مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 7

مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:07:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مۇلۇك ھوقۇقى قانۇنى
(2007-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى)
1-قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ
1-باب ئاساسى پرىنسىپ

   1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنىساقلاش، نەرسىنىڭتەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نەرسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش،ھوقۇقدارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنىقوغداش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
   2-ماددا نەرسىنىڭ تەۋەلىكى ۋەئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
   بۇ قانۇندائېيتىلغان نەرسە كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قانۇندا ھوقۇق نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
   بۇقانۇندا ئېيتىلغان نەرسە ھوقۇقى ھوقۇقدارنىڭ مۇئەييەن نەرسىنى قانۇن بويىچەبىۋاسىتە ئىلكىدەتۇتۇش ۋە يەكلەش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسەھوقۇقى، كېپىل نەرسەھوقۇقىنىكۆرسىتىدۇ.
   3-ماددا دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭدەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكىئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ.
   دۆلەت ئومۇمىيمۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، قوللايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
   دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   4-ماددا  دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يولقويۇلمايدۇ.
   5-ماددا  نەرسە ھوقۇقىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.
  6-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسەھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشتا، قانۇندىكىبەلگىلىمە بويىچەتىزىملىتىش كېرەك. كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە،قانۇندىكى بەلگىلىمەبويىچە تاپشۇرۇش لازىم.
   7-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك،جامائەت مەنپەئىتىگەۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكەبولمايدۇ.
   8-ماددا نەرسەھوقۇقى ھەققىدە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگەئەمەل قىلىنىدۇ.
2-باب نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپبېرىش ۋە يوقىتىش

1-پاراگراف كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىش

   9-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش قانۇن بويىچە تىزىملىتىلساكۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ تىزىملىتىلمىسا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   قانۇن بويىچە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقى تىزىملىتىلمىسىمۇبولىدۇ.
  10-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى شۇمۈلۈك بار جايدىكى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملايدۇ. 
   دۆلەت كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بىر تۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ.
  11-ماددا ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تىزىملىتىدىغان ئىشلارغا قاراپ، ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتىنى ۋە كۆچمەس مۈلۈكنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلارغا دائىر زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
  12 -ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:
  (1) ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ھوقۇق تەۋەلىكى ئىسپاتى ۋە باشقازۆرۈر ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش؛
  (2) تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن سوراش؛
  (3) ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن، ۋاقتىدا تىزىملاش؛
  (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.
   تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنغان كۆچمەس مۈلۈككە ئائىت ئەھۋاللاردايەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپات ئېلىشقا توغرا كەلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ماتېرىيالنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تاپقاندا، نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. 
   13-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:
  (1) كۆچمەس مۈلۈكنى باھالىتىشنى تەلەپ قىلىش؛
  (2) يىللىق تەكشۈرۈش دېگەندەك ناملار بىلەن تەكرار تىزىملاش؛
  (3) تىزىملاش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئىشلار.
   14-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسەھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچەتىزىملىتىدىغان بولسا، ئۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىگەتىزىملىغاندا كۈچكە ئىگەبولىدۇ.
   15-ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغان ياكى توختامدا ئايرىم پۈتۈم بولغانلىرىنى ھېسابقائالمىغاندا، ئالاقىدارلارتۈزۈشىدىغان كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش،ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش توختامى تۈزۈلۈپ بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نەرسە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغانبولسا، توختامنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
  16-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى نەرسەھوقۇقى تەۋەلىكى ۋەمەزمۇنىنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقۇرىدۇ.
  17-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپات بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە يېزىلغان ئىشلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك؛ بىردەك بولمىسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  18-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تىزىم ماتېرىيالىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ،تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۇنى بېرىشى كېرەك.
  19-ماددا ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسۋىتى بارلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ئىشلارخاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە يازما قوشۇلسا ياكىتىزىمدا ھەقىقەتەنخاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتى بولسا،تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك.
   كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە قوشۇلمىسا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار باشقىچە پىكىرنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچەپىكىرنى تىزىملاپ،ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. باشقىچە پىكىر تىزىمى مۇۋاپىق بولماي، ھوقۇقدار زىيان تارتسا، ھوقۇقدار ئىلتىماس قىلغۇچىدىن زىياننىتۆلەپ بېرىشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ.
   20-ماددا نەرسە ھوقۇقىغائېرىشىشنى كاپالەتلەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدارلار ئۆي سېتىش ياكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا پۈتۈشكىنى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەۋەرلەندۈرۈپتىزىملىتىلغان كۆچمەس مۈلۈكخەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملاتقان ھوقۇقدارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپبىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
  خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىن، ھەقدارلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنغان ياكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشقا بولىدىغان كۈندىن باشلاپ3 ئاي ئىچىدە تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىش ئىناۋەتسىزبولىدۇ.
   21-ماددا ئالاقىدارلاردىن يالغان ماتېرىيال بېرىپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.
   تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن خاتا تىزىملاپ قويۇپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تىزىملغۇچى ئاپپارات تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، خاتا تىزىملاشنى پەيدا قىلغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.
   22-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى كۆچمەس مۈلۈكنىڭ كۆلىمى، ھەجمى ياكى باھا نىسبىتى بويىچە ئېلىنماي، سانى بويىچە ئېلىنىدۇ. كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

2-پاراگراف كۆچمە مۈلۈكنى تاپشۇرۇش

   23-ماددا كۆچمەمۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش نەرسە تاپشۇرۇلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن،قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   24-ماددا كېمە-پاراخوت،ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى تىزىملاتمىغانلارياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.
   25-ماددا كۆچمەمۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، ھوقۇقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
   26 -ماددا كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، 3-كىشى شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار كىشى 3-كىشىدىن تاپشۇرۇلىدىغان نەرسىنىڭئورنىغا قايتۇرۇلىدىغانئەسلىي نەرسىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
27-ماددا كۆچمە مۈلۈكنەرسە ھوقۇقىنىئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا، 2 تەرەپ شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ھەقلىق بەرگۈچى داۋاملىقئىگىلەپ تۇرۇشنىمۇپۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكەئىگە بولىدۇ.

3-پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر

   28- ماددا خەل قسوت مەھكىمىسى ۋە كېسىم كومىتېتىنىڭ قانۇن ھۆججىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلارئارقىلىق نەرسە ھوقۇقى بېكىتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، ئۆتۈنۈپبېرىلىدىغان ياكى يوقىتىلىدىغان بولسا، ئۇ، قانۇن ھۆججەتلىرى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  29- ماددا ۋارىسلىق قىلىش ياكىھەدىيىنى قوبۇل قىلىش يولى بىلەن ئېرىشىدىغان نەرسە ھوقۇقى ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيىنى قوبۇ ل قىلىش باشلانغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
   30- ماددا ئۆينى قانۇنلۇق سېلىش-چېقىشتەك پاكىتلىق ھەرىكەت بىلەن بېكىتىلىدىغان ياكى يوقىلىدىغان نەرسە ھوقۇقى شۇھەرىكەت ۋۇجۇدقا چىققان چاغدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
   31- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ28-ماددىسىدىن 30-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەربويىچە كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر شۇ نەرسە ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا،قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچەتىزىملىتىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ تىزىملاتمىسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكەئىگە بولمايدۇ.

3-باب  نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش

  32- ماددا نەرسەھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا،ھوقۇقدار ئۇنى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋاقىلىش يولى بىلەن ھەل قىلسابولىدۇ.
  33- ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭتەۋەلىكى، مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىبارلار ھوقۇقىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
  34- ماددا كۆچمەمۈلۈك ياكى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقسىز ئىگىلىۋېلىنغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  35- ماددا نەرسە ھوقۇقىغا دەخلىيەتكەندە ياكى دەخلى يېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ھوقۇقدار دەخلىنى ياكى خەۋپنى تۈگىتىشن ىتەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  36- ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بۇزۇۋېتىلگەندە، ھوقۇقدار رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ياساپ بېرىش،ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
  37- ماددا نەرسەھوقۇقى زىيانغائۇچراپ، ھوقۇقدارغا زىيان يەتكەندە، ھوقۇقدار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باشقا ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
   38- ماددا مۇشۇبابتا بەلگىلەنگەن نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش ئۇسۇلى ئايرىم قوللىنىلسا بولىدۇ، ھوقۇقنىڭ زىيانغا ئۇچراشئەھۋالىغا قاراپ بىرلىكتەقوللىنىلسىمۇ بولىدۇ.
نەرسە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىنباشقا، مەمۇرىي باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچەمەمۇرىي جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققاتارتىلىدۇ.

2-قىسىم  ئىگىدارلىق ھوقۇقى

4-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  39- ماددا ئىگىدارئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىشۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 
   40- ماددا ئىگىدارئۆزىنىڭ كۆچمەسمۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىدە پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى ياكى كېپىل نەرسەھوقۇقىنى بېكىتىشكەھوقۇقلۇق. نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ۋە نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچىھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، ئىگىدارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
   41- ماددا قانۇندا دۆلەتئىگىدارلىقىدىلا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن كۆچمە مۈلۈك ۋە كۆچمەس مۈلۈكنىڭئىگىدارلىق ھوقۇقىغاھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ.
   42- ماددا جامائەت مەنپەئىتىئېھتىياجى بىلەن، كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى يەرنى، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيىنى شۇنىڭدەك باشقا كۆچمەسمۈلكىنى قانۇندابەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىشقا بولىدۇ. 
   كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئالغاندا، يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇشياردەم پۇلى، شۇ يەردىكىقوشۇمچە نەرسىلەر ۋە مايسىنىڭ تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچەتولۇق بېرىپ، يېرىئېلىنغان دېھقانلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئاجرىتىپ، يېرى ئېلىنغاندېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىكاپالەتلەندۈرۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنىقوغداش كېرەك.
   ئورۇنلارنىڭ، شەخسلەرنىڭ ئۆيى ۋە باشقا كۆچمەس مۈلكىنىئالغاندا، چېقىش-كۆچۈرۈشتۆلىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئالغاندا،ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
   ھەرقانداقئورۇن ۋە شەخسنىڭ تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق پۇللارنى خىيانەتقىلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا،نېسى قىلىشىغا يولقويۇلمايدۇ.
  43- ماددا دۆلەت تېرىلغۇ يەرنىئالاھىدە قوغدايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە قاتتىق چەك قويۇپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىدۇ. كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەنھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپكە خىلاپ ھالدا ئېلىشقا بولمايدۇ.
  44- ماددا خەتەردىن،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتەك جىددىي ئېھتىياج بىلەن، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنىقانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئېلىنغان كۆچمەس مۈلۈكياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشكېرەك. ئورۇن ۋەشەخسنىڭ كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەندە ياكى ئىشلىتىلىپبولغاندا بۇزۇلۇپكەتسە، يوقاپ كەتسە، تولۇقلىما بېرىش كېرەك. 

5-باب  دۆلەتنىڭئىگىدارلىق ھوقۇقى،كوللېكتىپنىڭ
ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى

   45-ماددا قانۇندا دۆلەتئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك دۆلەت ئىگىدارلىقىدايەنى ئومۇمىي خەلقئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
  دۆلەتمال- مۈلكىنىڭئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ؛ قانۇندائايرىم بەلگىلىمەبولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  46- ماددا قېزىلما بايلىق، ئېقىن،دېڭىز تەۋەسى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 
  47- ماددا شەھەردىكى يەر دۆلەتئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، يېزىدىكى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يەرلەردىن قانۇندادۆلەت ئىگىدارلىقىدابولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 
  48- ماددا ئورمان، تاغ، ئوتلاق،قاقاسلىق، ساھىل قاتارلىق تەبىئىي بايلىق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. لېكىن، قانۇندا كوللېكتىپئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
49- ماددا قانۇندا دۆلەتئىگىدارلىقىدابولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكبايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
  50- ماددا رادىئو چاستۇتاسپېكترى بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
  51- ماددا قانۇندا دۆلەتئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەتئىگىدارلىقىدابولىدۇ.
  52- ماددا تۆمۈريول، تاشيول،ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە نېفىت-گاز تۇرۇبا يولىقاتارلىق ئۇلئەسلىھەلەردىن قانۇندا دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرىدۆلەت ئىگىدارلىقىدابولىدۇ.
   53- ماددا دۆلەت ئورگانلىرىئۆزى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىئىگىلەش، ئىشلىتىششۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىرتەرەپقىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
  54- ماددا دۆلەتقۇرغان كەسپىيئورۇنلار ئۆزى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمەمۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش ھوقۇقىغا شۇنىڭدەك قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىبويىچە مەنپەئەتلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. 
  55- ماددا دۆلەتمەبلەغ چىقارغان كارخانىلارغا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكىبەلگىلىمە بويىچە، مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى دۆلەتكە ۋاكالىتەنئادا قىلىدۇ،مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
  56-ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقى دىكىمال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى،ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشى،تۇتۇپ قېلىشى،بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
  57-ماددا دۆلەت مال-مۈلكىنىباشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭخادىملىرى دۆلەتمال-مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ،دۆلەت مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ ۋە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مال- مۈلكىنىڭزىيانغا ئۇچرىشىنىڭئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ،خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپدۆلەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچەئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  دۆلەتمال- مۈلكىنى باشقۇرۇشھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش،قوشۇۋېتىش-ئايرىۋېتىش،بىرلىشىپ سودا قىلىش قاتارلىقلار داۋامىدا تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپبېرىش، تىل بىرىكتۈرۈپ بۆلۈشۈۋېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېپىللىك بېرىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللاربىلەن، دۆلەت مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  58-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكىكۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنيەر ۋە ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل؛
  (2) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئىمارەت،ئىشلەپچىقىرىشئەسلىھەلىرى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى؛
  (3) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مائارىپ، پەن،مەدەنىيەت، سەھىيە،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى؛
  (4) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك.
  59-ماددا دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈك شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭكوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدابولىدۇ.
  تۆۋەندىكى ئىشلارنى شۇكوللېكتىپ ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قارار قىلىشى كېرەك:
  (1) يەرنى ھۆددە بېرىش لايىھىسى ۋە يەرنى شۇكوللېكتىپتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە بېرىش؛
  (2) يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئارا ھۆددە يەرنى ئايرىم تەڭشەش؛
  (3) يەر تۆلەم پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئىشلىتىش، تەقسىم قىلىشچارىسى؛
  (4) كوللېكتىپ مەبلەغ چىقارغان كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئىشلار؛
  (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.
  60-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكىيەر، ئورمان، تاغ، ئوتلاق،قاقاسلىق، ساھىللارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ:
  (1) كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنىڭئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى كوللېكتىپقاۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ؛
  (2) كەنتتە ئىككىدىن ئارتۇق دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭئىگىدارلىقىدابولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كەنتتىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىياكى كەنت ئاھالەگۇرۇپپىسى كوللېكتىپقا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
  (3) يېزا-بازار دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپئىگىدارلىقىدابولغانلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېزا-بازار كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىكوللېكتىپقاۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. 
  61-ماددا شەھەر-بازاردىكى كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى شۇ كوللېكتىپ قانۇن،مەمۇرىي نىزاملاردىكىبەلگىلىمە بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىرتەرەپقىلىش ھوقۇقىغائىگە.
  62-ماددا كوللېكتىپ ئىقتىسادىيتەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى كوللېكتىپمال-مۈلۈك ئەھۋالىنىقانۇن، مەمۇرىي نىزام، قائىدە ۋە كەنت ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، شۇكوللېكتىپ ئەزالىرىغائېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
  63-ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكىمال-مۈلۈكنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى،ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
  كوللېكتىپ ئىقتىسادىيتەشكىلاتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى ئۇنىڭ مەسئۇللىرى چىقارغان قاراركوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، شۇ كوللېكتىپ ئەزالىرىخەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  64-ماددا شەخسلەر ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق كىرىمى، ئۆيى، تۇرمۇش بۇيۇمى، ئىشلەپچىقىرىش قورالى، خامئەشيا-ماتېرىيالىقاتارلىق كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىشقاھوقۇقلۇق. 
  65-ماددا شەخسلەرنىڭقانۇنلۇق ئامانەتپۇلى، سالغان مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى قانۇن قوغدايدۇ.
  دۆلەت شەخسلەرنىڭۋارىسلىق ھوقۇقىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچەقوغدايدۇ.
66-ماددا شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، تالاپ كېتىشى، بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
67-ماددا دۆلەت،كوللېكتىپ ۋەشەخس قانۇن بويىچە مەبلەغ چىقىرىپ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىكشىركىتى ياكى باشقاكارخانىلارنى قۇرسا بولىدۇ. دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى كارخانىغا سالغان بولسا،مەبلەغ چىقارغۇچىپۈتۈشكىنى ياكى چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە مۈلكىدىنمەنپەئەتلىنىش، زور تەدبىرلەرنى بەلگىلەش شۇنىڭدەك ئىگىلىكباشقۇرغۇچىلارنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. 
  68-ماددا كارخانا تىپىدىكىقانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ۋە كۆچمە مۈلكىنى قانۇن، مەمۇرىينىزام ۋە قائىدىلەربويىچە، ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدىن باشقا قانۇنىي ئىگىنىڭ كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقىغائالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 
  69-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭقانۇن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلكى ياكى كۆچمە مۈلكىنى قانۇن قوغدايدۇ. 

6-باب ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمارەتكە بولغان پەرقلىق ئىگىدارلىق ھوقۇقى
  70-ماددا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمارەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي، تىجارەتلىك ئۆي قاتارلىقلارنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. خاسقىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا نىسبەتەن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋەئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىبولىدۇ.
  71-ماددا ئۆي ئىگىسى ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆي ئىگىسى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئىمارەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە بولمايدۇ، باشقا ئۆي ئىگىلىرىنىڭقانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. 
  72-ماددا ئۆيئىگىسى ئىمارەتنىڭخاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ھوقۇقىمدىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ.
  ئۆيئىگىسى ئىمارەتتىكىتۇرالغۇ ئۆيى، تىجارەتلىك ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىدىن بەھرىمەنبولىدىغان ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىنىبىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشىكېرەك.
  73-ماددا ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكىيوللار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن، شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت يولىھېسابلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى يېشىللىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاقئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن شەھەر-بازارلاردىكى جامائەت يېشىللىقى ياكى شەخسلەرگە تەۋەئىكەنلىكى ئېنىق بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆي-ئىمارەت رايونىدىكى باشقا جامائەت سورۇنى،جامائەت ئەسلىھەسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت ئۆيى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاقئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
   74- ماددا  ئۆي-ئىمارەترايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گاراژلارنى ئىشلىتىشتە،ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
  ئۆي-ئىمارەترايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، گاراژلارنىڭ تەۋەلىكىنىئالاقىدارلار سېتىپ بېرىش، قوشۇپ بېرىش ياكى ئىجارە بېرىش ئۇسۇللىرىبىلەن پۈتۈشىدۇ.
  ئۆيئىگىلىرىنىڭ ئورتاقئىگىدارلىقىدىكى يولنى ياكى باشقا يەرنى ئىگىلىگەن ئاپتوموبىلتوختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
  75-ماددا ئۆيئىگىلىرى ئۆيئىگىلىرى كېڭىشى قۇرسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقسا بولىدۇ. 
   يەرلىك خەلقھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك.
  76-ماددا تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆيئىگىلىرى ئورتاق قارارقىلىدۇ:
  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغاتۈزىتىش كىرگۈزۈش؛
  (2) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشئەھدىنامىسىنى تۈزۈشۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛
  (3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلاش ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىئالماشتۇرۇش؛
  (4) خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقاباشقۇرغۇچىلارنىتەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛
  (5) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭرېمونت مەبلىغىنىغەملەش ۋە ئىشلىتىش؛
  (6) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسىھەلىرىنىئۆزگەرتىش ۋە قايتىدىنسېلىش؛
  (7) ئورتاق ئىگىدارلىققا ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دائىرباشقا چوڭ-چوڭئىشلار.
  ئالدىنقىتارماقنىڭ (5)، (6)تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەنئىشلارنى قارارقىلىشتا، خاس ئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 3تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگلىگەن ئۆي ئىگىلىرى ھەمدە ئومۇمىي ئادەمسانىنىڭ 3 تىن 2قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشكېرەك. ئالدىنقىتارماقتا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاسئىگىدارلىقتىكى قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆيئىگىلىرى ھەمدەئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭماقۇللۇقىنى ئېلىشكېرەك.
  77-ماددا ئۆيئىگىلىرى قانۇن-نىزامۋە باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگەئۆزگەرتسە بولمايدۇ.ئۆي ئىگىلىرى تۇرالغۇ ئۆينى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتىشتە، قانۇن، مەمۇرىينىزام ۋە باشقۇرۇشئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلغاندىن سىرت، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىلىرىنىڭماقۇللۇقىنى ئېلىشىكېرەك.
  78-ماددا ئۆيئىگىلىرى كېڭىشىياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
  ئۆي ئىگىلىرىكېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قارارى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇقھوقۇق-مەنپەئىتىنىزىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي ئىگىسى خەلق سوتمەھكىمىسىدىن بىكار قىلشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
79-ماددا ئىمارەت ۋەئۇنىڭ قوشۇمچەئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.ئۇ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭئورتاق قارارى بىلەن، لىفىت، سۇ باكى قاتارلىق ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى قىسىمنىڭرېمونتىغا ئىشلىتىلسەبولىدۇ. رېمونت مەبلىغىنى غەملەش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش لازىم.
80-ماددا ئىمارەت ۋەئۇنىڭ قوشۇمچەئەسلىھەلىرىنىڭ خىراجىتىنى چېچىش، پايدىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئىشلارپۈتۈشۈلگەن بولسا،پۈتۈشۈلگىنى بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەنبولسا، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خاسئىگىدارلىقتىكى قىسمىنىڭ ئىمارەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىبويىچە بېكىتىلىدۇ.
  81-ماددا ئۆيئىگىلىرى ئىمارەتنىۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرسىمۇ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقاباشقۇرغۇچىغا باشقۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
  قۇرۇلۇشقىلدۇرغۇچىئورۇن تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ياكى باشقاباشقۇرغۇچىلارنى ئۆي ئىگىلىرى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
82-ماددا خوجىلىقمۇلازىمەت كارخانىسىياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۆي- ئىمارەترايونىدىكى ئىمارەت ۋەئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭنازارىتىنى قوبۇلقىلىدۇ.
83-ماددا ئۆي ئىگىسى قانۇن-نىزاملارغاشۇنىڭدەك باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم.
   ئۇدۇل كەلگەنيەرگە ئەخلەت تۆكۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ياكى شاۋقۇن چىقىرىش، بەلگىلىمىگەخىلاپ ھالدا ھايۋاناتبېقىش، قائىدىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، يولنى ئىگىلىۋېلىش، خوجىلىق خىراجىتىنىتاپشۇرماسلىقتەكباشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولسا،ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قانۇن-نىزاملار شۇنىڭدەك باشقۇرۇشقائىدىسىگە ئاساسەن، قىلمىشچىدىن خەۋپنى، دەخلىنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەپبېرىشنى تەلەپقىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۆي ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگەزىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشنىدارلىق مۇناسىۋىتى

  84-ماددا كۆچمەس مۈلۈكتىكىقوشنا ھوقۇقدار قوشنىدارلىق مۇناسىۋەتنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇش،تۇرمۇشقا قولايلىقبولۇش، ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، ئادىل-مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپىبويىچە توغرا بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.
  85-ماددا قانۇن-نىزاملاردا قوشنىدارلىقمۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇبەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرى شۇ جاينىڭ ئادىتى بويىچەبولسا بولىدۇ.
  86-ماددا كۆچمەسمۈلۈك ھوقۇقدارىقوشنا ھوقۇقدارنىڭ سۇ ئىشلىتىش، سۇ چىقىرىۋېتىشىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. تەبىئىيئېقىن سۇنى ئىشلىتىشتە، كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنا ھوقۇقدارلار مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشى كېرەك. تەبىئىيئېقىن سۇنى تەبىئىي ئېقىش يۆنىلىشى بويىچە قويۇپ بېرىش لازىم.
  87-ماددا كۆچمەسمۈلۈك ھوقۇقدارى ئۆتۈشقاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، قوشنا ھوقۇقدارنىڭ يېرىدىن پايدىلانماقچىبولسا، زۆرۈر قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
  88-ماددا كۆچمەسمۈلۈك ھوقۇقدارىئىمارەت سېلىش، رېمونت قىلىش شۇنىڭدەك توك سىمى، كابىل، سۇ تۇرۇبىسى، پارتۇرۇبىسى، گازتۇرۇبىسى قاتارلىقلارنى تارتىش-ياتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن، قوشنايەر ۋە قوشنا ئىمارەتتىن پايدىلىنىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، شۇ يەر ۋە ئىمارەتنىڭ ئىگىسى زۆرۈر قۇلايلىقيارىتىپ بېرىشىلازىم.
  89-ماددا ئىمارەت سېلىشتا،دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئالاقىدار ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشنا ئىمارەتكە ئۆتۈشىدىغانھاۋانى، چۈشىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئاپتاپنى توسۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
  90-ماددا كۆچمەس مۈلۈكھوقۇقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقتاشلىسا، ئاتموسفېرابۇلغىمىسى، سۇ بۇلغىمىسى، شاۋقۇن، نۇر، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى رادىئاتسىيىسىقاتارلىق زىيانلىقماددىلارنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ.
  91-ماددا كۆچمەس مۈلۈكھوقۇقدارى يەر كولاش، ئىمارەت سېلىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش شۇنىڭدەك ئۈسكۈنەئورنىتىش قاتارلىقلاردا،قوشنا كۈچمەس مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە بولمايدۇ.
92-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىدىنسۇ ئىشلىتىش، سۇ چىقىرىۋېتىش، ئۆتۈش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن، قوشناكۆچمەس مۈلۈكتىن پايدىلىنىدىغانلىرى قوشنا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىمكانقەدەرساقلىنىشى كېرەك؛ زىيان يەتكۈزگەنلىرى تۆلەم تۆلىشى لازىم.

8-باب ئورتاق ئىگىدارلىق

  93-ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكىكۆچمە مۈلۈككە ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن ۋە شەخس ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسابولىدۇ؛ ئورتاقئىگىدارلىق قىلىش ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋەبىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  94-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاقئىگىدارلىق قىلغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكىكۆچمە مۈلۈككە ئۆزىنىڭئۈلۈشى بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.
  95-ماددا بىرلىكتە ئورتاقئىگىدارلىق قىلغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككەبىرلىكتە ئىگىدارلىق قىلىدۇ.
  96-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىپۈتۈشۈپ باشقۇرىدۇ؛پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
  97-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىققىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانكۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى چوڭ رېمونت قىلىشتا،ئۈلۈشى 3 تىن 2 قىسىمدىنكۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىغۇچىلار ياكىبىرلىكتە ئورتاقئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك،لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  98-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكىنەرسىنى باشقۇرۇش خىراجىتى شۇنىڭدەك باشقا سېلىقنى ئۈستىگە ئېلىش پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچەبولىدۇ؛ پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارئۈلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاربىرلىكتە ئۈستىگەئالىدۇ.
   99- ماددا ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىۋاتقانكۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بۆلمەسلىكنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ، لېكىن،ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى بۆلۈش ھەققىدە سەۋەپ كۆرسىتەلىسە، بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچى بۆلۈشنى ھەرۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاقئىگىدارلىق ئاساسىيوقالغاندا ياكى بۆلۈش ھەققىدە مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغاندا،بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۆلۈش سەۋەبىدىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارغا زىيان يەتسە،تولەپ بېرىشكېرەك.
  100- ماددا ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلار بۆلۈش ئۇسۇلىنى كېلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. كېلىشەلمىگەندە، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكىكۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى بۆلگىلى بولسا، بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپ كەتمىسە، ئەمەلىينەرسىنى بۆلۈش كېرەك؛ بۆلۈش قىيىن بولسا ياكى بۆلگەندە قىممىتى چۈشۈپكەتسە، باھاغا سۇندۇرۇپياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇلنى بۆلۈشكېرەك.
   ئورتاقئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بۆلگەندە ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ياكىكۆچمە مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  101-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاقئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆزىگە تەئەللۇق كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارئوخشاش شەرت ئاستىدائاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 
  102-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكىكۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىن پەيدا بولغان ھەقدارلىق-قەرزدارلىقتا، سىرت بىلەن بولغانمۇئامىلىدە، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەنبولىدۇ، چاتماقەرزدارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىياكى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ چاتما ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى 3- كىشىبىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارئارىسىدىكى مۇئامىلىدە،ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقائالمىغاندا، ئۈلۈش بويىچەئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئۈلۈشى بويىچە ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ،قەرزدارلىقنى ئۈستىگەئالىدۇ؛ بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ھەقدارلىقتىن بىرلىكتە بەھرىمەنبولىدۇ، قەرزدارلىقنىبىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ. قايتۇرغان قەرزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈلۈش بويىچەئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
  103-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈككەئۈلۈش بويىچەئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ياكى بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىشنى پۈتۈشمىگەنياكى ئېنىقپۈتۈشمىگەن بولسا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلەمۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەت بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈلۈشبويىچە ئورتاق ئىگىدارلىققىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
   104-ماددا ئۈلۈشبويىچە ئورتاق ئىگىدارلىققىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكتىنبەھرىمەن بولىدىغانئۈلۈشى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۈلۈشىچىقارغان مەبلەغ سوممىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ئېنىق بولمىسا، تەڭ ئۈلۈشبويىچە بەھرىمەن بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. 
  105-ماددا ئىككىدىنئارتۇق ئورۇنۋە شەخس پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەنبولۇشتا، مۇشۇ بابتىكىبەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ. 

9-باب  ئىگىدارلىقھوقۇقىغا ئېرىشىشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

  106-ماددا بىر تەرەپ قىلىشقاھوقۇقسىز كىشى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈلگۈچىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئىگىدارلىققىلغۇچى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا چۈشىدىغان ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ:
  (1) ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ياخشى نىيەتتەقوبۇل قىلغانبولسا؛
  (2) مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا؛
  (3) ئۆتۈنۈلگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمەمۈلۈكتىن قانۇندىكىبەلگىلىمە بويىچە تىزىملاشقا تېگىشلىكلىرى تىزىملانغان، تىزىملاشقاتېگىشلىك بولمىغانلىرىئۆتۈنۈلگۈچىگە بېرىلگەن بولسا. 
  ئۆتۈنۈلگۈچىئالدىنقى تارماقتىكىبەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ئەسلىي ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىنزىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  ئالاقىدارلاردىننەرسىگە دائىرباشقا ھوقۇققا ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشمەكچى بولغانلىرى ئالدىنقى 2تارماقتىكى بەلگىلىمىدىنپايدىلانسا بولىدۇ. 
  107-ماددا ئىگىدارلارياكى باشقاھوقۇقدارلار يىتكەن نەرسىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. يىتكەن شۇ نەرسەئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەنباشقىلارغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىگىدار بىر تەرەپ قىلىشقاھوقۇقسىز كىشىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا، ياكى ئۆتۈنۈلگۈچىنىبىلگەن ياكى بىلىشكەتېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە ئۆتۈنۈلگۈچىدىن ئەسلىي نەرسىنىقايتۇرۇپ بېرىشنىتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قولدىن كەتكەن شۇ نەرسىنىئۆتۈنۈلگۈچى كىمئارتۇق سودىسىدا سېتىۋالغان ياكى تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگەئىگە تىجارەتچىدىنسېتىۋالغان بولسا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپقىلغاندا، ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ تۆلىگەن پۇلىنى قايتۇرۇشى كېرەك. ھوقۇقدار ئۆتۈنۈلگۈچىگە قايتۇرىدىغانپۇلنى قايتۇرغاندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز كىشىدىنتۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
  108-ماددا ياخشى نىيەتلىكئۆتۈنۈلگۈچى كۆچمە مۈلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ كۆچمە مۈلۈكنىڭ ئەسلىيھوقۇقى يوقىلىدۇ،لېكىن، ياخشى نىيەتلىك ئۆتۈنۈلگۈچىلەردىن ئۆتۈنۈلگەندە بىلگەنلىرى ياكىبىلىشكە تېگىشلىكبولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  109-ماددا يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغانلارئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشىكېرەك. تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكىجامائەت خەۋپسىزلىكى ئورنى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 
  110-ماددا يىتكەننەرسىنى تاپشۇرۇۋالغانئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىسىنى بىلىدىغانلىرى نەرسىنى ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى؛بىلمىگەنلىرى ئىگىسىنى تېپىش ئېلانىنى چىقىرىشى كېرەك. 
  111-ماددا تېپىۋالغۇچىيىتكەن نەرسىنىئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگۈچە، ئالاقىدار تارماق يىتكەننەرسىنىڭ ئىگىسى چىققىچەئوبدان ساقلىشى كېرەك. قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن، يىتكەننەرسىنى بۇزۇپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  112-ماددا ھوقۇقدار يىتكەن نەرسىنىئېلىۋېلىشتا، تېپىۋالغۇچىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا يىتكەن نەرسىنى ساقلاش قاتارلىقلارغاكەتكەن زۆرۈر چىقىمنى تۆلىشى كېرەك. 
  ھوقۇقداريىتكەن نەرسىنىتېپىۋالغۇچىلارغا ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا،يىتكەن نەرسىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
  تېپىۋالغۇچىيىتكەن نەرسىنىئىگىلىۋالغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى ساقلاش چىقىمى تەلەپ قىلىشھوقۇقى بولمايدۇ، ھوقۇقداردىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.
  113-ماددا يىتكەننەرسىنىڭ ئىگىسىنىتېپىش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە ئىگىسى چىقمىسا،دۆلەت ئىگىدارلىقىغائۆتىدۇ.
  114-ماددا لەيلىمىلەر، كۆمۈلمىلەرياكى يوشۇرۇلمىلار تېپىۋېلىنغان بولسا، يىتكەن نەرسىنى تېپىۋىلىشقائائىت بەلگىلىمىلەرتەتبىقلىنىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردائايرىم بەلگىلىمە بولسا،شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  115-ماددا ئاساسىي نەرسە ئۆتۈنۈپبېرىلگەندە، قوشۇمچە نەرسىمۇ ئاساسىي نەرسە بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپبېرىلىدۇ، لېكىنئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 
  116-ماددا تەبىئىيتۇغۇندىغا ئىگىدارئېرىشىدۇ؛ ھەم ئىگىدار ھەم نەرسىدىن پايدىلانغۇچىغا تەۋە بولسا، نەرسىدىن پايدىلانغۇچى ئېرىشىدۇ.ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  قانۇندابەلگىلەنگەنتۇغۇندى ئۈستىدە ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسا، ئۇنىڭغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىگەبولىدۇ، پۈتۈشمىگەنياكى ئېنىق پۈتۈشمگەن بولسا، سودا ئادىتى بويىچە ئېرىشىدۇ. 

3-بۆلۈم پايدىلانمانەرسە ھوقۇقى

10-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  117-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچىباشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋەئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. 
  118-ماددا دۆلەتئىگىدارلىققىلىدىغان ياكى دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ كوللېكتىپ پايدىلىنىدىغانشۇنىڭدەك قانۇندا كوللېكتىپئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەبىئىي بايلىقنى ئورۇنۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە ئىگىلىسە، ئىشلەتسە ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ. 
  119-ماددا دۆلەتتەبىئىي بايلىقتىنھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىمبەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭسىرتىدا.
  120-ماددا نەرسىدىن پايدىلانغۇچىھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنلاردىكى بايلىق ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقادائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىگىدار نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگەئارىلاشسا بولمايدۇ.
  121- ماددا كۆچمەسمۈلۈك ياكىكۆچمە مۈلۈكنى ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن پايدىلانمانەرسە ھوقۇقى يوقالسا ياكى پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگەتەسىر يەتسە،نەرسىدىن پايدىلانغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 42-،44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
  122-ماددا قانۇن بويىچەئېرىشكەن دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ. 
123  - ماددا قانۇنبويىچە ئېرىشكەن كان چارلاشھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى، سۇ ۋە ساھىلدىنپايدىلىنىپ باقمىچىلىق، تۇتمىچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ.

11-باب يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى

  124-ماددا يېزىلاردىكى كوللېكتىپئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلىلەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان،بىر تۇتاش باشقۇرۇشبىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇشتۈزۈلمىسىنى يولغاقويىدۇ.
  دېھقانلاركوللېكتىپ ئىگىدارلىققىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ دېھقانلار كوللكېتىپئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر،ئورمان يېرى، ئوتلۇق شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرنىھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.
  125-ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپباشقۇرغۇچىلار ئۆزى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلۇق قاتارلىقلارنىقانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىشكە ھوقۇقلۇق، تېرىقچىلىق،ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەنشۇغۇللىنىشقاھوقۇقلۇق.
  126-ماددا تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددەمۇددىتى 30 يىل بولىدۇ. ئوتلۇقنىڭ ھۆددە مۇددىتى 30 يىلدىن 50 يىلغىچە بولىدۇ. ئورمان يېرىنىڭ ھۆددەمۇددىتى 30 يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئورمان يېرىنىڭ ھۆددەمۇددىتى گوۋۇيۈەننىڭئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
   ئالدىنقىتارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، يەرنى ھۆددە ئېلىپباشقۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋاملىق ھۆددە ئالسا بولىدۇ.
  127-ماددا يەرنىھۆددە ئېلىپباشقۇرۇش ھوقۇقى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى توختامى كۈچكە ئىگەبولغاندا بېكىتىلىدۇ.
  ناھىيەدەرىجىلىكتىنيۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىغا يەرنى ھۆددە ئېلىپباشقۇرۇش ھوقۇقىگۇۋاھنامىسى، ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ئوتلاقنى ئىشلىتىشھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىشى ھەمدە ئۇنى تىزىمغا ئېلىپ، يەرنى ھۆددەئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم.
  128-ماددا يەرنىھۆددە ئېلىپباشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىقانۇنىدىكىبەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنمەھۆددە بېرىش،ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئوبوروتقىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئوبوروت مۇددىتى ھۆددە مۇددىتىنىڭقالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپكەتسە بولمايدۇ. ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ يېزائىگىلىكدىن باشقا قۇرۇلۇشقائىشلىتىشكە بولمايدۇ.
  129- ماددا يەرنىھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىشتەئالاقىدارلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشھوقۇقىدىكىئۆزگىرىشنى تىزىمغا ئېلىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىكخەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك 3- كىشى بىلەنقارشىلاشسابولمايدۇ.
  130- ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددەمۇددىتىدە ھۆددە يەرنى تەڭشىسە بولمايدۇ.
  تەبىئىيئاپەت ھۆددەيەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ھۆددەبېرىلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىقانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەڭشەش كېرەك.
  131-ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددەمۇددىتىدە ھۆددە يەرنى قايتۇرۇۋالسا بولمايدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردائايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  132- ماددا ھۆددەيەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشتە، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكىبەلگىلىمە بويىچە تېگىشلىك تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
  133- ماددا قاقاسلىققاتارلىق يېزا يەرلىرىنىخېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىشتەكيوللار بىلەن ھۆددە بېرىشتە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى قاتارلىققانۇنلاردىكىبەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يەرنىھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، پاي قىلىپ قوشۇلسا،رەنە قويۇلسا ياكىباشقا يوللار بىلەن ئوبوروت قىلىنسا بولىدۇ.
  134- ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكىيېزا ئىگىلىك يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا بېرىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىنپايدىلىنىلسا بولىدۇ.

12- باب قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقى

    135- ماددا قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەتئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن قانۇنبويىچە مەنپەئەتلىنىشكەھوقۇقلۇق، شۇ يەرگە ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىسېلىشقا ھوقۇقلۇق.
  136- ماددا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقى يەر يۈزى ھوقۇقى، يەر ئۈستى ھوقۇقى ياكى يەر ئاستى ھوقۇقىدەپ بېكىتىلسە بولىدۇ.يېڭىدىن بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېكىتىلىپبولغان پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.
  137-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئايرىپ بېرىشتەك ئۇسۇللارقوللىنىلسابولىدۇ.
  سانائەت،سودا، ساياھەتچىلىك،كۆڭۈل ئىچىش يېرى ۋە تاۋار تۇرالغۇ يېرى قاتارلىق تىجارەتلىك يەرلەرنى شۇنىڭدەك ئىشلەتكۈچىسىئىككىدىن ئارتۇق بولغان يەرلەرنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتەك ئاشكارا رىقابەتلىكباھا قويۇش يولى بىلەن بېرىش كېرەك.
  قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىشھوقۇقىنى ئايرىپ بېرىش يولى بىلەن بېكىتىشكە قاتتىق چەك قويۇلىدۇ.ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا دائىربەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشلازىم.
  138-ماددا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، كېڭىشىشتەك ھەقلىق بېرىش يولى بىلەنبېكىتىشتە، ئالاقىدارلار قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشيازما توختامىتۈزۈشى لازىم.
  قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىشھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
  (2) يەرنىڭ پاسىلى، كۆلىمى قاتارلىقلار؛
  (3) ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچە ئەسلھەلىرىنىڭ ئىگىلىگەنبوشلۇقى؛
  (4) يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى؛
  (5) ئىشلىتىلىش مۇددىتى؛
  (6) ھەقلىق بېرىش سوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەر ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛
  (7) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.
  139- ماددا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنىتىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشھوقۇقى تىزىملىتىلغان چاغدا بېكىتىلىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگەقۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.
  140- ماددا قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكىلازىم؛ يەرنىڭ ئىشلىتىلىشئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، قانۇن بويىچە ئالاقىدارمەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم.
   141- ماددا  قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈمبويىچە ھەقلىق بېرىشسوممىسى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى لازىم.
   142- ماددا  قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر سالغان ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچەئەسلىھەلىرىنىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىدە بولىدۇ، لېكىن، قارشىدەلىل-ئىسپاتى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   143- ماددا  قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچىلەر قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپبېرىش، ئالماشتۇرۇش،مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىش ياكى رەنە قويۇشقا ھوقۇقلۇق،لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    144- ماددا قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش، ھەدىيە قىلىشياكى رەنە قويۇشتا، ئالاقىدارلار مۇناسىپ يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئىشلىتىش مۇددىتىنىئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. لېكىن، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭقالدۇق مۇددىتىدىن ئېشىپكەتسە بولمايدۇ.
   145- ماددا قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، مەبلەغ قىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيەقىلىشتا، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشكېرەك.
   146- ماددا  قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش،مەبلەغ قىلىپ سېلىشياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭقوشۇمچە ئەسلىھەلىرىمۇ بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدۇ.
   147- ماددا  ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش،ئالماشتۇرۇش، مەبلەغقىلىپ سېلىش ياكى ھەدىيە قىلىشتا، شۇ ئىمارەت، قۇرۇلما ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچەئەسلىھەلىرى ئىگىلىگەندائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر تەرەپقىلىۋېتىلىدۇ.
   148- ماددا  قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، بۇيەرنى جامائەت مەنپەئىتىئېھتىياجى بىلەن بالدۇر قايتۇرۇۋېلىشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ يەردىكى ئۆي ۋە باشقا كۆچمەس مۈلۈككە تولۇقلىما بېرىش ھەمدەھەقلىق بېرىش سوممىسىنى لايىقىدا قايتۇرۇش كېرەك.
   149- ماددا  تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندا،مۇددەت ئۆزلۈكىدىنئۇزۇرايدۇ.
   تۇرالغۇ قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىنكېيىنكى مۇددىتىنىڭ ئۇزۇرىشى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. شۇيەردىكى ئۆي ياكى باشقاكۆچمەس مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى پۈتۈشۈلگەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ؛پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىقپۈتۈشۈلمىگەن بولسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
   150- ماددا قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىيوقالغاندا، ھەقلىق بەرگۈچى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشىكېرەك. تىزىملىغۇچىئاپپارات قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى يىغىۋېلىشى كېرەك.
   151- ماددا كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى يەرنىقۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشتە، يەر باشقۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكىبەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشكېرەك.

13-باب ئۆيلۈك يەرنىئىشلىتىش ھوقۇقى

   152- ماددا  ئۆيلۈك يەرنى ئىشلەتكۈچىلەر كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇنبويىچە ئىگىلەش ۋەئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇ يەرگە قانۇن بويىچە ئۆي ۋە باشقاقوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى سېلىشقا ھوقۇقلۇق.
   153- ماددا ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىشھوقۇقىغا ئېرىشىش، ئۇنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش يەر باشقۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردىكىبەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
   154- ماددا ئۆيلۈكيەر تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقسەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقالسا، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇيوقىلىدۇ. ئۆيلۈك يېرىدىن ئايرىلغان كەنت ئاھالىلىرىگە قايتىدىن ئۆيلۈكيەر تەقسىم قىلىپبېرىش كېرەك.
    155- ماددا تىزىملانغانئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىشھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە ياكى يوقالغاندا، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكىتىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

14- باب يەردىنپايدىلىنىۋېلىشھوقۇقى

   156- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋالغۇچىلار ئۆزنىڭكۆچمەس مۈلكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، توختامدىكى پۈتۈم بويىچەباشقىلارنىڭ كۆچمەسمۈلكىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
   ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان باشقىلارنىڭ كۆچمەس مۈلكىپايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلكى ئېھتىياج چۈشكەنيەر ھېسابلىنىدۇ.
   157- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنىبېكىتىشتە، ئالاقىدارلار يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى كېرەك.
   يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى ۋەتۇرۇشلۇق جايى؛
   (2) پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ۋە ئېھتىياج چۈشكەن يەرنىڭئورنى؛
   (3) پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى؛
   (4) پايدىلىنىش مۇددىتى؛
   (5) خىراجىتى ۋە ئۇنى تۆلەش ئۇسۇلى؛
   (6) تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى.
   158- ماددا  يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامىكۈچكە ئىگە بولغاندا بېكىتىلىدۇ. ئالاقىدارلار تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلسا، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقايەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ تىزىملاتمىغانلىرىياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.
   159- ماددا پايدىلىنىۋالىدىغانيەر ھوقۇقدارىتوختامدىكى پۈتۈم بويىچە يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىنىڭ ئۇنىڭ يېرىدىنپايدىلىنىشىغا يول قويۇشى، يەردىن پايدىلىنىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكىلازىم.
   160- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋالغۇچىپايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن توختامدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىبويىچە پايدىلىنىشى،پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھوقۇقدارىنىڭ نەرسە ھوقۇقىغا چەك قويۇشنىئىمكانقەدەر ئازايتىشىكېرەك.
   161- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى مۇددىتىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ، لېكىن، مۇددەتنى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پايدىلانما نەرسە ھوقۇقىنىڭ قالدۇق مۇددىتىدىنئاشۇرۇۋېتىشكەبولمايدۇ.
   162- ماددا يەر ئىگىسى يەردىنپايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يەرنىھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىبېكىتىشتە، شۇ يەرنى ھۆددەئېلىپ باشقۇرغۇچى، ئۆيلۈك يەر ئىگىسى بېكىتىلىپ بولغان يەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقىغا داۋاملىقئىگە بولىدۇ ياكى ئۇ ھوقۇقنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ.
   163- ماددا يەرنى ھۆددە ئېلىپباشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق يەرھوقۇقلىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، نەرسىدىن پايدىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنمىغان بولسا، يەرئىگىسى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى بېكىتسە بولمايدۇ.
   164- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە،يەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   165- ماددا يەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى رەنە قويغۇچىلار رەنە ھوقۇقىنى بەرگەندە يەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقىنىمۇ ئۆتۈنۈپبېرىدۇ.
   166- ماددا ئېھتىياج چۈشكەن يەرشۇنداقلا ئېھتىياج چۈشكەن يەردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى،قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىنىئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، ئۆتۈنۈلگۈچىيەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغىمۇ تەڭ ئېرىشىدۇ.
   167- ماددا پايدىلىنىۋالىدىغانيەر شۇنداقلاپايدىلىنىۋالىدىغان يەردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭبىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان قىسمى يەردىنپايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىغا چېتىلسا، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنى چەكلەش كۈچىگەئىگە بولىدۇ.
   168- ماددا يەردىنپايدىلىنىۋالغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، پايدىلىنىۋالىدىغان يەر ھوقۇقدارىنىڭيەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، يەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقى يوقىلىدۇ:
   (1) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى توختامدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىققىلىپ، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانسا؛
   (2) پايدىلىنىۋالىدىغان يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىشتا، پۈتۈشكەن ھەقتۆلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى مۇۋاپىق مۇددەتتە 2 قېتىم سۈيلىسىمۇ ھەق تۆلىمىسە.
   169- ماددا تىزىملىتىلغانيەردىن پايدىلىنىۋېلىشھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى يوقىتىشتا، تىزىمئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

4-قىسىم كېپىل نەرسە ھوقۇقى

15-باب  ئادەتتىكى بەلگىلىمە

   170-ماددا  نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچىلەر قەرزدار قەرەلى توشقان قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى ئالىدىغانئەھۋال كۆرۈلگەندە، كېپىللىك مال-مۈلكىدىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغاقانۇن بويىچە ئىگەبولىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   171-ماددا ھەقدار ئېلىم- بېرىم،ئېلىم- سېتىم ھەرىكىتى قاتارلىق ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدە، ھەقدارلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن كېپىللىكبېرىشكە توغرا كەلگەندە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمەبويىچە كېپىل نەرسەھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
   3-كىشىقەرزدار ئۈچۈنھەقدارغا كېپىللىك بېرىشتە، قەرزداردىن قارشى كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسابولىدۇ. قارشىكېپىللىك بېرىش مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
   172- ماددا كېپىلنەرسە ھوقۇقىنى بېكىتشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كېپىللىكتوختامى تۈزۈش كېرەك. كېپىللىك توختامى ئاساسىي ھەقدارلىق- قەرزدارلىقتوختامىنىڭ بېقىندىتوختامىدۇر. ئاساسىي ھەقدارلىق- قەرزدارلىق توختامى كۈچكە ئىگەبولمىغاندا، كېپىللىك توختامىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، قانۇندائايرىم بەلگىلىمەبولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپمۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خاتالىقى بولغان قەرزدار، كېپىل ۋە ھەقدار خاتالىقىغاقاراپ مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
   173-ماددا كېپىل نەرسەھوقۇقىدىكى كېپىللىك دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىقنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى،خىلاپلىق پۇلى، زىيانتۆلەم پۇلى، كېپىللىك مال-مۈلكىنى ساقلاش ۋە كېپىل نەرسە ھوقۇقىنىئېلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ.
   174-ماددا كېپىللىك مەزگىلىدە،كېپىللىك مال-مۈلكى زىيانغان ئۇچراش، يوقاپ كېتىش ياكى يىغىۋېلىنىشقاتارلىق ئەھۋاللاركۆرۈلسە، نەرسە كېپىللىكى بەرگۈچى ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكىتولۇقلىما پۇلقاتارلىقلارنى ئاۋۋال تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. كېپىللىك قىلىنغانھەقدارلىقنىڭ مۇددىتى توشمىغان بولسا، شۇ سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكىتولۇقلىما پۇلقاتارلىقلارنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
  175-ماددا  3-كىشى كېپىللىك بېرىشتە، ھەقدار ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ،قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگەرۇخسەت قىلغان بولسا،كېپىل مۇناسىپ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  176-ماددا كېپىللىك بېرىلگەنھەقدارلىققا ھەم نەرسە كېپىللىكى ھەم ئادەم كېپىللىكى بېرىلگەن بولسا،قەرزدار مۇددىتى توشقانقەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن كېپىلنەرسە ھوقۇقىنىئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار ھەقدارلىقىغا پۈتۈشكىنىبويىچە ئېرىشىشى كېرەك؛ پۈتۈشمەي ياكى ئېنىق پۈتۈشمەي، قەرزدار ئۆزىنەرسە كېپىللىكىبەرگەن بولسا، ھەقدار ئاۋۋال شۇ نەرسە كېپىللىكىدە ھەقدارلىقىنىئېلىشى لازىم؛ 3-كىشى نەرسە كېپىللىكى بەرگەن بولسا، ھەقدار نەرسەكېپىللىكىدە ھەقداركاپالەت بەرگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپقىلسىمۇ بولىدۇ. كېپىللىك بەرگەن 3-كىشى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن،قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
  177-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭبىرى كۆرۈلسە، كېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدۇ:
  (1) ئاساسىيھەقدارلىق يوقالسا؛
  (2) كېپىل نەرسەھوقۇقى ئېلىنسا؛
  (3) ھەقدار كېپىلنەرسە ھوقۇقىدىنۋاز كەچسە؛
  (4) قانۇندا بەلگىلەنگەنكېپىل نەرسە ھوقۇقى يوقىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
  178- ماددا كېپىللىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمەبىلەن مۇشۇ قانۇندىكىبەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

16-باب  رەنە ھوقۇقى

1-پاراگراف ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقى

  179- ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئىگىلىگەن مال-مۈلۈكىنى يۆتكىمەي، شۇمال- مۈلۈكنى ھەقدارغا رەنە قويغان بولسا، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغانئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدارشۇ مال- مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
   ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى رەنە قويغۇچى بولىدۇ، ھەقداررەنە ئالغۇچى بولىدۇ، كېپىللىك بېرىلگەن مال-مۈلۈك رەنە مال- مۈلۈك بولىدۇ.
   180- ماددا قەرزدار ياكى3-كىشى ئۆزى بىر تەرەپقىلىشقا ھوقۇقلۇق تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنە قويسا بولىدۇ:
  (1) ئىمارەت ۋە يەردىكى باشقا قوشۇمچە نەرسىلەر؛
  (2) قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى؛
  (3) خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكاراكېڭىشىشكە ئوخشاشيوللار بىلەن ئېرىشكەن قاقاسلىق قاتارلىق يەرلەرنى ھۆددە ئېلىپباشقۇرۇش ھوقۇقى؛
  (4) ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى، خام ئەشيا-ماتېرىيال، يېرىم تەييارمەھسۇلات، مەھسۇلات؛
  (5) سېلىنىۋاتقان ئىمارەت، ياسىلىۋاتقانكېمە-پاراخۇت، ئاۋىئاتسىيەۋاسىتىلىرى؛
  (6) قاتناش-ترانسپورت قوراللىرى؛
  (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇش مەنئىقىلىنمىغان باشقامال-مۈلۈكلەر.
  رەنە قويغۇچىئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈكلەرنى بىراقلا رەنە قويسا بولىدۇ.
   181- ماددا ئالاقىدارلارنىڭيازما كېلىشىمى ئارقىلىقكارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىجارىتى قىلغۇچىلار ھازىرقى شۇنىڭدەك كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشئۈسكۈنىسى، خامئەشيا-ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلاتى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى رەنە قويسابولىدۇ، قەرزدار مۇددىتىتوشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلارپۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھەقدار رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان چاغدىكى كۆچمەمۈلۈكنى ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
  182- ماددا ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، شۇئىمارەت ئىگىلىگەندائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ. قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشھوقۇقىنى رەنە قويۇشتا، شۇ يەردىكى ئىمارەتمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ.
   رەنە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يوللا رەنەقويمىغان بولسا، رەنە قويمىغان مال- مۈلۈك بىر يوللا رەنە قويۇلدى دەپ قارىلىدۇ.
183-ماددا يېزا-بازار،كەنت كارخانىلىرىنىڭقۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. يېزا-بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭزاۋۇت بىناسى قاتارلىق ئىمارەتلىرىنى رەنە قويۇشتا، ئۇ ئىگىلىگەندائىرىدىكى قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىر يوللا رەنە قويۇلىدۇ.
    184-ماددا تۆۋەندىكىمال-مۈلۈكنى رەنە قويۇشقابولمايدۇ:
   (1) يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى؛
   (2) تېرىلغۇ يەر، ئۆيلۈك يەر، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغقاتارلىق كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، لېكىن، قانۇندا رەنەقويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
   (3) مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخاناقاتارلىق جامائەتپاراۋانلىقنى مەقسەت قىلغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭمائارىپ، داۋالاش-ساقلىقنىساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى؛
   (4) ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېنىقبولمىغان ياكىتالاش-تارتىشتا قالغان مال-مۈلۈكلەر؛
  (5) قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان،نازارەت قىلىپباشقۇرۇلۇۋاتقان مال-مۈلۈكلەر؛
   (6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رەنە قويۇشقا بولمايدىغانلىقىبەلگىلەنگەن باشقامال-مۈلۈكلەر.
  185-ماددا ئالاقىدارلار رەنە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، يازمارەنە توختامى تۈزۈشىلازىم.
  رەنە توختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛
  (2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛
  (3) رەنە قويۇلغان مال- مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى،ئەھۋالى، تۇرۇشلۇقجايى، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭتەۋەلىكى؛
  (4) كېپىللىكدائىرىسى.
  186- ماددا رەنە ئالغۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلىش مۇددىتىتوشۇشتىن ئىلگىرى قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا،رەنە قويۇلغان مال-مۈلۈككە ھەقدار ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە رەنە قويغۇچىبىلەن پۈتۈشۈشكە يولقويۇلمايدۇ.
  187- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىنىڭ1-تارماق (1) تارماقچىسىدىن(3) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكنى ياكى(5) تارماقچىسىدابەلگىلەنگەن سېلىنىۋاتقان ئىمارەتنى رەنە قويۇشتا، رەنىنىتىزىملىتىش لازىم. رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلغاندا بېكىتىلىدۇ.
  188- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 180-ماددىسىنىڭ 1-تارماق (4)، (6)تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكنى ياكى (5) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەنياسىلىۋاتقانكېمە-پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى رەنە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقى رەنەتوختامى كۈچكە ئىگەبولغاندا بېكىتىلىدۇ؛ تىزىملىتىلمىغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقابولمايدۇ.
  189- ماددا كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يېزا ئىگىلىكئىشلەپچىقرىش- تىجارىتى قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 180- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كۆچمە مۈلۈكنى رەنەقويۇشتا، رەنە قويغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشىلازىم. رەنە ھوقۇقى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگەبولىدۇ؛ تىزىملىتىلمىغانبولسا، ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.
   مۇشۇ قانۇننىڭ180-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە رەنە قويغۇچىلار نورمال تىجارەت پائالىيىتىدەمۇۋاپىق پۇل تۆلىگەنھەمدە رەنە قويۇلغان مال- مۈلۈككە ئېرىشكەن سېتىۋالغۇچى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.
  190-ماددا رەنە توختامى تۈزۈشتىن ئىلگىرى رەنەمال- مۈلۈك ئىجارەبېرىلگەن بولسا، ئەسلىدىكى ئىجارە مۇناسىۋىتى شۇ رەنە ھوقۇقىنىڭتەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. رەنە ھوقۇقى تۈزۈشكەندىن كېيىن رەنە مال- مۈلۈك ئىجارە بېرىلگەن بولسا، بۇ ئىجارەمۇناسىۋىتى تىزىملىتىلغان رەنە ھوقۇقى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ. 
  191-ماددا رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە ئالغۇچىنىڭماقۇللۇقى بىلەن، رەنەمال- مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلىنى رەنەئالغۇچىغا بېرىپ، قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ساقلاپ قويۇشقا بېرىشىلازىم. ئۆتۈنۈپ تاپقانپۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىنىڭئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.
   رەنە مەزگىلىدە، رەنە قويغۇچى رەنە مال- مۈلۈكنى رەنە ئالغۇچىنىڭماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، ئۆتۈنۈلگۈچىقەرزنى ۋاكالىتەنئۈزۈپ، رەنە ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  192-ماددا رەنە ھوقۇقىنى ھەقدارلىقتىن بۆلۈپچىقىپ، ئايرىم ئۆتۈنۈپبېرىشكە ياكى باشقا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشقا بولمايدۇ.ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ ھەقدارلىققا كېپىللىك بېرىلگەن رەنە ھوقۇقىمۇ بىر يوللا ئۆتۈنۈپبېرىلىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
   193- ماددا رەنە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتى رەنە مال- مۈلۈكنىڭقىممىتىنى چۈشۈرۋېتىدىغان بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچىدىنھەرىكىتىنى توختىتىشنىتەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
   رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، رەنە ئالغۇچى رەنەقويغۇچىدىن رەنە مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىگەتۇشلۇق كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنە قويغۇچى رەنەمال- مۈلۈكنىڭقىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، كېپىللىكمۇ بەرمىسە، رەنە ئالغۇچىقەرزداردىن قەرزنى ئالدىن ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
   194- ماددا رەنە ئالغۇچى رەنە ھوقۇقىدىن ياكى رەنە ھوقۇقىنىڭ رەتتەرتىپىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىنىڭ رەت تەرتىپىنىشۇنىڭدەك كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق سوممىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنىئۆزگەرتىش ھەققىدەكېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ، لېكىن، رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتە، باشقا رەنەئالغۇچىلارنىڭ يازماماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۇلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ.
   قەرزدار مال-مۈلكىنى رەنە قويغاندا، رەنە ئالغۇچى شۇ رەنە ھوقۇقىدىن، رەنە ھوقۇقىنىڭ رەتتەرتىپىدىن ۋاز كەچسەياكى رەنە ھوقۇقىنى ئۆزگەرتسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىكجاۋابكارلىقى رەنە ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ،لېكىن باشقا كېپىللەردىن يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  195- ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋالكۆرۈلگەندە، رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە مال- مۈلۈكنى باھاغاسۇندۇرۇپ ياكى كىمئارتۇققىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلەش ھەققىدەكېلىشىم تۈزۈشسە بولىدۇ. كېلىشىم باشقا ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيانيەتكۈزگەندە، باشقاھەقدارلار كۈچتىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكەتېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇكېلىشىمنى كۈچتىنقالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
   رەنە ئالغۇچى رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىنى ئېلىش يولى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىلقىلمىغان بولسا،رەنە ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن رەنە مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشۋە سېتىۋېتىشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ.
   رەنە مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىنپايدىلىنىش لازىم.
   196- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 181-ماددىسىدىكىبەلگىلىمە بويىچەرەنە قويۇشتا، مال- مۈلۈكنى رەنە قويۇش تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىكۆرۈلگەندەبېكىتىلىدۇ:
  (1) قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقانبولسىمۇ، ھەقدارلىقنىئالمىغان بولسا؛
  (2) رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولساياكى ئۇ ئەمەلدىنقالدۇرۇلغان بولسا؛
  (3) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال بولۇپقالسا؛
  (4) ھەقدارلىقنىئېلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
   197- ماددا قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلمىغانلىقتىن ياكىئالاقىدارلار پۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكتىن، رەنەمال- مۈلۈكنى خەلق سوتمەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان بولسا، تۇتۇپ قېلىنغانكۈندىن باشلاپ، رەنە ئالغۇچى شۇ مال- مۈلۈكنىڭ تەبىئىي تۇغۇندىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەنتۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، رەنە ئالغۇچى قانۇندابەلگىلەنگەن تۇغۇندىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىگە ئۇقتۇرمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى ئاۋۋالچىقىرىۋېتىش لازىم.
   198- ماددا رەنە مال- مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغانياكى كىمئارتۇققىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىقسوممىسىدىن ئاشقان قىسمىرەنە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.
   199- ماددا بىر مال- مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇقھەقدارغا رەنەقويۇلغان بولسا، رەنە مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقانپۇل تۆۋەندىكىبەلگىلىمە بويىچە تۆلىنىدۇ:
  (1) رەنە ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى تىزىملىتىلغان بولسا، تىزىمنىڭئىلگىرى-كېيىنلىك رەت تەرتىپى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ رەت تەرتىپى ئوخشاشبولسا، ھەقدارلىقنىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ 
  (2) رەنە ھوقۇقىنى تىزىملاتقانلار تىزىملاتمىغانلارنىڭ ئالدىداتۆلىتىۋالىدۇ؛
  (3) رەنە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچەتۆلىنىدۇ.
   200- ماددا قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقى رەنەقويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يەرگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەت رەنە مال- مۈلۈكھېسابلانمايدۇ. شۇ قۇرۇلۇشيېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ئېلىنغاندا، شۇ يەرگە يېڭىدىنسېلىنغان ئىمارەتبىلەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا بىر تەرەپقىلىش كېرەك، لېكىن، يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتتىن تاپقان پۇلدىن رەنەئالغۇچىنىڭ ئالدىنتۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
   201- ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ180-ماددىسىنىڭ 1-تارماق (3)تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنەقويغۇچىلار ياكى مۇشۇقانۇننىڭ 183- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېزا-بازار، كەنت كارخانىلىرىنىڭزاۋۇت بىناسىقاتارلىق ئىمارەتلىرى ئىگىلىگەن دائىرىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنىئىشلىتىش ھوقۇقىنى بىر يوللا رەنە قويغۇچىلار رەنە ھوقۇقىنى ئالغاندىن كېيىن،يەر ئىگىدارلىقھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇندابەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.
    202- ماددا رەنە ئالغۇچىرەنە ھوقۇقىنى ئاساسىيھەقدارلىق دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكىدە يۈرگۈزۈشى كېرەك؛ يۈرگۈزمىسە،خەلق سوت مەھكىمىسىقوغدىمايدۇ.

2-پاراگراف ئەڭيۇقىرى سوممىلىقرەنە ھوقۇقى
   203- ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا كېپىللىك قىلىشئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى مەلۇم مۇددەتتە ئۇدا يۈز بېرىدىغان ھەقدارلىققا مال- مۈلۈك كېپىللىكىبېرىپ بولۇپ، قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكىئالاقىدارلارپۈتۈشكەن رەنە ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، رەنە ئالغۇچىشۇ كېپىللىك مال- مۈلكىدىن ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى دائىرىسىدەئالدىن تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
   ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىبېكىتىلىشتىن ئىلگىرىكىھەقدارلىق ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىقرەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.
   204- ماددا ئەڭ يۇقىرىسوممىلىق رەنە كېپىللىكى بېرىلگەن ھەقدارلىق بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، قىسمەنھەقدارلىق ئۆتۈنۈپبېرىلگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپبېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن، ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   205- ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە كېپىللىكىبېرىلگەن ھەقدارلىقبېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، رەنە ئالغۇچى بىلەن رەنە قويغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ،ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى،ھەقدارلىق دائىرىسىنى شۇنىڭدەك ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسىنىئۆزگەرتسە بولىدۇ، لېكىن، ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن باشقا رەنە ئالغۇچىلارغاپايدىسىز تەسىركۆرسەتسە بولمايدۇ.
   206- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رەنەئالغۇچىنىڭ ھەقدارلىقىبېكىتىلىدۇ:
   (1) پۈتۈشكەن ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتىتوشقان بولسا؛
   (2) ھەقدارلىقنى بېكىتىش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىقپۈتۈشۈلمىگەن بولسا،رەنە ئالغۇچى ياكى رەنە قويغۇچى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىبېكىتىلگەن كۈنىدىن باشلاپ 2 يىل توشقاندىن كېيىن ھەقدارلىقنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا؛
  (3) يېڭى ھەقدارلىق پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولمىسا؛
  (4) رەنە مال- مۈلۈك پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان بولسا؛
  (5) قەرزدار، رەنە قويغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىجاكارلانغان ياكى ئۇئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛
  (6) قانۇندا ھەقدارلىقنى بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
   207- ماددا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغامۇشۇ پاراگرافتىكىبەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن باشقا، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكىئادەتتىكى رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

17-باب گۆرۈ ھوقۇقى
1-پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقى
   208- ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلىشقا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن، قەرزدار ياكى 3-كىشى ئۆزىنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ھەقدارنىڭئىگىلىشىگە گۆرۈ قويغاندا، قەرزدار مۇددىتى توشقان ھەقدارلىقىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئالاقىدارلارپۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
   ئالدىنقىتارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى 3-كىشى گۆرۈ قويغۇچى بولىدۇ، ھەقدار گۆرۈئالغۇچى بولىدۇ،تاپشۇرۇلغان كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ مال- مۈلۈك بولىدۇ.
   209- ماددا قانۇن، مەمۇرىينىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىشمەنئى قىلىنغان كۆچمە مۈلۈكنى گۆرۈ قويۇشقا بولمايدۇ.
   210- ماددا گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتىشتە،ئالاقىدارلار گۆرۈ ھوقۇقى يازما توختامى تۈزۈشى لازىم.
  گۆرۈ ھوقۇقىتوختامى ئادەتتە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى؛
  (2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛
  (3) گۆرۈ مال- مۈلۈكنىڭ نامى، مىقدارى، سۈپىتى، ئەھۋالى؛
  (4) كېپىللىك دائىرىسى؛
  (5) گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرۇش ۋاقتى.
   211- ماددا  قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىنبۇرۇن، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلمىغاندا گۆرۈ مال- مۈلۈك ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقىنىپۈتۈشسە بولمايدۇ.
   212- ماددا گۆرۈ ھوقۇقىگۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى تاپشۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.
   213- ماددا  گۆرۈ ئالغۇچىگۆرۈ مال- مۈلۈكنىڭ توغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
   ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن توغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندىئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش لازىم.
   214- ماددا  گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىداۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز مەيلىچەئىشلىتىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، گۆرۈ قويغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىلازىم.
   215- ماددا گۆرۈ ئالغۇچىگۆرۈ مال- مۈلۈكنى ئوبدانساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي، گۆرۈ مال- مۈلۈكنىزىيانغا ئۇچراتسا،يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۆرۈ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش،يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالىبولسا، گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ مال- مۈلۈكنى ساقلاشقا بېرىشنى تەلەپقىلسا ياكى قەرزىنىئالدىن ئۈزۈشنى ھەمدە گۆرۈ مال- مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ.   
216- ماددا جاۋابكارلىقنى گۆرۈ ئالغۇچىغا ئارتقىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن،گۆرۈ مال- مۈلۈكزىيانغا ئۇچراپ ياكى ئۇنىڭ قىممىتى روشەن دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ،گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى پەيدا بولغاندا، گۆرۈئالغۇچى گۆرۈقويغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ گۆرۈقويغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتسا ياكى سېتىۋەتسەھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن قەرزنىئالدىن ئۈزدۈرسە ياكى ئۇ پۇلنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.
   217- ماددا گۆرۈ ئالغۇچىلاردىن گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقانمەزگىلدە گۆرۈ قويغۇچىنىڭماقۇللۇقىنى ئالماي، قايتا گۆرۈ قويۇپ، گۆرۈ مال- مۈلۈكنىزىيانغا ئۇچراتقان، يوقىتىۋەتكەنلىرى گۆرۈ قويغۇچى ئالدىدا تۆلەمجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى لازىم.
   218- ماددا  گۆرۈ ئالغۇچىگۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسەبولىدۇ. قەرزدار ئۆزىنىڭ مال- مۈلكىنى گۆرۈ قويغاندا گۆرۈ ئالغۇچىشۇ گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى گۆرۈ ئالغۇچى ئالدىنتۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق-مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن، باشقاكېپىللەردىن يەنىلاكېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
   219- ماددا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلساياكى گۆرۈ قويغۇچىكېپىللىك ھەقدارلىقىنى ئالدىن ئۈزسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشىلازىم.
   قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلمىغاندا ياكىئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گۆرۈ ئالغۇچىگۆرۈ قويغۇچى بىلەنكېلىشىم تۈزۈپ، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، گۆرۈمال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىنتۆلىتىۋالسىمۇبولىدۇ.
   گۆرۈ مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە،بازار باھاسىدىنپايدىلىنىش كېرەك.
   220- ماددا گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن قەرز مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ گۆرۈئالغۇچى يۈرگۈزمىسە، گۆرۈ قويغۇچى خەلق سوت مەھكمىسىدىن گۆرۈ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپسېتىشنى ۋە سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
   گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، گۆرۈئالغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ زىيان پەيدا قىلسا، گۆرۈ ئالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ.
   221- ماددا گۆرۈ مال- مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇققىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىقسوممىسىدىنئاشقان قىسمى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنىقەرزدار ئۈزىدۇ.
   222- ماددا گۆرۈ قويغۇچى بىلەنگۆرۈ ئالغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ.
   ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىدا مۇشۇ پاراگرافتىكىئالاقىدار بەلگىلىمىلەرتەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قانۇننىڭ 16-بابىنىڭ 2-پاراگرافىدىكىئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىلىدۇ.
2- پاراگراف ھوقۇق گۆرۈھوقۇقى
   223- ماددا  قەرزدار ياكى3-كىشى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان تۆۋەندىكى ھوقۇقلىرىنى گۆرۈ قويسا بولىدۇ:
  (1) پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك؛
  (2) زايوم، پۇل ئامانەت چېكى؛
  (3) ئىسكىلات تالونى، تالون؛
  (4) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقى؛
  (5) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان، رويىخەتكە ئېلىنغانتاۋار ماركىسىئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىممۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقى؛
  (6) ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل؛
  (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گۆرۈ قويۇشقا بولىدىغانلىقىبەلگىلەنگەن باشقامال-مۈلۈك ھوقۇقى.
   224- ماددا  پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، پۇلئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلارنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈھوقۇقى ھوقۇق ئىسپاتى گۆرۈئالغۇچىغا تاپشۇرۇلغاندابېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇقئىسپاتى بولمىسا، گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار تارماقلار گۆرۈ قويۇشنىتىزىملىغاندابېكىتىلىدۇ.
   225- ماددا  پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك،زايوم، پۇلئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلار نەقلەشتۈرۈلىدىغان كۈن ياكى مالئېلىنىدىغان كۈنئاساسىي ھەقدارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بالدۇر بولسا، گۆرۈ ئالغۇچىئۇنى ئايرىباشلىسا ياكى مالنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئايرىباشلىغانپۇل ياكى ئالغان مال بىلەن قەرزىنى ئۈزسە ياكى ئۇنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.
   226- ماددا فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈقويۇشتا، ئالاقىدارلاريازما توختام تۈزۈشى كېرەك. فوند ئۈلۈشىنى، ئاكسىيە تىزىملىغۇچى-راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات تىزىملىغان پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى ئاكسىيە تىزىملىغۇچى-راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ؛ باشقاپاي ھوقۇقىنى گۆرۈقويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گۆرۈقويۇشنى تىزىملىغاندابېكىتىلىدۇ.
    فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويغاندىنكېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكەبولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپقوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنىئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىنگۆرۈ ئالغۇچىغا قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقابېرىشى كېرەك.
   227- ماددا رويخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىممۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك.گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ. 
  بىلىم مۈلۈكھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقى گۆرۈ قويۇلغاندىن كېيىن، گۆرۈقويغۇچى ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈقويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچىمەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈقويغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگەئىجازەت بېرىپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقابېرىشى كېرەك.
   228- ماددا ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلاريازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈ ھوقۇقى كرېدىت ئىناۋىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۆرۈ قويۇشنىتىزىملىغاندابېكىتىلىدۇ.
   ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن،ئۆتۈنۈپ بېرىشكەبولمايدۇ. لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كىڭىشىپقوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى ئۆتۈنۈپتاپقان پۇلدىن گۆرۈقويغۇچىغا يۆلەيدىغان قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقابېرىشى كېرەك.
   229- ماددا ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمەتەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمەتەتبىقلىنىلىدۇ.

18-باب قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقى
    230- ماددا  قەررزدارمۇددىتى توشقان قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ كۆچمە مۈلكىدىنقانۇنلۇق ئىگىلەپ تۇرغىنىنىقالدۇرۇۋالسا بولىدۇ ھەمدە شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقاھوقۇقلۇق.
   ئالدىنقىتارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار قالدۇرۇۋالغۇچى بولىدۇ، ئىگىلىگەنكۆچمە مۈلۈك قالدۇرۇۋېلىنغان مال- مۈلۈك بولىدۇ.
   231- ماددا ھەقدار قالدۇرۇۋالغان كۆچمە مۈلۈكھەقدارلىق بىلەن بىرقانۇن مۇناسىۋىتىدە بولۇشى لازىم، لېكىن، كارخانىلار ئاراقالدۇرۇۋېلىنغانلىرى بۇنىڭسىرتىدا.
   232- ماددا قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەنياكى ئالاقىدارلار ئارا پۈتۈشۈلگەن كۆچمە مۈلۈكنى قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
   233- ماددا  قالدۇرۇۋېلىنغانمال- مۈلۈك ئايرىلىدىغان نەرسە بولسا، قالدۇرۇۋېلىنغان مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتى قەرز سوممىسىغا تەڭكېلىشى كېرەك.
   234- ماددا قالدۇرۇۋالغۇچىقالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي،قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، يوق قىلىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشىكېرەك.
   235- ماددا  قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈك تۇغۇندىسىنىئېلىشقا ھۇقۇقلۇق.
   ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندىئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
   236- ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى بىلەن قەرزدار مال-مۈلۈكنىقالدۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى لازىم؛ پۈتۈشمىگەنياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەنبولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن2 ئايدىن ئارتۇقمۇددەت بېرىشى لازىم، لېكىن، يېڭى، تىرىك، سېسىپ قالىدىغاننەرسە قاتارلىق ساقلاش تەس كۆچمە مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا. قەرزدارمەجبۇرىيىتىنى مۇددەتئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ،قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇققىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلىدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.
   قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى سېتىۋېتىشتەبازار باھاسىدىن پايدىلىنىشلازىم.
  237- ماددا قەرزدار قالدۇرۇۋالغۇچىدىنقالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يۈرگۈزۈشنىتەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ قالدۇرۇۋالغۇچى يۈرگۈزمىسە، قەرزدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قالدۇرۇۋالغانمال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
   238- ماددا قالدۇرۇۋالغانمال- مۈلۈكنى باھاغاسۇندۇرغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان، سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭپۇلىنىڭ ھەقدارلىقمىقدارىدىن ئاشقان قىسمى قەرزدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەمقىسمىنى قەرزدارئۈزىدۇ.
   239- ماددا بىر كۆچمەس مۈلۈكئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ياكى گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەندە، شۇ كۆچمە مۈلۈكيەنە قالدۇرۇۋېلىنغانبولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ.
240- ماددا قالدۇرۇۋالغۇچىلاردىنقالدۇرۇۋالغان مال-مۈلۈكنى ئىگىلەش ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرىنىڭ ياكى قەرزدار ئايرىم بەرگەنكېپىللىكنى قوبۇلقىلغانلىرىنىڭ قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

5-قىسىم  ئىگىلەش

19- باب ئىگىلەش
   241- ماددا  توختام مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەربىلەن ئىگىلەشتە، كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش، خىلاپلىقجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلار توختام بويىچە پۈتۈشۈلىدۇ؛توختامدا پۈتۈشۈلمىگەنياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمەبويىچە بولىدۇ.
   242- ماددا  ئىگىلىگۈچى ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىئىشلىتىپ، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانبولسا، يامان نىيەتتەئىگىلىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
   243- ماددا  كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنىئىگىلىگۈچىئىگىلىۋالغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى قايتۇرۇپبېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن، ياخشى نىيەتتە ئىگىلىگۈچىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمەمۈلۈكنى ئاسراش يۈزىسىدىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجىتىنى بېرىشى لازىم.
   244- ماددا ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك زىيانغائۇچرىغاندا، يوقىلىپ كەتكەندە، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقدارى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپقىلسا، ئىگىلىگۈچى زىيانغا ئۇچرىغان، يوقىلىپ كەتكەندە ئالغان سۇغۇرتاپۇلى، تۆلەم پۇلىياكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى ھوقۇقدارغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم؛ ھوقۇقدارزىيىنىنىڭ ئورنىنىتولۇق تولدۇرالمىغاندا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى زىياننىمۇتۆلىشى لازىم.
   245- ماددا ئىگىلىگەنكۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بىراۋنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كەتسە، ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنىقايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىگىلەشكە دەخلى يەتكۈزۈشقىلمىشى ئۈستىدەئىگىلىگۈچى دەخلىنى تۈگىتىش ياكى خەۋپنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىشقاھوقۇقلۇق؛ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ياكى دەخلى يەتكۈزۈپ زىيانغا ئۇچىراتسا، ئىگىلىگۈچى زىياننى تۆلەپبېرىشنى تەلەپ قىلىشقاھوقۇقلۇق.
   ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپقىلىش ھوقۇقىنىبىراۋ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچەيۈرگۈزمىسە، تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ. 

قوشۇمچە پرىنسىپ
   246- ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسىغادائىر بەلگىلىمەچىقىرىشتىن ئىلگىرى، يەرلىك نىزاملاردا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمەبويىچە بەلگىلىمەچىقىرىلسا بولىدۇ.
   247- ماددا بۇ قانۇن 2007-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغاقويۇلىدۇ.

شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئورنى

24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىقلىنىيەلىك تىلفۇنى ؛    18299819854(ئادۇۋكات بەختىيار)


    چچ: 1471561935  توردا ماتىريال يوللاشئۇچۇن بۇ نۇمۇر قالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بارتىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز

بىزنىڭ  مۇلازىمەت ۋەدىمىز:

باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 04:04 PM  


مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشىمىزدا قانۇننى بىلمەي، ئۇنىڭدىن پايدىلانماي زىيان تارتىۋاتقان مىساللار بەك كۆپ، بىر جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى بىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بەك موھىم، مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق يوللىنى يوللانغۇسى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69793
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:23:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز. ئەپسۇس نۇرغۇنلىرىمىز  يەنىلام ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا چوقۇرشۇپ يۈرىۋاتىمىز. قانۇنلارنى بىلمەسلىك قاتناش قائىدىسىدە ساۋاتسىز شوپۇرغا ئوخشىغانلىق بىلەن باراۋەر.

سىز 365 كۈن ياشىدى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 01:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگسىگە رەخمەت .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

باغراش كاككۇكى!!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6985
تۆھپە نۇمۇرى: 1872
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 06:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندەك قانۇن بىلمەيدىغانلارغا ياخشى تېمىكەن.....

ئېقى قەغەز قارسى سىياھ، سەن قەلبىمدە ئۆسكەن گىياھ. مۇھەببەتنىڭ يوللارىدا، بولالامسەن ماڭا ھەمراھ.511 باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78047
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 06:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپسىز رەخمەت ،پۇخرالارنى قانۇندىن خەۋەردار قىلىش ،ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغان بىلەن باراۋەر .

سەھرانى سۆيىمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:10:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،  جاپا چېكىپسىز!

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6277
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:23:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما يوللىغىچىغا رەخىمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش