مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2018|ئىنكاس: 42

تانسا ئويناشقا قارشى تۇرۇشتىكى سەۋەبىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9326
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4801 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئالدىنقى قېتىملىق بىر يازمىغا يازغان ئىنكاستىكى ۋەدەمگە ئاساسەن يېزىلدى .
       ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنىڭ بىرىدە ئاللاھنىڭ يۇلىشى ، تىرىشچانلىقىم ،شۇنداقلا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن نەچچە يىل ئۇقۇماي يۈرۈپ ، بىر ئىمتىھان بىلەنلا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتى تەييارلىق 971 سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ قالدىم . جەمىئەتنىڭ قايناملىرىدا ئوڭ - تەتۈر ئېقىپ ، تالاي ئىسسىق - سۇغۇقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۇزگەچكىمۇ  باشقا ساۋاقداشلىرىمغا قارىغاندا ئېغىر - بېسىق ، يۈرەكلىك ھەم دادىل ئىدىم . دەستلەپ ئۇرۇمچىگە بارغاندا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش مەنمۇ يېڭىلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ باشچىسى بۇلۇپ ماڭدىم . سىنىپتىمۇ ھەققانىيەتچىلىگىم ، ھىچكىمدىن تەپ تارتمايدىغانلىقىم بىلەن ناھايىتى تىزلا ئۈزۈمگە چۇشلۇق ئورنۇمنى تاپتىم . ھەتتا ئاخىرىدا سىنىپ مەسئۇلىمىز  ( خەن ) مۇ ماڭا يالۋۇرمىسا سىنىپتا ھىچ ئىش ئاقمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .  ئۇنىڭ پارتىيىگە كىرگۈزۈش ، تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن ئىچكىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپكە ماڭدۇرۇش .... .....دىگەندەك گەپلىرىمۇ مىنىڭ توغرا دەپ قارىغىنىمنى قىلىدىغان ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن  بارنى بار ، يوقنى يوق دەيدىغان ، زۈرۈر تېپىلسا چاپاننى سېلىپلا چىقىدىغان خاراكتىرىمنى ئۆزگەرتەلمىدى . خاركتىرىم سەل ئۆزگىچە بولغاچقىمۇ  مىنى ياقتۇرۇپ قالغان قىزلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى ، ھەتتا مىنى ئۇدا نەچچە ھەپتە تانسىغا تەكلىپ قىلىپ ساقلايدىغان قىزلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى . لېكىن مەن ئۇ قىزلار بىلەن تانسىغا چىقىپ باقمىدىم . لېكىن باشقىلار بىلەن ئاندا - مۇندا چىقىپ قۇياتتىم .
      بىر يىل ئەنە شۇ يۇسۇندا ئۈتۈپ كەتتى ..............! ئىككىنچى يىلى ئۇقۇش باشلانغاندا دەرس بېسىمى ھەم نۇرغۇن ياشلارغا ئوخشاش ھىسسىيات تەرەپتىكى ئوڭوشسىزلىق ئېغىر چارچىتىۋەتكەن بولسا كىرەك ، نېرۋا چارچاش كىسىلى بۇلۇپ قالدىم . مىجەزىم ئوساللىشىپ ، كەيپىياتىم تازا نۇرمال بولمايدىغان بۇلۇپ قالدىم .
      شۇ كۇنلەرنىڭ بىر جۇمە كۈنىدە مەكتىۋىمىزگە ئەكبەر قەھرىمان ناخشا ئېيتقىلى كىلىپ قالدى . ئەينى ۋاقىتتا ئەكبەر قەھرىماننىڭ تەسىرىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايتتى .  گەرچە ئەكبەر قەھرىمان دىسە ئۈلۈپ بەرمىسىمۇ كىسەل بۇلۇپ بىرىدىغان ، ھەتتا ئۇنىڭ يامان گىپىنى قىلغانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ، چاچلىشىدىغان قىزلارمۇ كۆپ ئىدى . شۇ دەۋرلەردە ئۇقۇغان مۇنبەرداشلار بىلىدۇكى بىزنىڭ مەكتەپ ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ھەم باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى كىلىشكە ئامراق جاي ئىدى . جۇمە كۇنى بولغاچ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مىھمانلىرىمۇ كۆپ ئىدى . ئېنىقكى بۇ كىچىلىك چۇقۇم قىززىيتى . پوسكاملىق ئاغىينەمنىڭ زورلىشى بىلەن كۆڭلۇم تارتمىسىمۇ ئاخىرى بۇ تانسا كىچىلىكىگە چىقتىم .  ئۈزۈممۇ ئەكبەر قەھرىماننىڭ ناخشىللىرىغا ئامراق بولغاچ ئەڭ بولمىغاندا ناخشا ئاڭلىمايمەنمۇ دەپ ئويلىدىم .
   تانسىخانا قىلىنغان تىك -تاك توپ كۇلۇبىدا ھەقىقەتەن ئادەم جىق ئىدى . ھەتتا ئولتۇرغىدەك ئورۇنمۇ ئاز ئىدى .  مىنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ مۇكۇپ يۇرگەن قىز ساۋاقداشلىرىمغا قارىماستىن ، مىڭ تەستە بىكار ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇردۇق . تانسىمۇ باشلاندى .  دەستلەپتە بىز باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇردۇق ، كىيىن ئاغىينەمنىڭ تانسا ئويناۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەكبەر قەھرىماننىڭ  قېشىغا بېرىپ يىنىدا بىردەم ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم  . كەلسەم ساۋاقدىشىم مىنى ئىزدەپ ھالى قالماپتۇ . شۇ پەيتتە يەنە مۇزىكا باشلاندى . ئاغىينەم ئۇنىمىغىنىمغا قويماي قۇلۇمدىن تۇتۇۋېلىپ ئىككى قىزنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى ھەم ئۇلارنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى ، تەبىئىكى يەنە بىرقىزمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ تۇردى . مەنمۇ ئارتۇق نازلىنىپ تۇرمايلا ئۇقىزنىڭ قۇلى بىلەن بىلىدىن ئالدىم دە ، ئويناشنى باشلاپ كەتتىم . .............................  .
    مۇڭلۇق ناخشىنىڭ ( توغرىسى شەيتاننىڭ ) تەسىر قىلىشىدىنمۇ ياكى ھېلىقى ھىسسىيات تەرەپتىكى كاللامدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلار سەۋەبىدىنمۇ ۋە ياكى قىزلار بىلەن مۇنداق يىقىن تۇرۇپ باقمىغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەنمۇ ئىشقىلىپ  مىنى ئەقلىمدىن بىھۇش قىلىۋەتكەن ئىدى . ئاشۇنداق ھىسلارنىڭ يەڭگىل چايقىشى بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن بىر چاغدا ئىسىمگە كەلدىم ............. كەلدىميۇ چۈچۈپ كەتتىم .................!
    ( كەچۈرۈڭلار ، مۇشۇنداق يازماي بولمىدى )  قىز پۈتۈن پۈتۈن ئەس -ھۇشىنى يۇقاتقان ھالدا ماڭا ئېسىلغان ، مەنمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ھالەتتە  شۇنچىۋالا كىشلەر ئوتتۇرىسىدا خۇدىمىزنى بىلمىگەن ھالەتتە چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇراتتۇق . پۇتلىرىمىز بىلىنەر - بىلىنمەس مىدىراپ تانسا ئويناۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى . گەرچە پۇرسەت ياراتقان گۇڭگا چىراق نۇرىدا بەكرەك قارىمىسا بىلىنمىسىمۇ لېكىن ئەتراپتىكىلەردىن بەزىللىرى بىزگە قاراپلا قالغان ئىدى . شۇ چاغدىلا ئەمەس تا ھازىرغىچە ئۇ قىزنىڭ كىم ،نەلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .
   ئىسىمگە كىلىپلا كۈچلۈك نۇمۇس تۇيغۇسىدا نېرۋىللىرىم ( تۇيۇچلىرىم ) قاتتىق سىلكىنىپ ئىسىمگە كەلدىم دە ، قىزنىڭ چاپلىشىپ كەتكەن بەدىنىنى  ئاستا نېرىغا ئىتتەردىم . قىز يېرىم يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى . جۇرئەتسىز كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىيالمىدىم . ئەيىبدار ھالەتتە داۋاملىق ئۇنى كەينىگە ئىتتەردىم . قىزمۇ ئاستا ئىسىگە كەلدى بولغاي ئۈزىنى دەرھال ئوڭشىدى . مۇزىكا تۇگە - تۈگىمەيلا قىزنى قۇيۇۋەتتىمدە باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ - سۇقۇلۇپ يۈگۈرگىنىمچە ئۇدۇللا سىرتقا چىقىپ كەتتىم . سىرتنىڭ سالقىن ھاۋاسى تەسىرىدە قالغان سەزگۈلىرىم ئەسلىگە كەلدى . ئېيتىپ بولغۇسىز ئەيىبدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئىچ - ئىچىمدىن ئۈكۈنۈپ كەتتىم ......................             !
  شۇنىڭدىن بىرى ئاساسەن تانسا ئويناش تۈگۈل تانسىخانىغىمۇ چىقماس بۇلۇپ ئۇقۇش پۈتتۈردۈم .


  ھازىر ئويلىسام ئىشلار شۇ پېتى بۇلۇلىۋەرگەن بولسا  ..........ھېلىقى خۈشياققان سەزگۈلەرنى ئىزدەپ يۈرگەن بولسام ئەلۋەتتە ھازىرقى ئەلباش باشقىلا بىر ئادەم بۇلۇپ چىقاتتى . ھازىرقى ئەلباش مۇنبەرچى ئەمەس چچ چى ئەلباش بۇلۇپ ئەزا نامىمۇ باشقىچە مەسىلەن :  ............. بۇلغان بۇلاتتى !


مۇنازىرە قىلساڭلار تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن : شەخسىيىتىمگە تىگىدىغان سۆزلەر بۇلۇنمىسا !

  مەنبە : ئەلباش ............   



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 11:27 AM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا راس ئىشلار خاتىرسى ئوخشايدۇ. خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق، خاتالىقىنى تونۇپ، تۈزەتكەن ياخشى ئىش. تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزىرخاھلىق ئىيتىپسىز، لىكىن ھېلىغىچە، مۇش-پەشۋالارمۇ تىگىپ قىلىشى مۇمكىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jassurman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 12:22 PM  


ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9457
تۆھپە نۇمۇرى: 859
توردا: 4398 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى بەك ماختىۋىتىدىغان ئاداشكىنا بۇ، دۇنيادا ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىشنىڭ بىرى ئۆزىنى ماختاشتۇر، باشقىلار ماختىسا بولىدۇ، ئادەمدە ماختاشقا تىگىشلىك شۇ ئىسىل سۈپەتلەر بولسىمۇ ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى ماختىسا ئادەم ئوبرازىنى بەك تىز خۇنۇكلەشتۈرۋالىدۇ،

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31544
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6499 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا باشلىدىم. ئوغرىغا مال كەممۇ؟   چاقچاق جۇمۇ.
خاتالىقنى تونۇش ياخشى ئىش.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرىكىڭىز ئاجىزكەن ئەمەسمۇ؟
ھەممە ئادەمنىڭ سىزدەك ئىشتانغا چىقىرىۋىتىشى ناتايىن،بىراق جاھاندا ئىش تولا، ئىشتىن گەپ تولا.شۇڭا ئۆزىمىنىڭ قارىشى ئۆزىمىزگە تەۋە ئىكەنلىكىگىنىلا بىلسەك بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7521
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1373 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تانسا ئويناشقا سەۋەپسىزلا قارشى تۇرۇش كېرەك .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ھەر بىر كشىنى ھۆ

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5260
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2393 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنلا ئالدىنقى تېمدىكى ئىنكاسىمىنى قوللايمەن ..يەنە تىللايدىغانلا بولسا ئوخشاشلا قارشى ئالىمەن ...ئەمما يەنە شۇ ئەسكەرتىش مەن ئۇيغۇر ،مۇسۇلمان مەن .  

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تانسا ئويناشنى بىلىپ كەتمەيمەن،لىكىن ھازىر دەۋىر مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، مەن تانسا ئويناشنى قوللىمايمەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇمۇرۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 04:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3266
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەي  ،،مۇشۇ تانسا دەيدىغان «زامانىۋىي مەدەنىيەت»  نىمە بولۇپ بىزنىڭ ئارامىزغا كىرىپ قالدىكى دەيمەن ،،،،توۋا .
بىر ئوغۇل  قولىنى ئۇزاتتى،،،
قىز قولىنى بەردى .
ئوغۇل قىزنى ئاستا يىنىغا تارتتى،
قىز ئوغۇلغا ئاستا يىقىنلاشتى،
ئوغۇل قىزنىڭ بىلىنى تۇتتى،
قىز ئوغۇلنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى،،،
ئولار بىر رىتىمدا ئاستا -ئاستا يۆتكىلىۋاتاتتى.
.....
....
....
مانا بۇ تاڭسا،،،،،(لاۋزا ئۇسۇل)
نەدە بۇنداق ئىپتىدايا   شەرمەندىلەرچە  ئۇسۇل بار؟؟؟؟؟
بىر قىز بىر ئوغۇلغا  بىلىنى توۇتقۇزۇپ قويۇش نېمە دىگەن سەت ئىش ئۇ!!!!!!
نەدە قاملاشمىغان ،،،نەدىكى لاۋزا گۇيلار تىخى ئۇيەر - بۇ يەر لەردە ئويناپ كىتىشى بار ،،،،،،  سەتلىكىنى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79459
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەي  ،،مۇشۇ تانسا دەيدىغان «زامانىۋىي مەدەنىيەت»  نىمە بولۇپ بىزنىڭ ئارامىزغا كىرىپ قالدىكى دەيمەن ،،،،توۋا .
بىر ئوغۇل  قولىنى ئۇزاتتى،،،
قىز قولىنى بەردى .
ئوغۇل قىزنى ئاستا يىنىغا تارتتى،
قىز ئوغۇلغا ئاستا يىقىنلاشتى،
ئوغۇل قىزنىڭ بىلىنى تۇتتى،
قىز ئوغۇلنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى،،،
ئولار بىر رىتىمدا ئاستا -ئاستا يۆتكىلىۋاتاتتى.
.....
....
....
مانا بۇ تاڭسا،،،،،(لاۋزا ئۇسۇل)
نەدە بۇنداق ئىپتىدايا   شەرمەندىلەرچە  ئۇسۇل بار؟؟؟؟؟
بىر قىز بىر ئوغۇلغا  بىلىنى توۇتقۇزۇپ قويۇش نېمە دىگەن سەت ئىش ئۇ!!!!!!
نەدە قاملاشمىغان ،،،نەدىكى لاۋزا گۇيلار تىخى ئۇيەر - بۇ يەر لەردە ئويناپ كىتىشى بار ،،،،،،  سەتلىكىنى!!!
ھارامئيشبۇ  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش