ئاخشام قورساق تازا ئاچقان ۋاقىتلاردا ،تور ئارىلاۋېتىپ ئۆزبىك دۈمىلىمىسى دەپ ئاتالغان بۇ خىل تائامنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىشىنى كۆرۈپ قالدىم. ۋاھ ،ئېغىزلارغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كەتتىدە !! بىزنىڭ تاماق رىسالىمىزدىمۇ بۇنداق تائام بارمۇ يوقمۇ بىلمىدىم ،قېنى مۇنبەرداشلار كۆرۈپ بېقىڭلار ،بۇ تاماقنى ئىتەلەيدىغانلار سېلىشتۇرۇپ كۆرسۇن ،ئىتەلمەيدىغانلار ئىتىپ كۆرسۇن ،قېنى مەرھەمەت !!
دۈملىمە ئۆزبىكچە ھوردا پىشۇرۇش ياكى دۈملەپ پىشۇرۇش دىگەن مەنىدىكى گەپ بۇلۇپ ،قايسى خىل دۈملەش ئۈسۇلى ئەڭ ياخشى بولىدىغاندۇ ؟؟ئەلۋەتتە كونا تۆمۈر قازاندا تەييارلانغان دۈملىمىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ، تاماقنىڭ مىززىلىك پۇراقلىرى ئاغزىڭىزغا سېرىق سۇ يىغماي قالمايدۇ.ھەقىقى بىر دۈمىلمە ئېتىش ئۈچۈن ئاۋال قوزا گۆشى ،قوينىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى لوق گۆش ،پىياز ،سامساق ،پىدىگەن ،پەمىدۇر،ياڭيۇ ،قىزىلمۇچ ،قاپاق لازا ۋە كاللەكبەسەي ۋە ھەرخىل خۇشپۇراقلارنى تەييارلاش كېرەك.
دۈملىمە تاماق ئىتىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ،چۈنكى سىز دۈملەش جەريانىدا ئارقىمۇ ئارقا بىر نەرسە سالمايسىز ،ياكى توختىماي ئىلەشتۈرمەيسىز.سىز قىلىدىغان ئىش پەقەت بارچە ماتىرياللارنى قازانغا سېلىپ قۇيۇپ ،تاماقنىڭ دۈملىنىپ پىشىشىنى ساقلاپ ئولتۇرسىڭىزلا بولدى.
قوينىڭ قۇيرۇق قىسىمدىكى لوق گۆشىنى قازاننىڭ ئەڭ تىگىگە سالىمىز ،ئاندىن قوزا گۆشىنى سالىمىز.ئاندىن بۇلارنىڭ ئۈستىگە زەپە چىچىكى ،رەيھان ،سامساق ۋە پەمىدۇر قېقى (قارىغاندا پەمىدۇر بولسىمۇ بولىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ) قاتارلىقلارنى سالىمىز.
ئاندىن ياڭيۇ پارچىسىنى سېلىپ ،ئۈستىگە تۇز ۋە قىزىلمۇچ چاچىمىز .(دىققەت ھەر بىر قەۋەت كۆكتاتنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن تۇز ۋە قىزىلمۇچ چېچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .)
ئاندىن قاپاق لازا ۋە پىدىگەن سالىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا كاللەكبەسەي سالىمىز ،كاللەكبەسەي قازاندىكى سۇ ھورلىرىنىڭ پارلىنىپ چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سۇ ھورلىرى دۈملىمىنىڭ شورپىسىغا ئايلىنىدۇ.ئۇدۇل كەلگەندە دەپ قۇياي،بۇنىڭغا ھەرگىز سۇ قۇيماڭ ،ئازراقمۇ سۇ كېرەك ئەمەس،بولمىسا تاماقنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
ئوتۇن يېرىپ تەييار قىلدىڭىزمۇ ،ئەمىسە ئوت يېقىڭ.......
قاينىغاندىن كېيىن 45مىنۇت دۈملەڭ.
دۈملىمە تەييار بولغاندىن كېيىن ئازراق خۇشپۇراقلارنى سېلىڭ .قېنى مىززىلىك تائامغا مەرھەمەت!!
دۈملىمىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى جاي جايلارنىڭ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن ،بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ بۇنداق تائامنىڭ تەييارلىنىشى ئوخشاش بولمىسا كېرەك.تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرسىڭىز فەرغانە ۋادىسىدىكى ئوش دۈملىمىسىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرلۈپتۇ.ئۇ تور بەتتە قانچىلىك سەي كۆكتات كىتىدۇ ،قانچىلىك قاينىتىپ ،قانچىلىك دۈملەيمىز دىگەنلەر تېخىمۇ تەپسىلى باركەن.(رەسىملىرى بار ئەمما ئىنگىلىزچە جۇمۇ )
ئوش دۈمىلمىسى ياۋروئاسىيا خەۋەرلىرى تورى http://www.neweurasia.net/culture-and-history/dymlyama-osh-recipe/
مەنبە: http://article.yeeyan.org/view/258571/250045
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمىغايسىز!!رەھمەت .
|