مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 14

بەخىت ئىزلەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74534
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت ئىزلەش
شۇڭقار قادىر
چۆچەك
بۇرۇنقى زاماندا تولىمۇ باي بىر كىشى بولۇپ، شۇنچە بايلىقى، تۇرالغۇ- زېمىن، خوتۇن-بالىلىرى  بولسىمۇ بىراق، كۆڭلىنىڭ بىر يىرى كەمدەك، بەخىتسىزلىك بىشىدا ئەگىپ يۇرۋاتقاندەك سىزدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايلىقىنىڭ بىرقىسمىنى ئلتۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ھېچكىشىگە تۇيدۇرماي، ئاشۇ بەخىتنى ئىزلەپ تىپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇ نۇرغۇن چۆللەرنى كىزىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، بىر تاغ يىندىن ئوتۇپ كىتىۋىتىپ، بىر كىشنىڭ پۈتۈن ئېخلاسى بىلەن ئىبادەت قىلۋاتقىننى كۆرۇپ، بۇ دانىشمەندىن مەسلىھەت سۆراپ بىقىش نىيتىدە ئاستا يىندا نامازنىڭ ئاخىرلىشىنى كۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. دانىشمەن نامازخان نامازنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بايغا قاراپ:
-ئەسسالام ئىزىز مېھمان، قەدىمىڭىزغا مۇبارەك! بىرەر ھاجەت بارمىدى؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەن كۆڭلۇمنىڭ بىر يىرىدە بىر نىمىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى بەخىت دەپ بىلدىم، مەن ئاشۇ بەخىتنى ئىزلەيتىم. سىز ماڭغا ياردەم قىلىپ تىپىپ بەرگەن بولسىڭىز؟- دەپ بىشىدىن ئوتكەن كەچۇرمىشنى بايان قىلىپتۇ.
ئۇنداقتا سەن بايلىق خالتاڭنى مۇنۇ يەرگە قويۇپ، دەرھال كۆزۇڭنى يۇم، مەن ئاچ دىمىگۇچە ھەرگېز ئاچما، شۇچاغ سەن نىمىنىڭ سەن ئىزلىگەن بەخىت ئىكەنلىكىنى بىلسەن.-دەپ چۇشەندۇرۇپتۇ دانىشمەن.
باي كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ:«مەن ئېزلىگەن بەخىت ئاسانلا قولغا كىلدىكىنە! جاپا ترتىپ شۇنچە باياۋاندا ئايلىنىپ يۇرۇپتىمەن دىسە.....؟!» خېيال دىڭىزغا غەرق بولغان باي بىرچاغدا:«ئەجەپ كۆزۇڭنى ئاچ دىمەيدىغۇ؟!» دەپ ئويلاپ كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى ئادەمسىز بىر جايدا كۆرۇپتۇ. قارغۇدەك بولسا دانىشمەن ھېچ يەردە كورۇنمىگۇدەك. ئۇ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ:« مىنىڭ بايلىقىم، مەن گادايغا ئايلاندىمغۇ؟!» دەپ يېغلىغانچە دانىشمەننى قوغلاپتۇ.
باينىڭ ئىسمى قاسىم بولۇپ، قاسىم باي نامراتلار ئارىسىدا ئاچ-توق قىلىپ، ئۇرلۇپ-سوقۇلۇپ، كۈنلىرنى ئاران ئىلۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىسىدە، بىر قانچە كىشى دېڭىز سەپىرگە ئادەم ياللىغىلى كىلىپ، قاسىم باينىمۇ ياللاپتۇ. ئۇنىڭ خەت ساۋادى، ھېساۋاتققا ئۇستا ئىكەنلىكىنى ، بىر قانچە تىلنى بىلدىغان ئالاھىدىلكى، كاپتانغا يىقىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كاپتان ئۇنى مەخسۇس ئۆزنىڭ كاتىپى قىلىپ بەلگىلەپ، دېڭىز سەپىرنى باشلاپتۇ.
ئۇلار بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن، كۈچۈك دېڭىز دولقۇنى كۆتۇرلۇپتۇ.
-ئارىمىزدىن بىرسىنى دېڭىزغا تاشلىمىساق ھەممەيلەن ھالەك بولمىز، قانداق قىلىش كېرەك؟كىم ئۆزىنى مۇشۇ يولدا قۇربان قىلىشنى خالايدۇ؟- ھەممەيلەن جىمىپ كىتىپتۇ، بۇچاغدا قاسىم باي ئورۇندى تۇرۇپ:
-مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلغان مۇساپىر، تارتىشىدىغان ھېچ نەرسەم يوق، ناۋادا سىزلار مىنىڭ كىشلەردىكى قەرزىمنى قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرسەڭلار مەن قۇربانلىق بولاي دەپتۇ. ئۇلار بىردەك ۋەدە بىرىپ، ئۇنىڭغا جەننەت تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزلەۋاتقان نەرسىنى تىپىۋالغان تۇيغۇغا كىلىپ،« ئاللاھ، ئۆزەڭگە سېغىندىم!» دەپ كۆزىنى يۇمۇپ دېڭىزغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ. شىددەتلىك كەلگەن دولقۇن ئۇنى يالماپ كەتكەندىن كىيىن ، دولقۇن پەسىيىپ، كېمىدىكىلەر ئامان قىلىپ، ولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار دېڭىزدا سەپىرنى داۋاملاشتۇرغاچ تۇرسۇن، ئەمدى، بىر قاسىمنىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە قاراپ باقايلى:
قاسىمنى دېڭىزنىڭ دولقۇنى ئادەمسىز بىر ئارالنىڭ ساھىلغا چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۇ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ھۇشىغا كىلىپ، ئەتراپقا بىقىپتۇ. ياپيېشىل ئارالنى كۆرۇپ«يائاللاھ» دەپلا ئارال ئىچىگە ئىچكىرلەپ مىڭىپتۇ.ئۇ ياۋا مىۋلەرنى تىرىپ يەپ جان بىقىپ يۇرۇپ، بىر قانچە كۈنلەرنى ئوتكۇزگەندىن كىيىن، بىر كۈنى غايەت زۆر بىر دەرەخ ئاستىدا تۇپتۇز ئوچچۇقچىلىقنى كۆرۇپ، ئاللاھقا سېغىنىپ، بىر نەچچە رەكەت ناماز ئوقۇپ تۇرسا يۇغان بىر قۇش ئۇيەرگە قونۇپ، ئارام ئىلىپ يىتىپتۇ، دەسلەپ قاسىم قورقۇپ، يىقىن يولماي مۇكۇپ كۇزىتىپتۇ. كىيىن، ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ بىقىپتۇ. بىراق قۇش ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، بەخرامان ئارام ئىلىپ تۇرغىنى سىزىپ، ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ، ئارام ئالدىغان بولۇپتۇ. ئاردىن بىر نەچچە ئاي ئوتۇپ، ئۇمۇ قۇشتىن يىتىرقىمايدىغان بولۇپتۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ كاللىسىغا قۇشنىڭ پۇتۇنى تۇتۇپ ئادەم بار جايغا قايتىپ بېقىش ئويى  كىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشنىڭ كۆتۇرلۇش ۋاقتىنى مولچەرلەپ، قۇشنىڭ پۇتۇنى مەھكەم تۇتۇپ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپتۇ. قۇش ئاسمانغا كۆتۇرلۇپ، ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. قۇش نۇرغۇن دېڭىز ۋە تاغلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ، ئاۋات بىر شەھەرگە كەلگەندە ئاستا-ئاستا پەسلەشكە باشلاپتۇ. قاسىم ياخشى مولچەرلەپ، ئېگىز بىر ئىمارەت ئۇستىگە يىقىنلاشقاندا چەبدەشلىك بىلەن ئېمارەت ئۇستىگە سەكرەپتۇ. بۇچاغدا بۇ قۇشنى كۇزىتىپ تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ ئادەملىرى، قاسىمنى پادىشاھ ئالدىغا ھازىر قىلىپتۇ.
-سەن نىمە ئادەم؟ نىمە ئۈچۈن قۇشقا مىنىپ بىزنىڭ شەھەرگە كىلىسەن ،-دەپ سوراپتۇ.
مەن بىر  باي ئىدىم.....- قاسىم بىشىدىن ئوتكەنلەرنى سوزلەپ بىرىپتۇ.
پادىشاھ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ھېلىقى دانىشمەننى تاپتۇرۇپ كىلىپ، ئۇنىڭدىن باينىڭ پۇلنى ئىلىپ قىچىش سەۋەبىنى سۆراپتۇ.
-    بۇكىشنىڭ ئېيىتقىندىن قارغاندا،-دەپتۇ دانىشمەن تەمكىن ھالدا،-بىر ئومۇر ئازاپ تارتماي، راھەت-پاراھەتتە ياشىغان، مەن پۇلنى ئىلۋالسام يىندىكى نەرسىنىڭ قەدىرى ئوتۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەرياننىڭ مۇرەككەپلىكىنى بىلەتتى. قارغاندا بۇ كىشى ئىزلىگەن نەرسىنى تاپتى بولغاي.
ئەسلى بەخىت دىگەن يىنىمىزدىلام. ئۇنى بىلىش كەمچىل خالاس.
-توغرا گەپ ،- ئۆزىنى بېسۋالالماي  ۋاقىراپ سوزلەپ كەتتى قاسىم باي.- مەن ئىزلىگەن بەخىتنى تاپتىم. مەن باشقىلار ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىپ، باشقىلارنى تەسىرلەندۇرگەندە، بەخىتنىڭ ئەسلى خۇشاللىق بىغىشلاش ئىكەنلىكىنى چۇشەندىم. رەھمەت دانىشمەن! مەن چوقۇم ئۆزۇمنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆز تۇرمۇش جەريانىمدا تاپالايدىكەنمەن. ئەسلى ھاياتلىقنىڭ ئۆزى خۇشاللىق، بەخىت ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
پادىشاھ قاسىم بايغا نۇرغۇن بايلىق بەرمەكچى بولۇپتۇ، لىكىن قاسىم باي:
-مەن بايلىقىمنى تاپتىم، بۇلارنى تۇرمۇشى نامراتلىق ئىچىدە قالغان ، ھاجەتمەن پۇقرالارغا بەرگەيلا ،-دەپ دانىشمەندىن ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئىلىپ، ئۆزيۇرتىغا قاراپ راۋان بولۇپتۇ.
مەنبە: شۇڭقار قادىر ئىجادىيتى.
2012-يىل2-ماي   ئۈرۈمچى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79507
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 02:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ

كۆرئىتقا باش بولسا ئارسلان،ئىتلارمۇبۇلۇر ئارسلانسىمان
گەربولسا ئۇئىت ئارسلانغاباش.ئارسلانلارمۇھەم ئىتتەك ھامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79503
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايە، ھەممە ئادەم نىمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك.

تۇغۇلۇش ئۆلۈمگە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5017
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9606
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 5174 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:18:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخت

دىلشاد

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقتىمدا،ئايدىڭ ئاخشاملاردا، ئۇلۇغ بوۋام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئەسلەتتى....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!
sosār-ㄒumāk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14068
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2012 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز جۇما.

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئىچىدىكى چۆچەك، مەسەل، ماقال - تەمسىل...قاتارلىق ژانىرلاردا ئادىمىيلىكىمىز ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىسىل ھېكىمەتلىرىمىز باركەن، بىزگە قاچانلاردا يېڭىلىققا ئىنتىلىش، يېڭىلىق يارىتىش دېگەن جىن چاپلاشتى، شۇندىن ئىتىبارەن گۆھەرنىمۇ كونا دەپ كارىمىز بولماپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇنبىرىمىزدە كىتاب ئۇقۇيدىغانلار ئاز ئوخشايدۇ. دېمەكچى مەنكى، بۇ چۆچەك  ئەرەبلەرنىڭ  مەشھۇر كىلاسسىك كىتابى « مىڭ بىر كېچە»  دىكى ( سىندىباد  نىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ) دېگەن بۆلىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلىپتۇ .  ھەممىگە مەلۇملۇق چۆچەك خىيالى ئەسەر ،ئەمما خىيالىغا كەلگەننىلا  تىرىپ ئەكىلىپ ياكى ئۆزگەرتسىلا ئىجادىيەت بۇلۇۋېرىدىغان ساختىلىق ئەمەس.
          يەنە مەقسىتىم قانداقتۇر سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سېپىش ئەمەس، بەلكى سىزنى تېخىمۇ تېرىشسىكەن دەيمەن.ئەلۋەتتە، مەن بىر شەخىسنىڭ كۆز قارشى قانچىلىغان مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسى ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەس.

Man uzumga kiliwatiman!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7401
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9095
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ھىكايە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش