|
|
|
|
تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى قارلەيلىسى مېھمانسارىيىدا تالانتلىق شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، تۆھپىكار مۇھەررىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىپتۇ ھەم ئوسمانجان ساۋۇتقا تون كەيگۈزۈپتۇ.تارىم ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىپتۇ. يىغىندا، ئازات سۇلتان، مۇھەممەت پولات، نەسرۇللا ئابلەت، روزى نىياز، غەيرەتجان ئابدۇراخمان ئۇزغار، خۇدابەردى ئابدۇللا، ئايسىمە ئىدرېس، چىمەنگۈل ئاۋۇتلار ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ھەم شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈپتۇ. قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئەدىبلەر، ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ژۇرناللار ۋە ئورۇنلار ئۆز كۆڭۈل سوۋغىسىنى ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىغا تەقدىم قىپتۇ.
(مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى پولات ئاماننۇرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى زىيارەت قىپتۇ. زىيارەت خەۋىرى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى "رادىيو ژۇرنىلى" پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىپتۇ. ئەمدى بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى .
(ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
مەنبەhttp://tarimweb.com/html/yengiliq/edebi/2012/0329/osawut.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 11:29 AM
|
|
|
|
|
|