مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي تەخمىنەن 1005 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ ، قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىكى مەھمۇد يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن دادىسى ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدىكى يۇقىرى قاتلامدىن كېلىپ چىققان خوجا سەيپىدىننىڭ قىزى ئىكەن. ئەقىللىق ، چېچەن، چەبدەس، مۇزىكىنى سۆيىدىغان ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بۈۋى رابىيە ئېرىنىڭ قابىل ياردەمچىسى بولۇپ، بۈۋى رابىيە توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر شۇ چاغدا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. مەھمۇد كاشغەرىي ئوپالدا ساۋاتىنى چىقارغان؛ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىمنى قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئالغان؛ ئەرەبچە ، پارسچىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن سىرت، ئىسلام تارىخى ، ئىسلام پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، لوگىكا ، جۇغراپىيە ، ئاسترونومىيە قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەن ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خان جەمەتى پەرزەنتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش ، جانبازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن.
خانىدانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسى ھۈسەيىنگە نۇرغۇن بالايى – ئاپەتلەر كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. بىلىم ئىگىلەش جەريانىدا تىل تەتقىقاتى ئۇنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك كەسپى ۋە ئىزدىنىشىگە ئايلانغان. كېيىن ياش مەھمۇد كاشغەردە تۈركىي تىللارنىڭ گرامماتىكىسىنى ئىزاھلايدىغان مەخسۇس ئەسەر يېزىش ئارزۇسى پەيدا بولغان ھەمدە دوستلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ قىزغىن ئىلھام بېرىشى – مەدىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ، كېچىنى – كۈندۈزگە ئۇلاپ ، جاپالىق ئۆگىنىپ، ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› نى يېزىپ چىققان.
ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرىي شۇ چاغدىكى شەھەر – بازار، يېزا – قىشلاقلارنى ئارىلاپ چىقىپ، تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› نىڭ يېزىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېرىيال توپلىغان. 15 يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن ، ئۇ باغداد سەپىرىنى باشلىغان ، باغداتا داڭلىق تىلشۇناس ، ئالىملار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئۇلاردىن تەلىم ئالغان؛ تەپەككۇر قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى مىسلىسىز يۇقىرى دەرىجىگە ۋە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
1072 – يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق ئىشلىرىنى باشلىغان. تۆت قېتىم تەكرار تۈزىتىش ، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق 1077 – يىلى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەسەرنى دۇنياغا كەلتۈرگەن.
«تۈركىي تىللار دىۋانى ئەسلى نۇسخىسى»
تىلشۇناسلىقتىكى بۇ بۈيۈك ئەسەر ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماستىن ، يەنە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا بىرقەدەر كەڭ تەسىر پەيدا قىلغان.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەنە يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، ئوپالدا تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇدەررىسلىك قىلغان. شۇڭا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسى قەشقەردە ‹‹ ھەزرىتى موللام قەبرىسى ›› دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىگاھى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ، ئالىملارنىڭ تەتقىقات بازىسىغا ، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى داڭلىق سەيلەگاھقا ئايلاندى.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئوغۇز ، قىپچاق، ئارغۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىنى ئاددىي ھالدا تىل ماتېرىيالى قىلىپ، ئۇنى خاتىرىلەپ، رەتلەپلا قالماستىن ، بەلكى فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە فونېما ئەھۋالىغا ئاساسەن تۇرمۇشنى مەنبە قىلىپ، تۇرمۇشتىن يۇقىرى تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتىدە ئەرەب تىلى ، پارس تىلى قاتارلىق سىرتتىن كىرگەن تىللارنىمۇ ئىجابىي يوسۇندا رەتلەپ چىقىپ، ئۇنىڭغا كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن گراماتىكىنىڭ قېلىپلىشىشى ، تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ خىل ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۇ ، مۇنداق دېگەن: ‹‹ مەن بۇرۇنقىلار قوللىنىپ باقمىغان يېپيېڭى تەرتىپ بويىچە بۇ ئەسەرنى تۈزۈپ چىقتىم. مەن تىل ، نەزمە، ماقال – تەمسىل ، شېئىر – قوشاق ، بېيىت ، باللادا ۋە نەسردىن ئارىيە ئېلىش ئارقىلىق ، بۇ كىتابنى سۈپەتلىدىم ھەمدە مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەر ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان سۆزلەرنى تېپىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىرقانچە يىللىق جاپالىق ئىشلەشنى باشتىن كەچۈرۈپ ، سۆزلەرنى ئۆز جايىدا قويۇپ ، مۇجىمەل بولغانلىرىنى ئېنىقلاپ، تۈگۈنلەرنى يېشىپ چىقتىم ››.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنىڭ قورال كىتابى بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشىدىكى قۇلايلىق ئۇسۇل ، يولىنى تېپىپ چىقىپلا قالماستىن ، بەلكى ئاممىباب تىللار ئارقىلىق قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ، مەنىۋى تۇرمۇشى ، بولۇپمۇ ئىلىم – پەن ، سەنئەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرى ، پەلسەپىۋى – ئەخلاق قاراشلىرى ، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ، ھەم بىر مورفولوگىيە ئىلمى كىتابى ، ھەم شۇ چاغدىكى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش ھەققىدىكى قامۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :
1 1. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئالدى بىلەن بىر مۇكەممەل قامۇسى لۇغەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەم ( سۆز ۋە ئىبارە ) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ، ئىشلىتىلىشىنى جانلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن ، شۇنداقلا 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ، ھەرقايسى شېۋىلەرنىڭ پەرقلىرىنى كۆرسىتىپ ، گرامماتىكىلىق ، فونېتىكىلىق قائىدىلەرنى ئىزاھلىغان.
2. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ۋە قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە دائىر بىرمۇنچە تارىخىي ۋەقە مۇمكىنقەدەر ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇلغان. مەھمۇد كاشغەرىي بايان قىلغان ئەھۋاللار ئەرەب ، پارس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخ كىتابلاردا قەيت قىلىنغان بەزى ۋەقەلەرگە توغرا كېلىدۇ. بەلكى بۇلارنىڭ مۇجىمەل جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازغانلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى پەقەت كىتابلاردىنلا ئالماي ، خەلق ئارىسىدىكى جانلىق پاكىتلار ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا يارىتىپ بەرگەن بىردىنبىر قەلەم ساھىبىدۇر.
3. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دا تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر ياشىغان جايلار ، بولۇپمۇ قاراخانىيلارنىڭ شۇ زاماندىكى تېررىتورىيىسى ، شۇنىڭدەك تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر بىلەن قوشنا ئەللەرگە دائىر جۇغراپىيىۋى ناملارنىڭ مەشھۇرلىرى بېرىلگەن ، ھەتتا بۇ ناملار پەقەت ئادەتتىكى ناملار سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەزىلىرى بىرەر مۇھىم ۋەقەگە بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇلغان. مەھمۇد كاشغەرىي شۇ زامانلاردا تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ ئاتاپ كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ خاقانىيە ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىلا ئەمەس ، مۇھىم يېزىلارنى ، قاتناش تۈگۈنلىرىنى ، تاغ – دەريالىرىنى تولۇق يازغان. تۈركى ( تىللىق ) خەلقلەر جايلاشقان كەڭ دىيارنى يەر يۈزىنىڭ يۇمىلاقلىقى ئۇقۇمى بويىچە ، قىياسەن خەزىنە قىلىپ سىزىپ بەرگەن.
4. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىستېمال مەنىسىنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالىمنىڭ بۇ ئەدەبىي پارچىلارنىڭ يوقىلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەي كېيىنكى ئەۋلادلارغا قەدەر يېتىپ بېرىشىنىمۇ ئۈمىد قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلار تەخمىنەن 20 پارچىغا يېقىن رىۋايەت ، تەكرارلانغان 6 پارچىسىنى چىقىرىۋەتكەندە 237 پارچە شېئىر، قوشاق ، تەكرارلانغان قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە 279 پارچە ماقال – تەمسىل ، 2 پارچە ھېكمەتلىك سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ، ئۆز زامانىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
5. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغا ئائىت بايانلار بېرىلگەن. بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ماددىي مەدەنىيىتىنى بىلىپ يېتىمىز. مەسىلەن، ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا يېزا ئىگىلىكىگە ، چارۋىچىلىق ۋە مال دوختۇرلۇقىغا ئائىت ئاتالغۇلار ، ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ناملىرى ، خۇسۇسىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ئائىت سۆزلەملەر ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كىيىنىش ئادىتىگە دائىر قىممەتلىك مەلۇماتلار ، تېبابەتچىلىك ئاتالمىلىرى بېرىلگەن بولۇپ ، ئەينى زاماندىكى جەمئىيەت ، سىياسەت ۋە ماددىي تۇرمۇش شەكلىنى تەتقىق قىلىشقا چوڭ ياردەم بېرەلەيدۇ.
6. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› غا يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىگە دائىر سۆز – ئاتالغۇلار ، يەنە ھاكىمىيەت دەرىجىلىرى ، ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ، ئۇنۋانلىرى ، ھەربىي تۈزۈم ، جەڭ تاكتىكىلىرى توغرىسىدىكى سۆز – ئاتالغۇلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، زور تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
7. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن كالېندارچىلىق ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر مەلۇماتلاردۇر. بۈيۈك قامۇس ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› مەزمۇن جەھەتتىن ئومۇمەن تولىمۇ كۆپ قىرلىق ، ئۇنىۋېرسال ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بىلىم ، مەزمۇنلارنىڭ تىرەن ۋە كەڭلىكىدىن ئېيتقاندا ئاللىقاچان ‹‹ لۇغەت ›› سۆزىنىڭ ھازىرقى مەنىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك قامۇسى ، دۇنيا تىلشۇناسلىقىدىكى مەڭگۈ ئۆلمەس ئۇلۇغ ئەسەر ، بۈيۈك ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.
(«قەشقەر» ژۇرنىلى ، 2005 . 5 –سان .)
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››نىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە قايتا تېپىلىشى
مىلادىيە 1074-يىل 2-ئايدا، مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەرەب ئابباس خانىدانلىقىدىكى خەلىپە ئوبۇلقاسىم ئابدۇللاغا تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ لۇغەت خان ئوردىسىدا ساقلانغان. ئۇرۇش سەۋەبىدىن، خان ئوردىسى كۆيدۈرۈلۈپ خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن لۇغەت ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.
12-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، باغدات كوچىسىدا چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن بىر ئايال پەيدا بولغان، ئۇ ئايال دۈمبىسىگە بىر بوغچۇما ئارتىۋالغان بولۇپ، ئۇدۇل خان ئوردىسىغا قاراپ ماڭغان. خەلىپە ئوبۇلقاسىم ئابدۇللانىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ ئايال بوغچۇمىنى ئېچىپ، پادىشاھقا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەقدىم قىلغان. پادىشاھ قاتتىق ھاياجانلىنىپ، ئادەم تەشكىللەپ، لۇغەتنى نەچچە ئون نۇسخا كۆچۈرتكۈزگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەھل سەلىپنىڭ 2-قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشىدا، ئۇرۇش ئوتى ئەرەب زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، «تۈركىي تىللار دىۋانى» يەنە بىر قېتىم يوقىلىپ كەتكەن. كىشىلەر پەقەت بەزى ئەسەرلەردىنلا مۇشۇنداق بىر لۇغەتنىڭ بارلىقىنى بىلگەن.
1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە. تۈركىيىلىك كىتاب ساقلىغۇچى ئاقسۆڭەك ئەلى ئەمىرنىڭ كىتاب ئامبىرىنى زەمبىرەك ئوقى پارتلىتىپ، ئېچىپ قويغان، كىشىلەر بۇ يەردە چۈشىنىكسىز بىر كىتابنى بايقىغان، مۇئەللىم رىفئەت ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى بۇ كىتابنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ ئىستانبول شەھىرىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇرغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تارىخى ۋە مىللەتلەر تىلى خاتىرىلەنگەن بۇ بۈيۈك ئەسەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، لېكىن بۇ لۇغەتنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىغان.
بېسىم ئاتالاي ئىسىملىك تۈركىيىلىك بىر تىلشۇناس 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەرەبچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 1957-يىل ئەنقەرە شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغان. كەينىدىنلا. سوۋېت ئىتتىپاقى تىلشۇناسى سالىھ مۇتەللىپوۋ تۈرك يېزىقىدىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ، 1960-يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان.
دۆلىتىمىز تىلشۇناسلىرى ئەرەب يېزىقىدىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى، 1981-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۈچ تومى ئۈرۈمچىدە كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىندى.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن سىزىلغان دۇنيا خەرىتىسى
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى
تۈركىي تىللار دىۋانى كومپىيوتىر لوغىتىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ : http://www.birhon.com/?p=266
مەنبە : رەسىملەر بۇرۇن ساقلىۋالغانلىرىم قالغىنى ئىزدەپ توپلاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 10:23 AM
|