ئىچىڭنى تاماقتىن خالىي تۇت،تاكى__
ئاڭا كىرەلىسۇن نۇرى مەرىپەت،
بۇرنۇڭغىچە لىققىدە تائام تۇرسا،
قانداق سىغار ئۇنىڭغا ئىلىم-ھېكمەت.
__سەئىدى شىرازىدىن
ياخشىلىقنى ئۆگىنىش تاغقا چىققاندەك قىيىن ۋە ئاستا، يامانلىقنى ئۆگىنىش سۇغا سەكرىگەندەك ئوڭاي ۋە تېز بولىدۇ.
ئىلىم-پەن قانداقتۇر ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ بەرگەننى يادلىۋالسىلا ئىگىلەپ كەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ يەككە-يېگانە، ھالال تەر تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق مېھنەت، ھەر كۈنى، ھەمىشە ئىشلەشنى،ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان كۈندىلىك مېھنەت! كىم بۇنى چۈشەنمىسە،ئۇنداقلارنىڭ باھاسى بىر تىيىن! ئۇنداقلار يۈز ياشقا كىرسىمۇ، يەنىلا كىتاپ ئارتىلغان ئىشەككە ئوخشاش نادانلىقچە قېلىۋىرىدۇ! دائىم ئىسىڭدە بولسۇن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن، سەن ئۈچۈن، ساڭا مۇنۇ ھىكمەتلىك سۆزنى سوۋغا قىلىمەن:-
«كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش.»
__بالزاك
ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت،ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى دەپنە قىلغان مىللەتتۇر.
__(كەچۈرۈڭلار، كىم ئېيتقانلىقى ئىسىمدە قالماپتۇ، شۇنداقتىمۇ يوللىغۇم كىلىپ، يوللاپ قويدۇم.
)