مىنىڭ بىر ئىشنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ،ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ كىلىۋاتاتتىم،مۇشۇ
مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي :
بىزنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىز « ئەرەپ ئېلىپبەسى » ئاساسىدىكى يېزىق بولۇپ ، بۇ يېزىقنىڭ دەسلەپكى شەكلى « قاراخانىيلار خانلىقى » مەزگىلىدىلا ئەسلىدىكى ئانا مەنبە «ئەرەپ ئىلپبەسى » نى ئانچە ئۆزگەرتمىگەن ھالدىلا قوللىنىلغان . ئەجدادلىرىمىز ئىپادىلەش ئېھتىياجى ۋە بەزى ماس كەلمەسلىك ۋە تاۋۇشلارنى ئىپادىليەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ تارىختا بىر قانچە قېتىم ئىسلاھات ئىلىپ بېرىپ بار _ بارا مۇكەممەللەشتۇرشكەقاراپ تەرەققىي قىلدۇرغان . شۇڭا بۇيېزىقلارنىڭ تارىخى ناملىردىمۇ پەرق بار . مەسلەن : «خاقانىيە يېزىقى » ، « چاغاتاي يېزىقى » ، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى » ... دىگەندەك .
سىزنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتقىنىڭز « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى » بولغاچقا مۇشۇ ھەقتىلا قىسقىچە توختىلاي :
20 - ئەسىرنىڭ 20- 30 - يىللىرى ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىش دەۋرى بولدى . بۇ ئويغىنىش مىللىي ئىستەك ۋە بىرلىك ئاساسىدا پەن _ مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى .شىڭ غوجامنىڭ پەردازى بولغان « بۈيۈك سىياسەت » نىڭ مەزگىللىك ئىلھامى ئاستىدا ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆز يېزىقى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋەپپەق بولدى .
1935- يىلى نەشىر قىلىنغان « شىنجاڭ گىزىتى » دە تۈنجى بولۇپ ، بىز ئىشلىتىۋاتقان« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى » نىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ئىشلىتىلىپ نەشىردىن چىقىپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى .
1984 - يىلى « ئو ، ئۆ، ئۈ، ئۇ » لارغا ئايرىم ھەرب بىكىتىلدى . شۇنىڭ بىلەن 32 تىل تاۋۇشىنى 32 ھەرب بىلەن ئىپادىلىيەلەيدىغان ھازىرقى يېزىقىمىزنىڭ مۇكەممەل ئېلىپبەسى رۇيابقا چىقتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kut__yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 01:53 AM