مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 955|ئىنكاس: 25

جىگدىلەر پىچىرلايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21151
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                         جىگدىلەر پىچىرلايدۇ


                                                                 ( ھىكايە )


                                                             زوردۇن    سابىر

18409455.jpg



                                                                             
                                                                  سىزنىڭ مىنگەن ئىتىڭىزنىڭ ،
                                                                  بوينى ئالا قاشقا .
                                                                   بىز ئىككىمىز بىرگە بولساق ،
                                                                   ھىچنىم لازىم ئەمەس
                                                                    بىر قاپاق سۇدىن باشقا .

                                                                                       ( مەكىت خەلىق قوشاقلىرى )



                                                             1


       بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى خۇددى توك ئۇرۋەتكەندەك سىلكىندى ، كۆڭلى خۇددى چىۋىن يۇتىۋالغاندەك ئەسكى بولدى ، ئۇنىڭ دايىم كۈلكە يىغىپ تۇردىغان ، تاڭ سەھەردە ياقا يىرىتقان قىزىل گۈل غۇنچىسىدەك ئوماق لەۋلىرى كۆكەردى ، ياشلىق غۇرۇرى ، بەخىت لەززىتى بىلەن ئويناپ ، يىگىتلەر يۈرۈكىگە ئوت چىچىپ ، نەيزىدەك قادىلىدىغان يوغان، قاپقارا خۇمار كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن ئۈنچىلەردەك مەرۋايىت تامچىلار تۆكۈلدى ، ئۇ زىلۋا بويىغا ياراشقان توم ئىككى ئۆرۈم چىچىنى چۇۋۇپ - ئۆرۈپ تۇرۇپ ئەسەبىلىك بىلەن : << دادامنى ھەقىقەتچىلەرنىڭ ھەقىقەتچىسى دەپ بىلەتتىم ، ئانامنىڭ مىھرىنى قۇياشقا ئوخشىتاتتىم ، خاتالاشقان ئىكەنمەن ، مىنىڭ مەيلىمنى بىلمەيلا ، بىر ئىغىز پىكىر ئالمايلا مىنى خۇددى قۇشتەك ساتماقچى ، كونا كىيىمدەك بېرۋەتمەكچى بوپتۇ ، ئالى مەكتەپكە بارالمىغىنىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ياكى ئەتىۋارلىق قىز بولغىنىمنىڭ مۇكاپاتىمۇ ؟ >>
     ئۇ كەچكى تاماقنىمۇ يىمەستىن ئۆز خانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىلىۋالدى - دە ئۆزىنى ئازاپلىغان بۇ خەۋەر ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يول ئىزدىدى ، << ئۆلۈش كىرەكمۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئاخىرقى چارە ، كۆڭلۈم تارتمىغان بىرسىنىڭ ئايالى بولۇشتىن ئۆلۈش ئەۋزەل ، لىكىن مەن نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرنى ئويلىغانتىمغۇ ؟ ئۇلارمۇ مەن بىلەن بىللە ئۆلەمدۇ ؟ >>
     قىز ئۆرە ئەينەككە قارىدى ، ئۇ ئاۋال دادىسى ئۈرۈمچىگە يىغىنغا بارغاندا ئىلىپ كەلگەن ئاق ياقۇت مارجاننى كۆردى ، مارجان ئۇنى ياشاشقا ، باشقىلار ئالدىدا ئۆز ئۈستۈنلىكى بىلەن ماختىنىشقا ئۈندەيتتى ، ئۇ ئانىسى ئەتىۋارلاپ تىكتۈرۈپ بەرگەن ئىسىل كوڭلىكىدىن ئالتۇن بۇلاپكىسىغا قارىدى ، بۇ يالتىراق زىننەت بويۇمى ئۇنىڭغا غەمكىن كۆرۈندى ، ئۆزىنىڭ رامكىغا ئىلىنغان رەڭلىك سۈرىتىگە قارىدى ، سۈرەتتىكى قىز كۈلۈپ تۇراتتى ، قىزنىڭ ئاپپاق چىشلىرى ئاۋۇ بوينىدىكى مارجاندەك گۈزەل ، ئۆلسە ئۇنىڭ گۈزەل جىسمى بىر سىقىم توپىغا ئايلىنىدۇ ،
     << ياشاش كىرەكمۇ ؟ دادىسىغا قارشى ئىسيان كۆتەرسىچۇ ؟ مەسلەن : باش ئىلىپ قىچىپ كەتسىچۇ ؟ ياكى ناھىيىلىك پارتىكوم سىكرىتارىغا بېرىپ دادىسىنى چاقسىچۇ ؟ ئۇ چاغدا دادىسى ئەيىپلىنىدۇ ، دادىسىنىڭ يۈزىگە ئۆز قىزى قارا سۇۋىغان ، ئۇنىڭ مەنسىپىنى كۆزلەپ يۈرگەنلەرگە ياردەم قىلغان بولىدۇ .......... ئاتا - ئانىسىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالسىچۇ ؟ تەۋەككۇل قىلىپ كۆڭلى چۈشمىگەن بولسىمۇ ئەشۇ يىگىتكە ماقۇل بولسىچۇ ؟ ئەلچىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ قۇلىقىدا : يىگىت بۇلارنىڭ تۇققىنى ، يىگىرمە تۆت ياش ، چىرايلىق ، ئىغىر - بىسىق ، ئوقۇغان ، ھەممە قىزلانىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ، ئەڭ مۇھىمى دادۇي پارتىيە ياچايكا سىكرىتارىنىڭ يالغۇز ئوغلى ، سىكرىتار شۇنچىلىك بايكى ، ئوغلىغا ئاتاپ ئىككى قەۋەتلىك ئۆي ، باغ ياساتقان ، گىلەملەر زاكاز ، تىلىۋىزور رەڭلىك ، ئۆي جابدۇقلىرى دوب ياغىچىدىن ، ئۆيى ئەتىر پۇرايدۇ ، ئاشۇ يىگىتنىڭ ئايالى ، ئاشۇ ئۆينىڭ خوجايىنى بولسىلا ھەرقانداق قىز ئۆزىنى بەخىتلىك ھىساپلايدۇ >>
     قىز ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ يادىغا ساغۇچ كوڭلەك ، ھاۋا رەڭ شىم كىيگەن ، زىلۋا ، چىرايلىق كەلگەن  باشقا بىر يىگىت كەلدى - دە ، قىز يۈزىنى تۇتۇپ ڭىغلىۋەتتى ،
     _ پەرھات _ دىدى قىز دېرىزىدىكى گۈللەرگە يۈزىنى يىقىپ _ نىمەڭگە قىزىققاندىمەن ؟ چىرايىڭ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ، بىلىمدە تىخى يوق ، بايلىق سىنىڭ ئۈچۈن قول يەتمەيدىغان يۇلتۇز ، قىلىدىغان ئىشىڭچۇ ؟ تۆمۈرچىنىڭ شاگىرتى ، كۈيىگە مىلەنگىنىڭ مىلەنگەن ، ئاناڭ تۇل خوتۇن ، ئۆيۈڭگە كىرسە ئادەمنىڭ بىشى ئايلىنىدۇ ، قىزلار قىزىققۇدەك ھىچنىمە تىپىلمايدىغان بىر ساياق بالا تۇرۇپ نىمىشقا مىنى ئۇسۇلغا تارىتتىڭ ؟ ئۇسۇل ئويناۋىتىپ نىمىشقا سىنىڭ كۆزلۈرۈڭگە قاردىم ؟  سىنىڭ راۋابىڭ بىلەن ناخشاڭ نىمىشقا يالغۇز مىنىڭلا ئۇيقۇمنى قاچۇردۇ ؟ شۇ كۈنى نىمىشقا ئەتەي ئىشتىن كەچ قايتتىم ، ؟ ھېلىقى جىگدىلىككە كەلگەندە قولۇمنى تۇتساڭ نىمىشقا قارشىلىق قىلمىدىم ، ؟
     قىز قىزارغان يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن سىلىدى ، ئۇ خۇددى يىگىت لىۋى تۇنجى قىتىم تەككەن جايلاردىكى سۆيگۈ ئىزناسىنى ئۆچۈرۋەتمەكچى بولغاندەك ياغلىقى بىلەن سۈرتتى ،
      قىز ئۇخلىيالمىدى ، تولغاندى ، ئويلاندى ، يىغلىدى .......يىرىم كىچىدە ئىچ كوڭلەك بىلەن ئولتۇرۋىلىپ خەت يازدى ،
      << ئۆگۈنلۈككە تويۇم بولىدۇ ، بۈگۈن بىزنىڭ نىكاھ قەغىزىمىزنى ئىلىپ كەپتۇ ، سىز بىلىسىز ، مىنىڭ دادام ھەممە ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرىدۇ ، نىكاھ قەغىزىمىزنىمۇ باشقىلار ئىلىپ كەپتۇ ، كۆڭلۈم تارتمىغان بىرىنىڭ قانۇنلۇق ئايالى بوپتىمەن ، لىكىن مەن ئېرىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۆلمەكچىمەن ، نىمىشقا ؟ سەۋەبى مەن خورلاندىم ، خورلۇقتىن ئۆلۈم ياخشى ، ئۆلۈم ئاخىرقى خورلۇقتىن قۇتۇلۇش يولى ، ئۆلمەسلىك ياخشى ئىدى ، مەن ئۆلۈشنى خالىمايتتىم ، ياشاشنى ، ئىشلەشنى . بەخىتلىك بولۇشنى ئەجەپمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ، لىكىن بىز قىزلار ئىرادىسىزكەنمىز ، بەخىتسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى بىلمەيدىكەنمىز ، ماڭا يول كۆرسىتىدىغان ، قولۇمنى يىتىلەپ ماڭىدىغان ئادەم تولىمۇ لازىم بولىۋاتىدۇ ، ناۋادا سىز ئىنسان بولسىڭىز ھېلىقى جىگدىلىكتە قىلغان گىپىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، سىز مەن ئۈچۈن ھىچنەرسىڭىزنى ئايىمايدىغان بولغان ، مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز ، جىنىڭىزنى قولىڭىزغا ئىلىڭ ، ھېلىقى جىگدىلىككە كىلىڭ ، قارار قىلالمىسىڭىز كەلمەڭ ، مەن سىزنى كۈندىكى جايدا يەنە شۇ چاغدا يىرىم سائەت كۈتىمەن ............ >>
    قىز دادىسىغا يەنە بىر پارچە خەت يازدى :
     << ھۆرمەتلىك دادا ، مىنىڭ رازىلىقىم سىزنى قانچىلىق خۇشال قىلىشنى بىلىمەن ، سىز مىنىڭ رازىلىقىم بىلەن كۆپچىلىك ئىچىدە شۆھرەت، نام ، ھەتتا ئورۇنغا ئىگە بولالايسىز ، سەۋەبى كۆپچىلىك سىزنى شۈنچە چوڭ كادىر تۇرۇپ قىزىنى دىخانغا ياتلىق قىلدى دەپ ماختىشىدۇ ، ئەمگەكچىلەرگە راستىن مۇھاببىتى باركەن دىيىشىدۇ ، دىھقاننى قوللاش تازا بازىرى بار ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى بەلكىم بۇ قىتىم ھاكىملىققا سايلىشار ........ مەن سىزگە شۈنچىلىك ياردەم قىلالغىنىم ئۈچۈن خۇشال ، بالا ئۆز خۇشاللىقىنى ئاتا _ ئانىسى ئۈچۈن قۇربان قىلالىشى بولۇپمۇ ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسى ئۈچۈن ئۆز بەختىنى تەقدىم قىلالىسا ، بالا بالىلىققا يارىغان بولار - ھە ؟ كىلەر يىلى ئالى مەكتەپكە بارالايتتىم ، كەلگۈسىدە بىلىملىك ئادەم بولالايتتىم  ، لىكىن ئۇ چاغدا سىزنى ھازىرقىدەك رازى قىلالىشىم ناتايىن ئىدى ، بازار تاپقان سودىگەرلەردەك خۇشال بولۇڭ ، سالامەتلىك ، شۆھرەت ، مەنسەپ ، ئورۇن سىزگە يار بولسۇن ......... >>
    توخۇلار چۇرۇكلىشىپ ئەتىكى تاڭدىن دىرەك بەرگەندىلا قىزنىڭ قۇرۇمىغان كىرپىكلىرى بىر _ بىرىگە جۈپلەشتى ، قىز ئۇيقىغا كەتتى ،

   داۋام بار ، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ  



                                    مەنبە : زوردۇن سابىرنىڭ  << قەرىزدار >> ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 02:40 AM  


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17316
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزراق يوللىۋىتىڭ،تۈركىيەنىڭ كىنۇسىدەك تەقەززا بوپ كەتمەيلى،ھېكايە تۇلۇق بولغاندىكىن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بېشىنى ئوقمىپتىمەن چۈشەنمىدىم

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21151
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 10:48 PM
داۋامىنى تېزراق يوللىۋىتىڭ،تۈركىيەنىڭ كىنۇسىدەك تەقە ...

چوقۇم ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىزىپ يوللايمەن ، ئەسلى تولۇق يازاي دىگەنتىم ، ھەجمى سەل كۆپرەك ئىكەن ، كۆزۈم چىدىماي قالغۇدەك ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:10:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاللا ...ئەمدى قىزىغاندا....................

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8601
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 2516 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:16:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىدىكى پىرسوناژلانىڭ ھەممسى تۇنۇيمەن،ئەپسۇن بۇ مۇھەببەت بىر تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ !مەكىىتتە يۇز بەرگەن ۋەقە بۇلۇپ  ھىكايە تۇگگەندە بۇ بىر جۇپلەرنىڭ ئاخرى قانداق بولغانلىقىنى مەن ئىيتىب بىرەمەن .

كوممونېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5949
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7802
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 03:49:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك پەيزى بۇ پوۋسىت
ئەينى چاغدا تارىم ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان

كىمدە مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاقساق بۇغا» دىگەن پوۋسىتى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1804
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:20:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

مېھىر شەپقەتلىك دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52523
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:19:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇپ كىيىن بىراقلا ئۇقۇي.

http://b101.photo.store.qq.com/psb?/aa33aa46-68d9-4d48-980f-cfa7afdaf761/hVcuVMZk*mwjj8zApauJe*Ufi79hbE694hdBB7EmSWI!/b/YQV0NjwnJwAAYhsaPjy*JwAA

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 04:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوردون سابىرنىڭ ئەسەرلىرى بەك ئىسىل جۇمۇ؟!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش