ئۈمىد گۈلۈڭ تۇرسا پۈرەكلەپ،
مېۋە بېرەر تەرىڭ چېچەكلەپ.
تېلەكلىرىڭ بولار ئىجابەت،
پاك ئەقىدەڭ ماڭسا يېتەكلەپ.
ئادەمنىڭ قىممىتى خىسلەت، دېيانەت،
ھۆرمىتى، ئىززىتى ياخشى پەزىلەت.
خار بولار نىشانى ئېنىق بولمىسا،
ئۆكىنىش ئىچىدە ياشار داۋامەت.
كۈن ئۆتەر ،ئاي ئۆتەر قالمايمىز ئامان،
قوپ دوستۇم، يۈر ئالغا! جان تەنگە مېھمان.
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەنلەرگە ۋاي،
پۇشايمان ياشلىرى تۆكىدۇ ھامان.
ھاياتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ بارىمىز،
ئۆملۈكتە نىشانغا كۈلۈپ بارىمىز.
ئۆز-ئارا ئىشەنمەي ساناشساق قارا،
ھالاكەت، زۇلمەتكە چۆكۈپ بارىمىز.
ئانىنىڭ مېھرىدىن كۈلىدۇ قۇياش،
سۆيگۈسى بالىغا خورىماس بۇلاق.
باھاردەك مېھرىدىن چىرايلىق دۇنيا،
مېھنىتى، ئەجرىدىن ياشنايدۇ ھايات.
ئانا ئۇ « بارلىقىم بالامنىڭ » دەيدۇ،
ھەمىشە پەرزەنتلەر غېمىنى يەيدۇ.
ئۇ بار ئۆي بايرامدۇر شادلىقى چەكسىز،
ئانىنى يىغلاتقان ئىلگىر كەلمەيدۇ.
مەنبە:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-3 02:06 PM