تۆتىنچى ئەخمەق
( چۆچەك )
ئۆتكەن زامانلاردا، ئۆز-ئارا خېلى يېقىن ئۆتكەن ئىككى دوست بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلاردىن بىرى توي قىلىپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، توي قىلمىغان دوستى توي قىلغان ھېلىقى دوستىدىن سوراپتۇ:
-ئايالىڭ قانداقراق، مىجەز-خاراكتېرى بولامدىكەن، خېلى كېلىشىپ قالغانسىلەر؟
ئۆزىنىڭ دوستىدىن خېلىلا بۇرۇنلا توي قىلىۋالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، مۇشۇنداق سوئالنىڭ ئۆزىدىن پاتراق سورىلىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئۇ دوستى ھېلىقى دوستىغا تولىمۇ پەخىرلەنگىنىچە دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ:
-ئۇنى بىر دېمە،ئاداش، بىز ئىككىمىز كېلىشىپ شۇنداق ئامراقىلىشىپ كەتتۇقكى، خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈزدەك، گۆش بىلەن قاندەك بىر-بىرىمىزدىن ئەسلا ئايرىلمايمىز. ئايالىم شۇنداق ۋاپادار، شۇنداق ساداقەتمەن، شۇنداق ئاق كۆڭۈل ئايالكى، ئاي-ھاي، بۇ جەھەتتە ئالەمنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئايالىمغا تەڭلىشەلىگۈدەرەك ئايال زاتى تېپىلمايدۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى دوستى بىردە دوستى ھەم دوستىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن سۆيۈنسە، بىردە بۇ دوستىنىڭ سۆزىدىن شۈبھىلىنىپ، دوستىنىڭ ئايالىنىڭ ساداقىتىنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن دوستىغا ئۆز مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
-ئاداش، بىر گەپ قىلسام ئەجەبلەنمە ھەم خاپا بولما ، شۇ تاپتىكى بەزى ئاياللار تولىمۇ ھىيلىگەرلىشىپ كەتتى. شۇڭا «بىر ئايالنىڭ ھىيلىسى قىرىق شەيتاننى ئۇسسۇلغا ساپتۇ» دېگەن گەپ بار بەلكىم، بۇنى سەنمۇ ياخشى بىلىسەن. ئايالىڭ سەن دېگەندىكىدەك ۋاپادار بولغان بولسا، ساڭا ئوخشاش مەنمۇ كۆپ مىننەتدار. ئەمما ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالسا، ئىش چاتاق. «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دەيدىغان ئاتىلار سۆزىمۇ بار. بىلىمەن، سەن تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار يىگىت. نېمە ئۈچۈنكىن، يېقىندىن بۇيان، قۇرسۇقۇمغا بىر جىن كىرىپ، ئايالىڭنىڭ ساداقىتىنى بىر سىناپ بېقىش خىيالىدا بەك تولا ئوي ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسەڭ، مەن بىر توخۇنى يۇڭداپ بۈگۈن يېرىم كېچە بىلەن ئۆيۈڭنىڭ تۆڭلىكىدىن ئۆيۈڭگە تاشلايمەن. سەن ئۇشتۇمتۇتلا كېسىلى تۇتقان بولۇۋېلىپ، ئېڭرىغىنىڭچە دومىلاپ يېتىۋالىسەن. دەل شۇ چاغدا، قورقۇپ كەتكەن ئايالىڭ تۆڭلۈكتىن تاشلانغان ھېلىقى توخۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئىنتايىن قورقغان ھالدا سەندىن مۇنداق دەپ سورايدۇ:
-ھەي، قارىڭا، ئۇ نېمە؟
سەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا مۇنداق دەيسەن:
-ھەي... ئەمدى ساڭا راستىنى دېمىسەم بولمىدى، خوتۇن. شۇ كەمگىچە ساڭا تېخى دېمىگەنىدىم، مېنىڭ ساقىيالمايدىغان كېسىلىم بار ئىدى. قارىغاندا، ئەمدى ياخشىلىنالمايدىغان ئوخشايمەن. سەنمۇ كۆردۈڭ، ئۇ، مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن ئەزرائىل! رازى بول، خوتۇن، رەنجىتكەن بولسام، مېنى كە...كە..چۈر...
دوستى ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئۇلار شۇنداق كېلىشىۋالغاندىن كېيىن، توي قىلغان دوستى سالپايغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، يوتقانغا چىڭ چۆمكىنىپ بۇرۇنلا يېتىۋاپتۇ ۋە ئېغىر ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە «ئۇيقۇ»غا كېتىپتۇ. ئايالىمۇ بىردەم-يېرىمدەم ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن كېيىن، تۈنتەڭلەر بىلەن كۆزى ئۇيقۇغا ئىلنىشىپ قاپتۇ. دەل شۇ پەيتتە، ئالدىنقى كۈنى پۈتۈشىۋالغىنى بويىچە، ھېلىقى دوستى يۇڭدالغان بىر توخۇنى ئۆيىنىڭ تۆڭلۈكىدىن ئۇلار ياتقان كارۋات ئۈستىگىلا «گۈپ» قىلىپ بىر تاشلىغانىكەن، ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن ئايالى ئىنتايىن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئېرىدىن سوراپتۇ:
- ھەي، تۇرىڭە، تۇرىڭە، قاراڭ، ماۋۇ نېمە؟
ئېرى «ئاران تەستە كۆزىنى ئېچىپ»، تەمتىرىمەستىن جاۋاب بېرىپتۇ:
-خوتۇن، رازى بول.... ئۇ، مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن ئەزرائىل! مېنى كەچۈر، خوتۇن. مەن ساڭا ئېيتمىغان ئىدىم، مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىش ئالدىدا ساقايماس بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، رەھمەتلىك ئاتا-ئانام شۇنچە ئۇزۇن يىل داۋالاتمىغان بىرەر تىۋىپ قالمىغان بولسىمۇ، ئاخىرى ياخشىلىنالمىدىم. ئۇلار مەن ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى، مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن كۆپ چىقىمدار بولۇپ، بىساتىدىن ئايرىلدى، ساق تېنى مەجروھ بولدى، نۇرلۇق كۆزلىرى مەن-بار-يوقى بىرلا يۈرەك پارىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قان-ياش يىغلاپ ئەما بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەھمەتلىك ئاتا-ئانام ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىق بۇرچىنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەن بىر ئاز ياخشىلانغان ھامانلا، مېنى ئۆيلەپ قويماقچى بولىۋېدى، تەقدىرىي-قىسمىتىم شۇنداق بولسا كېرەك، مانا سەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئاز-تولا خاتىرجەملىككە ئېرىشىۋېدىم، كۆپ ئۆتمەي بىچارە ئاتا-ئانام ئارقا-ئارقىدىن كۆز يۇمدى. «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك تولىمۇ ئەپسۇس، مانا ئەمدى بۇ لەنىتى كېسەلدىن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن، ئەلۋىدا...، -دەپ يىغلاپتۇ ئېرى.
دەل شۇ پەيىتتە، يۇڭدىۋېتىلگەن ھېلىقى توخۇ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ، قاناتلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگۈلەپ، ئەر-ئايال ئىككىسىگە سىنچىلاپ نەزەر سالغىنىچە «ھە، ئاشىق-مەشۇق ۋاپادارلار، مېنى تونۇغانسەن-ھە؟ مەن-ئەزرائىل. مەن سىلەرنى ھوزۇرۇمغا ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم، بۈگۈن قايسىڭلار مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ......» دېگەن سۈرلۈك ئاۋازدا جار سالغىنىچە، ئۇلارنى ئەگىپ توختىماستىن مېڭىشقا باشلىغانىكەن، ئايالىنىڭ قورققىنىدىن جان-ئىمانى چىقىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ-دە، لاغىلداپ تىترىگىنىچە شۇنداق دەپتۇ:
-كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن مانا مۇشۇنداق ساغلام، لېكىن ئېغىر كېسەل دەستىدىن ئېرىمنىڭ بىر-ئىككى كۈنلۈكمۇ ياشىيالىغۇچىلىكى قالمىدى. ئەنە قارا، ئۇ ھازىرمۇ كېسەل ئازابىدىن ئېڭراپ ياتىدۇ، شۇڭا...، - دەپتۇ ئايالى ئەزرائىلغا ئېرىنى كۆرسەتكىنىچە، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىىتىرىپ قويغاچ. ئۆگزىدە بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ھېلىقى ئاغىنىسى ئەتىسى دوستىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئارتۇقچە گەپ-سۆزمۇ قىلماي، پەقەت«قانداق؟» دېگەندەك ئىشارەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويغان ئىكەن، ئايالىنى تولۇقراق چۈشەنمەيلا شۇنچە ماختىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزادىن ئۆلگۈدەك بولۇپ كەتكەن دوستى ئايالىغا ئالدىراپ باھا بېرىۋەتكەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپتۇ.
ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۇلار يەنە ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ ۋە ھېلىقى كۈندىكى ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىغان دوستىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي... بۇنىڭ قايسى بىرىنى دەي. كونىلار جاھاندا تۆت ئەخمەق بار: ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، يېگىنىنى داڭلىغان ئەخمەق، ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ كىيگىنىنى داڭلىغان ئەخمەق، ئۈچىنچىسى، ئۆزىنى داڭلىغان ئەخمەق، تۆتىنچىسى، ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى داڭلىغان ئەخمەق دەپتىكەن. مەن دەل ئەنە شۇ تۆتىنجى ئەخمەق ئىكەنمەن،- يەنە شۇ كونىلار «تاماقنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە» دەپتىكەن، مەن باشقىلارغا باھا بېرىشتە بەكمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقىمدىن قاتتىق نومۇس قىلدىم، كەچۈر،- دەپتۇ دوستىغا تولىمۇ خۇسىنغان ھالدا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇقىرىقى ھېكمەتلەر ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
( بۇ چۆچەك 1991-يىلى «جەمئىيەت تەكشۈرۈش پىراكتىكىسى» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان خەلق ئېغىز ئەدەبياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش-رەتلەش پائالىيىتى داۋامىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن توپلانغان بولۇپ، چۆچەكنى ئېيتىپ بەرگۈچىنىڭ نامى ئەسلىي ئارگىنالدىن يىرتىلىپ كەتكەن ھەم ئېسىمدىن كۆتېرىلىپ قالغان بولغاچقا، ئۇ كىشىنىڭ نامىنى ئەسكەرتەلمىدىم، ئۆزرىلىكمەن)
توپلاپ-رەتلىگۈچى: ئەركزات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 01:31 AM