رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
مىنڭ سۈزۈم
ھەق يازمىساڭ ئالما قەلەم،
سۇرىقى بار چۈنكى ئالەم.
بىز ئىزچىلار
بۇ يەردىكى تەۋپىق مەمتېلى ئەپەندىم شۇ
ئۇنتۇپ قالماڭ تەۋپىق ،دىگەن شۇ ئىزچىلار بىز،
ئىلىم پەندىن گۆزەل ماكان قورغۇچىلار بىز.
يۇرۇق تاڭغا تەلپۈنگەنلەر ئەۋلادىدىن بىز،
مەرىپەتكە ئاشىق بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىز.
مەرىپەت دەپ قان تۈككەنلەر ئاز ئەمەس بىزدە،
مەمتېلىدەك تەۋپىق ئوغلان كەتتى شۇ غەمدە.
شۇ ئەجداتلار ئەۋلادى بىز قېنى بار تەندە،
ئىلىم پەندىن نۇر چاچايلى ۋەتەنگە ئەلگە.
ئىزچىلار بىز مەرىپەتكە مەھكەم يىپىشقان،
توسقانلارنى دۆشمەن بىلىپ جەڭدە چىپىشقان.
ئەجدادىمىز ئۆزگىلەردىن ئەمەس قىلىشقان،
تېرىشايلى بىزمۇ بۆگۈن قالسۇن قىيىشقان.
شائىر بولساڭ ھەقنى ياز
شائىر بولماق مۆشكۈل ئەمەس بولاي دىسىڭىز،
بىراق مۆشكۈل ھەقنى يازماق گاھى بىلسىڭىز.
ھەقنى يېزىڭ تۇتقان بولسا قەلەم قولىڭىز،
يالغاننى راس دىيىش نۇمۇس چۈنكى بىلسىڭىز.
يالغان يېزىپ ئەلنى ئالداپ قورساقنى توقلاپ،
شائىر دىمەڭ ئۆزىڭىزنى ئۆتكۈردەك چاغلاپ.
ئەلدىكى بار غەمنى يېزىڭ ئاۋامنى ئويلاپ،
يالغان يازماڭ قورۇق شۆھرەت ئىنئامنى قوغلاپ.
ئۇنتۇلمىدى كەتكەن تالاي شائىرلىرىمىز،
تىكلىنىدۇ بىزنىڭمۇ ھەم بىر كۈن قەۋرىمىز.
ھەقنى يازساق كەتسەك قالار ئەلدە نامىمىز،
يالغان يازساق ئۇنتىلىدۇ تامام ئېسمىمىز.
ياشلار بايرىمى مۇناسىۋتى بىلەن بۇ شېئرىمنى دوسلارغا سۇندۇم
ئۈگەنگىن ياش
ئۈگەنگىن ياش كەلگۈسڭگە تىكىپ كۈزۈڭنى،
نابۇت قىلما ياشلىقىڭنى گۈلدەك چىغىڭنى.
سەن ۋەتەننىڭ كىلەچىكى ئۈمۈت يۇلتۇزى،
تۆھپە قوشۇپ ئەل ۋەتەنگەگۈللەت ئىلىڭنى.
ئۇچاي دىسەڭ كۆكتە شۇنداق سەن پەرۋاز قىلىپ،
قاناتلانغىن ئىلىم پەندىن كۆپ بىلىم ئىلىپ.
ياشلىق دىگەن ئۆتكۈنچىدۇر كەتكىچە قىرىپ،
زەپەر قۇچقىن ئىگىز ئۇچقىن قالماستىن ھىرىپ.
شەيتىنى كۆپ شۇ ياشلىقنڭ قالما سەن ئىزىپ،
كەتمىگىن ھەم ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ.
قالغىنىڭدا پۇشايمانغا ھەسرەتلەر چىكىپ،
بىرەلمەيدۇ ياشلىقىڭىنى شەيتان قايتۇرۇپ.
ئىجادىيەتلىرمنى رۇخسەتسىز كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ..........ئاتۇش