغان بۇ ئاكمىز.
ياخشى تېما يۇللاپسېز ......رەخمەت [s:2]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:28:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىققان كىشى موشۇ....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش