يۈرۈكۈمنىڭ كىملەرنى<سېغىندىم...> دەپ نىدا قىلىۋاتقىنىغا ،قەلبىم-شۇنچە ھۇشيار. ئازاپ چۆلىدە ،ھىجران ئاتلىق تۇلپارغا مىنىپ ،كېتىۋاتىمەن . كۆزلىرىم سېغىنىشلىق ياشلىرىنى ،بۇ گىياھسىز چۆلگە تۆكۈپ ماڭماقتا. ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسەنمۇ-؟ ناتونۇش ھىجراننىڭ ئاھلىرى-يەتمىدىمۇ ساڭا...؟<ئوكيانغا ئالدىڭغا چىقالمىدىم>دىۋىدىڭ،بۇ... چۆلگىچۇ؟ چىلانلىق باغلىرىڭغا مىھىرلىرىمنى تۆكۈۋەتتىم ،دەرەخلىرىڭ ۋاپـــادىن كۆكلىسۇن .ھەر-بىر تال چۈشكەن چىلانغا سېغىنىشلىق نىدالىرىمنى
ئاستىم-گـۈلشەنگە ئايلانسۇن ... تۇيۇقسىز،كىتىۋاتقان ھىجران چۆلىدە ئادىشىپ قالدىم،قورۇقتۇم،بۇنى بىلەتتىڭ. مەيىن شامال،بورانغا ئالماشتى-خۇش بولۇپ كەتتىم.چۈنكى، بۇ بوران تېزلىك بىلەن سېغىنىشلىرىمنى ساڭا يەتكۈزەلەيتى. ئېزىپ قالغان بۇ چۆلدە تۇيۇقسىز يەنە شۇنچە يورۇق بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ قالدىم.مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم-بۇ سېنىڭ سۆيگۈڭ ئىدى.يەنە ئادىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ،كۆزلۈرۈمنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي ماڭدىم. مېڭىۋاتىمەن.... نىمانچە يىراقتىسەن.....؟ كۆزلۈرۈمنى يۇمۇپ سىمايىڭنى،مىھىرلىك ئاۋازىڭنى ئەسلىدىم. يارەب-بۇ قانداق سېغىنىش...؟ سېنى تاپالمىدىم-ھەتتا چۈشلىرىمدە.... كۆزلۈرۈم سېغىنىشلىق ياشلىرىنى، زۇلەيخــا كەبى تۆكۈپ، خۇنۈكلەشتى. دىلىم،شۇنچە ئىللىق مىھىرلەر ئالدىدىمۇ،يەنىلا،سەنسىز يالغۇز قالدى . سەھەرلەردە كۆزۈمنى ئېچىپلا،ئىسمىڭنى يۈرۈكۈمدىكى نىدالىرىم بىلەن چاقىرسام-ئاڭلىيالمايسەن. ۋىلىققىدە كۈلۈپ،ئەركىلۈگۈم كېلىدۇ-بىلەلمەيسەن. شۇنچە يىراقتىكەنسەن.....سەنمۇ ھەم ھىجرانلىرىڭنى ئېۋەتەلمەيسەن.ماڭا ئوخشاش شاماللاردىن بولسىمۇ ھىدلىرىڭنى ئېۋەتكىنە،سېغىنىشلىرىم تۇتۇۋالسۇن. توۋا....، يىغلاپ ئولتۇرۇپ مەسۇم قەلىمىم تەۋرەۋاتقان دەمدە،مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ئۇچۇرۇڭ كەلدى.پەقەت،بىرلا ئېغىز سۆز<تېچلىقمۇ؟>. نىمەدەي ساڭا...؟ ھىجرانلىرىمنى دەيمۇ...؟سېغىنىشلىرىمنى دەيمۇ..؟ كۆزلۈرۈمدىكى سەلدەك ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى دەيمۇ...؟يىگانىلىقىمنى قەلبىمنىڭ سەنسىز يالغۇزلۇقىنى دەيمۇ؟-قايسىنى سورۇدۇڭ ئەزىزىم.....؟ تېچلىق ئەمەسلىكىمنى بىلىسەنۇ،سورۇغۇڭ كېلىدۇ. مىھىرلىرىمنى سېغىنمىدىڭمۇ...؟ئىلتىجالىق كۆزلىرىمنىچۇ...؟ يىغلاۋاتقىنىمنى قانداق ئىپادىلەي-ماڭا دەپ بەرگىنە.... ۋۇجۇدۇم ئەركىسى جىسمىڭ،سىلكىنمىدىمۇ...؟ تاڭدىكى قۇشلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال،ساڭا دەپ بېرىدۇ-سېغىنىشلىرىمنى. زۇلەيخارىڭ...دەيدۇ...سېغىنىشلىرىڭنى يۈسۈپ كەبى قولۇڭغا ئېلىپ ئاڭلىغىن.
ھىسلىرىڭ پەخىرلەنسۇن،چۈنكى،زىمىنى كەڭرى بۇ جاھاندا ئەقىدە گۈللىرىنى،ۋاپا ئىشقى بىلەن سەن ئۈچۈن سۇغۇرىۋاتقان -گۈلۈڭ بار.
ئۇيقۇسىز تۈنلەردە،ئاسمانغا قاراپ يېتىپ ئويلاپ قالدىم. تۇڭلۇكۇم يوقكەن بولسىدى -ئاي بىلەن مۇڭدىشاتتىم،سىرلىرىمنى ئېيتتاتتىم،سېنى...ئەرز قىلاتتىم . ئۇ ماڭا كۈلۈپ بېقىشىدا،پۈتۈن زىمىنغا ئورتاق بولغان خاسلىقى بىلەن قەلبىڭنى ئىللىتاتتى. ھىسلىرىڭ ئويغانغان دەقق،ئاتەش قەلبلىرىڭ بىلەن چاقىرامدىغانســـەن<مىھرىم،قايدىسەن؟>-دەپ. ئايغىر بۇلاق تاغلىرى گۇۋاھ بولسۇنكى،بۈگۈن سېنى سېغىنغان ئەڭ پىغانلىق كېچەم بولدى.ئەنسىرىگىنىم راس.ئەھۋالىڭنى قۇزغۇندىن... بولسىمۇ بىلىشىم كېرەك ئىدى.بىلىمەن ئەزىزىم،ۋاقىتلارغا ئىھتىياجىمىز بار...بىلىمەن. نىمە دىگەن يىراقلارغا چېچىلغان رىزىقلار بۇ ....؟ قوللۇرۇمنى سەن ئۈچۈن جاھاننىڭ كۆزى بولغان تور دۇنياسىدا تەۋرەتتىم . دىلىم سېنىڭ قاياشىڭكەن. زاڭلىق قىلمىغىن،ئاياللىق خىجالىتىم زىمىندىن ئەيمەنسە، مىھىرلىرىم بىرلە ۋەسلىم خىجالەتلىرىمگە دىدى:<بۇ مۇھاببەت،بۇ سېغىنىش،قىزارمىغىن>.
قاراماي
|