مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 16

دوپپا كىيىپ ياشايلى! (تىكەن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79498
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوپپا كىيىپ ياشايلى!

ئابلاجان راخمان تىكەن

        بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،

        دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە،

          ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،

       دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،

        دوپپا كىيىپ     ئۈتەرمەن ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.


   ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،

  دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان،

نەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان،

    دوپپا بىلەن  ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،

      دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.


   مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،

دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،

چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،

  دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،

  داستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.



       دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇتقان،

پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان،

بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،

چىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،

دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.



دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،

تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،

ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،

     نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،

‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.


دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،

ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،

‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،

‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،

نامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.


دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر،

ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،

ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،

تۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،

دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.


دوپپا دىگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،

تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،

شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،

   دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،

دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادى كەتكىچە.

ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ

ئابلاجان راخمان

2012-يىل 3-ماي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 03:03 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Gvljahan + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7330
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1595 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا بايرىمىدا قانچە ئادەمنىڭ بىشىدا دوپپا كۆرەرمەن .   ھەممە ئادەمنىڭ بىشىدا دوپپا كۆرۇپ كەتسەم مەنمۇ نۇمۇس قىلىپ دوپپىدىن بىرنى ئىلىپ كىيىۋالسام . . . .   
لىكىن ئاللاھ خالىسا چوقۇم كىيىمەن .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4781 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىلەم دوپپام بىلەن قىزىل ئەتلەس كۆينىكىمنى كىيىپ مېڭىپ كەتسەم ............ھى ھى ھى

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

http://qintax.33591.cn

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 1034
توردا: 6283 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق ئادەملەر بار تېخى جاھاندا .


http://qintax.33591.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1804
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:24:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19635
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2879 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتلەر دوپپاڭلارنى  بايرامدىلا ئەمەس ، ھەرقانداق ۋاقىتتا كەيسەڭلار  بەك يارىشاتتى  . ھازىر دوپپىلار يىتىمسىراپ قېلىۋاتىدۇ . دوپپا ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قامىتىگە قامەت قوشاتتى .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

بىر قوشۇق تۇز  ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7378
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 2226 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:11:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىلى ئىلى پېداگوگېىكا ئېنىستىتۇتىدىكى 100 دىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە چۈنكى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى بىر كۈن دوپپا كېيگەن ئىدۇق. كۈندە كېيەممىسەكمۇ   يىلدا بىر كۈن كېيىپ بولسىمۇ  ئەنئەنىمىزنى قوغدايلى دەپ ئويلىغان.  ئەپسۇس، شۇ كۈنى مەكتەپ مەمۇرىيتى ۋە ئوبلاسلىق  مەلۇم ئىدارە  ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىدىن ئادەم تەشكىللىنىپ، مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە يوللاردا ، سىنىپتا ، مەكتەپ ياتاق رايونىدا دوپپا كىيىپ ماڭغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ، ئەتىسىدىن باشلاپ مەخسۇس سۇراق  خاتىرسى قالدۇردى.    كېين بىزنى ھېچ ئىش يوق دەپ قويۇپ بەردى.
     كېيىن سىنىپ مۇدىرى يىغىن  ئېچىپ، دوپپىنى ھەركۈنى كېيسەڭلار مەسىلە يوق، ھېچكىم قارشى تۇرمايدۇ. لېكىن  ھەممىڭلار دېيىشىۋالغاندەكلا مۇشۇ بىر كۈندىلا كەيسەڭلا  سىياسى سەزگۈرلۈك ۋە سەل ئىجتىمائىي مىللىي كەيپيات شەكىللەندۈرۈپ قويىسىلەر، شۇڭا ،  دوپپىنى ھەر كۈنى كېيسەڭلار بولىدۇ، لېكىن باشقا ۋاقىتتا قەتىي كەيمەي   5-5- كۈنىلا كېيسەڭلار، ئەلۋەتتە ئامانلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ ئىشنى كونتىرول قىلىمىز،دوپپا كېيىشكە قويمايمىز دېدى.    بۇ ۋەقە بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس،  شۇ كۈنى غۇلجا شەھرىكى باشقا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بوپتىكەن.
   ئەمما پارتىيە ھۆكۈمەت ئۇلۇغ،دانا،بىزنىڭ مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى قوغدايدۇ ھەم ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئېتىبار بېرىدۇ.  ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرققىي قىدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلۇغ پارتىيەگە ئىشەنچىمىز تولۇق، مۇكەممەل بار.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5734
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:48:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79459
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 05:49:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇكۇندەكيمەن يازچققيچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79459
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 05:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مينڭدوپبام

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش