مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2694|ئىنكاس: 34

ئۇيغۇرلار: نەزەردىن يىراق كۆڭۈلگە يېقىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9393
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 04:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلار:  نەزەردىن يىراق كۆڭۈلگە يېقىن

"غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى" نىڭ داۋامى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئامېرىكىدا چىقىدىغان تىراژى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى بىر ھەپتىلىك ژورنالدىن ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇزۇن بىر زىيارەت خاتىرىسى ھېلىغىچە ئېسىمدە. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ماۋزۇسى ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن بولۇپ مۇقاۋىغا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى بىر بانكىنىڭ ئوق تېشىۋەتكەن دەرىزىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغانىدى. مۇخبىر 2010-يىلى قىشتا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىدۇ. قار بىلەن قاپلانغان دۆڭكۆۋرۈكتە يۇڭ پايپاق سېتىپ ئولتۇرغان سەككىز ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر بالامۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇخبىرنىڭ بالا بىلەن خەنسۇچە پاراڭلىشىدۇ. بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى ئۆتكەن يىل تومۇزنىڭ 5-كۈنى كەچتە يوقاپ كېتىدۇ. بالا دادىسىنىڭ قاسساپلىق ھۈنىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆيدە قالغان ئىككى سىڭلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تىجارەتكە كىرىشىدۇ. مۇخبىرنىڭ بالىغا ئىچى ئاغرىپ بىر جۈپ پايپاق سېتىۋالىدۇ ۋە يۈز سوم پۇل تەڭلەيدۇ. بالا ئون بەش سومنى ئېلىپ قالغىنىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇخبىر نېمىشقا ئالمايدىغانلىقىنى سورۇغىنىدا "مەن تىجارەتچى، تىلەمچى ئەمەس!" دەپ مۇخبىرغا ئالىيىپ قويۇدۇ. مۇخبىر ئۇيغۇردىيارىدىكى شەھەرلەرنىڭ نەرىگىلا بارسا ئۇيغۇرلار كۆپ رايۇنلارنىڭ تېمىغا يېزىلغان"ئۇلۇغ ۋەتەنگە، كومپارتىيەگە مىننەتدار بولۇش" ھەققىدىكى شۇئارلارنى كۆرگەنىكەن. مۇخبىر بۇلارنى يېزىۋېتىپ، بېشىغا شۇنچە كۈلپەت كەلگەن تۇرۇقلۇق باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە ئۆچ، ئىنسانلىق غۇرۇرىنى خەقنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇشنى نومۇس بىلىدىغان بۇ مىللەتكە ئاشۇ شۇئارلارنىڭ قانچىلىك خورلۇق بىلىنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇرقىلىدۇ.

مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ.  قەشقەردە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن چاقماي قالدۇرۇلغان قەدىمكى مەھەللىلەرنى ئايلىنىپتۇ. قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىقچىلىق ۋە قاراۋۇللۇقتىن ئىبارەت كىرىمى تۆۋەن ۋە جاپالىق ئىشنى تالىشىپ قىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىدۇ. تۈرلۈك جامائەت خىزمەتلىرىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلىرىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 800 سومدىن مىڭ سومغىچە بولۇۋاتقانلىقىغا ئىچىنىدۇ. بولۇپمۇئېنگىلىز تىلىنى بەكمۇ راۋان بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئامالسىزلىقتىن ئۆزىتاماقلىرىنى ھارام دەپ بىلىدىغان بەستڧود دېگەن ئاشخانىدا ئىشلەشكە مەجبۇربولغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئويىچە نامراتلىق ۋە ئادالەتىسزلىك قەشقەرگە ھۆكۈمران ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ئەسلى نامراتلىق بىلەن مەينەتلىك دائىم بىللەمەۋجۇد ئىكەندۇق. قەشقەرنىڭ چېقىلغان ۋە چېقىلمىغان كوچىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇقارىشى ئۆزگىرىپتۇ. ئۇنىڭ يېزىشىچە بۇ شەھەردە كىشىلەر نامرات ئىكەن، ئەممائۆيلىرى، كوچىلىرى چىنىدەك پاكىز ئىكەن. ئۇنىڭچە بۇ پاكىزلىكتە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ئاسانلىقچە سۇلمايدىغان سالاپىتى گەۋدىلىنىدىكەن. ئ ۇقەشقەر ئاياللىرىنىڭ كۈندۈلۈك سېتىۋالغان كۆمۈر، ئوتۇن قاتارلىق لازىملىقلارنى چىرايلىق ئوراپ كۆتۈرۈپ مېڭىشلىرىغا تاڭ قالىدۇ. قەشقەردە كىشىلەرنىڭ مەش قويۇلۇپ ھەم قىشلىق ياتاق، ئاشخانا ھەم مىھانخانا قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆيگە سەنئەت بويىمىنى تىزغاندەك رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوتۇن، كۆمۈر، قىشلىق كۆكتات،قازان-قومۇچ قاتارلىقلارغا قاراپ بۇنچە كۆپ نەرسىنى شۇنچىلىك كىچىك ئورۇنغا تىزالىغان ماھارەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلسا ئەرزىيدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ.

مۇخبىر قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئاپتۇبوس بىلەن قايتىپتۇ. ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى دۇنيا بويىچەئەڭ باي سانىلىدىغان بىر ھۆكۈمەتىنىڭ يول بويلىرىغا ھاجەتخانا سېلىپ قويمىغىنى بولۇپتۇ. ئۇنىڭچە دۇنيادا ھۆكۈمەت مەسئۇللۇقىدىكى جامائەت ئەسلەھەسى سانلىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ قەشقەردە جوڭگۇ بويىچە كەمچىللىكى ۋە تىجارەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۇ ئاپتوبۇستا ئۇيغۇرلار بىلەن يېرىم خەنسۇچە يېرىم ئىما ئىشارەتلەر بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئۆزى كۆرگەن ئاسيالىقلار ئىچىدە ئەڭ قىزغىن، ئەڭ خۇشچاخچاق، ئەڭ ئۈمىدۋار كىشىلەردەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرستىشىنى باھانە قىلىپ يوقاپ كەتكەن بالىلىرىنى ئىزدەپ كېتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ چۆللەرنى چاڭ كەلتۈرۈپ كۈلۈشلىرى ۋە ناخشائېيتىشلىرى ئۇنىڭغا ئازاپنى يېڭىشنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپتۇ. ئۇنىڭچە ناخشاۋە چاخچاق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە ئازاپ، بېسىم ۋە خورلۇقلارغا چىداپ ئۈمىدۋار ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى سىر ئىكەن.

يېرىم يولدا ئاپتۇبوسقا بىر بوۋاي چىقىۋاپتۇ. بوۋاينىڭ قولىدا بىر ساپاق ئۈزۈم بارئىكەن. بوۋاي ئۈزۈمنى ئاپتۇبوستىكى ھەممە يولۇچىغا بىر بىرلەپ سۇنۇپ چىقىپتۇ.بوۋاينىڭ ئۈزۈمنى يولۇچىلارغا بۆلۈپ بەرمەي تەكشى سۇنۇشلىرىدىن مۇخبىر بەك ھەيرانلىق ھىس قىلىپتۇ ۋە سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭچە بۇنداق قىلغاندا بەزىلەرنىڭ كۆپ ئېلىۋېلىشى بەزىلەرگە يەتمەي قېلىشىدىن ساقلانماق تەس ئىكەن. بوۋاي"بىزدە ئىنساپ دېگەن گەپ بار. ھەممىمىز ھەممە يەردە ئىنساپ بىلەن ئىشقىلىمىز، سۆزلەيمىز، ئوزۇقلىنىمىز، ھىچ كىم ئارتۇق ئېلىۋالمايدۇ" دەپتۇ. مۇخپىر بوۋاينىڭ ئۇيغۇرچە، خەنسۇچە ۋە ئىما ئىشارەت بىلەن ئېيتقانلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان بولسىمۇ تولا تەكرارلانغان "ئىنساپ" دېگەن سۆزنى تۈزۈك ئۇقالماپتۇ. ئارىدا بىر ئۇيغۇر بالا بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى خەنسۇچىغا ئۆرۈپ بېرىپتۇ، ئەمما "ئىنساپ" دېگەن سۆزنى يەنىلا ئۆرىيەلمەپتۇ. ئۇنىڭچە بىرمىللەتنىڭ تىلىدا بىر چۈشەنچىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك شۇنداق چۈشەنچىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزمۇ بولمايدىكەن. بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئاپتۇبوستىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە بىر ياۋرۇپالىققا يەتكىنىگە قاراپ مۇخبىر ئۇيغۇلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئىنساپ چۈشەنچىسىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپتۇ.

يولدا ئاپتوبوسنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ يولۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەرلەر ئۇيغۇرچە ئاللىنىمىلەرنى دېيىشىپ  چۈشۈپ كېتىشىپتۇ. مۇخبىر نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىسا ئۇيغۇر يولۇچىلار يولدىن يىراقراق بىر يەرنى تەرلەپ پىشىپ كولاۋاتقان ئىكەن. سوراشتۇرسا بىر ئەسكەر ماشىنىسى يولدىن ئۆتىۋاتقان بىر مۈشۈكنى بېسىۋېتىپ كېتىپ قالغانىكەن. بۇنى كۆرۈپ قالغان ئاپتوبۇسنىڭ ئۇيغۇرشوپۇرى ۋە يولۇچىلارنىڭ مۈشۈككە ئىچى ئاغرىپ ماشىنىنى توختۇتۇپ كۆمۈپ قويماقچى بولۇشقان ئىكەن. ھەممىگە قىزىقسىنىدىغان بۇ مۇخبىر بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ سوراپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ يېزىشىچە ئۇيغۇرلار مۈشۈكنىمۇ خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا، ھەرقانداق جانلىقنىڭ تىرىكىنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئۆلۈكىنىڭمۇ خارلىقتا قالسا بولمايدىغانلىقىغا ئىشنىشىدىكەن.

بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىم "بۇ مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە يازماپتىمۇ"دېيىشلىرى مۇمكىن. ئەپسۇس، بۇ مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ "ئىللەت" لىرى ھەققىدەيازماپتۇ. 19-ۋە 20- ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىغان تۈرلۈك مەقسەدتە كەلگەن ئەنگىلىيىلىكلەر، شىۋىتسىيىلىكلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق ئىللەتلىك ئىكەن،مۇنداق نۇقسانلىق ئىكەن دېگەندەك بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ پەقەت ياۋرۇپالىقلارنىڭ ياۋرۇپا مەركەزلىك قارىشى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىددىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى دەۋر 19-ئەسىردىكى ئىمپىرىيە دەۋرى، مۇستەملىكە دەۋرى تېخىمۇ ئەمەس. ھازىرقى دەۋرئىنسانلارنىڭ مىللىي خاسلىقى، مۇستەقىللىقى، غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە ئىتىقادى ھۆرمەتلىنىدىغان دەۋر. بىر مىللەتنىڭ تىلى، كىيىم كېچىكى، ساقال بۇرىتى توغرىسىدا ھۆكۈمچىلىك قىلىش، چەكلىمە قويۇش ئىرقىي كەمسىتىشكە مەنسۇپ ئىكەن. بىرمىللەتنىڭ دىنىنى خۇراپاتلىق، پىئۇداللىق، قالاق دېيىش دىنىي كەمسىتىشكە تەۋە بولىدىكەن. بىر مىللەتنى دېھقاندەك ئۇنداق، مۇنداق دېيىش؛ پادىچىدەك ئۇ،چارۋۇچىدەك بۇ دېيىش كەسپىي كەمسىتىشكە تەئەللۇق دەپ قارىلىدىكەن. شۇڭا بىرچاغلاردا جاۋبېنشەن ئورونلىغان دېھقانلارنى كەمسىتىدىغان ئىتوتلار، چېن پېيسى ئورۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىىدىغان ئىتوتلار بۈگۈنكى دۇنيادا سوتقا لايىق، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەن. ھازىرقى غەرپ مائارىپى ۋە جەمئىيىتى بۇنداق تۈرلۈككەمستىشلەرگە يول قويمايدىكەن.  بۇ غەرپلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش "ئىللەت" لىرى ھەققىدە يازماسلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم، ھۆججەتلىك پىلىملەرنى كۆردۈم. ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ھاياتى، ئۆرپ ئادىتى، سىياسىي كەچۈرمىشى، ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ۋە ئانا تىلىنىڭ ئورنى كۆزىتىلىپتۇ، تەسۋىرلىنىپتۇ ۋە بايان قىلىنىپتۇ.ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلاردا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاساس بولۇپ ھۆكۈمچىلىك كۆرۈلمەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرى كۆپرەك، ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرى ۋە تارىخى مەلۇماتلار ئازراق ئىكەن. سەۋەب، ھۆكۈمەت ۋە تارىخى مەلۇماتلارنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن يوليورۇق، تەلەپ ۋە ھۆكۈمگە ئاساسەن يېزىلغانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 01:30 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
attirgul + 500
Gvljahan + 300 رەھمەت،ئۇسسغان يەرگە .
tohtihan1 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 839   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16496
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6786 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 07:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ كونا ئەسكى تام كېسەكلىك نېمىلا بولمىسۇن،خەلقىمىزنىڭ ھالال تەر-ئەجرى بىلەن ياسالغان،شۇ يەردىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ياغاچلارنى ئەجدادلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن ئاقلاپ،مىللىي بىناكارلىق سەنئىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان،ئەقىل-پاراسات سىڭگەن ئاجايىپ قەسىرگە ئوخشايدىغان ئاشۇ بىناكارلىق سەنئىتى ئالتۇندەك يالتىراپ تۇردىغان سەرەنگە بىنالاردىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ،مېنى تاللا دەپ تاللاش پۇرسىتى بەرسە،مەن شۇ كونا كېسەكلىك ئارىسىدىكى ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلانغان تارىخىي چىنلىق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈلتاجى بولغان كونا كوچىلارنى تاللىۋالغان ھەم ئۇنى قوينۇمغا بىر قېتىم قاتتىق بېسىۋىلىپ،ئىچكى دۇنيارىمدا يوقاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان،كېيىنكى كىشىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغان بىر تارىخىي چىنلىق ئالدىدا قىزىپ كەتكەن يۈركىمنى نەم تۇپراق ئازراق بولسىمۇ ئىللىتسا،مەن خوش بولغان بولاتتىم.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
attirgul + 50
aㄒamaη + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

تىرىشچان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15872
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6592 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 07:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنۇمغا باھارنىڭ ھىدى پۇرىغاندەك ھىس قىلدىم ، ياز كەلسە قۇياش بەكمۇ گۈزەل كۆرنىدۇ . توڭلاپ كەتكەنلەرگە ئامال يوق ، لىكىن ئىسسىقلىق ئىزدەۋاتقانلار مۇرادىغا يەتكۈسى !

ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن . بىزگە قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ 1000 مىڭى بولسۇن !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18118
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 07:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن  ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى   كىشىگە  ئۆزگىچە  تۇيغۇ  بېغىشلايدۇ .
كىچىك   تىجارەتچىنىڭ  __  ‹‹  مەن  تىجارەتچى  ،  تىلەمچى  ئەمەس ››  دېگىنى
نېمدىگەن  پاساھەتلىك  ، غورۇر ، مەغرۇرلۇق ...   
مۇۋاپىق  بولغان  تەنقىد  __  ئۆزىمىزنى  كۆرۈشتىكى  ئەينەك  .
ئەمما  ،  قاچانلا  قارىسا  ،  ئۆزىمىزنىڭ  كىچىككىنە  ئەيبىنى  كوچىلاپ  ، يامان
تەرىپىمىزنى  ئويلاپ  مۇنبەرلەرنى  پاخاللاشتۇرمىساق  دېگەن  ئۈمىدتىمەن.
ئۇيغۇرنى  سۆيسىڭىز  ،  ئۇيغۇرنىڭ  يامان  گېپىنى  ئەمەس ،  غەيۋېتىنى  ئەمەس
ياخشى  تەرىپىنى  كۆپرەك  سۆزلەڭ  !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 07:43 PM  


دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

مىڭ  ئېغىز   گەپتىن  ، بىر قېتىملىق ئەمەلىي ئىش ئەلا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71953
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 07:28 PM
بۇرنۇمغا باھارنىڭ ھىدى پۇرىغاندەك ھىس قىلدىم ، ياز كەل ...

ئاغزىڭىزغا ناۋات قېرىندىشىم!!!!

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر!!!!

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10717
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5333
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بەك ياخشى ئىكەن .يۇرەكنى لەرزىگە كەلتۇرگۇدەك تىما ئىكەن، رەھمەت  سىز گە

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ قېرىندىشىم ،سەۋىر قىلىڭ،              سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9413
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4836 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  گۈلەن ئەپەندىنىڭ تېمىلىرى سەل ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا كۆپرەك يوللانغان بولسا !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:12:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولۇپ يەنەئوقۇغۇم كەلدى . قايتا قايتا 2 -3 رەت ئوقۇۋەتتىم . ئاڭ ئاخرقى 3-4 ئابزاس مىنى چۈڭقۇر ئويلارغا سالدى.

ۋاقىت  ئۆتمەكتە   بىزلەرگە   باقماي،
جاھانغا نەزەر سال قورساقنى باقماي.
تەكەببۇر  بولمىغىن  دەۋىر  ئالدىدا
كەمسىتمە بىراۋنى ،ھالىڭغا  باقماي .

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:29:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاپ كىتىڭ  گۈلەن ئەپەندى  .يازمىللىرىڭىز  ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن  ..قىش  كىتىپ  ياز  كەلمەكتە  ..،،،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71842
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:07:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھار چۇقۇم كېلەر ئارىدا،
گەرچە جۇت بولسىمۇ تولىمۇ ئوسال،
غورور ئىمان بولسىلا ھەمرا،
تىلەك تاپقۇسى بىر كۈنى ۋىسال

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش