|
|
|
|
غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
6-ئاپرېل،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سابىق ھەيئىتى،غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جىياۋ باۋخۇانىڭ پھرىخورلۇق،ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ شەخسى نەپ ئېلىش جىنايىتىگە 1-سوتتا ئاشكارا قاراپ چىقتى ۋە27-ئاپرېل جىياۋ باۋخۇانىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى،ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ،شەخسى كۆمىچىگە چوغ تارتىش جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ،ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ،ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش،سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش،بارلىق شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى.
سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە،جاۋابكار جىياۋ 2003-يىلى4-ئايدىن 2011-يىلى4-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى بولغان مەزگىلدە خىزمەت قولايلىقى ۋە ھوقۇقنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم باشقىلاردىن پارە تىلەپ ئالغان ۋە باشقىلارنىڭ پۇل،مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ،ئومۇمى سوممىسى34 مىليون650مىڭ سوم خەلق پۇلى بولغان.ئۇندىن باشقا 2000-يىلى 5-ئايدىن2010-يىلى 7-ئايغىچە جاۋابكار جىياۋ چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى،غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ھەيئىتى بولغان مەزگىلدە،شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەپ،ئالدامچىلىق قىلىپ،ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ جاۋابكار ئۆزى ئەمەلىي كونتىرول قىلىۋاتقان ۋە پاي قوشقان شىركەت ھەم خۇسۇسى ئىگىلىكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئومومنىڭ مال-مۈلكىنى،دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىتىپ،جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.
سوت مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جىياۋ باۋخۇا ئۆزى دۆلەتنىڭ رەھبىرىي خادىمى تۇرۇقلۇق غايەت زور سوممىدا پارە ئالغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسى نەپ ئالغان،شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەپ،كۆزبويامچىلىق قىلغان،ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان.ئومومنىڭ مال-مۈلكىنى،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتقان.جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر. جاۋابكار جىياۋ باۋخۇا تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولۇق تاپشۇرغان، بولۇپمۇ ئەدلىيە ئورۇنلىرى تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان بىرقىسىم پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى ئۆزللۈكىدىن تاپشۇرغان ۋە زاڭ پۇل-ماللارنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغان،جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان شۇڭا يېنىك جازالاشقا بولىدۇ،دەپ قاراپ يۇقۇرقى ھۆكۈمنى چىقارغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: قىزىل كۆۋرۈك
مەنبە:
http://news.sina.com.cn/c/2012-05-04/012724364358.shtml
پارخورلار دىققەت !
|
|
|
|
|
|