مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: alma123

جەنۇبىي دېڭىز ئۇقۇمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1493 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 06:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىز ئەمەلىي كونتىرول قىلىۋاتقان دېڭىز كۆلىمى ماۋۇ خەرىتىدىكىنىڭ نەچچىدەن بىرىگە توغرا كېلىدىغۇ دەيمەن ،نۇرغۇن ئاراللارنى ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر  ئىگەللىۋالغان

بايتۇرا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 06:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 06:45 PM
9مىليۇن 600مىڭ كۇۋادىرات كىلۇمىتىر زېمىن پەقەت قۇرۇقلۇ ...

رەھمەت سىزگە.مەن دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى دىڭىز مەسىلىسىدە يىقىنقى پوزىتسىيەسىدىن بۇ جاينىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىستىراتىگىيەلىك زىمىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم،لىكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمى قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىز كۆلىمى جەھەتتە چۈشەنچەم ئاجىز ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 08:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى (فولكلاند تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىگە تەۋە ئاراللار توپى بولۇپ، ئاراللار بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئارىلىقى 450 كىلومېتىر كېلىدۇ.
     ئارالنىڭ يەر مەيدانى تەخمىنەن 12 مىڭ173 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ئاراللار سۇلەيدا (شەرقىي فولىكلاند)، چوڭ مالۋىناس (غەربىي فولىكلاند) ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېدىرلىقلار، سازلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - توقاي بولۇپ، كۆپىنچىسى تاشلىق قىرغاقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار سوغۇق بەلباغقا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ئەمەس، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5.5، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەر 250 كۈندىن ئاشىدۇ.
    نوپۇسى:مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ 2007-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى مۇقىم تۇرۇشلۇق3105 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ 70% نى ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 65% خىرىستان دىنى ئانگىلىكان مەزھىبىگە، 30% كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە ئاھالە ئەنگىلىز تىلى ئىشلىتىدۇ.
    پايتەختى: مالۋىناس ئاراللىرىنىڭ پايتەختى مالۋىناس پورتى بولۇپ، ئەنگىلىيە ئارالنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پايتەخت نامىنى ستانلى پورتى دەپ ئۆزگەرتتى.  مالۋىناس پورتىدا 1500ئاھالە بولۇپ، پۈتۈن ئارال ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسىگە قاراشلىق ئارمىيە ئەسكەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى(تەخمىنەن 10مىڭ ئەسكەر) پايتەختكە مەركەزلەشكەن.
    ئىقتىسادى: مالۋىناس ئاراللىرىدا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك يوق بولۇپ، ئاھالىسى ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  ئاساسلىق قوي، كالا، ئات بېقىلىدىغان چارۋىچىلىق مەيدانلىرى كەڭ بولغاچقا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 25مىڭ دوللاردىن ئاشىىغان جەنۇبى ئامېرىكا رايونى بويىچە ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. مالۋىناس ئاراللىرىدا ھەرخىل ياۋا دېڭىز قۇشلىرى ياشايدۇ، پىنگۋىنلارنىڭ سانىلا تەخمىنەن 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. مالۋىناس ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا مول بېلىق بايلىقى ۋە نېفىت-دېڭىز ئاستى تەبىئى گازلىقى بايقالغان بولسىمۇ ئارگېنتىنا ۋە ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش تۈپەيلى بۇ يەردىكى زور ئىستىقبالغا ئىگە بايلىقلار قېزىلمىدى، شۇنداقلا ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ۋە يېڭىدىن نوپۇس كۆچۈرۈش ئىشلىرىمۇ زور خەلقارا مەسىلىگە ئايلىنىپ قاتمال ھالەتتە تۇرۇپ قالدى.
   قىسقىچە تارىخى:  بۇ ئاراللار 1513-يىلى فىرانسىيە تەرىپىدىن بايقىلىپ 1520 - يىللىرى ئەتراپىدا كىشىلەر كۆچۈپ بارغان. 1764 - يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ جايدا ئولتۇراق جايلارنى سېلىپ بۇ جايغا «مالۋىنېس ئاراللىرى» دەپ نام بەرگەن. كېيىن 1767 - يىلى ئىسپانىيە  ىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان كېلىشىم بويىچە بۇ ئاراللار ئىسپانىيىگە بېرىلگەن، ئاراللارنىڭ نامىنى مالۋىناس ئاراللىرى دەپ قوللانغان. ئارگېنتىنا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مالۋىناس ئاراللىرى ئارگېنتىناغا تەۋە بولغان بولسىمۇ، ئادەم ئاز، ھۆكۈمەتنىڭ كونتىرۇللىقى چەكلىك بولغانلىقتىن بۇ جاي بىر ھۆكۈمەتسىز دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە قاچقۇن جىنايەتچىلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالغان. 1833-يىلى ئەنگىلىيە مالۋىناس ئاراللىرىغا قوشۇن چىقىرىپ ئىشغال قىلغان ۋە ئارال نامىنى فولكلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئارگېنتىنانىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئاجىز بولغانلىقتىن ئارگېنتىنا پەقەت  ئىزچىل تۈردە مالۋىناس ئاراللىرى ۋە  مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىن 1000 كىلومېتىر شەرقى جەنۇپتىكى ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان جەنۇبىي گېئورگىيە ۋە جەنۇبىي ساندۋىچ ئاراللىرىغا  ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ۋە ئاساسى قانۇنىغا بۇ ئاراللارنىڭ ئارگىنتىنانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن مادىنى قوشقان، ب د ت غا قايتا-قايتا زىمىن تەلىپىنى تېنچ بىر تەرەپ قىلىش ئىلتىماسىنى قويغان.

     1982 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئارگېنتىنا مالۋىناس ئاراللىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئارالنى قايتۇرۇۋالغان ۋە ئارالنىڭ نامىنى مالۋىناس ئاراللىرى دەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەركىزىنى مالۋىناس پورتىغا ئۆزگەرتكەن. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرى بىلەن بۇ ئاراللارنى قورشاپ قايتا كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالدى. بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ئارگېنتىنا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش تۈگىمىگەچكە مالۋىناس ئاراللىرى دۇنيادىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى فىلىپپىن تاقىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى  300مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى 7100دىن ئارتۇق چوڭ -كىچىك ئارالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالدىكى لۇزون ئارىلى بىلەن جەنۇبتىكى مىنداناۋ ئارىلى ئەڭ چوڭ، بۇ ئىككى ئارال پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. 500چە ئارالنىڭ يەر كۆلىمى5.2كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ. فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراللاردا 10مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان ياشايدۇ.


تۇلۇق ئاتىلىشى _ فىلىپىن جۇمھۇرىيىتى
رەھبىرى _ بېننىئو . ئاگىنو 3
پايتەختى _ مانىلا
ئاساسلىق تىلى _ فىلىپىن تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلى
ئاساسلىق دىنى _ كاتالوك دىنى ، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى
ئاساسلىق مىللىتى _ تاگالوگ مىللىتى ، سېبۇ مىللىتى ۋە ئىلوگا مىللىتى
ئاساسلىق شەھەرلىرى _ مانىلا ، كۋېزون شەھىرى ۋە سېبۇ شەھىرى
نوپۇسى _ 94مىليۇن 13مىڭ 200 (2010)
زىمىنى _ 299764 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ماتورلۇق قاتناشنىڭ ھەيدەش يۆلىنىش _ ئوڭ تەرەپ
پۇل بىرلىكى _ فىلىپىن پىسوسى

     نوپۇسى: 91مىلىيۇن77مىڭ. ئاھالىسىنىڭ 96% يەرلىك مالاي مىللەتلىرى بولۇپ تاگالوگلار 28%، كۇبانولار 29%، ئىلوكانولار 9%، بىسايانالار 7.6%، ئىلوڭگولار 7.5%، بىكوللار6%، قالغىنىنى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز باشقا مالاي مىللەتلىرى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگولۇقلار ، ھىندونېزىيىلىكلەر ، ئەرەبلەر، ھىندىلار، ئىسپانلار ۋە قىسمەن يەرلىك ئاھالىلەر بار. 80% ئاھالە كاتولىك دىنىغا، 5.5ئاھالە پروتېستانت دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. 10% ئاھالە ئىسلام دىنى شافى مەزھىپىگە ئېتقاد قىلىدۇ . 2% بۇددا دىنى ۋە 1.8% ئىپتىدائىي دىنلارغا ئىشىنىدۇ.
    تىلى: لوزۇن ئارىلىدىكى ئاساسلىق مىللەت تاگالوگلارنىڭ تىلى دۆلەت تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئىسپان تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 80 خىل يەرلىك شىۋىلەر بار.
    سىياسىي تۈزۈلمىسى: جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت . جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرىزدېنتى ھەم دۆلەت باشلىقى، ھەم ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىرىزدېنت بىۋاسىتە سيلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل، قايتا سايلىنىشقا بولمايدۇ. قانۇن چىقىرش ھوقۇقى دۆلەت مەجلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن تەشكىل قىلىنغان.
     دۆلەت بايرىمى : فىلىپپىننىڭ دۆلەت بايرىمى ئىككى بولۇپ،( 1898-يىلى) 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىسپانىيەدىن ئايرىلغان كۈنى، 1946-يىلى 7-ئاينىڭ4-كۈنى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى.
      قىسقىچە تارىخى : مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 ـ  1000 يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە مالاي تىل سېستىمىسىدىكى بەزى مىللەتلەر بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللارغا ئىلگىرى كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. . 15-ئەسىردە، ئىسلام دىنى مىنداناۋ ئارىلى ۋە سۇلۇ تاقىم ئارىلىغا تارقىلىشقا باشلىغان. 16- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇ رايوندا ئىككى سۇلتانلىق قۇرۇلغان. 1565- يىلى ئىسپانىيە سېبۇ ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 300يىللىق مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە فىلىپپىن خەلقى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىسپانىيىلىكلەر بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى زادىلا قوغلاپ چىقىرالمىغان. بۇ جەرياندا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى شۇ چاغدىكى ئىسپانىيە پادىشاھ فىلىپنىڭ نامى بىلەن بۇ رايوننى فىلىپپىن دەپ ئاتىغان ۋە زور كۈچ بىلەن مەجبۇرى يۇسۇندا كاتولىك دىنىنى تارقاتقان. نەتىجىدە فىلىپپىندىكى ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەر كاتولىك دىنىغا كىرگەن.
           فىلىپپىنىىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى123مىلىيارد دوللار، كىشى بېشىغا 1415دوللار توغرا كېلىدۇ. 2002-يىلى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىقتىسادى تېز ئەسلىگە كېلىپ يىللىق ئېشىش5% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
         
فىلىپىننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 40 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ . ھاۋا كىلىماتى پەسىللىك ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان ھاۋارايىغا مەنسۇپ . تىمپىراتۇرىسى يۇقىرى يامغۇرى كۆپ ،ھۆللۈك يۇقىرى . ھەر ئايدىكى ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇسى 24-28 سېلسىي گىرادۇس . بۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىش توغرا كەلسە 1-ئاي ، 5-ئاي ، ۋە 12-ئاينىڭ ئالدى كەينىدە بارسا بولىدۇ ،چۇنكى باشقا 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىق تەيفېڭ بورىنى چىقىدىغان پەسىل ، 7-8-ئايلار بولسا يامغۇر كۆپ ياغىدىغان ۋاقىت بولىدىغان ئايلار .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73912
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەرىتىگە سىزىلغان تېرىتورىيە ناھايىتى يۈزسىزلىك بىلەن سىزىلىپتۇ ، قايسىڭلار خەرىتىگە قاراپ تۇرۇپ ، ئەگەر مەن فىلىپپىنلىك بولغان بولسام دەپ ئويلاپ باقتىڭلار ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە جىق دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان جەنۇبى دىڭىز نىمىشقا بىر تويماسلارغىلا تەۋە بولغىدەك،قارىسام تاس قاپتۇ چىگرا سىزىقىنى ھىندىنۇزىيەنىڭ تەۋەلىكىگە ئەكىرىۋالغىلى.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئامرىكىنىڭ ئويۇنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19775
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5677
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2182 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگونى بۇلتۇر ۋىيىتنام بوزەك ئەتتى بۇيىل فىلىپىن بوزەك ئىتىۋاتىدۇ،ئامال يوق جۇڭگونىڭ كۈچى ھازىر فىلىپىنگە يەتمەيدۇ يەنە150يىل دىن كىيىن ئاندىن جۇڭگو كۈچلىنىپ فىلىپىننى بىسىۋالسا بولىدۇ ،ھازىر جۇڭگوفىلىپىن بىلەن ئۇرۇشسا ئىنىقلا جۇڭگو يىڭىلىپ قالىدۇ

ئىتىقاتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك-ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قىزغىنلىق كۆرسەتتى، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي نۇقتىسىنى شەرقتىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتالمىش دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىنى قوغداش دېگەن باھانە بىلەن جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسىغا ئارىلىشىپ، قىسمەن دۆلەتلەرنى ئازدۇردى،   بەلكىم ئامىركا فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونى دىڭىز ئۇرۇشىغا سىلىپ قويۇپ ئاخىرى ب د ت تىنىچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ نامىدا خۇڭيەن ئارىلىغا ئامىركا بايرىقىنى قادىشى مۇمكىن شۇڭا جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن باراۋەر ئاساستا سۆھبەتلىشىپ بۇ مەسىلىنى تىنىچ ھەل قىلىشى كىرەك

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1495
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەيۋەن ئۆلكىسى دېيشلىردىن ئايلىناي.......

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش