ئۇيغۇر دوپپىسى
(5-ئاينىڭ5-كۈنى ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى›› غا)
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يىگىت كىيسە بېشىغا جۇلالىنۇر قامىتى،
دوپپا دىگەن ئۇيغۇرنىڭ تەۋەرۈكى-ئامىتى.
شۇ دوپپىغا مۇناسىپ باش بولمىسا ئەگەردە،
يىراق ئەمەس يېقىندۇر ئەنئەنىنىڭ ئاپىتى.
دوپپا ئەجدات روھىدۇر تاڭدا كۈلگەن قۇياشتەك،
شۇ قۇياشتىن دىللارغا ئېقىپ كەلدى نۇر-زىيا.
ھۈنەر سۆيەر خەلقىمنىڭ جەۋھىرىدۇر ئەقلىنىڭ،
شۇڭا مەنمۇ قىپ كەلدىم ھاياتىمدا ئىقتىدا.
يىلتىزى يوق دەرەخنىڭ كۆكلىمىكى نەدە بار،
كۆكلىسىمۇ تارتالماس بارچە دىلنىڭ مەيلىنى.
ھاياتلىققا كۆز ئاچقان ھەر قانداق بىر گىياھنىڭ،
كۆرسىتىدۇ شۇ يىلتىز جەزبىسىنىڭ ئەينىنى.
دىمەك ئەجدات ئەۋلاتنىڭ جەزبى ئۈچۈن يىلتىزدۇر،
ھەممىمىزنىڭ يىلتىزنى كۆكلەتمەككە قەرزى بار.
ئەجدات تىككەن كۆچەتنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتساق،
مەھشەردىمۇ ئەۋلاتنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەرزى بار.
پەخرلىنىپ قوندۇرۇپ بېشىمىزغا دوپپىنى،
مەزمۇتقىنە باسايلى ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى.
تەڭ قىلمايلى ھەرگىزمۇ ئالماس كۆزلۈك تاجىغا،
ئەجداتلاردىن تەۋەرۈك دوپپىمىزنىڭ قىرىنى.
2011-5-5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 02:00 AM