مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18034|ئىنكاس: 72

غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11389
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 05:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئادەم دېگەن قىزىق بولىدىكەن. يۇرتۇڭدا، قېرىنداشلار ئارىسىدا تۇرغۇنۇڭدا خەلقئارا خەۋەرلەرگە مەستانە بولىدىغان گەپكەن. دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنى سېنىڭ ئەڭ دىققىتىڭنى چېكىدىكەن. يىراق قىرلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگىنىڭدە يۇرتۇڭغا دائىر پىچىرلاشلارغا قەدەر دىققەت قىلىدىكەنسەن. كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلسەڭ يۇرتۇڭغ ادائىر خەۋەرلەرنى ئاقتۇرىدىكەنسەن، كۇتۇپخانىغا كىرسەڭ ئۇيغۇرغا دائىر كىتابلارغائالدى بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىكەنسەن. كىتابخانىلارنى ئارىلىساڭ ئۇيغۇرغا ئائىتلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى بىرەر كىتاب ياكى بىرەر پاچە رەسىممۇ سېنى بىرۋاقىتقىچە ھاياجانلاندۇرايدىكەن. 2008- يىلى ئولۇمپىكنىڭ ئالدى كەينىدەدىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلار خەلقئارالىق گېزىت- ژورناللاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن غەرپ مەتبۇئارلىرى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا قەدەر دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدا بولغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇھاكىمىلەرنى ئىمتىھانلىرىمنى قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ كېتەتتىم. شۇنداق خەۋەرلەردىن مەن ھىچ ئۇنۇتالمىغان بىرىنى يازغۇم كەلدى.

"سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" نىڭ سىرداشلىرى

2009-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدىكى مايئەمىيدە ياشايدىغان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىندىم. دوستۇم بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپلىنىۋاتساق ئۆمرۈمدەكۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ھايۋان پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولۇپ قورقۇتىۋەتتى.دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە كىلەدىن سەل چوڭ، تىمساق بالىلىرىغىلا ئوخشايدىغان بۇ مەخلۇقنىڭ ئىسمى ئىگۋانا ئىكەن. ئادەتتە ئادەملەرگە چېقىلمايدىكەن. دوستۇم،

-مەن تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى جانۋارلارنى يات كۆرمەيدىغان، ھايۋانلاردىن قورقمايدىغان،ھايۋانلار بىلەن ئەپلىشىشكە ماھىر كىشىلەر ئوخشايدۇ، دېسەم سەن ئەجەپ قورقۇپكەتتىڭغۇ؟ -دەپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا قىزىقارلىق بىلىندى. نېمىشقا ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورۇسام ،ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتىن ئوقۇغان مۇنۇ خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى.

ئامېرىكىنىڭ غەربى جەنۇبىغا تەۋە بىر شەھەردە بىر ئۇيغۇر ئىنجىنىر ياشايدىكەن. بۇ كىشى ئەسلى غۇلجىدىن بولۇپ 60-يىللاردا ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەتكەنىكەن. سوۋېت ئىمپىرىيىسى پارچىلىنىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندا ئۇيغۇر دىيارىغا قايتماقچى بولغان بولسىمۇ ئىجازەت ئالالماپتۇ. ئاخىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ غەرىبى جەنۇپتىكى شۇ شەھەردە ياشاپ قاپتۇ. بوۋاي ئولتۇرۇشلۇق كوچىدىكى مەھەللىداشلار ئىچىدە بەزى بوۋاي مومايلاردىن باشقا كۆپىنچەيلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن پەقەت "سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" دەپلا ئاتىشىدىكەن. بۇ كىشى مەھەللىدىكى ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ يېنىغا بىرتاختاي ئورنىتىپ "بۇزۇلمىغان يىمەكلىكلەرنى تاشلىماقچى بولسىڭىز ماڭاقالدۇرۇڭ. سىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستىڭىز بۇ يىمەكلىلەر بىلەن قۇشلارنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ" دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بوۋاينىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئاتىلىپ قېلىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىكەن.

ھەر كۈنى بوۋاي سەھەر تۇرۇپ قوشنىلار ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ قېشىغا قالدۇرغان يىمەكلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ مەھەللىدىكى چىملىقمەيدانغا "داستىخان" سېلىپ يايىدىكەن. كەپتەرلەر، قۇشقاچلار، تۇرنىلار داستىخاندىكى يىمەكلەردىن چۇۋۇرلاشقانچە ئوزۇقلىنىشقا باشلايدىكەن. قۇشلارنىڭ بەزىلىرى بوۋاينىڭ دولىسىغا، بەزىلىرى بېشىغا قونۇپ ئەركىلىشىدىكەن. قۇشلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، قۇشلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ بولغاندىن كېيىن بوۋاي داچىسىنىڭ ئالدىدىكى بېغىغا ئىشلەيدىكەن. قوشنىلارنىڭ ھەيران قالغىنى بوۋاينىڭ بېغىغا يۇلغۇن، تېرەك،ئۈجمە، جىگدە قاتارلىقلارنى تىكىۋالغىىنى بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدا بۇ دەرەخلەرنىڭ بەزىلىرى ئاسان ئاينىمايدىكەن. بوۋاي يىگىرمەيىلدىن بېرى ئەجىر قىلىپ بەزى كۆچەتلەرنى نەچچە ئون رەت قايتا قايتا تىكىپ ئاخىرى ئەي قىلىپتۇ. دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئۈجمىنىڭ ئىسمى نۇزۇگۇم، تىرەكنىڭ ئىسمى سادىر، يۇلغۇننىڭ ئىسمى شىراق، جىگدىنىڭ ئىسمى سۇتۇق ئىكەن. بوۋاي دائىم بۇدەرەخلەر بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سىردىشىپ كېتىدىكەن.

بوۋاينىڭ ئىشتىن كەلگەندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشى دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بىرئىگۋانا بىلەن مۇڭدىشىش ئىكەن. بوۋاي بۇ ئىگۋاناغا ئىستىقلال دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.ئەسلى بۇ ئۇنىڭ 2009-يىلى تومۇزدا تۇغۇلغان غۇلجىدىكى تۇنجى پەينەۋرىسىنىڭ ئىسمى ئىكەن. دوستۇمنىڭ ھىكايسى شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنى توختىتىۋالدىم ۋە خەۋەرنىڭ تورئادرىسىنى يېزىۋېلىپ ئۇچقاندەك ياتاققا قاراپ چاپتىم. گېزىتتە بوۋاينىڭ ئىگۋانا بىلەن سۆھبىتى مۇنداق بېرىلىپتۇ:"ئىستىقلال، سەن قورقۇۋاتامسەن نېمە؟ ساڭانېمە بولدى؟ بۈگۈن تۈگۈلۈپلا قاپسەنغۇ؟ قورقما. بىز يالغۇز ئەمەس، بىز كۈچسىزئەمەس، بىز چارەسىز ئەمەسمىز. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى دەمسەن! قارا، ئۇيغۇرنى ئىسلامغا مۇيەسسەر قىلغان سۇتۇق يېنىمىزدا. سۇتۇق بىزگە يەتكۈزگەن مەشئەل قولۇمىزدا، ئۇلۇق بوۋىلىرىمىز قارىخانىلار زامانىسىدا ئانا تىلىمىزدا سۆزلىگەن قۇرئان باغرىمىزدا، يۈرىكىمىزگە ئەڭ يېقىن جايدا. بىز قاراڭغۇدىن قورقاتتۇقمۇ،ئېيتقىنا بىز زۇلمەتتىن قورقاتتۇقمۇ؟ مۇسۇلمان ئۆلەمدۇ؟ مۇسۇلمان قورقامدۇ؟ ياق،ماڭا باق، ئىستىقلال! ماڭا باق، سۇتۇق ئۆلدى دەمسەن؟ نۇزۇگۇمنى ئۆلدى دېمەكچىمۇسەن!ياق، ياق! ئۇلار ئاللاھنىڭ جامالىغا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار شەھىدلىك شەرىپىگەنائىل بولدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتى. سەن مېنى ئۆلمىدى دەمسەن، ياق! مەن ئۆلدۈم ئارسلىنىم. مەن ۋەتەن توپراقلىرىنى كۆزۈمگە سۈرەلمىگەن، ۋەتەن زىمىنىغا باغرىمنى ياقالمىغان، ۋەتەننىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدىكى مۇبارەك يېڭى ئايغا سالام بېرەلمىگەن كۈندىن باشلاپ ئۈلۈكمەن. سەن گەپ قىلىۋاتىسەن،ھاياتسەن دېمەكچىمۇ؟ ھەئە، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەن، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەنلا ئەمەس، ئۆلۈك قەلبىمگە ئاخىرقى نەپەسلىرىمگە قەدەر مەلھەم بولۇۋاتقان ۋەتىنىمنى زىكىر قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ بىرلار ئارزۇيۇم بار بۆرەم، پەقەت بىرلا. مۇشۇ دۇنياغابىرلا سۆزۈم بار، پۈتۈن جاھانغا ئاڭلىتىپ بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم، ئەي دۇنيا ئاڭلا بۇ ۋەتەن ماڭا مەنسۇپ! دەپ ۋارقىرىغان پېتىم بىر ئۆمۈر قانمىغان ۋەتەننىڭ باغرىغايۈرۈكۈم يېرىپ يىقىلسام دەيمەن."

مۇخبىربوۋاينىڭ قۇشلارغا بۇ قەدەر ئامراقلىقىنىڭ سىرىنى مۇنداق ئىگىلەپتۇ. ئۇيغۇرلاردائىنسانلارغا ئاللاھ ئاتا قىلغان نىمەتلەردە پۈتۈن جانسىز جانلىق ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ھەققى بار دېگەن چۈشەنچە بار ئىكەن. شۇڭا بوۋاي ئېرىشكەن نىمەتلىرىدىن ئالدى بىلەن قوشنا قولۇملارنى بەھرىمەن قىلىدىكەن، ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە تاپشۇرىدىكەن،ئاخىرىدا جان- جانىۋارلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىكەن. بۇۋاي كىچىك چېغىدا تۇرنىلارنىڭ ۋەتىنىدىكى مەھەللە ئاسمىنىدا ئۇچقانلىرىنى دائىم ئەسلەيدىكەن. ئۇ ئامېرىكىدا ئۆزى كۆرۈۋاتقان بۇ قۇشلارنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەنلىكىگە ھەمدە ۋەتىنىگە ئۇچۇپ بارالايدىغانلىقىغائىشىنىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەپتۇ "قۇشلارغا پاسپورت كېرەك ئەمەس، ئۇلارخالىغان يەرلەردە ئۇچالايدۇ، ئىستىگەن ماكانغا بارالايدۇ. قۇشلارغا ئىنسانلارسىزغان چىگرا سىزىقلىرى كار قىلمايدۇ. ئۇلار بىزدەك ۋىزىغا، ئىجازەتكە مۇھتاج ئەمەس. مەن بۇ قۇشلارنىڭ قاناتلىرىدىن ۋەتىنىمنىڭ ھېدىنى پۇرايمەن. بۇ قۇشلارمۇ مېنىڭ ھېدىمنى ۋەتىنىمگە يەتكۈزىدۇ. مەن قۇشلار بىلەن قانچە يېقىن تۇرسام ئۆزۈمنى ئەركىنلىكىمگە شۇنچە قانغاندەك ھىس قىلىمەن. قۇشلار بىلەن ئۆتكەن دەقىقەلىرىمدەئۆزەمنى قۇشتەك، ۋەتىنىمگە ئۇچۇۋاتقاندەك سېزىپ يۈرۈكۈم ۋەتەن ئاسمىنىدا تىپچەكلىگەندەك ھاياجانلىنىمەن."

بۇقۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ يادىمغا ئادىل تۇنىيازنىڭ "مۇساپىر قۇشلار، پەسىللەرگەۋەتەن دەپ يىغلار" دېگەن مىسرالىرى كەلدى. توختىماي ياش قۇيۇلىۋاتقان كۆزلىرىم بىلەن گېزىتتىكى بوۋاينىڭ سۈرىتىگە قارىدىم. سۈرەتتە ۋىجىككىنە كەلگەن،قەشقەر كوچىلىرىدا، كۇچا رەستىلىرىدە، غۇلجا بازارلىرىدا دائىم كۆرگىلى بولىدىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر بوۋايلارغا ئوخشايدىغان بۇ بوۋاي بىر ئىگۋاناغا ئېڭىشىپ نېمىلەرنىدۇردەۋاتقاندەك تۇراتتى. خەۋەردىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمداپايانسىز دېڭىز سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئالدىمدا ماڭا چەكسىزلىكنىڭ ھاياجىنىنى ھىس قىلدۇرىۋاتقان دېڭىزدا چىگرا يوق ئېدى. ئاسمانغا قارىدىم مەن ئامراق چەكسىزلىك،كەڭلىك، ئۇلۇغلۇق كۆكتە، كۆك رەڭدە ئېدى. دېڭىز كۆك، ئاسمانمۇ كۆك.، پەقەت زېمىنغىلا تۈرلۈك رەڭدىكى بايراقلار، چەكلەر تۇساقلار ھۆكۈمران ئېدى. ناخشائېيتماقچى بولدۇم، لېكىن ئاۋازىم بوغۇلۇپ "ئاسمان كۆپكۆك دېڭىز كۆك، مەن نېمىشقا زەپىران" دېگەننى ئاران دېيەلىدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 03:51 PM  


ھازىرغىچە 20 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yadikar- + 100
arzu308 + 10
تىلسىم + 100 ئۇيغۇرۇمكەن...
pasil + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
babur99 + 99 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
tumaris + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
tewelgha + 59 دۇنيا بىزدىن تەسىرلەن.
alip251 + 10 ئاشۇ بۇۋايغا ئاپىرىن .
aㄒamaη + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
barquk8 + 300 ئىسل تىما ئىكەن !!!
XERHAN + 111 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Abdul + 10 سىزگە كۆپ رەھمەت
زامانى + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
talat886 + 300 يىغلاشنى ئۇنتۇلۇپ قال.
altun + 500 ئادالەت ئىستەيمىز.
Gvljahan + 300 ئاپىرىن سىزگە ، بوۋاي.
kaisar + 50 بىۋاستەۋە يۇشۇرۇن مەن.
alser + 126 بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كىت.
مارشال + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
篮球美女 + 100 چوڭقۇر ئويغا سالغۇدەك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3103   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 19036
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6810 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:39:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،گۈلەن.
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن شۇنچە ئالدىراش بوپ كېتىپ،تېمىڭىز ئارقا بەتتە شۇنچىلىك ئۇزاق تۇرۇپ كېتىپتۇ،بۇ جەھەتتە ئالدىڭىزدا خىجىلمەن.
بۇندىن كېيىن،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەغدىم ئېتىپ،مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلگەندەك،سىزنىڭ يازغان يازمىلىرىڭىزنىمۇ بىزمۇ چوقۇم قەدىرلەيمىز،ئاللاھ يۇلۇڭىزنى ئۇچۇق،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت،ئۆز ئارزۇ-غايىلىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن.ئۇلۇغ ئاللاھ يۇرۇقلۇق ئىزدىگەن بەندىلىرىنى ھەرگىزمۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدا قويمايدۇ.شۇ زەررىچە يۇرۇقلۇق ئارقىلىق،زۇلمەت قاراڭغۇسىدىكى ھىدايەت يولىنى،ۋىجدان تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ يېتەلىسەك،سىزمۇ ئەجىر قىلغان مېۋىنىڭ تەمىنى تېتىغان بولىسىز.شۇ بېھىشلىك مېۋىلىك دەرەخنىڭ ھامان كۆكلەپ،ئانا تەبىئەت قوينۇنى شادلاندۇرالىسا،ھەممىمىز خوشاللىق ئىلكىگە چۆمىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 01:40 AM  



Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2057
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16524
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8194 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ماۋۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئەجەپ بۇلۇپ قالدىم دېسە . ۋەتەن ھەممىدىن ۋەتەن مۇھەببىتى ئۇلۇق!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1923
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1398 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:49:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇلارنى ئوقۇپ ئۇ بوۋايغا ھەم بوۋاينىڭ جاسارىتىگە ، ئۇنىڭ شۇنچىلىك مىھرىبان ، ئەقىللىق ھەم تىرىشچان ئىكەنلىكىگە ھەيران قالسام ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايدىكى قوشنىللىرىنىڭ ئۇ بوۋايغا بولغان كۆز قارشىنىڭ شۇنچە ياخشىلىقى ، ئاندىن قالسا ئۇ بوۋاينىڭ ئۆزى ئەجىر قىلىپ تىككەن مىۋە كۆچەتلىرى ياكى ئادەتتىكى كۆچەتكە بولسىمۇ شۇنچە ئۇلۇغ كىشللىرىمزنىڭ ئىسمنى قويىۋالىغنى مېنى شۇنداق چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى .
شۇ تاپتىكى ھىسىياتىم ، شۇ جايغا بىرىپ كۆرۈپ كەلسەم ........

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9803
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 2131 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:53:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي ھەممەيلەر ئۈمۈد بىلەن ياشايلى!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بىز ئۇيغۇرلار ياكى بىرەر مىللەتنى بوزەك ئەتمەي ياكى بىر كىمنىڭ زىمىنىنى بىسىۋالماي مۇشۇ ئانا يۇرتىمىزدا شۈكۈر قانائەت بىلەن ياشاۋاتىمىز دۇنيادىكى ئۈلگىلىك مىللەتلەردىسە بىزنى 1-ئورۇنغا تىزىشى كىرەك

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15865
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6627 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدە مىسرانىمدىن ئورۇن ئاپتۇ . ئۇشبۇ تىما ، ھازىر تىخى ئىزدىنىشتا ئوقۇپ بەھىرلەنگەن ئىدىم . بەك تەسىزلىك ئىكەن ، ئوقۇغاندا چۈشۈنۈپ ، تەپسىلى ئوقۇڭلار .

تۇرار ئىدى بىر قۇيرۇق تاشتا ،
بۆرە دىدى بىر سەۋبى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا .

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5005
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48073
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئامرېكىلىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن ،ئۇيغۇرنى تونۇتقان سۆيۈملۇك بوۋايغا مىڭلارچە ئاپىرىن ئېيتتىم...

ئېسىل يازمىڭىزنى  بۇ مۇنبەردە كۆ،رگىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن،قارىسام يازمىڭىزنىڭ داۋامى باردەك قىلىدۇ...

كۆڭۈللەرگە ئابىھايات زەمزەم بولغۇچى ئېسىل تېمىلىرىڭىزنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرساق دېگەن ئۈمىدتىمەن...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34642
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرلا ئۇ بوۋاينى يۇرتۇمغا ئېلىپ كېلىپ،جۈجەمدىن بىر قۇرساق يىگۈزگۈم كېلىۋاتىدۇ

سالام ئانا ۋەتەن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8827
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:28:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەمىمنىڭ تېمىسنى ھەر بىر ئوقۇغاندا شۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيمەن... تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن گۈلەن ئەپەندى....

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
雪莲花 + 10
a.sayrami + 97 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 107   باھا خاتىرىسى

بىر-ئىككى -ئۈچ! ئىتتىپاقلىق كۈچ! سالام ئۇيغۇر ئوغلانلىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش