مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4207|ئىنكاس: 47

ئامېرىكا ئىستراتىگىيىسىنىڭ «مەركىزىي ئوقىنىڭ بۇرۇلىشى» دىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14175
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكا ئىستراتىگىيىسىنىڭ «مەركىزىي ئوقىنىڭ بۇرۇلىشى» دىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان جۇغراپىيىۋى سىياسىتى

ئاپتورى: يۈ شىيۈ (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

VO5~{XUO}0875E(1~{C]VWR.jpg

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ بىر قاتار تەرەققىياتلىرىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ: غەرب ھۆكۈمەتلىرى بېرمىنىڭ ئىچكى سىياسىيسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇردى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تۇنجى قېتىم بېرمىنى زىيارەت قىلدى؛ بىرىنچى تۈركۈم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرى دارۋىن پورتىدىكى بازىغا ئورۇنلاشتى، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى «تارىخىي خاراكتېرلىك بىر كۈن» دەپ جاكارلىدى؛ ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن سكاربورگ شوئال ئارىلىدىكى جۇڭگو-فىلىپپىن تىركىشىۋاتقان پەيتتە بىرلەشمە دېڭىز مانىۋېرىنى باشلىدى؛ ھىندىستان تۇنجى قېتىم يىراق مۇساپىلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلىپ، ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتى؛ «ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىجارە ۋاقتى 2016-يىلى توشقاندىن كېيىن، بەش بۇرجەكلىك بىنا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك جاي دىگوگارتسىيە بازىسىدىن ۋاز كېچىپ، شەرقتە ئاۋسترالىيەنىڭ كوكوس ئارىلىغا (Cocos Islands) ئورۇنلىشىشقا تەييارلانغان.

ئامېرىكا بىلەن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ئەشەددىي دۈشمىنى ۋېيتنام ئىقتىساد ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى تېزلىتىشتىن سىرت، ياپونىيە مېكون دەرياسىدىكى 5 دۆلەت بىلەن 4-ئاينىڭ 21-كۈنى توكيودا يىغىن ئاچقاندا، «ھەمكارلىق ئىستراتىگىيىسى 2012» نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ توكيو 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ياپونىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان بېرما پرېزىدېنتى زېيىن سېيىنغا 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ۋەدە بەردى ھەمدە قايتىدىن تەرەققىيات ياردىمى تەمىنلىدى. ۋېيتنام باش مىنىستىرى نگۇيېن تان دۇڭ توكيودا ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ماجراسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىشىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلدى.

بۇ بىر قاتار تەرەققىياتلارنىڭ كەينىدە، سام تاغىنىڭ سايىسى بارلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈپ يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالغانلىقىدەك خەلقئارالىق چوڭ مۇھىتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ مەن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يىغىنچاقلىغان كۈچلۈكلەردىن يىراقلىشىپ ئاجىزلار بىلەن بىرلىشىشنىڭ تىپىك ئىستراتىگىيىسى. يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاچقۇچلۇق ئىش بولسا ئوباما ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك «مەركىزىي ئوقىنىڭ بۇرۇلىشى» 10 يىللىق «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» تىن بۇيانقى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان سىياسىي توقۇنىشىنى پەندىنپەي سۇسلاشتۇرۇپ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» دىكى ئاساسلىق باشلامچىلىق تالىشىش ئوبيېكتىنى ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قاراتتى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ  «مەركىزىي ئوقىنىڭ بۇرۇلىشى» ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق ئورنىغا ھەقىقىي تەھدىت سالىدىغىنى سىياسىي ئىسلام ئەمەس بەلكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. باشقا يەنە ۋاشىڭتوننىڭ ئوخشىمىغان خەلقئارالىق دۈشمەنلىرىنىڭ «سەرخىل ئات» ۋە «ئاقساق ئات» لىرىغا قارىتىلغان، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان سوغاق ئۇرۇشتىكى «ئۇنۋېرسال قىممەت قارىشى» دىن ئىبارەت يۇمشاق كۈچى ھەمدە ش ئا ئە ت نىڭ ۋارشاۋا ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتىدىكى خەلقنىڭ قوللىشىدەك غايەت زور ئۈستۈنلىكىنى سىنىغان ئىدى. 10 يىللىق «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» كۆرسىتىپ بەردىكى، ئامېرىكىنىڭ سوغاق ئۇرۇشتىكى بۇ ئىككى چوڭ ئۆتكۈر قورالى سىياسىي ئىسلامغا تاقابىل تۇرۇشتا كالىنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالغاندەك ئىش بولۇپ قالدى، ئەمما ھازىر  «مەركىزىي ئوق » نىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بۇرۇلىشى يەنىلا ناھايىتى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە قىلدى: ۋاشىڭتوننىڭ يېقىندا ئاۋسترالىيەدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ «ئارقا ھويلىسى» بېرمىغا قاراتقان بىر قاتار ھۇجۇملىرى «ئۇنۋېرسال قىممەت قاراش» ۋە خەلق رايى كوزىرىنى كۆرسىتىپ بەردى، بېرما ھەقىقەتەن بېيجىڭنىڭ «ئاقساق ئېتى» ئىدى.

0B~8WGJSY~PVT7T){~S8A0E.jpg

مەن ئەخلاق نوپۇزى قىزىل رەقىمىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن، بۇ بالا قازانىڭ ئىچكى قىسىمدىن كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ھوقۇقنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان تاشقى بالايى-ئاپەت بولۇپ قالىدۇ. يېقىنقى چوڭچىڭ رەھبەرلىرىدىكى سەتچىلىك ئېنىق مىسال بولالايدۇ، يۇقىرى قاتلامنىڭ چىرىكلىشىشىنى بىۋاستە ئاشكارىلاپ بەردى، ئەينى يىللاردىكى لىن بىياۋ ۋەقەسى ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىدىكى ماۋزېدوڭ خۇراپاتلىقىنى ۋەيران قىلغانلىقىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋەقە چەتئەللەردىكى زاتلارغا بىۋاستە چېتىلىپلا قالماستىن، شىياڭگاڭ «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا، ئامېرىكا يۇقىرى قاتلىمىنىڭ جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ چىرىكلىشىش ھادىسىسىگە دىققەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەلقئارالىق ئىتتىپاق بېيجىڭنىڭ باشقا بىر ئېغىر ئاجىزلىقى. شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەمەلىي كۈچلەرنىڭ ۋەزىيەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى:

كۆرىنەرلىك قاراش بولسا ياپونىيەنىڭ خارابلىشىشىدۇر. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى» يېقىندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ قەد كۆتۈرگەن كوزىر كارخانىلىرىنىڭ زاۋالىققا يۈز تۇتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يەر شارى زومىگىرى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن ئىستىمال ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى. كۆپ يىللىق سانائەت ماگناتى سونىي، شارپ، پاناسونىك قاتارلىق شېركەتلەر داۋاملىق زىيان تارتىپ خادىم قىسقارتقان، شارپ شېركىتى تەيۋەن مەبلىغىدىكى خوڭخەي شېركىتىگە پاي چېكى ۋە زاۋۇتىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان، ھەممىسى ئىسپاتتۇر.

جەنۇبىي كورىيەنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى سېلىشتۇرما قىلساق، ئەنئەنىۋى ياساش سانائىتى ۋە ئېلىكترون سانائىتى ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىدى. خەلقئارالىق سەھنىدە، «جەنۇبىي كورىيە ئېقىمى» مەدەنىيىتى چەتئەللەرگە كەڭ تارقىلىپلا قالماي، جەنۇبىي كورىيەلىكنىڭ ب د ت باش كاتىپى بولىشى ۋە جەنۇبىي كورىيە مۇھاجىرىنىڭ دۇنيا بانكىسى باشلىقى بولۇشى دۇنياۋى تەسىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئەكىس ئەتتۈرگەن ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە سېلىشتۇرما بولغىنى، پاكىستان ئىقتىسادى ئالغا باسالمىدى، سىياسىي جەھەتتە داۋاملىق ئاستا-ئاستا پارچىلانماقتا. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى يېقىندا پاكىستاننىڭ بالوچىستان ئۆلكىسىنىڭ «مۇستەقىللىقىنى ئۆزى قارار قىلىش» نى قوللايدىغان لاھىيىسىنى ماقۇللىدى. بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى بېيجىڭ دائىرلىرى پاكىستاندىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.

بىر تارىخىي ساۋاقنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. فرانسىيە-پرۇسسىيە ئۇرۇشى بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىككىنچى ئىمپىرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تېزلىكتە قەد كۆتۈردى، بىر مەھەل ياۋروپا قۇرۇقلىقىغا باش بولۇپ، يەر شارىۋى چوڭ دۆلەت بولۇشنى كۆزلىگەن ئىدى. بۇ يۈزلىنىش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇرۇلۇش ياسىدى، ھەل قىلغۇچ بىر ئامىلى بولسا گېرمانىيە تاللىغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ داڭلىق گېنرالى لۇدېندورف ئاۋسترىيە-ھونگىرىيە ئىمپىرىيىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن گېرمانىيە پادىشاھىغا دوكلات قىلىپ:«بىز بىر جەسەت بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپتىمىز» دېگەن ئىدى.

تېخىمۇ نەس باسقىنى، گېرمانىيە ئەمەلىيەتتە ئىككى جەسەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، يەنە بىر جەسەت بولسا ئاۋستىرىيە-ھونگىرىيە ئىمپىرىيىسىگە ئوخشاش زاۋالىققا يۈزلەنگەن ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئىدى.

بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە بېيجىڭنىڭ ئاساسلىق ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆزىتىپ باقساق: پاكىستان، شىمالىي كورىيە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بار. «جەسەت» دەپ تەسۋىرلىسەك ئېھتىمال ئاشۇرۇپ تاشلىغانلىق بولار، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۇرۇغۇپ تۇرغان ئىشەنچىلىك ئوبيېكىت ئەمەس، ھەتتا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئەمەلىي گەۋدىمۇ ئەمەسلىكى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

مەنبە: ئاپتورى يۈ شىيۈ شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 09:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4906
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4379 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5749
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاۋال تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن
مەن مىسرانىم مۇنبىرى ئەزالار چ چ  توپ نۇمۇرنى ئىزدەپ قالدىم  

يەنە  يالغۇزلۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 508
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزنىڭ ئىتپاقداشلىرى. ھالى خاراپ قۇڭالتاق دۆلەتلەركەن

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1868
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن  بىلىۋالدىم  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6541
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5555
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس..قۇڭالتاق  دۇلەتلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزنىڭ ئىتپاقداشلىرى ئىچىدە ئىران ئانچە مۇنچە ئەز قېتىشى مۇمكىن . قالىغىنىنىڭ ھەممىسى  جۇڭگونىڭ ئۇلارغا بېرىۋاتقان پۇلى ئۈچۈنلا دوست بولىۋاتقانلار . ۋاقتى كەلگەندە ئامىركا بىرنى ھۆكۈرەپ قويسا ھەممىسى كەينىگە قاچىدۇ

كەلگۈسى بۇيەردى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7374
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6065
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەيەردىن تېرجىمە قىلدىڭىز،ئىنىق يىزىپ قويمامسىز بۇرادەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا توغرا  

Man uzumga kiliwatiman!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7401
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەتلەر ئارسىدىكى دوسلۇق پەقەت مەنپەت!دۆلتىمى نىڭ دوسىلىرى پەقەت كۈنىنى ئاران ئىلىپ كتىپ بارغان كىچىك دۆلەتلەر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش