مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 21

تاتلىق پىغان ‹‹ ئويغان ئوغۇل›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 04:26:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

                                                     تاتلىق پىغان


  ھەممە يەر قىززىق قۇياشنىڭ تەپتىدىن خۇددى تازنڭ كاللىسى پارقىرىغاندەكلا يالتىرايتتى.زىمىننىڭ ھەممە يېرى ئوتتەك قىززىغان،پۈتۈن كائىنات يەريۈزىدىن بىراقلا يوقالغاندەكلا جىمجىت. پەقەت يىراق سەھرادا بىر كىچىك يېزىدىن چىققان،ئىككى تەرىپىدە ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان بۇغدايلار يەڭگىل چىقىۋاتقان مەيىن شامالدا يىنىك تەۋرىنىپ ئۇسۇلغا چۈشكەن ئاشۇ توپىلىق يولدا بىر كونا ھارۋا غىچ_غىچ قىلىپ بىرخىل رىتىمدا يەڭگىل سىلكىنىپ ئاستا_ئاستا ناھىيە بازىرىغا قاراپ كىتىۋاتىدۇ.ھارۋىدا بىر ئانا قېلىن سېلىنغان كۆرپە ئۈستىدە ئاچچىق نالە بىلەن تولغىنىپ ياتىدۇ.ھارۋىنىڭ بىر تەرىپىدە بىر ياش يىگىت يىراق_يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ قانداقتۇر بىر خىيالغا پاتقان ھالدا بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان ئەمما چىرايىدىن بىرخىل ئەنسىزلىك چىقىپ تۇرغاندەكلا،ھازىر ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئانىسىنىڭ ئاچچىق نالىسى ئەمەس بەلكى كىيىنكى كۈنلەردىكى ئاچچىق ئازاپ ۋە ياۋۇزلارنىڭ زۇلۇمى،ئاچچىق ئاھانەتلىرى ئاڭلانماقتا. كۆزىگە ئانىسىنىڭ نالە_پەريادلىرى ئەمەس بەلكى كىيىنكى كۈنلەردىكى يالغۇنلۇق،غېرىپلىق،سەرگەردانلىق كۆرۈنۈپ يۈرىكىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.ئەمما ھارۋىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدەكۆزلىرى قۇندۇزدەك قارا،يۈزلىرى ئالمىدەك قىزارغان،قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى بەللىرىگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلىق بىرقىز يىگىتنىڭ ئاشۇ غۇبارسىز،ئەنسىز،نۇرسىزكۆزلىرىگە ئۈمۈتلىك تىكىلىپ ئولتىراتتى.ھەي.......تەقدىر ئاجايىپ بۇلىدىكەن....
   قارامتۇل،ئوتتىرا بوي،ئۇچىسىغا نەچچە يېرىگە ئوخشىمايدىغان ياماقلار چۈشكەن ئاق ئەمما ئاچچىق تەرنىڭ  دېغىدىن ساغىرىپ كەتكەن، سول يېڭىنىڭ جەينىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپى يىرتىلىپ تۈگىگەن، كونا كۆينەك كىيىۋالغان قاۋۇل ئەمما بىرخىل جۈدەڭگۈ كۆرىنىدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تۈكىلىۋاتقان تامچە_تامچە ياشقا قاراپ قىزنىڭ كۆزىگىمۇ لىققىدە ياش تولغانىدى.
(قورقماڭ رەھىم. يېنىڭىزدا مەن بار،مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا،ماڭا بىر قارىڭە، سىزگە ئىزچىل ئىنتىلىۋاتقان ئاجىزغىنە يۈركىمگە بىر قارىڭە،ئاشۇ ئازاپلىق خىياللىرىڭىزنىڭ قوينىدىن تىزراق قېچىپ چىقسىڭىزچۇ، مەنمۇ سىزنى ئاشۇ مىھرىبان ئانىڭىزدەك ياخشى ئاسرايمەن.قانچىلىك جاپا_مۇشەققەتلەردە قالساممۇ بۇ نىيىتىمدىن ھەرگىز يانمايمەن.ئۇلۇغ ئاللادىن نىيىتىمگە يەتكۈزىشىنى تىلەيمەن.پەقەت سىزلا بۇ كۆڭلىمنى چۈشەنسىڭىز بۇلاتتى رەھىم.مەن سىزنىڭ،سىزمىنىڭ،مەن سىزنىڭ بىرلا ئېغىز سۆزىڭىزگەمۇھتاجمەن.مىنى تىنىچلاندۇرۇڭ،ماڭا بىر قاراڭ،كۆڭلىمنى چۈشىنىڭ رەھىم) ئۇ كۆڭلىدە شۇنچىلىك ئويلىيالىدىدە كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلىشقا باشلىدى.         ئىككى ياش ئۆزخىياللىرىنى قىلغاچ تۇرسۇن بىز بىچارە ئانىغا قاراپ باقايلى............
  بىچچارە ئانا بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ يىقىلىپ چۈشكەن ئەمما ئۆيدە داۋالانغۇدەك پۇل ياكى پۇلغا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە بولمىغاچقا بالىسىدىن يوشۇرۇپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكەزدى ئەمما قېرىشقاندەك خوشنىسىنىڭ قىزى تايىنى يوق ئىشلارغىمۇ بۇ ھويلىغا تولا كىرىۋېلىپ بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالدى.بىر بەچچە كۈن قىزنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىدىن كىيىن ئازراق ياخشىلانغاندەك قىلسىمۇ يەنىلا ئاغرىق توختىماي بەك بىئارام قىلغاچقا تەكشۈرتۈشكە توغرا كەلدى. يېزىلىق خەلىق دوختىۇرخانىسىدا تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن ئانىنىڭ كېسىلى <ئېغىر دەرىجىلىك سوقىر ئۈچەي تىشىلىپ كىتىش> دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇلدى ئاندىن دوختۇرنىڭ دىيىشىچە دەرھال ئوپراتسىيە قىلىنمىسا بەلكىم ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قېلىش تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئەمما دوختۇرخانا كىچىك بولغانلىقتىن ئوپراتسىيە ئەسلىھەلىرى يوقلىقىنى دەرھال ناھىيە دوختۇرخانىسغا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەمما بۇ نامرات ئائىلىدە نەدىمۇ دوختۇر پۇلىغا چىقىنغۇدەك ئقتىساد بولسۇن. شۇڭا يىگىتنىڭ بېشى قاتتى ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى يىۈقان نەچچە مىڭ يۈەن پۇل بارلىقىنى شۇ پۇلغا ئانىسىنى داۋالىتىشنى يىگىتكە ئېيتتى، يىگىت نىمە دىيىشىنى بىلەممەي ئانىسىغا مەسلەھەت سېلىشنى كايىق تاپتى ئەمما ئانا بولسا بالام مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىمەن كىتەر چېغىمدا سېنى باشقىلارغا قەرىز قىلىپ قويسام كۆزۈم ئوچۇق كىتىدۇ بولدىقىل دەپ تۇرىۋالدى. بىراق قىز ئانا مەنبۇ پۇلنى قەرىزگە ئەمەس بەلكى سىنىڭ داۋالىنىشىڭىز ئۈچۈن بېرىۋەتتىم مەن پۇلنى قايتۇر دەپ رەھىمجاننىڭ كۆزىگە كىرىۋالمايمەن سىز خاتىرجەم داۋالانسىڭىزلا بولدى دەپ ئانىنى ئۇنىمىغانغا قويماي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىۋاتاتتى.ئانا قىزدىن نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى نەچچە رەت سورىسىمۇ ئېنىق جاۋاپ بەرمەي بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم مەن باشقىلارغا ياردام بىرىشكە ئامراق دەپلا باشقا گەپ قىلىپ بەرمىگەنىدى. مانا ئەمدى ئانا ھارۋىدا تولغىنىپ يېتىپ توساتتىن قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالدىدە بىر نەرسىنى سەزگەندەك قىلدى.
   ئۇچىسىغا چىرايلىق قىزىل گۈللۈك ئەتلەستىن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن،ئۇزۇن قاپقارا چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ ھەرخىل چاچ قىسقۇچلىرى بىلەن قىسىۋالغان،تېرىسى ئاپئاق ئەممە چىرايلىق يۇمىلاق يۈزىگە ياش تامچىلىرى ئېقىپ چۈشىۋاتقان كۆزلىرى بولسا ئاشۇ كۈيۈمچان،ۋاپادار پەرزەنتىگە قادالغان بۇقىزغا قاراپ بىر ھەيران قالسا بىر تۇرۇپ خاتىرجەملقك تۇيغۇسىغا چۆمدى ھەمدە بىر نىمنى چۈشەنگەندەك ئۇزۇن خىياللارغا غەرىق بولدى. ئانا ھازىر كېسەلدەك قىلمايتتى،ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىغا قاراپ كىتىۋاتقىنىنىمۇ ئۇنۇتقاندەك قىلاتتى،بىراق بۇ ىاتىرجەملىك ئۇزۇنغا بارمىدى ئانا يەنە  قاتتىق تولغىنىپ ئېڭراشقا باشلىدى قىز دەرھال ئېسىنى يىغىپ كۆزىدىكى ياش يۇقىنى چالا_پۇلا ئېرتىپ ئانىغا ئېتىلدى،ئورنىنى يۈزەشتۇرۇپ ئانىنى تۈز ياتقۇزغاندىن كىيىن
_ ئانا يەنە نەرىڭىز بەكىرەك ئاغرىۋاتىدۇ؟...سەل چىداپ تۇرۇڭ ناھىيىگە ئازلا قالدۇق بىردەمدىلا بارىمىز سەل چىداپ تۇرۇڭ مان سىزگە چاي قۇيۇپ بىرەي بەلكىن سەل ئارام بىرىپمۇ قالار دىگىنىچە بىرنىمىنى ئىزدىدى ھەمدە
_  رەھىمجان ئاۋۇ چاي قۇتىسىنى ئېلىۋېتىگە....رەھىمجان...ھەي رەھىمجان ئاڭلاۋاتامسىز؟؟
_ ھەي... مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن.
_ ھە..ھە.. نىمە دىدىڭىز؟ مەن..مەن ئاڭلىماپتىمەن.
_ نىمىنى خىيال قىلىپ ئولتىرىپ كەتتىڭىز ؟ مەن سىزنى چاقىرغىلى نەۋاق؟تىز ئاۋۇ چاي قۇتىسىنى ئېلىۋېتىڭە....
_ ھەھ...ھە مانا. يىگىت چاي قۇتىسىنى سۇنغاچ شۇ خىيال سۈرۈپ ئولتىرىپ قاپتىمەن.
_ ئانام بۇلالمايۋاتسا قاراپمۇ قويماي خىيال سۈرىپ ئولتىرىپ كەتكىنىنى قارا...تىز ئىشەكنى قامچىلاڭ ناھىيەگە تىزراق بارايلى.دىدى قىز
_ ھە... مانا ئەمسە خىت چۇ ۋۇ ھورۇن قوتا خىيالنى مەن سۈردۈممىكىن دىسەم مەندىنمۇ ئۆتكىزىۋېتپسەنمۇ نىمە؟تىزراق ماڭغان بولساڭ مەنمۇ دەشناو ئىشىتمەيتتىم،سەنمۇ تاياق يىمەيتتىڭ جانىۋار تېزبول يولىڭغا راۋان بول . دىدى يىگىت
_ ھوي نىمە دىگىنىڭىزبۇ؟ بۇ نەدىمۇ دەشنام بولسۇن؟ دەشنام دىگەننى ئالدىرىماي يەيسىزتېخى...قىز يىنىك كۈلۈمسىرەپ قويدى...
_ ئاپلا مۇشۇ ئېغىزىمنىزە... كۆرىدىغان كۈنۈم ئالدىمدىكەندە...
   ھەممەيلەن كۈلۈشۇپ كەتتى...ئانا بۇكۆرۈنىشلەرنى كۈرۈپ خۇشاللىقىدىن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيۇپ جىمىپ قالدىدە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى.
   ئۇلار بىردەمدىلا دوختۇرخانىغىمۇ كىلىپ قالدى. ھارۋىنى يول ياقىسىغا توىتىتىپ ئانىنى ئىككىسى قولتىقىدىن يۆلەشتۈرۈپ دوختىۇخانىغا كىرىپ كەتتى. بۇكۆرىنىشنى كۆرگەنلەر بۇلارنى ئىنتايىن ئىناق بىر ئائىلە كىشلىرى دەپ قېلىشاتتى...
  قىز  باشقىلارنىڭ ئارىلىقىغا قىستىلىپ يۈرۈپ ئالدىدا ياتاق نۇمۇرى ئېلىۋالدى ھەمدە ئانىنى تېزلا ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.يىگىت كۆپ ئىشنى بىلمگەچكە ئانىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى قىز بولسا قاتىراپ يۈرۈپ بىر دوختۇرنى باشلاپ كىردى،دوختۇر تەكشۇرۇش نەتىجىسنى ۋە ئانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن دەرھال ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى بېرىپ رەسمىيەت ئۆتەپ كىلىشىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.قىزمۇ چىقىپ كەتتى خېلى ۋاقىتتىن كىيىن نەچچە سېستىرا قىزلارنى باشلاپ كىرىپ ئانىنى يۆتكەش ئىشلىرىنى قىلىشىشتى.
مانا ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتكىلىمۇ  ئالاھەزەل بىر سائەتتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. يىگىت بىلەن قىز ئىككىسى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئوپراتسىيا ئۆيىگە ئۇمۇت بىلەن تىكىلىپ ئولتىرىۋاتىدۇ....
يىگىت بولسا ئانىسىنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ.
قىز بولسا مەڭگۈ يىگىت بىلەن مۇشۇنداق يانمۇيان ئولتىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ.
يىگىت: ئانا تىزراق چىقسىڭىزچۇ،مەن سىزنىڭ ساق چىقىشىڭىزغا ئىششىنىمەن،سىز چۇقۇم ساق چىقىسىز،ئاللاھ سىزنى ئامان قىلىدۇ،سىز چۇقۇم ساق چىقىڭ ئانا،سىز ساق چىقمىسىڭىز مەن بۇدۇنيادا يالغۇز ياشىيالمايمەن،چۇقۇم ساق چىقىڭ مىنى يالغۇز قويماڭ ئانا،مىنىڭ سىزدىن بېلەك ھېچنەرسەم يوق ئانا،مىنىڭ ئانامدىن بېلەك ھېچ نەرسەن يوق ئاللاھ ئانامنى ئامان قىلغىن مىنى يالغۇز دەتتە قويمىغىن ئىگەم، بىزلەرنى بۇ ئازاپتىن قۇتقازغىن......ئەلھەمدۇلىللاھ...
قىز: ھەي ۋاقىت مۇشۇ پېتىلا توختاپ قالغان بولسىچۇ...ئۆزەم ياخشى كۆرگەن يىگىتىمنىڭ يېنىدا ئولتىرىپ قۇچىقىغا بېشىمنى قۇيۇپ ھەرخىل قىززىق پاراڭلارنى قىلىشىپ مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ قېرىغىچە بىللە بولالىسام ھەرقانچە جاپا_مۇشەققەتتە قالساممۇرازى ئىدىمغۇ...ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ مىنى ۋە مىنىڭ مۇشۇ يىگىتىمنى ۋە بىزنىڭ ياخشى ئانىمىزنى ئامان قىلارسەنمۇ؟ سەندىن ئۆتۈنەي بىزلەرنى ئامان قىلغىن. ئازاپقا دۇچار قىلمىغىن.بىزلەرنى قەدىردانىمىزدىن ئايرىمىغىن.بىزلەرنى بەخىتلىك قىلغىن.....
  قىز شۇنداق تاتلىق خىياللارنى قىلىپ كىيىنكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا غەرىق بولدى.


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار بۇمىنىڭ بۇ قېتىم يوللىماقچى بولغان ئەڭ چوڭ تېمامنىڭ سىناق نۇسخىسى. شۇ سەۋەپتىن بەك كۆپ يازمىدىم مەن سىلەرنىڭ مۇشۇ يازمىنى ئوقۇپ 1_دىنبۇ ئەسەرگە بىر ياخشى ئىسىم قۇيۇپ بىرىشىڭلارنى،2_دىن ماڭا كىينكى قادەمنى قانداق بېسىش توغىرسىدا ئازراق يول كۆرسىتىشىڭلارنى،3_دىن يازمىلىرىمنىڭ قانداقراق چىقىۋاتقانلىقىنى بىر سەمىمىيلىك بىلەن باھالاپ بىرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن چوڭقۇر ئۈمۈد قىلىپ يازدىم.

             قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ساقلاپ <<ئويغان ئوغۇل>>  
                                                                           
             2012_يىلى4_ئاينىڭ20_ كۈنىدىن باشلاپ خاتىرىگە يېزىلدى.

                                                  مەنبە:
                                             ئويغان ئوغۇل
                                                   تەنھا
                                 كۈنى02ئاينىڭ05_يىلى2012

  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىملانى تەھرىرلىيەلمىدىم  كەچۈرىڭلا.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 05:34 AM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7723
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ،يەنىمۇ تىرىشىڭ ، ئاخىرى يوقما بۇنىڭ ؟

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4587
تۆھپە نۇمۇرى: 747
توردا: 3579 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:21:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!!
بۇ تىمىڭىز  شۇنداق  ياخشى باشلىنىپتۇ ، قارىماققا پوۋسىتقىلا ئوخشايدىكەن .
ئەمدى ماۋزۇسىغا كەلسەك  سىز  بۇ ھىكايىڭىزنى  قانداق ئاخىرلاشتۇرماقچى  شۇنىڭغا قاراپ
بىرنەرسە دىسەك بۇلىدۇ ، بولسا پوۋسىت قىلىپ  يازسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى چىققۇدەك  مەسلەن
رېھىم   بىلەن ئاۋۇ قىز  كىيىنكى كۈنلەردە  قانداق  قىلدى . دىگەندەك  بىرقانچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالسىڭىز  تېخىمۇ  ياخشى چىقامىكىن  دەپ ئويلۇدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە. ئىملا
خاتالىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك.


ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:27:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  .دوستۇم  ھىكايىڭىز  ناھاتتى ياخشى يىزىلىپتۇ، 1-ئىسمنى.چۇڭقۇر مۇھەببەت ) قۇيۇڭ. چۇنكى تىمىڭىزدىكى  بالىنىڭ ئانىسىغا  بولغان  مۇھەببىتى ۋە  قىزنىڭ  يىگىتكە  بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ  چوڭ  مەزمۇن  يوق ئىكەن  .2- بۇ  ھىكايە ئارقىلىق  قايسى  دەۋىرنى  تەسۋىرلىمەكچى  سىز  
ئانىسىنىڭ ئاچچىق نالىسى ئەمەس بەلكى كىيىنكى كۈنلەردىكى ئاچچىق ئازاپ ۋە ياۋۇزلارنىڭ زۇلۇمى،ئاچچىق ئاھانەتلىرى ئاڭلانماقتا. كۆزىگە ئانىسىنىڭ نالە_پەريادلىرى ئەمەس بەلكى كىيىنكى كۈنلەردىكى يالغۇنلۇق،غېرىپلىق،سەرگەردانلىق كۆرۈنۈپ يۈرىكىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.ئەمما ھارۋىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدەكۆزلىرى قۇندۇزدەك قارا،يۈزلىرى ئالمىدەك قىزارغان،قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى بەللىرىگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلىق بىرقىز يىگىتنىڭ ئاشۇ غۇبارسىز،ئەنسىز،نۇرسىزكۆزلىرىگە ئۈمۈتلىك تىكىلىپ ئولتىراتتى.ھەي.......تەقدىر ئاجايىپ بۇلىدىكەن....
   قارامتۇل،ئوتتىرا بوي،ئۇچىسىغا نەچچە يېرىگە ئوخشىمايدىغان ياماقلار چۈشكەن ئاق ئەمما ئاچچىق تەرنىڭ  دېغىدىن ساغىرىپ كەتكەن، سول يېڭىنىڭ جەينىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپى يىرتىلىپ تۈگىگەن، كونا كۆينەك كىيىۋالغان قاۋۇل ئەمما بىرخىل جۈدەڭگۈ كۆرىنىدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تۈكىلىۋاتقان تامچە_تامچە ياشقا قاراپ قىزنىڭ كۆزىگىمۇ لىققىدە ياش تولغانىدى
.
بۇ بۆلىكى  ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ  قۇيىدۇ. بۇھىكايىڭىز دىكى  مۇشۇ  يەرلەرنى ئازراق  قاملاشماپتۇ .لىكىن  بۇمىنىڭ  ئۇيۇم  ،،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:43:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپىسىز ئاخىرنى يېزشقا تىرشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنى ئاۋال تولۇق يېزىڭ ئىلان قىلىڭ، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ يازمىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىگىلەڭ، بىشىنى ياخشى باشلاپسىز، ئەمما ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرۈشنى باشقىلاردىن مەسلىھەت ئىلىپ يازما يازىدىغان ئىش يوق. ھەر قانداق بىر ئەسەر يازماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا شۇ ئەسەرنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى سىز توپلىغان ماتىرىيال بىلەن ھىم جىپىسلاشقان بولسۇن، ئەسىرىڭىزدىكى مەزمۇن تۇرمۇش چىنلىقىنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈرگەن ھالدا ئىپادىلەنسە، چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىسىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:12:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilgiya يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 09:10 AM
ياخشى يىزىپسىز ،يەنىمۇ تىرىشىڭ ، ئاخىرى يوقما بۇنىڭ ؟

   ئاخىرى بار ئەمما ئاخىرلاشمىدى داۋاملىق يېزىۋاتىمەن بۇ يازمىنى سۈيۈملۈك دوسلاربىلەن ئورتاقلىشىپ ياخشى چىقمىغان بىر بىرىگە ماسلاشماي قالغان يەرلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرىگە قۇيۇپ تۈزىتىۋېلىش مەقسىتىدە ھەمدە ئاخىرىنى ھازىر يېزىۋاتقىنىمدەك داۋاملاشتۇرسام بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى ئىنكاسلارئارقىلىق بىلىپ بېقىش نىيىتىدە يوللىدىم.......

داۋامىنىمۇ چۇقۇم يازىمەن.......

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:19:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARZUY يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 10:21 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!!
بۇ  ...

   رەھمەت قېرىندىشىم  سىز دەل مەن ئويلىغاننى ئوتتىرغا قۇيۇپسىز مەن ھازىر دەل سىزدىگەندەك قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئىلگىرىكى ۋە بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنى يېزىش بىلەن ئالدىراش.........

  ئەسلىي يازمامنى تۇللۇق تەھرىرلەپ ئاندىن تەستىققا تاپشۇرماقچىدىم ئەمما بەكلا كەچ يېزىشقا تۇتۇش قىلىپتىكەنمەن كۆزۈم تورلىشىپ پەقەت ئوچۇق كۆرەلمەي قالدىم شۇڭا تەھرىرلىمەي دىدىم .ئۆزەمنى قىينىغۇم كەلمىدى   توغرا چۇشىنىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن دوسلار...

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 10:27 AM
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  .دوستۇم  ھىكايىڭىز  ناھاتتى ياخشى  ...


  دوستۇم  بەلكىم دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇقتۇ... ئەمما مەن بۇ يەردە قىز بىلەن يىگىتنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن كۆڭۈل غەزىنىسىنىڭ ئازراق يىپىنى تارتىپ قويدۇم دەپ قارايمەن .  مىنىڭ بۇنداق يېزىشىم كىيىنكى ۋەقەلىككە ماسلاشتۇرۇش  ھەمدە بىر باي ئەمما تارتىنچاق، ئەخلاقلىق قىز بىلەن نامرات ئەمما باتۇر،قەيسەر بىر يىگىتنىڭ  مۇھەببەت جەريانىنى ھەمدە بىر قىسىم قۇدۇققا كىرىۋېلىپ جاھاننىڭ ھەممىسى شۇ دەيدىغان پاقا قورساق يىتمنىڭ ھەققىدىن قورىقمايدىغان بىر قىسىم كىشلەرنى چىتقا يېيىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق يازدىم  بەلكىم قاملاشمىغاندۇ.  باشقا پىكىرلەرنى كۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ پىكرىڭىزنىمۇ ئوبدان ئويلىشىپ  ئۆزگەرتكۈدەك بولسا چۇقۇم ئۆزگەرتىمەن   رەھمەت........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 12:28 PM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 12:10 PM
يازمىنى ئاۋال تولۇق يېزىڭ ئىلان قىلىڭ، ئاندىن كۆپچىلى ...

   رەھمەت  تەكلىپىڭىزنى چۇقۇم قۇلاقتا تۇتىمەن.......

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش