سىرلىق ئوۋ ئىتى
بىر ئەر ساياھەتكە چىقىپ،ئورمانلىققا كېلىپ قاپتۇ.ئورمانلىقتىكى بىر ياغاچ ئۆي ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان ئېلان تاختىسى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ.تاختىغا‹‹گەپ قىلالايدىغان ئىت سېتىلىدۇ››دەپ يېزىلغان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىك قوڭغىرىقىنى بېسىپتۇ.ئۆي ئىگىسى ئۇنى ئارقا ھويلىغا باشلاپ بېرىپتۇ.ئەر ئوۋ ئىتىنى كۆرۈپ:
-سەن راستىنلا سۆزلىيەلەمسەن؟،-دەپتۇ.
-شۇنداق.
ئەر قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قاپتۇ.
-ئۇنداقتا سەن ھېكايەڭنى ئېيتىپ باققىن.
-كىچىك ۋاقتىمدىلا گەپ قىلالايدىغانلىقىمنى بايقىغان ئىدىم.ئەزەلدىن ھۆكۈمەتكە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش خىيالىم بولغاچقا،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا بېرىپ،بۇ ئىقتىدارىمنى ئېيتتىم.ئۇلار تىزلا مېنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىدى.ئادەتتە جاسۇسلارنىڭ ياكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە پەيدا بولاتتىم،چۇنكى ھېچكىممۇ بىر ئىتنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.سەككىز يىل مابەينىدە مەنمۇ مۇھىم جاسۇس بولۇپ قالدىم.بىراق كۈندە ئۇياق-بۇياققا يۈرۈش مېنى بەكلا ھاردۇرىۋەتتى.شۇڭا بۇ خىزمەتتىن توختاشنى قارار قىلدىم.كېيىن ئايرۇپۇرتتىن خىزمەت تاپتىم.ئاساسلىق ۋەزىپەم ئايرۇپىلاندىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى يۇشۇرۇن تەكشۈرۈش ئىدى.شۇنداق قىلىپ مەن باشقىلار پاش قىلالمىغان سودا دىلولىرىنى پاش قىلدىم.نەتىجىدە ساناپ تۈگەتكۈسىز مۇكاپات،ئوردىن،مىداللارغا ئېرىشتىم.كېيىن مەن توي قىلدىم.بىر توپ كۈچۈكلىرىم بولدى.مەن ئاخىر پىنسىيەگە چىقتىم.
ئوۋ ئىتىنىڭ سىرلىق كەچۈرمىشلىرىدىن ھەيران بولغان ئەر ئىتنىڭ ئىگىسىدىن ئۇنى قانچە پۇلغا ساتىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
-10 ئامرىكا دوللىرى.
-نىمە؟بۇ ئىت بەكمۇ قالتىس ئىكەن،نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئەرزان ساتىسىز؟-ئەر ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.
-چۇنكى ئۇ بىر ئالدامچى.ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان.
......قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى......،،،،دىليار پەرھات تەييارلىغان،،،،،