ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەندىن(كۆرەش114)دىن سىلەرگە سالام بولسۇن .
مەن بۈگۈن ئۈزەم يىغىپ ساقلىغان بىر قىسىم دۇر دانىلەرنى سىلەرگە سۇنماقچى مەن .
ئىمان ئىتقات توغرىسىدا ،
ئىتقاتسىز ئادەم يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشايدۇ ،
ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،
پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر ،
روھىنى تازلىمغانلىق .خۇددى ھويلىنى تازلاپ ھوجۇرنى تازلىمغان بىلەن باراۋەردۇر ،
رىياخورلۇق.ئىككىيۈزلىمچىلىكتۇر.ئىككى يۈزلىمچىلىك.مۇناپىقلىقتۇر.مۇناپىقلىق دوۋزاقنىڭ ئاستىدىدۇر ،
تەۋھىت بىلمەي تۇرۇپ روھنى پاكلىغىلى بولماس .روھنى پاكلىماي تۇرۇپ مۆمىن بولغىلى بولماس .،
بىلىم .ئىلمۇ ھىكمەت توغرىسىدا ،
بىلىم خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،
بۇ ۋاقىتتا مۈگدىسىڭىز چۈش كۆرىسىز؛لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۆگەنسىڭىز
چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.
مەن نادانلىققا مېڭىۋاتقان بۈگۈن،دەل تۈنۈگۈنكى ئەتە ئۈچۈن قۇربان
بولغانلار ئارزۇ قىلغان كۈن.
كېچىككىنىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقىت،نەق شۇ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىت.
ئۆگەنگەندىكى مۈشكۈلچىلىك بولسا ۋاقىتلىق،ئۆگەنمىگەندىكى
مۈشكۈل.
ھىكمەت كانغا ئوخشايدۇ،
ھۈنەر كەسىپ بۇلاققا ئوخشايدۇ،
جاھاندا 3 خىڭ كىشى مەۋجۇت ،ئۆگەتكۈچى،ئۆگەنگۈچى ،3-بۇلۇشتىن ھەزەرقىل
بىلىمسىزلىك نادانلىق .نادانلىق خاراپلىقتۇر ، خاراپلىق ھالاكەتتۇر
ئەخلاق توغرىسىدا .
ئەخلاقسىز ئادەم يانتاققا ئوخشاش بۇلۇر .
ئەخلاقسىز بىلەن دوس بولغۇنۇڭ زالالەتكە يۈز تۇتقۇنۇڭدۇر ،
ئەخلاقسىز ئادەم گەندىگە ئوخشايدۇ
ئۆگىنىش قىلىش دېگەن بۇ ئىشقا ۋاقىت كەم ئەمەس،تىرىشچانلىق كەم
كەمچىلىك بولسا مەڭگۈلۈك. قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مۈشكۈلچىلىكتىن بەھرىمەنبولۇڭ.
ھازىر(ئۇخلىغاندا) ئاقتۇرغان شۆلگەي ئەتىكى كۆزياشقا ئايلانغۇسى.
نەق ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ رەقىبىڭىز ۋاراق ئۆرۈشنى توختاتمايدۇ.
،
ئۇنۋىرسال.
كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر ،
ئىنسان ئۈزىگە ئۈزى زۇلۇم قىلغۇچىدىندۇر ،
ھايا ۋەئىماندىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر .
ئىنسان ئۆزتەغدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى ،
ئىنسان ئۈزھاياتىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن.
ئەقىل بىلەن ئىشقىلغىنىڭ دانالىقتۇر ،
قارسىغا قىلغان ئىشىڭ نادانلىقتۇر ،
قەلىپلىرىڭنى ئىمان نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتقىن ،
كۆزلىرىڭنى ھايا پەردىللىرى بىلەن پەردىلە .
ئېغىزىنى ئۆتكۈر قىلغان ناداننىڭ ئىشى ،
مىڭىنى ئۆتكۈر قىلغان دانانىڭ ئىشى،
ئادەمگە كېسەللىك ۋە بىئاراملىق گالدىن كىلىدۇ، ئۇنىڭ دورىسى ،داۋاسىمۇ گالدىن كىلىدۇ.
كۆپ يېگۈچىلەرنىڭ غىزاسى دەرت بولىدۇ،غىزاسى دەرت بولغان كىشى دائىم كېسەلچان بولىدۇ.
نەزەر سال ، كۆپ يېگەن كىشى كېسەلچان بولىدۇ، چىرايى سېرىق، ماغدۇرسىز ، ئېتىبارى يوق بولىدۇ.
گېلىڭنى كۈزەتسەڭ ،بېشىڭغا پايدىلىق ،ئاشىنى ئاز يېسەڭ ئاغزىڭغا لەززەت بېرىدۇ.
_كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ پادشاھى ساقلىقتۇر . بەدەننىڭ ساغلاملىقى ۋە ساغلاملىقنىڭ بۇزۇلۇشى كۆڭۈلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بۇزۇلۇشىغا باغلىقتۇر .
مەملىكەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خاراپ بولۇشى پادىشاھنىڭ ئادىل ياكى زالىم بولىشىغا باغلىق ، پادىشاھ مەملىكەتتىن ئىبارەت بەدەننىڭ جېنىدۇر ،كۆڭۈل بەدەن مەملىكىتىنىڭ پادىشاھىدۇر.
ساقلىقىنى خالىساڭ كۆپ يېمە ،ئىززەت خالىساڭ كۆپ دېمە
ئىشەنچ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئاچقۇچى.تىجارەتنىڭ بىرىنچى دەسمايىسى راس چىللىق.تىجارەتتىكى ئەڭ چوڭ پايدا خېرىدار تۇپى .ئەڭ چوڭ غەلبە خەلىقنىڭ ئىشەنچىسى .ئەڭ چوڭ زىيان خېرىدار تۇپىدى ئايرىلىش.ئەڭ نۇمۇس ئىش يالغانچىلىق.
_
جاھان باقى ئەمەس لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان،
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھاندا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
_ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.
دۇنيانىڭ ھەسرىتى شاتلىقتىن بورۇن،
قېيىندۇر شاتلىقنىڭ ئالمىقى ئورۇن.
دەرت تارتماي شاتلىقنى ئىزدىگەن كىشى،
كوچىدا تەلمۈرگەن ئىتتىنمۇ ھورۇن.
قۇيمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ،
ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىد
ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي
كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر .
سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە،
سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى
بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ،
خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت. لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !
ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر،
قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ ،
سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا ،
ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ،
پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر ،
كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان ، غورۇر
ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول .،
بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ
كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ ،
جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن،
چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ،
مەنبە ،خاتىرەمدىن .تاللاپ ئېلىندى.
بىرقىسىملىرى توردىن يىغىپ رەتلەندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kurax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 02:15 PM